A-A+

مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن ئۆگىنىش كېرەك

2015-يىل 13-سېنتەبىر تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 526 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

6 - باب 8 - پارگىراف

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: مەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شەخسلەر بىلەن بىرگە يۈرۈشتىن بىزار، ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭكىنى راست دەيدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلار: تېزرەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ قانداق قىلغانلىقىغا قاراش، ئۇلاردىن ئۆگىنىش كېرەك، ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ تەلپى بويىچە ئۆزىنى تىزگىنلەش كېرەك، بۇنداقتا سىزمۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.


ھەربىر ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى كۆزلەيدۇ. بىراق قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى

بولىدۇ؟

   بىرىنچى يول چوقۇم تىرىشىش، كۆرەش قىلىش، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش، توختىماستىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش. كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ خىل ئۇسۇل بويىچە مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل

ئۇسۇلدا تۆلەيدىغان بەدەل ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. دۇنيادىكى سېتىش ئۇستازى لېيىز مۇنداق دېگەن: «ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا يەككە كۈچىگە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان؛ ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازان

غان چەۋەنداز ھەمىشە مىنگەن ئېتى ياخشى بولۇش سەۋەبلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.»

   ئىككىنچى يول مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەردىن ئۆگىنىش، ئۇلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئۆرنەك قىلىش. بۇ خىل ئۇسۇل سىزنى قارىغۇلارچە مېڭىشتىن ساقلاپ مۇۋەپپەقىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.

   «پايچەك ئاتىسى» دەپ نام ئالغان باففېت ئىلگىرى بىرىنچى يولدا ماڭغان، ئۇ ھەر كۈنى فىلادېلفىيە شەھىرىدىكى پاي بازىرىدا ئەگرى-بۈگرى پاي سىزىقلىرىنى كۈزىتەتتى ۋە ئۇششاق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولاتتى، ئەمما ئۇ ئەينى ۋاقتتا ھېچقانچە كۆپ بايلىققا ئېرىشەلمىگەن. كېيىن ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەردىن ئۆگەنگەندە تېخىمۇ ئاسان بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. كېيىن ئۇ مەبلەغ سېلىش ئۇستىسى گېلىندىن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، 1957-يىلى يەنە مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسسىسى فېيشدىن تەلىم ئالغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ بىر ئەۋلاد مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسسىسى ۋە كاتتا زەردارغا ئايلانغان.

   ئامېرىكىنىڭ «بايلىق» ژۇرنىلى ئەينى ۋاقتتا بايلىقى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان باففېتنىزىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ بۇ ھالەتكە كېلەلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىغان.

باففېت مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە ھاياتىڭلارنى تېخىمۇ يۈكسەك قىلىدىغان بىر تەكلىپ بېرىمەن: ئۆزۈڭلار قايىل بولىدىغان بىر كىشىنى تاللاپ، ئۇ كىشىگە قايىل بولۇشۇڭلارنىڭ سەۋەبىنى يېزىپ چىقىڭلار. ئەمما ئىسمىڭلارنى يازمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئارقىدىن سىز ئەڭ بىزار بولىدىغان كىشىنىڭ ئىسىمىنى يېزىپ

چىقىپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سىزنى بىئارام قىلىدىغان سۈپەتلەرنىمۇ يېزىڭ چىقىڭ. سىلەر ئۆزۈڭلار قا

يىل بولىدىغان ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشۇڭلار كېرەك؛ يەنە سىز بىزار بولىدىغان ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى نەرسىلەرگە دېققەت قىلىپ، ئۇ خىل نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭ

لار كېرەك. ئەگەر بۇلارنى قىلالىساڭلار، سىلەرمۇ بايلاردىن بولالايسىلەر.»

   كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، تېز سۈرئەتتە غەلبە قىلىشتا سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ نېمە

ئىش قىلغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىز، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئادىتىنى چۈشىنىشىڭىز، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزى

ڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك.

   ۋېنجۇلۇق سودىگەر باۋ جىنخەي جياڭسۇ ئۆلكىلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋاكالەتچى سودىگىرى. ئۇ چەتئەلدە ئالتە يىل تىجارەت قىلغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ئىگى

لىك تىكلىگەن.

   ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ھەمىشە بىر قىسىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيمەن، بۇ ناھايىتى مۇھىم، مەن باشقا بىر قىسىم ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەرگە

ئوخشاش يەرلىكتىكى پالانى ئەمەلدار بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى دېمەيمەن، بۇنىڭغا تايىنىشمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم. مۇھىم بولغىنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەردە ھەمىشە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر بولىدۇ، ئەگەر مەن ھېچقانداق ئىشنى قىلالمىسام، مەن ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىمەن، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمىسىڭىز سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلەلمەيسىز، پىكىرلەشكەندىن كې

يىن سىز ئاستا-ئاستا بىلىپ يېتىسىز.»

   ئەڭ تېز سۈرئەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى تەقلىد قىلىش ۋە ئۆرنەك قىلىشتا، ئاندىن

پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېشىپ كېتىش كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن ئۆگىنىش قارىماققا تەقلىد قىلىنغان تەپەككۇرغا ئوخشىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر خىل تەقلىد ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەپەككۇر شەكلى ۋە ھەرىكەت شەكلىنى ئۆگىنىش كېرەك، توختىماستىن يەكۈنلەش ۋە خۇلاسىلەش، ئاخىرىدا ئۆزىگە خاس تەپەككۇر شەكلى ۋە ھەرىكەت شەكلىنى شەكللەندۈرۈش كېرەك.

   ئەگەر سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن بىردەمدىلا ئۆگىنىش پۇرسىتىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا سىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقىدىغان ياخشى ئامال. بۇنداقتا سىز ئىش ھەققىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە ئەمەلىيەت جەريانىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنەلەيسىز.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   ئەگەر مەن ھېچقانداق ئىش قىلالمىساممۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلسام بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمىسىڭىز بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيسىز، پىكىرلەشكەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئۆگىنەلەيسىز.

- جياڭسۇ ئۆلكىلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى باۋ جىنخەي


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ