A-A+

ئەينەك (2)

2015-يىل 1-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 233 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

66bOOOPICc4

مۆمىنجان دوستىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن يەنە بىر خوجايىن بىلەن تۇنۇشتى ھەم چىقىشىپ قالدى.ئۇنىڭ دائىم ھەر خىل داڭلىق ماشىنىلارنى ھەيدەپ كىلىشى،مۆمىنجانغا ېلىپ كىلىدىغان سودا ئۇچۇرى مۆمۈنجاننى خېلىلا قىزىقتۇرغان ئىدى. مۆمۈنجاننىڭ دوستى بۇ خوجايىننى توختىماي ماختايتى.ئەگەر خوجايىن ياردەم قىلسىلا نۇرغۇن تاشلارنىڭ سېتىلىپ باي بۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنى سۆزلەيتى.مۆمۈنجان دوستىنىڭ كېپىل بۇلىشى بىلەن خوجايىنغا مال بىرىپ ئامىتىنى سىناش قارارىغا كەلدى.شۇنىڭ بىلەن دىرى بىر مىليۇن سەككىزيۈزمىڭ يۈئەنلىك مال ئارقا-ئارقىدىن خوجايىننىڭ ماشىنىسىغا بېسىلدى.تاشنى ئۈچەيلەن ھەم شىرىك ساتىدىغان،مۆمۈنجاننىڭ دوستى خوجايىن بىلەن بىرگە سودا قىلىپ مال پۇلىنى ئەكىلىدىغانغا كىلىشكەن مۆمۈنجان ئوننەچچە يىلدىن بىرى يېقىن ئۈتىۋاتقان دوستىغا ئىشىنىپ بۇ مالغا قارىتا خوجايىندىن ھۆججەتمۇ ئالمىدى،شۇنداق قىلىپ ئۇلار مۆمۈنجان بىلەن خوشلاشتى.

ھەممە ئىشلار نورمال يۈرىشىۋاتقاندەك بىلىنگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۆمۈنجاننىڭ دوستى ئۇنىڭغا كۈڭۈلسىز بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى.ئۇنىڭ تېلىپۇندا دىيىشىچە،ئالدىنقى كۈنى ئۇلار مېھمانخانىدا بۇلىشىچە ئىچىشكەن ۋە مەس بۇلۇپ قېلىپ خوجايىن بىلەن نىمىدۇر بىر گەپنى تالىشىپ  ئۇرۇشۇپ قالغان.خوجايىن ئۇنى قاتتىق ئۇرىۋەتكەچكە ئۇ ئايلىنىپ كەتكەن.مەسلىك ۋە تاياق زەربىسىدىن بىر سوتكىغا يېقىن ئۇخلاپ قالغان دوستى ئويغۇنۇپ خوجايىنغا تېلىپۇن قىلسا خوجايىن تېلىپۇن ئالمىغان،ئىزدەپ بارسا تاپالمىغان.....

مۆمۈنجان دوستى بىلەن بىرلىكتە خوجايىننى كۆپ ئىزدىدى. يېرىم يىل ئۈتۈپ كەتتى،ئادۋۇكاتنىڭ كۆرسەتكەن ئەقىللىرىمۇ كارغا كەلمىدى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن كۈڭۈلسىز ۋەقەلەرمۇ يۈز بەردى. تاشنىڭ ئەسلى ئىگىللىرىگە نىمە دىگۈلۈك؟ يېڭىلا تاشچىلىققا كىرىشكەن مۆمۈنجاندا ئۇنچىلىك تۆلەم ئىقتىدارى نىمىش قىلسۇن؟ خوجايىننى ئىزدەپ ھارغان مۆمۈنجان ئاخىر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلدى.ساقچىلار ئەتراپلىق تەكشۈرۈش،مۆمۈنجاننىڭ دوستى بىلەن تەكرار پىكىرلىشىش ئارقىلىق بۇ خوجايىننىڭ ئالاقە دائىرسىدىكى قاشتېشى ئېلىم-بىرىم ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان كىشىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئاخىر يىپ ئۇچىنى تاپتى.

تاشنىڭ بىر قىسىمى ‹‹ خوجايىن›› تۇرۇشلۇق شەھەردىكى بىر تاش دۇكىنىغا گۆرۆگە قۇيۇلغان بۇلۇپ يەنە بىر قىسىمى كۈرۈنمەيتى.دۇكاننىڭ ئىگىسى ‹‹ خوجايىن››نىڭ ھوججىتىنى كۆرسۈتۈپ ‹‹خوجايىن ئۆزى كىلىپ مەندىن ئالغان پۇلنى قايتۇرسۇن تاشنى ئاندىن بىرىمەن›› دەپ چىڭ تۇردى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت تەكشۈرۈش جەريانىدا  مۆمۈنجاننىڭ دوستىدىن گۇمانلانغان ساقچىلار ئۇنى كۈزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ‹‹ خوجايىن››نى ئاخىر تاپتى.شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ‹‹ يېنىدا بىر سىنىتمۇ بولمىغاچ يۇرتىغىمۇ قايتالمايدىغان،مۆمۈنجان بىلەن بىرلىكتە  بۇ تاشلارنى تاپمىسا ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغان ›› بۇ دوستى ساقچىلار دىلونى پاش قىلغان كۈنى كۆزدىن غايىپ بولدى.

تاشلار قايتىپ كەلدى.ئەمما بىر سىنىتمۇ سودا قىلالمايلا قالماستىن ئەكسىچە تاپقان-تەرگىنىنى خىراجەت قىلىپ تۈگەتكەن مۆمۈنجان ئۈتۈپ كەتكەن ئون ئاي ۋاقتىغا،چەككەن جاپا، تارتقان كۈلپەتلىرىگە،‹‹ دوستلۇق››نىڭ بۇ تالاپەتلىك قىلتاقلىرىغا،ئۆزىنىڭ ساددا-ھاماقەتلىكىگە ئۈكۈنۈپ ۋاقىتسىز ئاقارغان چاچلىرىنى سىلىغىنىچە چۇڭقۇر ئۇھسىندى.

بىرمىليۇن سەككىزيۈزمىڭ سوم بەزىلەرگە كۆپ پۇل بولمىغىنى بىلەن بەزىلەر ئۈچۈن نەقەدەر كۆپ پۇل-ھە؟! ھەسەل سۈرتۈلگەن ‹‹دوستلۇق›› قىلتىقىدىن سىزمۇ ھۇشيار بولغايسىز!

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ