A-A+

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگۇ يىپەك يولى ۋە خوتەن قاش مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ماناستا ئۆتكۈزۈلدى

2015-يىل 26-ئاۋغۇست ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 315 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

تۇنجى نۆۋەتلىك << جۇڭگۇ يىپەك يولى  ۋە خوتەن قاش مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى  >>  8 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە ماناس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزىلدى.

猎豹截图20150826145235

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا جۇڭگۇغا داڭلىق خوتەن قاش ۋە  قاش ئويما تەتقىقاتچىلىرى ھەم مۇتەخەسىسلەردىن ئاتمىشتىن ئارتۇق كىشى ۋە  خوتەن قاشلىرىنى  يىغىپ ساقلىغۇچى ھەۋەسكارلاردىن قىرىق نەچچە كىشى قاتناشتى.

猎豹截图20150826145249

猎豹截图20150826145307

مۇھاكىمە يىغىنىدا جۇڭگۇغا داڭلىق قاش ئويما تەتقىقاتچىلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەر << چىيەنلوڭ ئوردىسى ۋە ماناس يېشىل قاشلىرى ئۈستىدە تەتقىقات >> ، << مىڭ ،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يېشىل قاش مەدەنىيىتى ۋە  ئويمىچىلىقىدىكى ئالاھىدىلىك ھەم  يىتەرسىزلىكلەر ۋە ئۇنىڭ   ماناس يېشىل قاشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى >>، << غەربىي يۇرت يېشىل قاشلىرىنىڭ تارىخى ۋە قىممىتى >> ، <<  جۇڭگۇ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى قاشتېشى ھەققىدە پاراڭلار >> ، << يېشىل قاشلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە مۇلاھىزە >> ، << ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ جۇڭگۇ قاش ئويمىچىلىقىدا تۇتقان ئالاھىدە ئورنى >> قاتارلىق تېمىلاردا تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

702ac92fx78f8ec6238be&690

ماناس يېشىل قاشلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش تارىخى ئۇزۇن  بولۇپ ، قەدىمدىن ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ۋە ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن . بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىڭ ئېچىلىشى  كىشىلەرنىڭ ماناس يېشىل قاشلىرىغا بولغان تۇنۇشىنى ئاشۇرۇپ ،ئۇنىڭ ئابرويىنى تېخىمۇ كۆتۈرىدۇ . بۇ ئارقىلىق ماناس يېشىل قاش بازىرى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ، بۇ بىباھا گۈھەر دىيارىمىز ، ئىچكىرى ئۆلكە شۇنداقلا دۇنيا بازىرىغا يۈزلەنگۈسى .

مەنبە : تور دۇنياسى

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ