بايلارئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ كۆلەم يارىتىدۇ
سۈرەتتە : شاڭخەي جىنكې تىيەنيې شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، جۇڭگۇدىكى ئون داڭلىق ساھىبجامال كارخانىچىنىڭ بىرى دوڭ سىياڭ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ كۆلەم يارىتىدۇ
نامراتلار ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئىش تۇتىدۇ،بايلار ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدۇ
دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات – مەخلۇقاتلار توختىماستىن ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ،ئۆزگەرمەيدىغان بىرمۇ شەيئى يوق. سىز ھازىر كۆرىۋاتقان نەتىجە بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە غايەت زور دەرجىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ بۈگۈنكى پەن – تېخنىكا تەرەققىي قىلغان، توختىماستىن ئۆزگىرىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن توغرا پەرەز قىلىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قارىتا ئىش قىلىش ناھايىتى مۇھىم. كىم بۇ نۇقتىنى چۈشەنسە، شۇ بايلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغان بولىدۇ، بۇمۇ نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ مۇھىم پەرقى.
ئوخشاش ئىشقا يولۇققاندا، نامراتلار ئاۋۋال ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قارايدۇ، پايدىسى كۆز ئالدىدىلا بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ ھەمدە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ.پەقەت نەتىجىسى ئېنىق ئەمەس ياكى جەزملەشتۈرگىلى بولمىسا، نامراتلار ھەرگىزمۇ قىلمايدۇ.
بايلار بولسا ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، ئۇلار تەرەققىيات قارىشى بۇيىچە ھازىرقى ئەھۋالنى كۈزىتىدۇ، رېئاللىقنىڭ ئىنچىكە ئۆزگىرىشلىرىدىن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىلىشكە تىرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق تارىختىكى تەجىرىبە ۋە قانۇنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ، ھەمدە بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بايلار ئىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا تەييارلىق قىلىپ ئاساس سېلىپ بولىدۇ،ئىشلارتەرەققىي قىلىپ پىشىپ يىتىلگەندە ئۆزلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، مۇتلەق ئەۋزەللىك بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئاشۇ كىشىلەر بايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرۈپ ئۆزلىرىمۇ بۇنىڭدىن ئازراق نەپكە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، بىراق چوڭ بايلىق ئاللىقاچان ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئىگەللىنىپ كەتكەن بولىدۇ.
ئىشنىڭ نەتىجىسگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر ئېشىپ قالغان ئازغىنە «گۆش» ئۈچۈن قان بولۇشقان ۋاقىتتا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان بايلار ئاللىقاچان كىيىنكى قەدەملىك «ۋەزىيەت مۆلچەر» نى يۈرگۈزۋاتقان بولىدۇ.
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، نەتىجىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر دائىم «ئەگەشكۈچى» ئوبرازىنى يارىتىدۇ، ئۇلار ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ،بايلاردىن «ئېشىپ قالغان» نەرسىلەرنى تىرىپ ماڭىدۇ،شۇڭلاشقا ئۇلار يەنىلا بايلىق يولىدىكى لەززەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىدا كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان بىر تىككۈچىلىك ماشىنىلىرى زاۋۇتىنىڭ سېتىش مىقدارى بارغانسىرى تۆۋەنلەپتۇ، سودىسىمۇ بارغانسىرى كاساتلىشىپتۇ. زاۋۇت باشلىقى جېكمۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ۋە بازار ئەھۋالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىپتۇ،بۇ خىل ئەھۋالدا تىككۈچىلىك ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيىتتى.
شۇنداق قىلىپ جېك ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ، كۆزىنى كەلگۈسىدىكى بازارغا تىكىپتۇ. كىيىن قايسى ئىشنى قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جېك ئۇرۇشتىن كىيىن يارىدارلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. ھەم كەسىپنى ئۆزگەرتىپ يارىدارلار ئىشلىتىدىغان كىچىك چاقلىق ئورۇندۇق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى كەسىپ ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ.
زاۋۇتنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كىيىن، جېك ئىشلەپچىقارغان كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلار بازارغا كىرىپتۇ. بۇ ۋاقىت دەل دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا توغرا كەلگەچكە، ئۇرۇشتا يارىلانغان نۇرغۇن ئەسكەرلەر ۋە خەلق ئاممىسى بۇ خىلدىكى كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلارنى بەس – بەستە سېتىۋاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلار بازاردىكى «جىددى مال» غا ئايلانغان، چۈنكى باشقا سودىگەرلەر بۇنداق ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىمىگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلار پەقەت جېكنىڭ زاۋۇتىدىلا بولۇپ ،ئەينى چاغدا ئېھتىياجنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك تەييار مال بار ئىدى. بۇ ھال جېكنىڭ زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلارنى ئامېرىكىدا سېتىپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە چەتئەللەرگىچە سېتىش ئىمكانيىتىگە ئىگە قىلدى.
جېكنىڭ ئوغلى كىچىك چاقلىق ئورۇندۇق سودىسىنىڭ ناھايىتى قىزىپ كەتكەنلىكىنى، كىرىمنىڭمۇ بارغانسىرى يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتمىدى. ئۇ دادىسىدىن تەلىم ئېلىپ: «ئۇرۇش ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى، كىچىك چاقلىق ئورۇندۇق بازىرىمۇ تويۇناي دەپ قالدى، ئەمدى زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ.كىيىنكى 50 – 30 – يىلغىچە بازاردا يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟» دەپتۇ.
جېك قايتۇرما سۇئال قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوغلىنى ئىلھاملاندۇرۇپ: «ئۇرۇشتىن كىيىن كىشىلەرنىڭ كۆز – قارشىدا يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
ئوغلى جاۋاب بېرىپ: «كىشىلەر ئۇرۇشتىن بىزار بولدى، ئۇرۇشتىن كىيىن كىشىلەر چوقۇم ھاياتنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» دەپتۇ.
«ئۇنداقتا بۇ گۈزەل تۇرمۇش نېمىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ساغلام بەدەنگە تايىنىدۇ.قارىغاندا كىشىلەر كەلگۈسىدە چوقۇم بەدەن ساغلاملىقىنى ئۆزىنىڭ قوغلىشىش نىشانى قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم ھازىردىن باشلاپ چېنىقىش سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقى قىلىشىمىز كېرەك.»
شۇنداق قىلىپ جېكنىڭ زاۋۇتىدىكى كىچىك ئۇرۇندۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈسكۈنىلەر چېنىقىش سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە ئۆزگەرتىلىپ، كىيىنكى قېتىملىق بازارنىڭ يۇقىرى دولقۇنى ئۈچۈن تەييارلىق قىپتۇ. 30 يىل ئەمەس، پەقەت ئۇرۇشتىن كىيىنكى10 نەچچە يىلدىلا چېنىقىش سايمانلىرى بازاردا مودا بولۇشقا باشلاپتۇ.ھەم ئوزۇن ئۆتمەستىن بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلىنىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا چېنىقىش سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىرلا زاۋۇت بولۇپ، جېك جەمەتى بۇ كەسىپتە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەچكە مىليادېرلار قاتارىغا ئۆتكەن.
يۇقىرىدىكى ھېكايىدىن بىز كۆرۈۋالالايمىزكى، جېك بولسا تىپىك «ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۈرىدىغان»ئادەم، ئەكسىچە باشقا سودىگەرلەر پەقەت ئۇنىڭ «ئەگەشكۈچىسى» .باشقا سودىگەرلەر مەلۇم بىر ساھەدە «ئالىدىغان پايدا بار» لىقىنى بىلىپ قول سالماقچى بولۇپ تۇرغاندا، جېك ئۆزىنىڭ نەزىرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تىككەن. ئېنىقكى بۇ خىلدىكى بايلىق تالىشىش مەيدانىدا جېك ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى بىلەن كۆپلىگەن رەقىبلىرىنى يەڭگەن.
ھەقىقەتەن،ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرەلىگەنلىكى سەۋەبلىك، جېك تىككۈچىلىك ماشىنىسىنىڭ ئۇرۇشتىن كىيىنكى بازارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلارنى ئىشلەپ چىقارغان؛ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرەلىگەنلىكى سەۋەبلىك، جېك كىچىك چاقلىق ئورۇندۇقلارنىڭ سودىسى ياخشى بولۇۋاتقان، كۆپچىلىك ھەممەيلەن بۇ كەسىپكە مەبلەغ سېلىپ پايدا تالىشىۋاتقان چاغدا بۇ ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن چېنىقىش سايمانلىرىغا مەبلەغ سالغان؛ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرەلىگەنلىكى سەۋەبلىك، جېك بازاردا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللەپ مىليادېرغا ئايلىنالىغان.
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىق يولىدا ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش بولسا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدىلىك. بولۇپمۇ رىقابەتكە تولغان، توختىماستىن ئۆزگىرىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش بولسا پۇرسەتنى ئالدىن ئىگەللەپ، شاللىنىپ كەتمەسلىكنىڭ كاپالىتى؛ پەقەت ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ پەقەت ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەندىلا ئاندىن بايلىق يولىدا باش كۆتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.
جۇڭگو –چەتئەللەردىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان ئالاھىدىلىك بار. دۆلىتىمىزدە شاڭگاڭلىق ئوقەتچى خو يىڭدۇڭ بازارنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ ۋە ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى بەلگىلەيدۇ.
11 –نۆۋەتلىك ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن، خويىڭدۇڭ ئۆزىنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات – ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ،مېھمانسارايچىلىق كەسپى بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى مېھمانسارايچىلىق كەسپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە پايدا بوشلۇقى بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان. شۇنداق قىلىپ خويىڭدۇڭ ئىسلاھات – ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە مېھمانساراي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان.
1979 – يىلى 1 – ئايدا 56 ياشلىق خويىڭدۇڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىپ،گۇاڭدۇڭدا بىر بەش يۇلتۇز دەرىجىىك مېھمانخانا – بەيتىيەنئې (ئاققۇ )مېھمانخانىسىنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خويىڭدۇڭ بۇنىڭغا 13 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، يەنە بانكىدىن 36 مىليون 310 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئالماقچى بولغان.
دۆلىتىمىزدە 20 – ئەسىردىكى 70 – يىللارنىڭ ئاخىرى 80 – يىللارنىڭ بېشىدا مېھمانساراي قۇرۇش(بولۇپمۇ بەش يۇلتۇلۇق مېھمانساراي قۇرۇش) نىڭ تەرتىپى ناھايىتى مۇرەككەپ، جەريانى ناھايىتى مۈشكۈل بولۇپ، بۈگۈنكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايىتتى. سىياسىي ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ بولغاندىن سىرت، يەنە ماددى، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلەتتى.
بىر چوڭ مېھمانساراي قۇرۇشتا 100 مىڭ خىلغا يېقىن بىزەكچىلىك ماتېرىياللىرى ۋە زۆرۈر بويۇملارغا ئېھتىياجلىق بولاتتى. بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى شارائىتىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مال مەنبەسى ناھايىتى كەمچىل بولۇپ، ئىزدىگەن نەرسىنى ئاساسەن تاپقىلى بولمايىتتى. ھەتتا يۇيۇنىدىغان قاچىنىڭ پۇرۇپكىسىمۇ ئىشلەپچىقىرىلىمغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىغا چايداننىڭ پۇرۇپكىسىنى ئىشلىتەتتى. ئەڭ مۈشكۈل يېرى، ئۇ ۋاقىتلاردا ھەر قانداق نەرسىنى ئىمپورت قىلسا ھەر خىل قىزىل تامغىلارنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.
جەريانى ناھايىتى مۈشكۈل بولغان مۇنداق مېھمانساراي كەسپىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياختۇرمايىتتى .بىراق خوڭيىڭدۇڭ قەتئىي ھالدا بەيتىيەنئې (ئاققۇ)مېھمانسارىيىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خوڭيىڭدۇڭنىڭ قارارى ۋە تاللىشى ناھايىتى ئاقىلانە بولغان. بەيتىيەنئې مېھمانخانىسى (دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىنكى تۇنجى شاڭگاڭ مەبلىغىدىكى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا، ھەمدە تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا) كەڭ تۈردىكى ئېتىبارغا ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھايىتى ياخشى بولغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
كۆزى كىچىك ئادەم دائىم كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە ياكى ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئىش تۇتىدۇ،ئەزەلدىن ئىشنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىياتىنى ئويلىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە پايدا بوشلۇقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەكسىچە ئاشۇ بايلار(مەسىلەن: يۇقىرىقى مىسالدىكى خوڭيىڭدۇڭ) ئەزەلدىن كۆز ئالدىدىكى قىسقا ۋاقىتلىق مەنپەئەت ۋە يوقىتىشلارغا پىسەنت قىلمايدۇ، ئەكسىچە نەزىرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تىكىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ۋە ئىشنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە قاراپ ئۆزىنىڭ پىلانىنى تۈزىدۇ.
بۇ پىلان ۋە قارارلار كىيىن چوقۇم سىرتقى مۇھىتنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، بىراق پەرەز قىلىنغان ۋەزىيەت توغرىلا بولىدىكەن، نەچچە يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئوزۇن ۋاقىتتىن كىيىن، بۇ قارار ۋە پىلانلار ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بايلىقنى ئىزدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بايلىق ئۆزلۈكىدىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بايلاردىن بولۇشنى ئويلىغاندا، چوقۇم كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە نەتىجىگە قاراپ ئىش قىلىدىغان ئادەتنى تاشلاش، مەسىلىلەرگە تەرەققىيات نەزىرى بىلەن قاراپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى بەلگىلەشنى ئۆگىنىش كېرەك.
بايلىقنىڭ بايانى:
ۋەنشىياڭ گورۇھى پايچېكلار مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى لۇگۇەنچىيۇ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن:«ئىلگىرىكى ئەۋزەللىكنى ھازىرقى ئەۋزەللىك قاتارىدا كۆرۈشكە بولمايدۇ، ھازىرقى ئەۋزەللىكمۇ كەلگۈسىدىكى ئەۋزەللىككە تەڭ ئەمەس. چۈنكى ،دۇنيادىكى ھەر قاندا شەيئى تىنچ،ئۆزگەرمەس ئەمەس، ئۇلار توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى پۇراقلىق پىچىنە –پىرەنىكلەر ئەتە تەمسىز ھەم قاتتىق بولۇشى،شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر ئۇنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن، بايلىق يولىدا ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتكە قارىماسلىقىمىز،ئەكسىچە نەزىرىمىزنى تېخىمۇ يىراقلارغا قويۇپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن قول سېلىشىمىزكېرەك.»
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى