خېرىدارلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
10-دەرس 5-پارگىراپ
خېرىدارلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ
قوللىشىنىقولغا كەلتۈرۈش كېرەك
مايۈن ئىلگىرى خىزمەتچىلەرگە بىر پارچە رەخت توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاپام ئەزەلدىن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالمىغان، بىراق ئۇ < لازىم بولسا خەيئېر ماركىسىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى سېتىۋېلىش كېرەك> دەيىتتى. مەن < خەيئېر بەك قىممەت، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ، ھازىرقى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش تۇرسا، نېمىشقا خەيئېرنى سېتىۋالىسەن؟> دىسەم، ئاپام ئۇلارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ قوراشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە كەلگەندە بىر پارچە رەخت بىلەن يەرنى پاكىز سۈرتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.» بۇ مايۈننىڭ مۇلازىمەت-ئەڭ قىممەتلىك مەھسسۇلات دېگىنىگە ئوخشايدۇ. دەل بىر پارچە رەخت سەۋەبىدىن، خېرىدارلار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن قىممەت بولۇشىغا قاراپ كەتمەيدۇ، ئاڭلىماققا بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، بىراق مايۈن مۇنداق دېگەن: «بۇ بىر پارچە رەختتە سۈرتۈلگىنى ئۆيۈڭلاردىكى پول ياكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئەمەس، بەلكى خېرىدارلارنىڭ يۈرىكى.»
مۇلازىمەت جەھەتتە، خەيئېر ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى قىلغان. ئۇلارنىڭ «خەلقئارادىكى بىرىنچى ئەجدىرھا» دەپ تەرىپلەنگەن مۇلازىمىتى مەيلى مەھسۇلاتنىڭ لايىھەلىنىش، ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلىش، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ پىلانلاش، قوراشتۇرۇش، قايتىش ۋە رېمونت قاتارلىق ھەر بىر ھالقىغىچە ناھايىتى قاتتىق بەلگىلمە، پىلان ۋە سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئائىلىلەرگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلغاندا بىر ئاياغلىق (مەسىگە ئوخشاش ئاياغ كىيىمنىڭ بىر تۈرى، ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىدۇ) كىيىۋېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆيىدىكى پولنىڭ پاسكىنا بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ھاۋا تەڭشىگۈچ قوراشتۇرغاندا ئاۋال سافا ۋە ئائىلە جابدۇقلىرىنى رەختتە ئورىۋېتىدۇ، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن يەنە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلەرنى قايتا پاكىز سۈرتۈۋېتىدۇ؛ ماڭىدىغان ۋاقىتتا يەنە پولنى پاكىز سۈرتۈپ، خېرىدارنى مۇلازىمەت كارتىسىغا مۇلازىمەت نومۇرى قويۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ شىركىتىدە يەنە مۇنداق بەلگىلمە بار: تېخنىك خادىملار ئائىلىلەرگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلغاندا چوقۇم مېنىرال سۇ ئېلىۋېلىشى كېرەك، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆيىدىكى بىر يۇتۇم سۇنى ئىچىشكە ۋە ئۇلارنىڭ بىر تال تاماكىسىنى چېكىشكە بولمايدۇ. خەيئېر گۇرۇھىنىڭ مۇلازىمەتتىكى ھەر بىر ھالقىسى «سەمىمىيەت» تىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مايۈن خەيئېرنىڭ خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى بۇ خىل روھىنى ئۆگەنگەن ئىدى.
خەيئېر گۇرۇھىغا ئوخشاش، كېنتاكى تېز تاماقخانىسىمۇ خېرىدارلارنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئالاھىدە كۈچىگەن. سىز كېنتاكى تېز تاماقخانىسىغا كىرگەن ۋاقىتتا، سىزگە ئەڭ چوڭ خۇشاللىق بېغىشلايدىغىنى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ كۈلۈمسىرىشى بولۇشى مۇمكىن. مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى ئاشخانىدىكى خىزمەتچىلەرنى خاتىرجەم ھالدا ئالدىراش خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ، خېرىدارمۇ تاماقنى ئىنتايىن ھوزۇر بىلەن مەززە قىلىدۇ. مۇنداق بولغاندا خېرىدارلا تەبئىيلا مۇلازىمەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدىن رازى بولىدۇ-دە، شىركەت ئوبرازىمۇ تەبئىيلا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىدۇ.
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئىستېمال قارىشى بويىچە بولغاندا ئۇلار پۇل خەجلەپ مۇلازىمەت سېتىۋېلىپ، بىر قېتىملىق «خان» بولۇش ھوزۇرىنى سۈرمەكچى بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم مېھمانساراينىڭ تىجارىتى ياخشى بولمىسا، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان باش مۇدىر ھەمىشە ئەشپەر قۇرۇغان قورۇمىلار مېھمانلارنىڭ ئېغىزىغا تېتىماپتۇ ياكى مېھمانخانىنىڭ بېزىلىشى بەك ئاددى بولۇپ قاپتۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما مۇلازىمەتچىنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر بىر ياخشى ئاشپەز، ھەشەمەتلىك زال بولسا، ئەمما ئەدەب-قائىدە چۈشەنمەيدىغان مۇلازىمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن بولساق، ئۇنداقتا مېھمانساراينىڭ تىجارىتى ئېنىقلا ياخشى بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر مۇلازىمەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ياخشى بولسا، سىزنىڭ قورۇمىلىرىڭىز ئانچە ئوخشىمىسىمۇ، مېھمانساراينىڭ بېزىكى ئانچە ھەشەمەتلىك بولۇپ كەتمىسىمۇ، خېرىدارلار يەنىلا مېھمانسارايغا كېلىشنى خالايدۇ.
مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەۋزەللىكى. مەھسۇلاتنى باشقىلار ئاسانلا تەقلىد قىلىپ ياسىۋالىدۇ، ئەمما مۇلازىمەت كارخانا مەدەنىيىتى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، تەقلىد قىلىش ناھايىتى تەس. %60 تىن يۇقىرى ئىستېمالچىلار مۇلازىمەت سەۋىيەسى تۆۋەن ياكى رازى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۆزى ئىلگىرى تاللىغان مەھسۇلاتتىن ۋاز كېچىدۇ. ئەگەر كارخانا بۇ جەھەتتىكى ھەر خىل ئەرزلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلالىسا، نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارنى تۇتۇپ قالالايدۇ.
گېلى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىدىكى دۇڭ مىڭجۇ مۇنداق دېگەن: «مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بىر كارخانىنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. خېرىدارلار كارخانىنىڭ مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇڭا كارخانىلاردا رەسمىي ۋە ناھايىتى مۇكەممەل بولغان مۇلازىمەت سىستېمىسى بولۇشى لازىم. مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى مەلۇم جەھەتتە خېرىدارنىڭ كارخانىغا بولغان پوزىتسىيەسىنى بەلگىلەيدۇ، مۇلازىمەت ياخشى بولغان كارخانىلارنىڭ نامىمۇ تېزلا تارقىلىدۇ، مۇلازىمىتى ياخشى بولمىغان كارخانىلارنىڭ نامىمۇ ناھايىتى تېزلا تارقىلىدۇ... باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى كارخانىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرغاندا ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا، بىز چوقۇم پۇل تاپالايمىز، كارخانىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملىق ساقلىيالايدۇ!»
ئالى بابا گۇرۇھىدا، «خېرىدار بىرىنچى» دېگەن ئىدىيە ئۇنىڭ قىممەت قاراش قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇ كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئالى بابانىڭ «خېرىدار بىرىنچى» گە بەرگەن تەبىرى مۇنداق: خېرىدار ئاتا-ئانىغا ئوخشاشلا مۇھىم. مەيلى قانداق ئەھۋال بولسۇن، خېرىدارلارغا تەبەسسۇم بىلەن يۈزلىنىش ئارقىلىق بىزنىڭ ھۆرمىتىمىز ۋە سەمىمىيلىكىمىزنى ئىپادىلەپ چىقىشىمىز لازىم. مەزكۇر پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، خېرىدارلار ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلدا خېرىدارلارغا يۈزلىنىش كېرەك. خېرىدارلارنى يۇقىرى قىممەتتىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، خېرىدار مەنبەسىدىن پايدىلىنىشنى ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكۈزۈش لازىم. خېرىدارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىركەت پايدىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.
ئالى بابا گۇرۇھىدىكى بارلىق بازار خادىملىرى خاڭجۇدىكى باش شىتابتا بىر ئايلىق ئۆگىنىش قىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۆگىنىش مەزمۇنى سېتىش تېخنىكىلىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قىممەت قاراش ۋە بۇرچ تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.
«خېرىدار بىرىنچى» ئالى بابانىڭ كونكېرىت كەسپى ۋە مايۈن بەلگىلىگەن كەلگۈسى نىشاننى باغلاپ تۇرىدىغان زەنجىر. شىركەت ۋە مەھسۇلات لايىھەلەش جەھەتتە، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك بولغان پىرىنسىپ؛ كەسپ قاتلىمى جەھەتتە، ئالى بابانىڭ بارلىق مۇلازىمەتلىرى بۇ نوقتىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، چۈنكى بۇ خىل مۇلازىمەت خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. بۇ خىل ئەۋزەللىك خېرىدارلارنىڭ باشقىلارنى تاللىماي، ئالى بابانى تاللىشىدىكى مۇھىم سەۋەبتۇر.
مايۈن مۇنداق دېگەن: «بىز بىر پارچە رەخت ئارقىلىق بىر يۈەن تېپىشىمىز كېرەك، باشقا ئىنتېرنېت كارخانىلىرى خېرىدارنىڭ پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن كاللا قاتۇرىۋاتقان چاغدا، بىز پۇل تاپالمىغان تەغدىردىمۇ، خېرىدارلىرىمىزنىڭ غەلبە قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك! بۇ بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى چىقىش نوقتىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بۇ خىل مۇلازىمەت ئېڭى 2002-2001-يىللىرىلا ئالى بابادىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن، ھازىرغا قەدەر، ئالى بابانىڭ ئالتە چوڭ قىممەت قارىشىنىڭ بىرىنچىسى خېرىدارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت.»
2004-يىلىغا كەلگەندە، ئالى بابا دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا B2B ساھەسىدىمۇ بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئالى بابانىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئىقتىدارى بار دەپ قاراۋاتقاندا، مايۈن ئەكسىچە پۇرسەت تېخى پىشىپ يېتىلمىدى دەپ قاراپ مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: «بىز پېيىمىزنى بازارغا سېلىشقا ئالدىرىماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى بىز تېخىمۇ ياخشى قىلىشىمىز، خېرىدارلارغا بولغان مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.»
************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى