A-A+

ئائىلە ئەزالىرى ئەڭ ياخشى شىرىك

2015-يىل 16-ئىيۇن تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 359 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 3- باب 1-پارگىراف 

w0200707133487108540484

   بېيىش تەپەككۇرى:

نامراتلار: ئىگىلىك تىكلەشتە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدىغان گەپ. ياخشى شىرىك تاپقىلى بولمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟ باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشسا دائىم مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىدىكەن  ھەتتا دوسلۇققا تەسىر يىتىپ قالىدىكەن.

ۋىنجۇلىقلار: كىم ئەڭ ياخشى شىرىك دېگەندە ،ئەلۋەتتە ئۆز ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز. پايدا مۇناسىۋېتى بىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ كۈچىمىزنى جايىغا ئىشلىتەلەيمىز-دە، ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز.


   1986-يىلى فىرانسىيەدە نەشىردىن چىققان  « ئائىلە تارىخى» ناملىق ئەسەردە مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار:

   « ھەر بىر كىشىگە نىسبەتەن ئائىلە ئەڭ قەدىمى، مېھرى ئەڭ چوڭقۇر بۇلاق. مېھرى-مۇھەببەت ئارقىلىق ئائىلە زامانمۇ-زامان پايدا مۇناسىۋىتى ئىچىدە بىللە ياشايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا ئائىلىنى توقۇملىچىلىققا تەمسىل قىلىشقا بولىدۇ.  توقۇش ماشىنىسىدىكى يىپنى ئوڭشاپلا قويسا ، يېڭىدىن قوراشتۇرۇپ تۇقۇغانغا  قارىغاندا كۆپ ئاسانغا توختايدۇ ››.

   جەمەت خاراكتىرلىك كارخانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى - ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى ئائىلىدىكى ئاساسلىق

ئەزالاردىن ۋە ياكى قانداشلىق مۇناسىېۋىتى بار ئەزالاردىن تەشكىل تاپىدۇ. چۈنكى جەمەتتىكىلەرنىڭ پەقەت پايدا مۇناسىۋىتى بولۇپلا قالماي يەنە قانداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار بولۇپ ،ئۇلارنىڭ چەكسىز كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئىش

لەپچىقىرىشتا 1+1›2 ( بىرگە بىرنى قوشساق ئىككىدىن چوڭ بولىدۇ ) دېگەن تەڭلىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

   ۋىنجۇلىقلار دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەن ۋاقتىدا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئائىلىۋى ئىگىلىكتىن ئىش باشلايدۇ. ئۇلار  ئۈسكىنە، ئاشخانا، ئۇخلايدىغان ئورۇن بىرلىشىپ كەتكەن ئەرزان ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان ئۆينىڭ شارائىتى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاددىلىقى بىلەن كارى يوق. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە پەقەت بىرلا ئارزۇ بار، ئۇ بولسىمۇ تىرىشىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش.

   ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئەر- ئاياللار، ئاكا-ئۇكىلار،ئاچا-سىڭىللار ۋە ياكى يۇرتداش قېرىنداشلاردىن ئىبارەت. ئىگىلىكنىڭ بارا-بارا زورىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ جەمەت كۈچىمۇ بارا-بارا ئېشىپ بارىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا جەمەت ئىگىلىكىگە ئايلىنىدۇ.

   1993-يىلى لىچىڭلىق جۇ شىۋىن بازار تەكشۈرۈش جەريانىدا ‹بېسىم تۇراقلاشتۇرغۇچ ›دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىلىكتىر  ئۈسكۈنىسىنىڭ   بازىرىنىڭ ئىنتايىن ئىتتىكلىكىنى بايقىغان. ئەينى ۋاقىتتا ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئىلىكتىر بېسىمى تۆۋەن بولغاچقا ئاھالىلەر ئۆيلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتكەندە دائىم ئىلىكتىر بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغان ۋە شۇ سەۋەپتىن بېسىم تۇراقلاشتۇرغۇچقا بولغان ئىھتىياج تۇغۇلغان ئىدى.

   شۇنىڭ ئۈچۈن جۇ شىۋىن بازاردىن دەرھال بىر نەچچە دانە بېسىم تۇراقلاشتۇرغۇچ سېتىۋېلىپ ئىچىنى ئېچىپ ھەر بىر زاپچاسلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزەتكەن. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا كىتابلىرىغا ئاساسەن بۇ ئۈسكىنىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى تەھلىل قىلىپ تېخىمۇ ياخشى بولغان چىرتيوژنى سىزىپ چىققان. مەھسۇلاتنى ئشلەپچىقارسا بولىدىغانلىقى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، جۇ شىۋىن ئۆيىگە قايتىپ  ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن بۇ ئىشنى مەسلىھەتلەشكەن.

   ئەينى ۋاقىتتا جۇ شىۋىننىڭ چوڭ ئاكىسى چوڭ بىر خۇسۇسىي كارخانىغا تېخى ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشكەن، ئىنىسى جۇياڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، سىڭلىسى جۇ شاۋيەن ئائىلىدە ئىدى. ئاكا-ئۇكىلار بىرلىشىپ بېسىم تۇراقلاشتۇرغۇچنى ئاساسلىق مەھسۇلات قىلغان بىر شىركەت قۇرۇشنى قارار قىلدى.

   شۇنىڭ بىلەن لىچىڭدا ‹ كېيۈەن بېسىم رىگۇلياتور شىركىتى › دۇنياغا كەلدى. قېرىنداشلار شىركەتتە ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى .ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ئۈسكىنىلەرنىڭ ئەۋرىشكىسى ناھايىتى تىزلا شاڭخەي پاتنىت ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتتى.

   بۈگۈنكى كۈندە لېچىڭ كېيۈەن رىگۇلياتور زاۋۇتى تەرەققىي قىلىپ جېجياڭ شەنكې ئىلىكتىر ئۈسكىنىلرى گۇرۇھىغا ئايلاندى.

***

   جىڭتەي گۇرۇھىنىڭ لىدىرى نەن سۈنخۈي 1990-يىلى « چيۇجىڭ» گورۇھىدىن قايتىپ چىقىپ قايتىدىن ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغىنىدا ئىقتىساد مەسىلىسى ئۇنى قىيناپ قويدى.

  قانداق قىلغاندا ئىگىلىك تىكلەشكە زۆرۈر مەبلەغكە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

   بەلكىم بەزىلەر بانكىدىن قەرز ئېلىش كېرەك، دېيىشى مۇمكىن.بىراق،قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن بانكىدىن قەرز ئېلىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزى كارخانىنىڭ ئەڭ ئېغىر يۈكىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن نەن سۈنخۈي باشقىلار بىلەن شىرىكلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئەڭ ياخشى شىرىكىنىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن نەن سۈنخۈينىڭ ئىنىسى نەن سۈنفېي، ئاچىسىنىڭ ئوغلى جۇ شىنمېي، سىڭلىسىنىڭ يولدىشى ۋۇ بىڭچې ۋە لىن لىمىڭ قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقان ،دوست-بۇرادەرلەر جىڭتەينىڭ پايچىكلىرىغا ئايلاندى.

   چەت ئەلدىكى ۋىنجۇلىق كارخانىچى، فارىژ فېيتيەن شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى جاڭ يۈەنلىياڭ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن دەسلەپتە ئىش باشلىغاندا ئىجارىگە ئالغان ئۆيۈم 30 كىۋادىرات مىترلىق ئەڭ ئەرزان بىر ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ خىزمەت ئورنۇم ۋە ئارام ئالىدىغان ئۆيۈم ئىدى. خىزمەتچىلىرىممۇ ۋىنجۇدىن چاقىرىپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئىدى. پارىژدىكى ۋىنجۇلىقلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىشنى مۇشۇنداق باشلىغان بولۇپ، دەسلەپتە يالغۇز كەلگەن بولسا، تۇققان يوقلاشقا بارغاندا خوتۇن-بالا بىلەن قۇشۇلۇپ ئون نەچچە ئادەم بولۇپ قايتاتتى. ئەينى ۋاقىتتا بىز ھەتتا يەھۇدىلار تاشلىۋەتكەن رەخىت ۋە تېرىلەردىن پايدىلىنىپ پورتىمال ياساپ سېتىپمۇ باقتۇق.

ئوخشاش بىر خىل پورتىمالنى باشقىلار 25 يۈەندىن ساتسا، بىز 20 يۈەندىن ساتتۇق. مالنىڭ باھاسى تۆۋەن ھەم سۈپەت ياخشى بولغاچقا بازار ناھايىتى تىزلا ئېچىلىپ كەتتى.»

   20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئىگىلىك تىكلىگەن ۋىنجۇ تىڭيۈ گورۇھى تىپىك بىر جەمەت ئىگىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

   تىڭيۈ گورۇھىنىڭ بارلىق مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ ھەممىسى تىڭيۈ جەمەتىنىڭ قولىدا تۇتۇلغان.

   ئاتىسى فەن تىڭيۈ لېدىر، ئانىسى شۈ ۋىنچىڭ ئىشخانا مۇدىرى، چوڭ قىزى فەن پېيسوڭ باش دېرىكتور، ئوغلى فەن يېلىي مۇئاۋىن باش دېرىتور ۋە تېخنىكا مەسئۇلى، ئىككىنچى قىزى فەن پېڭفاڭ مالىيە دېرىكتورى، ئىككىنچى كۈيئوغلى لىن شاۋ سېتىش دېرىكتورى، ھاممسى شۈ شياۋچىڭ ئىشخانا باشقۇرغۇچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.

   بىردىنبىر بۇ شىركەتكە كىرمىگەن چوڭ كۈيئوغلى ئۆزى ئاچقان ئاتا- بالىلار شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئىدى.

   ئەينى يىلى تىڭيۈ زاۋۇتىنىڭ تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلىپ كارخانا خۇسۇسىي ئىگىلىك دەپ بىكىتىلگەن. بىراق شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلغان فەن تىڭيۈ ‹ ھامان بىر كۈنى زاۋۇت ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدىغان بولدى › دەپ ئەنسىرىگەن.

   1989-يىلى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا «خۇسىسىي ئىگىلىك ستسىيالىستىك ئىقتىسادنىڭ كۈشەندىسى» دېگەن سەپسەتە ياڭراشقا باشلاپ تىڭيۈ زاۋۇتى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. فەن تىڭيۈ بۇ شامالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن شىركەتنى ئىككى باشقۇرغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ  ئايالى بىلەن ئىسپانىيەگە كەتكەن .

   ئەينى ۋاقىتتا فەن پېيسوڭ 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ ،ئۇ ئاتىسى كەتكەندىن كېيىنكى ئىككى ئايدا زاۋۇتنىڭ بىرەر پارچىمۇ زاكاس تاپشۇرىۋالمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئەنسىرىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقۇرغۇچىلار يىغىنى چاقىرىپ ئۆزىنىڭ زاۋۇتنى باشقۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇر

غا قويغان. يىغىندا ئۇ :« ماڭا بىر پۇرسەت بەرسەڭلار، ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە مەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىسام ئۆزلىكىمدىن ۋاز كېچىمەن» دەيدۇ.

   ئىككىنچى كۈنى ئىككى نەپەر باشقۇرغۇچى ئىشچىلارنىڭ ئىشقا چىقماسلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشماقچى بولىدۇ،

شۇنىڭ بىلەن فەن پېيسوڭ  ئىككى باشقۇرغۇچىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلارغا:« ئەگەر ئىشىلىگۈڭلار بولسا ياخشى ئىشلەڭلار، ئىشلىگۈڭلار بولمىسا باشقا يەردىن خىزمەت تېپىۋېلىڭلار مەن مۇئاشىڭلارنى  بېرىپ چىرايلىق يولغا سېلىپ قوياي» دەيدۇ ۋە ئارقىدىنلا زاۋۇتقا « ئۆزىنى يەنىلا زاۋۇتنىڭ  بىر ئەزاسى چاغلىغانلا ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشسۈن، ئىشقا كەلمىگەنلەر ئىشتىن ھەيدىلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا ئېلان چاپلايدۇ.

   ئىككىنچى كۈنى ئىككى باشقۇرغۇچىدىن باشقا بارلىق ئىشچىلار ئىش ئورنىغا چىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن فەن پېيسوڭ ئىككى باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالىدۇ.

   بىر يىلدىن كېيىن فەن تىڭيۈ قايتىپ كېلىپ قىزىنىڭ زاۋۇتنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى شۇنداق ياخشى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە شۇنىڭ

دىن باشلاپ باشقۇرۇش ھوقۇقىقىنى خاتىرجەملىك بىلەن قىزىغا تاپشۇردى.

   كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، فەن پېيسوڭنىڭ جەمەت مۈلىكىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ئۇنىڭ ھالقىلىق پەيىتتە مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىشگە تۈرۈتكە بولدى. فەن پېيسوڭ :« جەمەت ئىگىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكى، بىرىنچىدىن قارار چىقىرىشى تېز. لېدىر قارار چىقارغان ھامان تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلىشىدۇ. ئىككىنجىسى، باشقۇرۇش چىقىمى تۆۋەن. خىزمەت بىلەن تۇرمۇش بېرىكىپ كەتكەن بولۇپ ئەزالار ئارا ئالاقە يېقىن.» دەيدۇ. ئۇ يەنە :« فەن جەمەتى بەك ئىتتىپاق. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تىرىشچانلىقى ئون مىڭ، يۈزمىڭ، ھەتتا  مىليون يۈەنلىك سودىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» دەيدۇ.

  2000 يۈەنگە تايىنىپ ئىگىلىك  تىكلىگەن تىڭيۈ گورۇھى   بۈگۈنكى كۈندە نەچچە يۈز مىليون يۈئەن دېگەن ساننى بەرپا قىلدى.

   كۆرىۋالالايمىزكى ،كارخانا قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە جەمەت خاراكتىرلىق تەرەققىيات جەريانى مۆلچەرلىگۈسىز ئالغا ئىلگىرلىتىش كۈچىگە ئىگە. ئائىلە ئەزالىىنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەش، قۇربان بېرىش روھى كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ بىر جەمەتنىڭ قولىدا بولغاچقا، باشقۇرۇش ئەپلىك، قارار چىقىرىشمۇ ئىنتايىن ئاسانغا توختايدۇ. ئائىلە باشلىقى بىر ئېغىز سۆزلىسىلا مەسىلە شۇ ھامان ھەل بولىدۇ.بۇ كارخانىنىڭ تەرەقىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ۋىنجۇ ئۈزۈندىسى:

جەمەت ئىگىلىكىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكى، بىرىنچىدىن قارار چىقىرىشى تېز. لېدىر قارار چىقارغان ھامان تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلىشىدۇ. ئىككىنجىسى، باشقۇرۇش چىقىمى تۆۋەن. خىزمەت بىلەن تۇرمۇش بېرىكىپ كەتكەن، ئەزالار ئارا ئالاقە يېقىن.

           ـــ تىڭيۈ گورۇھىنىڭ باش دېرىكتورى   فەن پېيسوڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ