شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمىسى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمىسى ( ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولى 338 - نۇمۇر ) 4000 كۋادىرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە مۇنتىزىم خوتەن قاش بازىرى بولۇپ ، 60 نەچچە سەرخىل قاش سودىگىرى يىغىلغان . خوتەن قاشلىرىنى باھالاش ،يىغىپ ساقلاش ، ھۇزۇرلىنىش ، ئېلىپ -سېتىش ئۈچۈن ھازىرلانغان ياخشى سورۇندۇر .
بۇ بىرلەشمە 2012-يىلدىن باشلاپ ھەر پەسىلدە بىر قېتىم جامائەتكە خوتەن قاشلىرىنىڭ بازار باھا ئۇچۇرىنى ئاشكارلاپ ، خوتەن قاش بازىرىنىڭ نورمال تەرەققىياتى ئۈچۈن توختىماي كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.
(بۇلار ئېلان قىلغان باھا ئۈرۈمچى،خوتەن،شىفوسى،سۇجۇ،شاڭخەي، بېيجىڭ،جېياڭ قاتارلىق بازارلاردىكى خوتەن قاش باھا ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق چىقىرىلغان يىتەكچى باھا ھىساپلىنىدۇ.مەملىكەت مىقياسىدا ناھايتى يۇقۇرى نۇپۇزغا ئىگە)
بۇ مەركەزگە جايلاشقان خوتەن قاش مەدەنىيىتى موزىيى _________
خوتەن قاشلىرى ، قاش مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق ۋە تەشۋىق قىلىدىغان سېستىمىلاشقان موزىيدۇر. بۇ مەركەز ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ،
تەكشۈرۈش ، تەتقىقات يۇرتى (新疆维吾尔自治区产品质量监督检验研究院)
شىنجاڭ گۆھەر تاش،قاشتېشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەتقىلىش تەكشۈرۈش پونكىتى (新疆岩矿宝玉石产品质量监督检验站)
شىنجاڭ جاۋاھىرات ،قاشتېشى زىننەت-بۇيۇملىرى جەمىئىتى (新疆珠宝玉石首饰行业协会) قاتارلىق ئۇرۇنلاردىكى مۇتەخەسىسلەر بىلەن بىرلىشىپ << شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى ( زىرە قاش ) دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى ۋە ئۆرنەكلىرى >> ناملىق كىتابنى تۈزدى ھەم مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە خوتەن ئاق زىرە قاشلىرىغا دەرىجە ۋە باھا بېكىتىپ كىلىۋاتىدۇ .(ياخشى زىرە قاشلىرىمىز بولسا مۇشۇ ئۇرۇندا پىريوم قىلدۇرساق ناھايتى ئىشەنچىلىك بولىدۇ.ھەم مۇشۇ ئۇرۇننىڭ
پىريوم ئىسپاتىغا ئاساسەن بانكىدىن رەنىلىك قەرز ئېلىشقا بولىدۇ).
مەنبە : 中国和田玉鉴赏网