بايلارگەپنىڭ ۋە ھەركەتنىڭ خوجىسى
سۈرەتتە : شىياڭگاڭ لىن شىن گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى ، مىليادىر ( لىن بەيشىن )
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار قۇرۇق خىيال قىلىشقا ئامراق، بايلارئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامراق
ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا باي بولۇش، پۇلدارلاردىن بولۇش چۈشىنى كۆرۈش نورمال ئىش. بىراق يۇقىرىغا ئۆرلەش يەنىلا يۇقىرىغا ئۆرلەش، ئارزۇ يەنىلا ئارزۇ. ئەگەر بۇلار پەقەت قۇرۇق خىيال باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇلار ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان «بەڭگىنىڭ خىيالى» غا ئايلىنىدۇ.
ھالبۇكى بۇنۇقتىنى نۇرغۇنلىغان نامراتلار چۈشەنمەيدۇ. ئۇلاردا كەمچىل بولغىنى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھەركەت. ئۇلار ھەمىشە بىر ئىزىدا تۇرۇپ رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان خىياللارنى قىلىشنى ياكى ئايىغى چىقماس «چۈشلەر» نى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئاسماندىن ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا گۆشنان چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈندە كۆكتە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشىنى،چەكسىز بايلىقلارغا ئېرىشىشنى، ئۆز بايلىقى بىلەن شۆھرەت قازىنىپ داڭلىق ماشىنا ۋە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلارغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق ئۇلار پەقەت ئويلاش باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قېلىپ، ئويلاپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشمايدۇ. خۇددى مايۈن ئېيىتقاندەك «ئاخشاملىرى نۇرغۇن يوللاردا مېڭىشنى ئويلايدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ئەسلىدىكى يولىدا ماڭىدۇ.»
ئەمما بايلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى ۋە كەلگۈسىگە قارىتا مۇۋاپىق پىلان تۈزىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
بېرىد پىنسىيەگە چىققان ئەنگىلىيەلىك ئوقۇتقۇچى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى كونا نەرسىلەرنى رەتلەۋاتقاندا بىر مەشىق دەپتەرنى بايقاپتۇ. توپا بېسىپ كەتكەن بۇخاتىرە دەپتەرگە يېزىلغىنى بېرىد پاركىن بالىلار باغچىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلارغا ئورۇنلاشتۇرغان باھار پەسىللىك ماقالە بولۇپ، ماقالە تېمىسى«كەلگۈسىدە مەن بىر...» ئىدى.
50 يىل بۇرۇنقى نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى ساقلىنىشى بېرىدنى ناھايىتى خۇشال قىپتۇ. ئۇ ئەسلىدە بۇ نەرسىلەرنى گىرمانلار لوندوننى بومباردىمان قىلغاندا پاكپاكىز يوقىلىپ كەتكەن دەپ ئويلايىتتى، ئويلىمىغان يەردىن 50 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلاريەنىلا ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى.
بېرىد قىزىقىپ توپا باسقان دەپتەرنى ۋاراقلاپتۇ، دەسلەپتە بالىلارنىڭ قەلەم ئىزلىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىختىيارسىز جەلپ قىپتۇ. ئوزۇن ئۆتمەستىن بالىلارنىڭ ئاجايىپ – غارايىپقا تولغان،مول مەزمۇنلۇق تەسەۋۋۇرلىرى بېرىدنى مەھلىيا قىپتۇ. مەسىلەن: بىر كىچىك بالا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە فرانسىيە زوڭتۇڭى بولىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ؛ بىد ئىسىملىك بالا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ؛ بەزى بالىلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىن ھايۋاناتلارنى كۆندۈرگۈچى بولىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى؛بەزى بالىلار كىيىن ئۆزلىرىنىڭ ئاۋىئاتسىيە باشقۇرغۇچى بولىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى... بۇ ئاجايىپ – غارايىپ تەپەككۇرلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى بولسا، دېيىۋ ئىسىملىك ئەما بالا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ئەنگىليە ئىچكى كابېنتىنىڭ ۋەزىرى بولىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى، سەۋەبى ئۇنىڭ قارىشىچە ئەنگىليە ئىچكى كابېنتىغا ئەزەلدىن بىر ئەما ئەزا كىرىپ باقمىغان ئىدى.
ئەينى يىللاردىكى بۇ ماقالىلەرنى ئوقۇپ بېرىدنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز بىر خىيال پەيدا بوپتۇ: نېمىشقا بۇ ماقالىلەرنىڭ ئىگىلىرىنى تېپىپ، ئۇلارغا 50 يىل بۇرۇنقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان – ئاشۇرمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويمايمەن؟
بېرىد ئويلىغانلىرىنى ئەمەلىيەتتە قىلىپ يەرلىكتىكى بىر گېزىتخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ،گېزىتنىڭ باش بېتىگە بىر ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپتۇ. نەچچە كۈن ئۆتمەستىن بېرىد ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن خەتلەرنى تاپشۇرۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالىملار،سودىگەرلەر، ھۆكۈمەت خادىملىرى بار ئىكەن، تېخىمۇ كۆپلىرى بولسا سالاھىيىتى، ئورنى يوق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار خېتىدە ئۆزلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسىنى بەكمۇ بىلگۈسى بارلىقىنى، ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ھېلىقى مەشىق دەپتەرگە ئېرىشىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
بېرىد ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادرىسىغا ئاساسەن مەشىق دەپتەرلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بېرىدنىڭ يېنىدىكى مەشىق دەپتەرلىرى ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپتۇ، بىراق ھېلىقى ئەنگىليە ئىچكى كابېنتىدا ۋەزىر بولماقچى بولغان دېيىۋئىسىملىك بالىدىن خەت كەلمەپتۇ. بېرىد كۆڭلىدە بۇ بالىنى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىنلىقىنى ئويلاپتۇ، چۈنكى 50 يىل ۋاقىت ئۆتتى، بۇنچىلىك ئوزۇن ۋاقىتتا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.
بېرىد مۇئەللىم دېيىۋنىڭ مەشىق دەپتىرىنى بىر شەخسىي يىغىپ ساقلاش ئورنىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقاندا، ئىچكى كابېنىتنىڭ مائارىپ مېنىستىرى بلانكېتتىن كەلگەن بىرپارچە خەتنى تاپشۇرۋاپتۇ. بلانكېت خېتىدە مۇنداق يازغان ئىدى: «ھېلىقى دېيىۋ ئىسىملىك بالا مەن بولىمەن، سىزنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ساقلاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. بىراق مەن بۇ خاتىرە دەپتەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس،چۈنكى مەن ئۆز ئارزۇيۇمنى يازغان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى، مەن ئەزەلدىن ئۇنى ئۇنتۇپ باقمىدىم، ئەزەلدىن ۋاز كېچىپ باقمىدىم. 50 يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئاللىقاچان غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. مەن بۇ يەردە بۇ خەت ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋاقداشلىرىمغا ئېيتىپ قويماقچى، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى غايىسىنى ئۇنتۇپ قالمىساق، ھەمدە قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىمىزنىڭ غايىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلساقلا، مۇۋەپپەقىيەت ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ ئىشىكىمىزنى چېكىدۇ.»
ئوتتۇزدىن كۆپرەك ئادەم ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى غايىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. كۆپچىلىك قارىماققا خالىغانچە سۆزلەپ قويغان، سۆزلەپ بولغاندىن كىيىنلا غايىمۇ قىممىتى يوق قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. پەقەت بلانكىېتلا ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى غايىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ھەمدە ئىزچىل ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدا ئەنگىليەدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ تۇنجى قارىغۇ ۋەزىرىگە ئايلانغان. ھەركەتلىنىش كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بلانكېتقا سېلىشتۇرغاندا،ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى خىيالغا پېتىپ قالغان، دەل خىيال قىلىشنى ياخشى كۆرگەچكە،ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى پەقەت «نامسىز داشقال» لارغا ئايلىنىپ، ئىلگىرىكىدەك نامراتلار قاتارىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن.
تېكساس شىتاتىدىكى مىليارىد يۈەنلىك مال – مۈلۈككە ئىگە بولغان نېفىت سودىگىرى باك. شالت ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىلىرىنى سۆزلىگەندە: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھەرگىزتەس ئەمەس، ئاۋۋال سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىزكېرەك، ئاندىن ھەركەتكە كېلىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئىككىنچى قەدەمنى ئالمىسىڭىز، سىز مەڭگۈ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىزغا ئېرىشەلمەيسىز.» دىگەن.يۇقىرىدىكى ھېكايىدىكى بلانكېت ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ پەرقى: بلانكېت ئىزچىل ئىككىنچى قەدەمنى ئالدى، بىراق ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى پەقەت بىرىنچى قەدەمدىلا تۇرۇپ قېلىپ ئىككىنچى قەدەمنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
بۇ دەل بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى: نامراتلار قۇرۇق خىيال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ،بايلار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ نامراتلار «گەپنىڭ خوجىسى،ھەركەتنىڭ قۇلى»، ئەمما بايلار بولسا ھەم گەپنىڭ خوجىسى ھەم ھەركەتنىڭ خوجىسى.
دۆلىتىمىزۋە چەتئەللەردىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق. 2006 – يىلى ئەنگىليە كارخانىچىلار مۇكاپاتى «شىجائەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن 23 ياشلىق لېبكا.فىلىپ دەل مۇشۇنداق ئەمەلىي ھەركەتچى. 2004 – يىلى21 ياشلىق فىلىپ ئېنگىلىزتىلى ۋە سەنئەت تارىخى ئۆگىنىۋاتقان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ بوۋىسى بىلەن بولغان تاسادىپىي بىر سۆھبەتتىن بىلدىكى، ئەنگىليەنىڭ خېز پورتىدا ئىلگىرى كىشىلەر ئۆزلىرى گېزىت ياساپ دوستلىرىغا سوۋغا قىلىش مودا بولغان.
بوۋىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىشلارغا بولغان ئەسلىمىسى فىلىپتا ئىگىلىك يارىتىش ئىلھامىنى قوزغاپتۇ.ئۇ كۆڭلىدە مۇنداق ئويلاپتۇ: ئەگەر ھازىر بىر خاسلاشقان گېزىت چىقارساق، ئۇنىڭ بازاردىكى يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئىگىلىك يارىتىش خىيالى تۇغۇلغاندىن كىيىن فىلىپ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پۈتۈن زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئىگىلىك تىكلەشكە سەرپ قىلىپ، ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغان گېزىتنى ئىشلەشكە كىرىشىپتۇ.
ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن ياۋروپادا پۇقرالار ئۈچۈن گېزىت لايىھەلەپ بېرىدىغان بىرمۇ گېزىتخانا يوق ئىدى. فىلىپ يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بازار تەكشۈرۈشدى، تەتقىق قىلدى، ھەمدە بىر يۇمشاق دېتال ۋە تور بەت لايىھەلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەقلىدىي خاسلىقتىكى گېزىت شەكلىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.
توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق فىلىپ سودىگەرلەرنىڭ كۆپ مىقداردىكى مەبلىغىگە ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ ئەنگىلىيەدىكى پۇقرالارنىڭ خاسلىقىغا يۈزلەنگەن گېزىتخانا - «سىز گېزىتكە چىقتىڭىز» چەكلىك شىركىتى لوندون شەھەر مەركىزىدىكى بىر سودا بېناسىدا رەسمىي تىجارەت باشلىدى.
«سىزگېزىتكە چىقتىڭىز» چەكلىك شىركىتى مەخسۇس شەخسىيلەر گېزىتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، خېرىدارلار ئۆزىنىڭ ئسمى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى گېزىتكە چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى، سۈرەتلىرىنى باش بەتكە چىقىرالايدۇ. ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن بىر پارچە خاسلاشقان گېزىتكە ئېرىشەلەيدۇ.
گېزىتنىڭ مەزمۇنىدا روژدېستوۋ بايرىمى، تۇغۇلغان كۈن تەبرىكنامىسى قاتارلىق ئادەتتىكى تېمىلار بولغاندىن سىرت، تېخىمۇ كۆپ ياشلار قىزىقىدىغان غەلىتە تېمىلار بار.كىشىلەر پەقەت گېزىت قېلىپىغا خەۋەردىكى باش پىرسۇناژنىڭ ئىسمى، يېشى، تۇرۇشلۇق جايى قاتارلىق ئاساسى ئۇچۇر ۋە سۈرىتى قاتارلىقلارنى كىرگۈزسىلا، ئۆزى ۋە دوستلىرىنى باش بەتتىكى نۇقتىلىق شەخىسكە ئايلاندۇرالايدۇ.
توردا بۇخىلدىكى خاسلاشقان گېزىتنى زاكاز قىلغاندىن كىيىن شۇ كۈنىلا بېسىپ چىقارغىلى،ھەمدە تىز خېرىدارغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بارلىق ھەق 20 – 14 فوندىستىرلىڭ بولىدۇ.شىركەت ھەر ھەپتىدە بىر تۈمەن ئەتراپىدا گېزىت بېسىپ چىقىرالايدۇ، ئايلىق تىجارەت سوممىسى 45 مىڭ فوندىستىرلىڭغا يېتىدۇ.
«كۈندىلىك خەۋەرلەر» بۇنىڭغا نىسبەتەن باھالاش ئېلىپ بېرىپ: «‹سىز گېزىتكە چىقتىڭىز›تور بېتى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئادەم ئويۇنىدىنمۇ بەكرەك ياشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى،ئادەتتىكى كىشىلەرگە ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ چولپان بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.»دىگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ دەل شۇنداق، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى گېزىت بازارغا چىققاندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، ھەمدە لېبكا. فىلىپمۇ بىر كېچىدىلا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
بىرئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن نۇرغۇنلىغان خېرىدارى بار شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان لېبكا. فىلىپنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدىكى ھەركەتلىنىش كۈچىگە باغلىق.دەل مۇشۇنداق ھەركەتلىنىش كۈچى بولغاچقا، لېبكا. فىلىپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش خىيالىنى رېئاللىققا باشلاپ كىرەلىدى، ھەمدە تەڭ قۇرداشلىرىنىڭ ئېرىشىشى تەس بولغان بايلىققا ئېرىشتى.
ئەگەر فىلىپ پەقەت قۇرۇق خىيال قىلىشنىلا ياخشى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ خىيالىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرمىسا، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ئىگىلىك يارىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر فىلىپ پەقەت خىيال قىلىپ ھەركەتلەنمىگەن بولسا ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان شىركەتنى قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر فىلىپ پەقەت خىياللا قىلىپ،ھەركەت قىلمىسا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، باي بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا، قۇرۇق خام – خىيالچىلار مەغلۇب بولىدۇ، ھەقىقىي ھەركەت قىلغۇچىلار غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولغان دوستۇم، خىيالنى ئاز قىلىڭ، غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەركەتنى كۆپرەك قىلىڭ! پەقەت خام – خىيالنى تاشلاپ، ھەركەتنى باشلىغاندىلا، سىزئاندىن بايلىق دەرۋازىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئىگە بولالىشىڭىز مۇمكىن.
ئېسىڭىزدە بولسۇن: گۈزەل بولغان تەسەۋۋۇرلارمۇ ئويلىنىش باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قالسا، ئۇ يەنىلا قۇرۇق خام – خىيال بولىدۇ؛ مۇكەممەل بولغان پىلانمۇ ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلاندۇرۇلمىسا، ئۇمۇ قىممىتى يوق قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ، مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
ئامېرىكا مېھمانساراي كەسپىنىڭ سەركىسى، «مېھمانساراي پادىشاھى» دەپ نام ئالغان شېلتون ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «مېنىڭچە چوڭ ئىشلارنىڭ يىتەكچىسى- غايىدۇر. مەن دەۋاتقان غايە بىلەن خام – خىيال ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ. خام خىيال كۈندۈزى ئۇخلىماي چۈش كۆرگەندەك مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىلەر دەۋاتقان سىرلىق ۋەھى ئەمەس. مەن دەۋاتقان غايە بولسا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قىزغىنلىق، زېھىن ۋە ئۈمىدنى ئارقا تىرەك قىلغان بىر خىل تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە تەپەككۇردۇر» .
غايە بولغان ئىكەن چوقۇم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىش كېرەك. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، يەنە غايىنى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاش كېرەك. پەقەت قۇرۇق خام – خىيال بىلەن خوشلاشقاندىلا بايلىق ئىشىكى ئاندىن سىزگە قاراپ ئېچىلىدۇ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭىز مۇمكىن.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى