مەھسۇلاتىڭىزنى ئوخشاش تۈرلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
5 - باب 5 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: مەھسۇلاتنىڭ داڭقى چىقمىسىمۇ مەيلى، ئەمما چوقۇم پۇل تېپىشى كېرەك.
ۋېنجۇلۇقلار: مەھسۇلاتنىڭ داڭقى چىقىشى ، ھەم چوقۇم پۇل تېپىشى كېرەك، شۇنداقلا
ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغاۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشى كېرەك.
شۈ يۇڭشۈي ۋېنجۇلۇق چاقماق سودىگىرى، ئۇ مۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بەرگەن: «مەن كورىيەگە بېرىپ باققان، مەن چاقماقنى ئۇلارغا 9 يۈەندىن بېرىمەن، ئۇلار بولسا 280 يۈەندىن ساتىدۇ. پەرق بۇنچە چوڭ بولغاچقا، بۇنىڭ ماڭا بولغان زەربىسى چوڭ ئىدى، چۈنكى چاقماقنى مەن ئىشلەپچىقارغان تۇرسام. بىر كۈنى كورىيەلىك بىر مۇلازىم ماڭا ئۆزۈم ئىشلەپچىقارغان چاقماقنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ < جۇڭگولۇقلار بۇ خىل چاقماقنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ > دېدى، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ بارلىق ماتېرىياللارنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم، ئىسىم كارتامنىمۇ ئۇنىڭغا بەردىم، ئۆزۈمنىڭ چاقمىقىنىمۇ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشەندى، ھەم قۇلۇمدىكى چاقماقنى 280 يۈەنگە سېتىۋالدى. مەن قايتىپ كېلىپ خىزمەتچىلەرگە يىغىن ئاچتىم، ھەمدە بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ نېمىشقا بۇنچە تۆۋەنلىكىنى سورىدۇم.»
سەۋەبى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، ۋېنجۇنىڭ چاقماقلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ماركىسى يوق ئىدى.
2001-يىلى، شۈ يۇڭشۈي رەسمىي ماركا تىزىملىتىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ماركىسىدىكى چاقماقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. «13 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق بىز ئەمدى كۆزىمىزنى ئاچتۇق، بىز ئىلگىرى ماركىلاشتۇرۇش يولىغا قاراپ مېڭىشنى قارار قىلغان، ئەمما شارائىتىمىز يوق ئىدى، بىر تەرەپتىن سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيىتتۇق، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى چۈشەنمەيىتتۇق، ھازىر شارائىت پىشىپ يېتىلدى. بىز (ۋېيجۇڭ) ماركىسىنى تىزىملاتتۇق، مەن يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيا چاقماق ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ دېگىنىنىڭ ھېساب بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەمما ۋېنجۇلۇقلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولغاندىمۇ چوقۇم ئۆزىمىزگە خاس ماركىمىز بولۇشى كېرەك، ئەگەر سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس ماركىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا ۋېنجۇلۇقلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولمايدۇ.»
بەزىلەر مەھسۇلاتنىڭ ماركىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم پۇل تاپالىشى كېرەك دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ماركىنىڭ رولى بارغانسېرى روشەن بولماقتا.
مەھسۇلات ئىزچىل پۇل تاپماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ئۆزىگە خاس ماركىسى بولۇشى كېرەك، ھەمدە ئوخشاش
تۈر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياختۇرۇشىغا ئېرىشىشى كېرەك، شۇندىلا مەھسۇلات كارخانىغا سىجىل قىممەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
بۇ جەھەتتە، ۋېنجۇلۇقلار ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ چىققان.
1987-يىللىرى خاڭجۇلۇق ئىستېمالچىلار ۋېنجۇنىڭ ئاياغلىرىدىن قاتتىق زېرىكىپ، ۋېنجۇ ئاياغلىرىنى «ئەخلەت ئاياغ» دەپ ئاتىغان. شۇنداق قىلىپ 1987-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، خاڭجۇ شەھەرلىك تېخنىكا نازارەت ئىدارىسى بىلەن ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بىرلىشىپ «ئاياغ كۆيدۈرۈش» ئېلىپ بارغان، يەنى ۋېنجۇدا ئىشلەپچىقىرىلغان 5000 جۈپ ئاياغنى خاڭجۇدىكى ۋۇلىن مەيدانىدا كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقتتا ناھايىتى زور تەسىر قوزغاپ «خاڭجۇ ۋۇلىن ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان.
ۋېنجۇ كاڭنەي گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جىڭ شيۇكاڭ ئەينى ۋاقتتىكى گۇۋاھچى، ئۇ ئەينى ۋاقتتىكى ئىشنى ناھايىتى ئېنىق خاتىرىسىگە ئېلىۋالغان.ئۇ مۇنداق دەيدۇ :
«1987-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەن بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن، ھەر قېتىم بۇ كۈننى ئويلىسام ناھايىتى ئىچىم پۇشىدۇ. ئۇ ئوتنى داۋاملىق تۇتاشتۇرماسلىق ئۈچۈن، بىز ۋېنجۇلۇقلار ئىشنى قايتىدىن باشلىدۇق، باشقىلارغا قارىغاندا 10 يىل كۆپ تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى سەمىمىيلىكنىڭ پۇلدىنمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق.
مەن ئەينى ۋاقتتا خۇرۇم ئاياغ ئىشلەپچىقىراتتىم، مەن كەسپداشلىرىمنىڭ قەغەزنى ئاياغنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، بۇ خىل ئاياغتا سۇغا كىرىشكە، ئۇزۇن يول يۈرۈشكە بولمايىتتى؛ سۇغا كەچمەي ئۇزۇن يول يۈرمىگەن تەغدىردىمۇ، ئاياغ بىرەر ھەپتىگە قالمايلا يىرتىلىپ كېتەتتى. بۇ خىل ئاياغنىڭ بىر جۈپى 10 يۈەن- ئىنتايىن ئەرزان بولغاچقا، خوجايىنلارنىڭ كاللەك-كاللەك پۇلنى چۆنتىكىگە سالغانلىقىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇردۇم، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆزىنى قىزارتاتتى.
خاڭجۇ تېخنىكا نازارەت ئىدارىسى بىلەن ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋېنجۇدا ئىشلەپچىقىرىلغان
5000 جۈپ ئاياغنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ساختا ماللار قاتارىدا كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغاندا، مەن < ئەمدى
تۈگەشتۇق >دەپ ئويلىغان ئىدىم!
ئەينى ۋاقتتا كۆڭلۈمنىڭ ئارام يوق ئىدى، كۆڭلۈم خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەكلا بىئارام بولدى. گەرچە مېنىڭ زاۋۇتۇمدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاياغلارنىڭ بىرىمۇ سۈپەتسىز بولمىسىمۇ، يەنە كېلىپ كۆيدۈرۋېتىلگەن 5000 جۈپ ئاياغنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئاياغلىرىم بولمىسىمۇ، ئەمما مەن بۇ ئوتنىڭ ۋېنجۇدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق ئاياغلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزگەنلىكىنى بىلەتتىم.»
شۇنداق قىلىپ، دۆلىتىمىز خەلقى بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا ۋېنجۇ ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا باشلىغان.
ئەينى ۋاقتتا جىڭ شيۇكاڭنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاياغلارنىڭ شاڭخەيدىكى سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى ئىدى. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، شاڭخەيدىكى نۇرغۇنلىغان سودا مەيدانلىرى ئۇنىڭ ئاياغلىرىنى سېتىشنى بېكار قىلغان. بىر سودا مەيدانىنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سىزنىڭ ئاياغلىرىڭىز ياخشى، ئەمما سىزنىڭ تېگىڭىز ياخشى ئەمەس، ھازىر ھېچكىم ۋېنجۇ ئاياغلىرىنى سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.»
بۇ ئىش تىلغا ئېلىنسا، جىڭ شيۇكاڭ ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ: «مەن ئەينى ۋاقتتا قانداق قىلغاندا ۋېنجۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىدىم. مەن يەنە باشقىلارنىڭ ماركىسىدىكى مەھسۇلاتنى سېتىش يولىغا ماڭسا بولمايدىغانلىقىنى، ۋېنجۇنىڭ ئۆزىگە خاس ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.»
«مېنىڭچە ماركا -ئوبراز ۋە سۈپەتتىن تەركىب تاپاتتى، سۈپەت - مەھسۇلات ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ سۈپىتىگە قارىتىلغان بولۇپ،بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئاندىن ھەقىقى مەنىدىكى سۈپەت بارلىققا كېلەتتى، ئوبراز مەسىلىسى بولسا مەھسۇلاتنى ئوخشاش تۈردىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئىدى.»
قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق جىڭ شيۇكاڭ قايتا «ھۇجۇمغا ئۆتۈش» نى قارار قىلىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ۋېنجۇلۇقلار قاچانكى < بۇنى ۋېنجۇلۇقلار ئىشلەپچىقاردى > دېيىشكە پېتىنالىغان ۋاقتتا ئاندىن ۋېنجۇنىڭ ئاياغچىلىقى قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.»
1989-يىلى ۋېنجۇ ئاياغچىلىقى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تۇرغاندا جىڭ شيۇكاڭ ئۆزىگە خاس ماركا يارىتىشنى قارار قىلىدۇ.
ياپونىيەلىك دۇنياغا داڭلىق كارخانىچى ئاكىيو مورىتا سونىي شىركىتىگە ئىسىم قويۇش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بىر شىركەت نامى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. بىز نۇرغۇن ۋاقت سەرپ قىلىپ شىركەتنىڭ ئىسمىنى تاللاپ چىقتۇق، ھەر كۈنى نۇرغۇن ئىسىملارنى يېزىپ تاللايىتتۇق، ۋاقتىمىز بولسىلا مۇھاكىمە قىلاتتۇق. بىزنىڭ يېڭى ئىسمىمىزنى چوقۇم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىردىكى كىشىلەر ئاسانلا تونۇيالايدىغان بولۇشى كېرەك، ھەر قانداق تىلدا ئوقۇغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. بىز ئون نەچچە قېتىم تەجرىبە قىلدۇق، نۇرغۇنلىغان لۇغەتلەرنى ئاختۇرۇپ، بىر بىزگە ماس كېلىدىغان نۇرانە ئىسىم تېپىشقا تىرىشتۇق.»
شۇ سەۋەبتىن، جىڭ شيۇكاڭ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لىدېرى جۇ جىنمياۋ بىلەن بىرلىكتە ماركا نامىنى «كاڭنەي» دەپ قويىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى «مەن ساغلام تەرەققىي قىلالايمەن» دېگەنلىك بولاتتى، بۇ نامنىڭ باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرى «مەن پەقەت سودامنى ياخشى قىلساملا، باشقىلار مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ» دېگەنلىك ئىدى.
ئۇلار يەنە بىر كۆكرىكى كەڭ ئادەمنىڭ ئوبرازىنى لايىھەلەپ، ئۇنى دۆلەت سودا-سانائەت ئىدارىسىگە ئەۋەتىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.
جىڭ شيۇكاڭ يەنە كاڭنەينىڭ ھەربىر خىزمەتچىسىگە مۇنداق دەيدۇ: «ماركا بولسا سۈپەت ۋە ئوبرازدىن تەشكىل تاپىدۇ، مەھسۇلات ۋە ئادىمىيلىك قوشۇلۇپ سۈپەتنى ھاسىل قىلىدۇ، سۈپەتتە ئىككىسىدىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.»
ئۇنىڭدىن كېيىن، 10 يىللىق بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق كاڭنەي ئاخىرى غەلبە قىلىدۇ.
«كاڭنەي» داڭق چىقارغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ماركىدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپماقچى بولىدۇ. ئۇلار ھەر بىر جۈپ ئاياغقا 20 يۈەن قوشۇپ ماركا ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ. جىڭ شيۇكاڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقىقەتەن جەلپ قىلارلىق ئىش ئىدى، پايدىسىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى.» ئەمما ماركىنىڭ «دەردى» نى تارتقان جىڭ شيۇكاڭ بۇنداق قىلىشقا قوشۇلمايدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ۋېنجۇلۇقلار ئىشلەپچىقارغان ئاياغ ئىلگىرى سۈپىتى ياخشى بولمىغاچقا ئەگرى يوللارغا مېڭىپ كەتكەن. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلمىكىمىز ئاسانغا توختىمىغان. ئەگەر ماركىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ساتسام، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ بىز ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى بىر ئاز پايدىنى دەپ ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەيمىز. سەمىمىيلىكنى ئەمدى يوقاتساق بولمايدۇ.» شۇنداق قىلىپ ئۇ كەسكىنلىك بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.
جىڭ شيۇكاڭ يەنە ھەيرانلىق بىلەن مۇنداق دېگەن: «چەتئەل ماركىلىرى نېمىشقا دۆلىتىمىزدە بازار تاپالايدۇ؟ نېمىشقا بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئايىغىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشقا رازى بولىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرى سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ ۋېنجۇ ياكى گۇاڭجۇدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما نېمىشقا يەنە يۇقىرى باھادا چەتئەللىكلەرنىڭكىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدۇ، بۇ دەل ماركىنىڭ كۈچى. دېڭ شياڭپىڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن:< بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس مەھسۇلاتىمىز ۋە ماركىمىز بولۇشى كېرەكم بولمىسا باشقىلار بىزنى بوزەك قىلىدۇ > ، مەن ھەرگىز بوزەك بولمايمەن.»
2001-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، كاڭنەي فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇنجى خۇرۇم ئاياغلارنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى ئېچىپ، جۇڭگو ئاياغچىلىقىنىڭ چەتئەلدە بازار ئېچىش قەدىمىنى ئالىدۇ. نۆۋەتتە، كاڭنەي ئاللىقاچان ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى 10 دىن كۆپرەك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە 100 گە يېقىن مەخسۇس سېتىش دۇكىنى قۇرۇپ چىقتى.
ۋور مات مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر كوكا كولا شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق زاۋۇتلىرى بىر كېچىنىڭ ئىچىدە كۆيۈپ كەتسىمۇ، ئەگەر مۇشۇ ماركىلا بولىدىكەن، بانكىلار يەنىلا شىركەتكە قەرز بېرىشنى خالايدۇ، چۈنكى بۇ ماركا قايسىلا شىركەتكە كىرسە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. مەھسۇلات زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نەرسە. ماركا بولسا ئىستېمالچىلار سېتىۋالىدىغان نەرسە. بىر مەھسۇلات رىقابەتچى تەرىپىدىن تەقلىد قىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئەمما ماركا بىردىنبىر بولىدۇ. مەھسۇلات ناھايىتى تېزلا ئارقىدا قالىدۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ماركا ئۇزۇن مەزگىل ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدۇ.»
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
مېنىڭچە ماركا -ئوبراز ۋە سۈپەتتىن تەركىب تاپىدۇ، سۈپەت - مەھسۇلات ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ سۈپىتىگە قارىتىلغان بولۇپ،بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئاندىن ھەقىقى مەنىدىكى سۈپەت بارلىققا كېلىدۇ. ئوبراز مەسىلىسى بولسا مەھسۇلاتنى ئوخشاش تۈردىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.
-كاڭنەي گۇرۇھى باش لىدېرى جىڭ شيۇكاڭ
جۇڭگو كارخانىلىرى تەرەققىي قىلماقچى بولىدىكەن، چوقۇم خەلقئارالىق ماركا يارىتىشى كېرەك.
-جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى نەن سۈنخۇي
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 6 -كۈنى