باي بولۇش يولىدىكى «زۆرۈر دەرسلىك»
سۈرەتتە : دۇنيادىكى نەمۇنىلىك ئايال كارخانىچىلارنىڭ بىرى ، 2015-يىلى جۇڭگۇدىكى 1-باي ئايال ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانفۇن ئېكرانى زاۋۇتى - لەنسى گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى جو چۈنفېي
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نىشاننى توغرا بېكىتىش − باي بولۇش يولىدىكى
«زۆرۈر دەرسلىك»
نامراتلار كۈتكىنىدەك غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ تۈپكى سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئۆزىگە قانداق ئۇرۇن بىكىتىشنى، ئۆزى كۆرەش قىلىدىغان كەسىپ ۋە يۆنىلىشنى بىلمەيدۇ. يۈرەكلىك پەرەز قىلساق: ئەگەر ئېدىسۇن كىشلىك نىشانىنى كەشىپ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قىلىپ بەلگىلىمەي، بەلكى بىناكارلىققا مەبلەغ سالغان بولسا، ئازغىنە مائاش ئالىدىغان قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇشى مۇمكىن. ھەرگىزمۇ دۇنياغا داڭلىق كەشپىياتچى بولالمايتى؛ ئەگەر ئېينىشتىيىن فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماي، پەقەت ماشىنا ياساشنى نىشان قىلغان بولسا، «نىسپىيلىك نەزىريىسى»نى ئوتتۇرغا قويۇشى قىيىن ئىدى. بەلكىم ئاددى ئىشچى بولۇپ ئۆتكەن بولاتتى. شۇڭا بايلارنىڭ باي بولالىشىدىكى سەۋەپ، پەقەت ئۆزىدىكى كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيدىغان ئىقتىدار بولماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئورۇن بىكىتىشكە ماھىر بولۇپ ، ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرغانلىقتىن بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ نىشانىغا توغرا ئۇرۇن بىكىتىش شۇ ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە نىسپەتەن ناھايتى ئاكتىپ رول ئوينايدۇ . ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى توغرا تۇنۇپ، نىشاننى توغرا تاپقاندىلا ئاندىن باي بولغىلى بولىدۇ.
جۇڭگۇ سودا ساھەسىدە «ئاجايىپ ئايال» دەپ نام ئالغان جاڭلەن ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق ئۇرۇن بىكىتىشنى چۈشىنىدىغان باي. ئۇ ئۆزىدىكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئارتۇقچىلىقنى بىلىدۇ. ئۇ بىر قېتىم ۋاز كەچكەن كەسىپىگە ئەپسۇسلانسىمۇ ،يەنىلا ۋاز كەچتى . چۈنكى ئۇ خاتا تاللاش بىلەن تۇسۇلۇپ قالماسلىقنى بىلەتتى.
جاڭلەن ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئائىلىسى ئاللىقاچان زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بولسىمۇ، لىكىن ئەنئەنىۋى ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرۇش داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇ جاڭلەنگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، بالىلىق دەۋرى كىيىم-كېچەك، ئۇزۇق-تۈلۈك كەمچىل دەۋىرگە توغرا كېلىدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يىمەكلىكلەر ئىسىل ئىدى . تاماق ئۈستىلىگە پەقەت نەچچە خىل تۇزلانغان سەي قويۇلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئۇنى كۆركەم ھالەتتە تىزىدىكەن.
كىيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇ دادىسىغا ئەگىشىپ بېيجىڭغا قايتقان بولۇپ، ئەينى چاغدا جۇڭگۇ تاۋار ئىگىلىكى دەۋرىدە تۇرۋاتاتتى. ياش جاڭلەن ئۆزىگە چەتئەلگە چىقىپ پۇل تېپىشتىن ئىبارەت نىشان تۇرغۇزغان.
ئۇ كانادادا پۇل تاپقاندىن كىيىن باي بولۇش نىشانى ئۈچۈن قايتىدىن ئۇرۇن بەلگىلەپ ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلغان . ئۇ 20 مىڭ دوللار تاپقان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى مەبلىغى ئىدى. ئۇ ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن قىسقا مەزگىل ئانىسىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانىسى ئۇنىڭغا: «كىچىك چېغىڭدىكى يېزا تۇرمۇشى ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇ چاغدا بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنە تويغۇدەك بىر ۋاق تاماق يىيىشنى غەم قىلاتتۇق. لىكىن سەن تاماق ئۈستىلىدىكى رەڭگارەك سەيلەرنى كۆرگەندە ھارغىنلىقىڭ يوقاپلا كېتەتتى. شۇڭا سەن بىزنىڭ نەزىرىمىزدە مەڭگۈ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ياشاشنى بىلىدىغان ئادەم.» دەيدۇ. ئانىسىنىڭ دىگىنىدەك، جاڭلەن ئاشپەزلىك جەھەتتە بىر تالانت ئىگىسى بولۇپ، يىمەك - ئىچمەك ساھەسىگە كىرسە بەلكىم ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىققا ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، «ئالەن رېستۇرانى» نامىدىكى تاماقخانا بېيجىڭدا رەسمى تىجارەت باشلىدى .
تاماقخانىنى بېزەشنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۇ ئۆزى قىلغان بولۇپ، بېزەشتىكى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ سىچۈەندىن بامبۇك يۆتكەپ كېلىپ، تاماقخانىنى جەنۇپنىڭ بامبۇك راۋاقلىرىدەك بېزەپ چىققان. «ئالەن رېستۇرانى» نىڭ ئالاھىدە بېزىلىشى ۋە جەنۇپ-شىمال قورىمىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكى تېزلا نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلىپ قىلغان. ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تىجارىتى پايدىغا يۈزلەنگەن. لىكىن ئۇ پەقەت بۇ رېستۇران بىلەنلا چەكلەنسە ئىشنى چوڭ قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا 1995-يىلى «دېڭىز مەھسۇلاتلىرى رېستۇرانى» نامىدا يەنە بىر تاماقخانا ئاچقان. بۇنىڭ بېزىلىشىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلىپ قىلغان.
جاڭلەننى بايلىق قوغلىشىش يولىدىكى ئۆزىگە توغرا ئورۇن بىكىتەلەيدىغان كۈچلۈك ئايال دېيىشكە بولىدۇ . ئۇ ئىگىلىك تىكلەشتىن ئاۋال ئۆزىگە مۇۋاپىق كەسىپ تاپقانلىقتىن، كەسىپكە ئاتلانغاندىن كىين تېزلا غەلىبە قىلىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان. ئۇ قانائەتلەنمەيدىغان ئادەم. ئاللىقاچان بايغا ئايلانغان بولسىمۇ لىكىن نىشاندىن ۋاز كەچمەي چوڭ نىشانغا قاراپ ئاتلاندى . شۇڭا ئۇ غەلىبە قىلدى .
نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ بېيىش يولىدىكى ئىپادىسى ئوخشىمايدۇ . ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئوربىتىسى بولسا نىشانغا بولغان توغرا ئۇرۇن بىكىتىش. بۇنى كىشىلەرنىڭ بېيىش يولىدىكى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك دەرس دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ بايلىقنى كونتىرول قىلىش- قىلالماسلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
ھەربىر ئادەمنىڭ بايلىق قوغلىشىش ھوقۇقى بولىدۇ. لىكن بايلىق ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولمايدۇ . نامراتلار باي بۇلۇشنى ئويلىسا چۇقۇم ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلنىش كېرەك . ئەگەر نىشاننى ياخشى بىكىتمىسە، نامرات بولۇپلا قالماستىن، بايلىقنى ئۆزىدىن بارغانسىرى يىراقلاشتۇرىدۇ . شۇڭا بىر ئادەم ئۆزىنى ھەقىقى چۈشەنسە، نىشانغا توغرا ئۇرۇن بىكىتسە ئاندىن باي بولۇش يولىدا تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ماڭالايدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى