A-A+

نامراتلاردا بىلىم كەمچىل ئويلانمايدۇ، بايلار خۇشاللىق بىلەن ئۆگىنىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 246 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

5-باپ 2-پاراگىراپ

نامراتلاردا بىلىم كەمچىل بولغاچقا ئويلىنىپ ئىش

قىلمايدۇ، بايلار ئۆزىنى تۇلۇقلاپ تۇرىدۇ، خۇشاللىق بىلەن ئۆگىنىدۇ

ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان بۇ دەۋىردە بايلار بىلىم كىرزىسى ۋە تېخنىكا ساراسىمىگە چۈشمەكتە.ئۇلار ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بىرىدۇ،بۇخىل ئادەتنى يۈكسەك بۇرۇچ ئېسىل ۋە ياشاش ئۇسۇلى قىلىدۇ.ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تاۋلايدۇ.بايلار بىلەن نامراتلارنى سېلىشتۇرغاندا نامراتلاردا كىرزىس ئېڭى يوق .ئۇلار ھەمىشە ئۆگىنىشتىكى مەقسەت خاتىرجەم ياشاش ئۈچۈن دەپ قارايدۇ.ئۇلار پاسسىپ ،قارغۇلارچە تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر بۇلۇپ ،ئىجتىمائى مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان نامراتلىقتىن ئاغرىنىدۇ.ئۇلار ھەمىشە توختىماي خىزمەت قىلىدۇ،لىكىن ئۇلاردا ئەزەلدىن كىرزىس تۇيغۇسى بولمايدۇ.ئەمما بايلار ھەر ۋاقىت ھەر زامان كىرزىسنى ھىس قىلىدۇ،شۇڭا ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن  ئۆگىنىدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى مەقسىتى ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن،ئۇلار ئاكتىپ ،تەشەببۇسكار ،قىزغىن ،شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا ئامراق،تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇپ،ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

بايلار ئۆگىنىشنىڭ بىرخىل پايدىلىق ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ،كىتاپ ئۇقۇشنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپلىكىنى،تىرىشىپ ئۆگەنگەندە ئۇچۇرلارغا ئىرىشكىلى،بىلىمنى ئاشۇرغىلى،نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتكىلى ،ئۇنۋىرسال ساپاسىنى يىتىلدۈرگىلى ۋە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.رىئاللىقتا ئۆگىنىش،تۇرمۇش،خىزمەت ئۆز-ئارا باغلىنىپ تۇرىدۇ.ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىشنى مەسئۇليەت،تۇرمۇش ئۇسۇلى دەپ قارايدىغان كىشىلەر كەسىپتە نەتىجە قازىنىش بىلەن بىرگە ئېسىل تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىدۇ،بۇمۇ نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرسىدىكى پەرىق پەقەتلا ئىدىيە ،كۆز قاراشتىكى پەرىقلا بولماستىن ، ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇش پوزىتسىيەسىدىكى پەرىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئەمىليەتتە ھەر بىر ئادەم باي بۇلۇشنى ئويلايدۇ،بۇخىل مۇمكىنچىلىكنى ھازىرلايدۇ،لېكىن دۇنياغا نەزەر سالساق نامراتلار مەڭگۈ بايلاردىن كۆپ،ئۇلار ھەر كۈنى جاپالىق خىزمەت قىلىدۇ،تېجەپ ئىشلىتىدۇ،لېكىن يەنىلا نامرات .بۇ يەردىكى مەسلىنىڭ تۈپ نېگىزى نامراتلاردىكى ئۆز-ئۆزىنى تۇنۇش ئىدىيىسىنىڭ كەملىكىدە بولۇپ،نامراتلار قانداق پۇل تېپىشنى ئاز ئويلايدۇ،ئۇلار ئۆزلىرىنى بىر ئۆمۇر نامرات ئۆتىدىغاندەك ھىس قىلىدۇ.كەلگۈسىدە ئۆگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.ئۆزگىرىشكىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ،ئۇلار ئادەتتىكىدەك ياشاشقا رازىكى ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ.

ئەمما بايلار ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ ئۇلار باشتىن ئاخىر ئۆزىنىڭ نامرات بۇلۇش ئۈچۈن تۇغۇلمىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ،كۆڭلىدە باي بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ،كۈچلۈك پۇل تېپىش ئېڭى ۋە ئارزۇسى بولىدۇ،بۇمۇ بايلارنىڭ قېنىدا بار بولغان خۇسۇسىيەت. ئۇلار بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ باي بۇلۇشنى ئويلايدۇ،بۇ مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىدۇ،ئاكتىپ ئۆگىنىدۇ،دائىم باشقىلاردىن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تېپىپ بېيىش يۇلىغا ماڭىدۇ.

ئامىركىدا ئادەتتىكى بىر قىز بۇلۇپ ،ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن ئىككى كۆزى كۆرمەس بۇلۇپلا قالماسىتىن ھەتتا قۇلىقىمۇ ئاڭلاش سېزىمىنى يوقاتقان.بۇ بىر قىز بالا ئۈچۈن ئېيتقاندا شەك-شۈھبىسىزكى زور بىر يوقۇتۇش.يەتتە ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ،لېكىن ئۇ بالا كۆرەلمىسە ھەم ئاڭلىيالمىسا،قانداق ئۆگىنىش كېرەك؟ئەستايىدىل ئايال ئوقۇتقۇچى بىر ئامال ئويلاپ چىقىدۇ،ئۇبىر لاتا قونچاقنى قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ.قونچاق ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقاندىن كىيىن قىزنىڭ قولىغا< لاتا قونچاق > دىگەن خەتنى يازىدۇ،ھەم توختىماي تەكرار يازىدۇ،دەسلەپتە ئۇ ھىچنىمىنى چۈشەنمەيدۇ ھەمدە بۇخىل ئۇسۇلغا قارشى تۇرىدۇ.ئەمما بارا-بارا مۇئەللىمنىڭ دىمەكچى بولغىنىنى بىلىدۇھەم ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ بۇخەتنى ئۆگىنىۋالىدۇ.خەت ئۆگىنىش بىلەن بىرگە مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىنى سىلاش ئارقىلىق تەقلىد قىلىپ سۆزلەشنى ئۆگىنىدۇ،بۇ كىشى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان جەريان،شۇنداق قىلىپ بۇكىچىك قىز ئاز بولمىغان سۆزلەرنى ئۆگۈنىۋالىدۇ. كۆزى كۆرمەيدىغان،قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان بىر مېيىپ بالا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆگۈنۈش نەقەدەر قىيىن بىر ئىش،لىكىن كىچىك قىز قىيىنچىقلىقتىن قورقماي كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىرادىسى بىلەن ئىزچىل ئۆگەندى،بۇ خىل بوشاشمايدىغان ئۆگىنىش پوزىيسىيەسى ئۇنىڭغا سۆزلەشنى بىلدۈردى ھەتتا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خارۋارد ئۇنۋىرستىتدا ئۇقۇپ ئاخىرى دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلاندى.ئۇ بولسىمۇ ‹‹ئەگەر كۈزۈم ئۈچ كۈنىلا كۆرسە ئىدى›› ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان ئىرادىلىك يازغۇچى خېلىن.كۋىر.ئۇ نەچچە ئەۋلاد كىشىنى ئىلھاملاندۇرغان ئاجايىپ شەخىس.

ئۆگىنىشنىڭ كۈچى چەكسىز، پەقەت ئىزچىل بوشاشماي ئۆگىنىدىغان ئادەملا غەلبە قازىنالىشى مۇمكىن .بايلار بۇقائىدىنى چۈشۈنىدۇ،شۇڭلاشقا ھەر ۋاقىت ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ،خېلىن كېۋىرنىڭ بەدىنىدە گەرچە كەمتۈكلۈك بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى نۇرغۇن ساغلام كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايتى مۇكەممەل دىيىشكە بولىدۇ.خېلىن كېۋىر ھەممە ئادەم ئۆگىنىدىغان ئۈلگە،نامراتلار بېيىشنى ئويلىسا خېلىن كېۋىرغا ئوخشاش قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىقى،قېتىرقېنىپ ئۆگىنىشى كېرەك.ئۆگىنىش بايلىق مەنبەسى،بىلىم بايلىقنىڭ يىلتىزى.ئۆگنمىسە، ئىلگىرلەش ئىدىيەسى بولمىسا ئادەم بايلىق بىلەن ئۇچۇرشالماسلىقى مۇمكىن.ئۆگۈنۈش ۋاقىتقا مۇھتاج .ئۇ كىشىلەردىن شىرىن ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆگۈنۈش ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە مۇھتاج،بايلارنىڭ ئۆگۈنۈشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى تىنىمسىز ئىلگىرلەيدىغان ئىچكى تەلەپ بىلەن رىقابەت ۋە مەۋجۇتلۇقتىكى سىرتقى بېسىمدىن كەلگەن.بۇ كۈنىگە كەلگەندە رىقابەتنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ بىلىم بىلەن بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.بۇخىل كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئۆزگۈرۈش ئالغا ئىلگىرلەش ئارزۇسىدىكى ئۆگەنگۈچىلەرگە ھېساپسىز ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى.

20--ئەسىرنىڭ40-يىللىرى 10ياشلىق بىر ئوغۇل بالا قورقۇمسىرىغان ھالدا ئىتالىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ باللىرى ئۈچۈن ئاشقان مۇزىكا ئىنىستىتوتىغا كىردى.بۇ بالا ئادەتتىكى بىر بولكىچىنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، تۇغۇلىشىدىنلا ياڭراق ئاۋازى بولغاچقا،دوختۇر تەرىپىدىن كىيىن داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى بولىدۇ دەپ قارالغانىدى.بەخىتكە يارىشا مۇزىكا ئۇنۋىرستىتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بۇ بالىنىڭ تالانتىنى كۈرۈپ قائىدىسىنى بۇزۇپ ئۇنى ئىنىستىتوتقا ئېلىپ قالدى.بۇ بالا تەستە كەلگەن بۇ پۇرسەتنى ئىنتايىن قەدىرلىدى، ئۇ ئۆگىنىشتە ھەمىشە ئەستايىدىل بۇلۇپ ،مەكتەپتىكى ۋاقىتتا مەكتەپ مۇدىرىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ مەكتەپكە قايناقسۇ قاينىتاتتى.شۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپنىڭ تازلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئەڭ كەچ قايتاتتى.

بىر قېتىملىق مەۋسۇملۇك ئىنتىھاندا پۈتۈن سىنىپتا پەقەت مۇشۇ  بالىلا ئۆزىنىڭ تىرىشىپ ئۆگەنگنلىكىگە تايىنىپ مەكتەپنىڭ قىيىن ئىنتىھانىسىدىن ئۆتىدۇ.مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى بۇ مەكتەپتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى دەپ تەقدىرلەش بىلەن بىللە ،پۈتۈن سىنىپتىكى ئائىلە شارائىتى ياخشى ،كىلىپ چىقىشى ئېسىل، ئەكسىچە ئالغا ئىلگىرلەشچانلىقى يوق ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىپلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ،ئۇنى ‹‹نامرات بولكىچىنىڭ بالىسى››دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭ قىزىرىپ بېشىنى ساگىلاتقىنىچە گەپ قىلالماي تۇرغان تۇرقىغا قاراپ مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق دەيدۇ:‹‹بالام تۆۋەن تەبىقىدىن كىلىپ چىقىش ھىچنىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،سىنىڭ ئۆزەڭنى تۆۋەن كۈرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، ئويلاشماي ئىش قىلىدىغان،ئۆگىنىشنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ گىپىنى ئېغىر ئېلىشىڭنىڭمۇ ھاجىتى يوق. مەن سىنىڭ كىيىن بىر مۇنەۋۋەر ئادەم بۇلىشىڭغا ئىشىنىمەن!››

بۇ بالا ئاخىرى مەكتەپ مۇدىرىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرمەپتۇ،سەككىز يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىپلا كۆزگە كۈرىنەرلىك مۇزىكا تالانتى بولغانلىقتىن شۆھرەت قازىنىپتۇ،يەنە يەتتە يىل ئۆتۈپتۇ،ئۇتىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىلگىرلەپ دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىدا نۇمۇر ئۇرۇنلاپتۇ،ئۇ بولسىمۇ دۇنياغا داڭلىق 3چوڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچىنىڭ بىرى.

پەقەت تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ئادەملا مۇنەۋۋەر ئادەمگە ئايلىنالايدۇ،ئويلانمايلا ئىش قىلىدىغانلارنىڭ پىشانىسىگە مەغلۇبىيەت يۇلىدا مېڭىش پۈتۈلگەن.بايلارنىڭ باي بۇلىشىدىكى سەۋەپنى ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ،ئالغا ئىلگىرلەشچانلىقى بولمىغان ئادەمدە تەبىيلا ئۆگىنىشكە بولغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچمۇ بولمايدۇ،ئۆگىنشتە تىرىشمايدىغان ئادەم قانداقسىگە جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ،قانداقسىگە غەلبە قىلالايدۇ؟

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار ئۈزىدە ئالغا ئىلگىرلەش روھىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك،چۈنكى ئالغا ئىنتىلىدىغان ۋە تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ئادەملا غەلبە قىلالايدۇ.ئۆگىنىشنى رەت قىلىش -بايلىق ۋە غەلبىنى رەت قىلغانلىقتۇر. ئۆگىنىش ۋە ئىلگىرلەش مەڭگۈ زىيان تارتمايدىغان مەبلەغ سېلىش بولۇپ،خوشاللىق بىلەن ئاكتىپ ئۆگىنىدىغان ئادەم بايلىق ۋە غەلبىگە تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ.

****************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ