ئىستىمالچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
4 - باب 9 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار:سودا قىلىشتا چوقۇم ئەستايىدىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا سودىدا چوقۇم ئىستېمالچىلار ئۆزلىرى ئىزدەپ كېلىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: بۈگۈنكى دەۋر ئۇچۇر دەۋرى، سودا ئۇچۇرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئەگەر سىز ھېچقانداق شەپىسىزلا سودا قىلسىڭىز تىجارىتىڭىزنى چوڭايتىشىڭىز تەسكە توختايدۇ. چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن قول سېلىپ
ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشقا ماھىر بولۇش، مەھسۇلاتنى ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىغىچە بېرىپ تەشۋىق قىلىش كېرەك.
ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر تۈرلۈك تاۋارلار بازارنى بىر ئالدى، مۇنداق ئەھۋالدا ئىستېمالچىلارنىڭ ھەر بىر مەھسۇلاتنى ئېنىق بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. << قانداق قىلغاندا ئىستېمالچىلارغا تېز سۈرئەتتە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغىلى ۋە ئېسىگە سالغىلى بولىدۇ؟ >>دىگەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چوقۇم بارلىق ئاماللارنى ئويلاپ ئىستېمالچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش، ئىستېمالچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشقا موھتاج.
ئامېرىكىنىڭ «يېمەكلىك پادىشاھى»، مىليونېر باۋلىچ ئىسمى-جىسمىغا لايىق سېتىش ماھىرى، ئۇ تىجارەت جەريانىدا يېڭىچە ئاماللارنى ئويلاپ تېپىشقا ۋە بازىرى كاسات ماللارنى «گۆر ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ كېلىش» كە ماھىر. ئۇ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «مەن باشقىلار قىلالمايمەن دەپ قارىغان ئىشنى قىلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بۇلارنى قىلىشتىكى ئۇسۇلۇم باشقىلارنى < ئۇ ساراڭ بوپتۇ >دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈردى. ئەگەر ياشلاردىن بىرەرسى كېلىپ مەندىن قانداق قىلغاندا باي بولغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىسا، مەن ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ئۇنى يېتەكلەيمەن، باي بولۇش ئۈچۈن باشقىلارنى دوراشقا بولمايدۇ، بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئادەمدە ئانچە-مۇنچە ئەسەبىيلىك بولۇشى كېرەك.»
باۋلىچنىڭ سىتەن فىلبېرگ ئىسىملىك بىر دوستى بولۇپ، ئۇمۇ بىر سېتىش ماھىرى. بىر قېتىم، سىتەن فىلبېرگ باۋلىچنىڭ ئالدىدا پو ئېتىپ مۇنداق دېگەن: «قانداقلا مەھسۇلات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت مەنلا ساڭا ئېلان-تەشۋىقات قىلىپ بەرسەم مەھسۇلاتنىڭ سېتىش مىقدارىنى چوقۇم ئاشۇرالايمىز، ئۇنداق بولمايدىكەن مەن سېنى ھارۋۇغا سېلىپ كوچىدا ئايلاندۇرۇشقا رازى، سەن ئىشىنەمسەن؟»
ئەينى ۋاقتتا، باۋلىچنىڭ قولىدا تۇرۇپ قالغان بىر تۈركۈم مال بولۇپ، ئۇ بۇ مالنى قانداق قىلىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇۋاتاتتى. سىتەن فىلبېرگنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان باۋلىچنىڭ كاللىسىدا سان پەيدا بولىدۇ-دە، سىتەن فىلبېرگقا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنداقتا ياخشى، مەن ساڭا بىر خىل مەھسۇلاتنى كۆرسىتىپ بېرىمەن، ئەگەر سېنىڭ تەشۋىقاتىڭ مەھسۇلاتنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئېچىۋېتەلىسە، مەن ھارۋۇغا سىنى سېلىپ كوچا ئايلاندۇرۇشقا رازى.» .«بولىدۇ، گېپىمىز گەپ ئەمىسە!» سىتەن فىلبېرگ ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولىدۇ.
نەتىجىدە ستەن فىلبېرگنىڭ تەشۋىقاتى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، باۋلىۋىچمۇ ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇندايدۇ.
ئەھۋالدىن خەۋەردار نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ قېتىم باۋلىچنىڭ يۈزى تۆكۈلىدۇ دەپ قاراپتۇ. كوچىدا ھارۋىكەش بولۇپ سىتەن فىلبېرگنى ئايلاندۇرۇش كېلىپ چىقىشى مىليونىر بولغان باۋلىچنىڭ يۈزىنى قانچىلىك تۆكۈۋېتەر؟ شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر كوچىدا قىستىلىشىپ تۇرۇپ بالىچنىڭ ئويۇنىنى كۆرمەكچى بوپتۇ.
كىم بىلسۇن، ئۇ ۋەدىسىدا تۇرغان ئىدى. ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە سىتەن فىلبېرگنى سۆرەپ كوچىدا كېتىۋاتاتتى، يەنە بەزىدە تونۇش كىشىلەر بىلەن سالاملىشىپ قوياتتى.
بۇ ۋاقتتا كىشىلەر توپى قايناپ كېتىدۇ، نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ يىتىپ كېلىپ قارىماققا كۈلكىلىك تۇيۇلىدىغان بۇ خەۋەرنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىدۇ. نەتىجىدە بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقت ئىچىدە باۋلىچ ۋە ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ نامى تەرەپ-تەرەپكە پۇر كېتىدۇ. ئارقىدىن شىركەتنىڭ تىجارەت سوممىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ باۋلىچنىڭ ئەسلىدىكى مۇددىئاسى ئىدى. قارىماققا كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان بۇ ئىش ئارقىلىق باۋلىچ كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، ھەقسىز تەشۋىقات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
ئۇچۇرنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈشتە چوقۇم ئۇنى تارقىتىش كېرەك، بىراق ئۇچۇرنى خەلقنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك دەرىجىدە قىلىمىز دېسەك چوقۇم ئۇنىڭغا يېڭىچە ئىلمېنتلارنى قوشۇشىمىز كېرەك. غەلىتە ئاماللار ئارقىلىق غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتالايدۇ.
بەزىلەر < ۋېنجۇلۇقلارنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، ئۇلار باشقىچە يول تۇتىدۇ >دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن توغرا. ۋېنجۇلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ مەبلىغىنىڭ ئاز، ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى، دەسلەپتە تىجارەت باشلىغاندا كەڭ-كۆلەمدە ئېلان-تەشۋىقات قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بازار ئىقتىسادى دەۋرىدە ئاجىز ئورۇندا تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرىغا تايىنىپ تىجارەتتە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يولدا ماڭالايدۇ، ئىستېمالچىلارغا مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە مەھسۇلاتلىرىنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالالايدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، بىر قىسىم چەتئەل ماركىسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ۋېنجۇدا پەيدا بولۇشقا باشلىغان، چەتئەل ماركىلىرى كىشىلەرنى سۈپەت جەھەتتىن خاتىرجەم قىلالىغاچقا سودىسى ناھايىتى ياخشى بولغان.
جۇ چېڭجيەن جۇڭگونىڭ ئازادە كىيىم-كېچەكلىرىدە يۆنىلىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ئىلگىرىكىدەك تەقلىد قىلىشنىڭ كارخانىلارغا ھېچقانداق تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ قەتئىيلىك بىلەن «مېيتىس.باڭۋېي (MasterBonwe)» ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەملىكىتىمىز ۋە 10 دىن ئارتۇق مەملىكەتلەردە بۇ ماركىنى رويىخەتكە ئالدۇرىدۇ. بۇ ھال جۇ چېڭجيەننى تەرەققىيات مۇساپىسىدە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئىگە قىلىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ «گۈزەللىك، ئۆزگىچىلىك بۇ يەردە!»، «يۇرتىمىزنىڭ پەخرى!» قاتارلىق ئېلان-تەشۋىقات سۆزلىرى دۆلىتىمىزگە تارقىلىشقا باشلايدۇ.
«مېيتىس.باڭۋېي» نىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، جۇ چېڭجيەن ئېلان-تەشۋىقات جەھەتتىكى ئۆزگىچە تەرەپلىرىنى توختىماستىن ئىپادىلەشكە باشلىغان. ئۇلار «مېيتىس.باڭۋېي» ماركىسىدا 10 مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى يامغۇرلۇق كىيىمدىن بىرىنى تىكىپ چىققان، مەزكۇر يامغۇرلۇق كىيىم ئۆلكە-شەھەرلەردىكى گېزىت-ژۇرناللار ۋە تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ دېققىتىنى تارتىپلا قالماستىن، يەنە مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى «شەرق ۋەزىيىتى» ئالتۇن قانىلىنىڭ زىيارەت بۆلۈمىنىڭ دېققىتىنى تارتقان. نەتىجىدە جۇ چېڭجيەن ۋە بۇ غايەت زور يامغۇرلۇق كىيىم ئېكرانغا چىقىپ، سەككىز مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرغان. بۇ مېيتىس.باڭۋېي ئۈچۈن ھەقسىز پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئېلان ئىشلىگەنگە باراۋەر ئىدى. كېيىن بۇ يامغۇرلۇق كىيىم «شاڭخەي دۇنيا جىنىس رېكورتى» غا كىرگۈزۈلۈپ، جۇ چېڭجيەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «يامغۇرلۇق كىيىم پادىشاھى» غا ئايلانغان.
1996-يىلى 11-ئايدا، «مېيتىس.باڭۋېي» ۋېنجۇنىڭ ۋەنما كوچىسىدا مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچقان. كۆپچىلىكنىڭ دېققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، ئۇ ئويلىمىغان يەردىن «قىزىل گىلەم» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تىجارەت باشلىغان كۈنى ۋېنجۇ ۋەنما كوچىسىغا قىزىل رەڭلىك گىلەم ياتقۇزۇلغان بولۇپ،كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ پاياندازلار ۋېنجۇ شەھەر خەلقى مۇھاكىمە قىلىدىغان قىزىقنۇقتىغا ئايلانغان.
ئۇزۇن ۋاقت ئۆتمەستىن، «مېيتىس.باڭۋېي» ۋېنجۇ خەلق مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەندە يەنە بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. ئەينى ۋاقتتا، 10 مىڭ كۋادرات مېتردىن ئارتۇق خەلق مەيدانىغا قىزىل، يېشىل رەڭلىك گىلەم ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىكى 82 «مېيتىس.باڭۋېي» مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بۇ مەيداندىن ئورۇن ئالغان. ئون كۈنگە سوزۇلغان بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، «مېيتىس.باڭۋېي» نىڭ تىجارىتى ناھايىتى ياخشى بولغان. ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرى مەق مەيدانغا كېلىپ ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى مەدھىيلىگەن.
قىلىش-قىلالماسلىق بىلەن قىلىشقا جۈرئەت قىلىش-قىلالماسلىق ئىككى ئىش، يېڭىلىق يارىتىشتا ياخشى پىلان بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتالايدىغان بولۇش، ھەمدە سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقتتا بۇلارنى قىلالىشى تەس، بۇ تىجارەتتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قىينىلىدىغان نوقتا. بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر ۋېنجۇ سودىگەرلىرىدىن ئۆگىنىشى زۆرۈر، ئۇلارنىڭ تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش، يەنى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان «قاپ يۈرەكلىك» ىنى ئۆگىنىش كېرەك.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
دۇنيادا پۇل تېپىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: بىرى ، تەكرار پۇل تېپىش ئۇسۇلى، بۇ خىل ئۇسۇلدىكى
ئىشلەپچىقىرىش تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا تەۋە بولۇپ، تەكرار پۇل تېپىش ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ ئادەمگە كۆپ پۇل تېپىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ؛ يەنە بىرى ،بىر تاللا يىگانە بۇيۇم ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى.بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن: مونالىسانىڭ رەسىمىنىڭ باسما زاۋۇتتا باستۇرۇلۇپ شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا سېتىلىۋاتقىنى ئېھتىمال 10-5 يۈەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما پارىژ بۈۋى مەريەم ئانا چېركاۋىدا ساقلىنىۋاتقىنىنىڭ قىممىتى بىباھادۇر.
-باۋشىنياۋ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىزې
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى