ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
ئون بەشىنچى باب
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا. ھەقىققەتەن كۆپ پۇل تېپىپ
كەتكەندىمۇ ئابرويپەرەسلىك قىلىشتىن ساقلان
* قانائەت ھاسىل قىلغان ۋاقىتتىمۇ كۆرەڭلىمەسلىك كېرەك، كەمتەرلىك بىر
سودىگەرنىڭ خىسلىتى
تىجارەتتە ئىش قىلىش ئۇسۇلى چوقۇم ياخشى بولۇشى كېرەك. ئۆزىنى كونترول قىلىش جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى. ئۇلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىشىنى ياخشى كۆرمىگەچكە، ئاۋامنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈنىدۇ. نەچچە مىليارىد، ھەتتا نەچچە ئون مىليارىد سېتىش سوممىسى بولغان چوڭ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنىمۇ شەخسىي زىيارەت قىلىنىشنى ياختۇرمايدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بۇ ئىشى ھەرگىزمۇ سىرئەمەس، نورمال بولۇش، كونكېرىت، ئەمەلىي بولۇش جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.
جېجىياڭدىكى داڭلىق كارخانىچى لۇ جىنيەن ئىلگىرى: «كەمتەر بولۇش بىر سودىگەرنىڭ خىسلىتى،قولىدا ھوقۇقى، مال – مۈلكى بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى كەمتەر بولۇپ، سىز ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىنى كۆرەلمەيسىز.» دىگەن.
جېن گوجۈن ئەپەندى جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدە تۇغۇلغان، ھازىر جۇڭگو يىنتەي مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لېدىرى. يىنتەي تۈرلۈك ماللار گورۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى، ھەمدە پارتىيە مەركىزى ئىقتىسادى خىزمەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
جېن گوجۈن ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، جاپالىق تۇرمۇش ئۇنى توختىماستىن كۆرەش قىلىشقا ئۈندىگەن، شۇنداق قىلىپ كەمتەرلىك ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى ئادىتىگە ئايلانغان. مەيلى سودىدا ياكى باشقىلار بىلەن بولغان بېرىش – كېلىشتە بولسۇن، ئۇ ھەمىشە ناھايىتى كەمتەر. خۇددى بىر گۈلنىڭ باشقىلارغا خۇشاللىق بېغىشلاپ ئۆزى ئۈن – تىنسىز تۇرغىنىغا ئوخشاش، بۇ ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى.
گەرچە سودا دۇنياسىدا يۈرگىلى ئوزۇن بولغان جېن گوجۈننىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئوبرازى يۇقىرى بولسىمۇ بىراق ئۇ: «بەزى ۋاقىتتا ئۆزۈمنى خۇددى ئارقىدا قالغاندەك ھېس قىلىمەن.» دىگەن. ئۇ كىشىلەرگە ياش ۋاقتىدا كۆپرەك بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگىنىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. كىيىن كارخانا باشقۇرسىمۇ چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىش كېرەك،چۈنكى مۇئەييەن كۆلەمدىكى كارخانىنى باشقۇرۇشمۇ ئادەمدىن تەجىرىبە ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ. دەل بۇ خىلدىكى كىشىلىك ھايات پىلانى بولغاچقا، ئۇ سودا دۇنياسىدا كەمتەرلىك بىلەن ئالغا قاراپ ماڭماقتا.
«كەمتەرلىك» سۆزى بىلەن جېن گوجۈننى سۈپەتلەش ناھايىتى مۇۋاپىق، «تىپىك جېجىياڭ سودىگىرى» بولغان جىن گوجىن دائىم ئاق كۆڭلەك، گۈرۈچ رەڭلىك كاستوم، پادىچىلار ئىشتىنى ۋە ئاق تەنتەربىيە ئايىقى كىيىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ،ۋۇجۇدىدىن ئاددى – ساددىلىق ۋە ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ بىرسودىگەر ئەمما كارخانىچى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: «ھازىر بۇ جەممئىيىتىمىزدە كارخانىلار ناھايىتى كۆپ. مەن بىر سودىگەر، كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە ياخشى سودىگەر بولالىساملا مەن ناھايىتى خۇش.» دىگەن. ئۇ ئىزچىل ئۆز ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا «كۆرەڭلەيدىغان ھېچنىمەم يوق.» دەيدۇ.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى دەل كەمتەر ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىدا، كەمتەرلىك بىلەن تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش بولسا ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت كاتالىزاتورى.
سودا قىلىشتا پۇلغا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىشىڭىزگە بولمايدۇ: سىز نەتىجە قازانغاندا باشقىلارغا رەھمەت ئېيتىشىڭىز، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىز كېرەك؛ئەگەر سىز پۇل تېپىپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىسىڭىز، ھامان بىر كۈنى چوقۇم يالغۇزقالىسىز! ئېسىڭىزدە بولسۇن، پۇل – مالغا زىيادە بېرىلىش خاھىشى كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ دۈشمەن.
شۇڭا باشقىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا كەمتەر بولۇش، پۇل تاپقاندا كۆرەڭلىمەسلىك سىزنى بايلىققا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.
**بايلىقنى داۋراڭ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك
نەنجىڭ يىدې يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى چېنجۈن: «جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئەزەلدىن كۆرەڭلەشنى ياختۇرمايدۇ، بىز مال-دۇنيارىمىز بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماختانمايمىز. كەمتەرلىك بىلەن ئادەم بولۇش، ئىشنى ياخشى قىلىش بىزجېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قائىدىسى.» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئاۋامنىڭ ئالدىدا مال-دۇنياسى بىلەن كۆرەڭلىمەسلىكتەك ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن، بىر گېزىتخانىنىڭ مۇخبېرى ئىلگىرى زارلىنىپ: «جېجىياڭدىكى خوجايىنلار خۇددى ‹قېپىغا كىرىۋالغان تاشپاقا›غا ئوخشايدۇ، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ قېلىشنى خالىمايدۇ.» دىگەن.
بىر گېزىتخانىنىڭ مۇخبېرى جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەخسۇس تېمىلىق خەۋەر يازغان بولۇپ، مەخسىدى جېجىياڭدىكى ئالدىنقى ئون كۈچلۈك كارخانىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى سۆزلەش ۋە مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئىكەن.
بىراق بۇمۇخبېرنىڭ چۈشىنەلمىگىنى، ئۇ بۇ كارخانىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەكلىپ قىلغاندا، ئۇلاردىن ئاغزاكى رەت قىلىنمىغان، بەلكى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ،كارخانىلارنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنى كۆرەلمىگەن، پەقەت ئۇچىرىشالىغىنى دىرېكتور دەرىجىسىدىكى كىشىلەر بولغان.
بۇ مۇخبېركۆڭلىدە: «مەن ئۇلارغا پايدىلىق خەۋەر بېرەي دەۋاتسام، ئۇلار نېمىشقا بۇنچە تەس كېلىدىغان پۇرسەتتىن ۋاز كېچىدۇ؟ زىيارەتنىڭ باشقا مەقسىتى يوق، پەقەت ئۇلارنىڭ كارخانىسى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ھەقسىز تەشۋىقات بولۇپ ئۇلارغىمۇ پايدىسى بار تۇرسا!» دەپ ئويلاپتۇ. ئەگەر بۇ مۇخبېر جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ كەمتەرلىكنى تولۇق چۈشەنگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى،ئەلۋەتتە.
جېجىياڭدا مۇنداق ئۆزىنى ئاشكارلىمايدىغان كارخانىچىلارنىڭ سانى كۆپ. كۆپچىلىك ئۇلارنى بىلمەيدۇ،بىراق ئۇلارنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى ئالدىنقى نەچچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، باشقىلار تەرىپىدىن «يوشۇرۇن پالۋانلار» دەپ ئاتالغان.
جېجىياڭدا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مال – مۈلىكىدىن كۆرەڭلەشنى ياختۇرمايدىغانلار ناھايىتى كۆپ،جېجىياڭ شاۋشىڭدىكى نۇرغۇن خوجايىنلار تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، شاۋشىڭلىقلارنىڭ كەمتەر پوزىتسىيىسى، ئىش قىلىشتىكى ئەمەلىيەتچانلىقى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. بۈگۈنكى شاۋشىڭلىقلار ئۆزىنى سەھنىلەردە كۆرسەتسە، كەڭرى سودا سەھنىلىرىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلسا بولىۋېرىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى سودىدا كەمتەرلىك بىلەن ئىش قىلىش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىنغان. بۇخىلدىكى جانلىقلىق ۋە كەمتەرلىك ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد نەتىجىگە ئېرىشتۈرگەن.
جېجىياڭ شاۋشىڭ سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى يۈ ماچاۋ: «كەمتەرلىك ۋە ئەقلىيلىق جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى. بولۇپمۇ كەمتەرلىك ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدىنىيىتىدىن ھالقىغان ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى.» دىگەن.
جېجىياڭ كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم شىركەت – گورۇھلار مەيدانغا كەلگەن، مەسىلەن: ۋەنشىياڭ گورۇھى، ياگېر گورۇھى ۋە نائەيسى گورۇھى قاتارلىقلار. بۇ كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا كەمتەرلىك بىلەن ئىش قىلىش.
يۈ ماچاۋ مۇنداق دەيدۇ: كەمتەرلىك قىلغاندا گەرچە ئىلگىرىلەش ناھايىتى ئاستا بولسىمۇ، بىراق كارخانىنىڭ خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئاكتىپ تەرىپى. ئەلۋەتتە پايدىسىز تەرىپىمۇ بار، ئىلگىرىلەش چوڭ بولماي، بىر قىسىم تەرەپلەردە تېز ئىلگىرلەش ۋە بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىقتەك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ .
جېجىياڭ ئەينەكچىلىكى -شاۋشىڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارىنىڭ بىرى.2001 –يىلى 12 – ئايدا ئۇلارنىڭ شاڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا توپلىغان مەبلىغى بەش مىليارىد شاڭگاڭ پۇلىغا تەڭ بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى H پايچېكىنى شاڭگاڭدا تارقاتقان تۇنجى كارخانا بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن، شىركەت خوجايىنى خوڭ گۇاڭچېڭ ئەزەلدىن ئاكتىپلىق بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلمىغان. ئەنە شۇنداق كەمتەرلىك ھاسىل قىلغان ئوبيېكتىپ ئۈنۈم كىشىلەرنى جېجىياڭ كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ھالىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلغان، مۇنداق كۆڭۈل بۆلۈش ھەرگىزمۇ ئايرىم كارخانا ۋە بايلارغا دىققەت قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالمىغان. بۇ خىلدىكى مۇھىت ئاستىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى جېجىياڭ كارخانىلىرى تولۇپ – تاشقان روھ بىلەن تەرەققىيات ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان. ئاۋارىچىلىقلار ئازلىغاندىلا، جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئاندىن كونكېرىت ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقەت قىلىشقا كىرىشكەن – بۇ ئېھتىمال جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ سۇبيېكتىپ تەلىپى بولۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكا«بايلىق» ژورنىلىنىڭ خەنزۇچە نەشىرى ئىلگىرى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى سەككىز سودىگەرنى باھالاپ چىققان، ئالدىنقى رەتتىكىسى بولسا خۇالى گورۇھىنىڭ خوجايىنى ۋاڭ لىچېڭ بولۇپ ،بۇنىڭدىن بۇرۇن دۆلەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئانچە نامى چىقمىغان ئىدى .بىراق خۇالى گورۇھىنىڭ 2001 – يىلىدىكى سېتىش سوممىسى 28 مىليارىدقا يېتىپ، پايدىسى x مىليارىد بولغان. نۇرغۇن قېتىم جۇڭگو ئېلېكتىر سانائىتىدىكى ئالدىنقى يۈزنىڭ ئىچىدە تۇرغان.
جېجىياڭلىق بىر كارخانىچى: «بىز جېجىياڭلىقلارنىڭ كەمتەرلىكىنى بىر خىل ساپا دېيىشكە، يەنە ‹ بىر خىل كۈچلۈك ئىستىراتىگىيىلىك قورال› دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئىستىراتىگىيىلىك ۋاستىنى چۈشەندۈرسەك، بىر قىسىم كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى بەك يۇقىرى ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئۆلچىمىمۇ ناھايىتى ئاددى. كەسكىن بازار رىقابىتى ۋە ‹قېچىش مۇمكىن بولمىغان›تەقلىد قىلىش ئىقتىدارىغا دۇچ كەلگەندە،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتى ، يېڭى مەھسۇلاتلىرى ۋە تەتقىقات مېۋىلىرىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەشۋىقات قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىگە يېڭى رىقابەتچى تېپىۋېلىشنى خالىمايدۇ، بۇنداقتا پايدىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلار پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پۇل تېپىشنى ياختۇرىدۇ.» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى پۇل تېپىشتا كەمتەر ۋە ئازادە. ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇر شەكلى ۋە ئىش قىلىشتىكى ئەستايىدىللىقى نۇرغۇنلىغان زەردار كارخانىچىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
***ئىشنى ساز قىلىش، گەپنى ئاز قىلىش – قىلغانلىرىنى سۆزلىمەسلىك
جېجىياڭ خۇالى گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ لىچېڭ ئىلگىرى: «بىز تىجارەت قىلىشتا ‹گەپنى ئازقىلىش، ئىشنى ساز قىلىش›نى ئۆزىمىزگە قىبىلنامە قىلغان.» دىگەن. كارخانىنىڭ پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىدە ئۇلار پەقەت ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتناشتۇرىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر كارخانىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەمراھ بولالىشى ناتايىن.
جېجىياڭ كارخانىچىلىرىنىڭ توپىدا، نۇرغۇنلىغان كەمتەر كارخانىچىلار بار. ھەممە جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قەلبىدە شۇنداق بىر پىرىنسىپ بار:ئىشنى ساز قىلىپ، گەپنى ئاز قىلىش. ئۇلار ياندا قاراپ تۇرىدىغانلارنى ياختۇرمايدۇ،ئاممىۋىي سورۇنلاردا كۆرۈنۈپ كېتىشنى ياختۇرمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۈن – تىنسىز ياخشىراق قىلىشنىلا ئويلايدۇ. مەبلەغنىڭ جۇغلىنىشى ۋە كارخانىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ماركىنىڭ مۇھىملىقى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە سىڭىپ كەتكەن. ماركا ۋە كارخانىغا ئەۋزەللىك يارىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەبئىيلا تاللىغان ئۇسۇلى بولسا «ئىشنى ساز قىلىپ، گەپنى ئاز قىلىش» دىن ئىبارەت.
ئۇلارنىڭ شان – شەرەپ خاتىرىسىنى ئاچساق، ئۇلارغا بېرىلگەن ئىزناكلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز؛ ئۇلار كارخانىنىڭ مەسئۇلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەرخىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلى. بىراق جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە نىسبەتەن،ئۇلار پەقەت دېھقانچىلىقتىن كېلىپ چىققان سودىگەرلەر خالاس، يۈزەكى ھالدىكى نام –ئاتاقلارنىڭ ئۇلارغا پايدا ئېلىپ كېلەلىشى ناتايىن، كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاشلا ئۇلارنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتچىل كۆرسىتىدۇ.
جېجياڭ سودىگەرلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس، ئۇقۇم ھاسىل قىلىش ۋەيېڭى ئىسىملارنى ياساشمۇ ئۇلارنىڭ قابىل تەرەپلىرى ئەمەس. جېجىياڭ سودىگەرلىرى مەشغۇلات قىلىشقا، ئەقلىيلىك بىلەن ئىش قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ.
جېجىياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھەرلىك فۇلىڭ سۇلياۋ چاپلىما ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ گۇالەن ئىلگىرى ئىككىنچى نۆۋەتلىك «جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى ئون چوڭ تۆھپىكار ئايال»دىگەن شەرەپكە نائىل بولغان. 2010 – يىلى 1- ئايدىن 7 – ئايغىچە، شىركەتنىڭ تاشقى پىرىۋوتى 18 مىليون 190 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ، 2009 – يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق سودا سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. كىيىنكى يېرىم يىلدا ئامېرىكا Wendys شىركىتىنىڭ %40 زاكاس تالونىغا ئېرىشكەن.
جاڭ گۇالەن بىر ئىشتىن بوشىتىلغان ئايالدىن سودا سوممىسى مىليارىدتىن ئاشىدىغان كارخانىنىڭ خوجايىنى، بىر دېھقان ئايالدىن دۇنيادىكى داڭلىق يىمەكلىك گوروھى كىنتاكىنىڭ جۇڭگو رايونىدىن تاللىغان بىردىنبىر تەمىنلىگۈچى سودىگىرى بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسەر، كەمتەر ۋە «ئىشنى ساز قىلىپ،گەپنى ئاز قىلىدىغان» خاراكتېرىگە تايىنىپ «فۇلىڭ» نىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئاچقان.
ئەمدىلا ئىش باشلىغان جاڭ گۇالەن يۇقىرى ئۈسۈملۈك قەرزگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ زاۋۇت ئۆيىنى قۇرۇپ چىققان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيىتتى.مەبلەغ، تېخنىكا ۋە مۇناسىۋەت تورى يوق شارائىتتا، جاڭ گۇالەن بىر نەچچە كونا سۇلياۋ ماشىنىسىغا تايىنىپ ئىش باشلىغان. يېڭى ئىش باشلىغاندا ئۇ بېلىقچىلارئىشلىتىدىغان مۇز قۇتىسى ئىشلەپ چىقارغان، بىراق بازىرى ياخشى بولمىغاچقا كەسىپنى ئۆزگەرتىپ كىيىم جاھازىسى ئىشلەپ چىقارغان.
ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، جاڭ گۇالەن 40 مىڭ يۈەن پۇل ئارقىلىق باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ كىچىك بولغان كۆرگەزمە ئورنىنى ئاچقان، دەل مۇشۇ كۆرگەزمە جاڭگۇالەننىڭ ئىككى قېتىملىق سودىسىنى پۈتتۈرگەن.
ئوزۇن ئۆتمەستىن، بىر قېتىملىق فاكىسنىڭ كېلىشى ئۇنىڭ تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن. بۇفاكىس شىمالى ئامېرىكىدىن كەلگەن بولۇپ، جاڭ گۇالەننىڭ غەربچە تاماق يىيىشتە ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ پىچاق، ۋېلكا ۋە قوشۇق ئىشلەپ چىقىرالايدىغان –چىقىرالمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىدى. جاڭ گۇالەن «قىلالايمىز!» دەپ جاۋاب بەردى.
كىيىنكى كۈنلەردە، جاڭ گۇالەن ئۆزى بىر قوللۇق تەقلىد مەھسۇلاتلارنى ۋە ئەۋرىشكىلەرنى لايىھەلەپ، ناھايىتى تىزلا ئامېرىكا بازارلىرىغا مال تەمىنلەشكە باشلىدى.
ئەينى ۋاقىتتا جاڭ گۇالەن ئۆزىنىڭ مالنى كىمنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيىتتى. ئەسلىدە، جاڭ گۇالەندىن ئۇ مالنى زاكاس قىلغىنى كىنتاكى گوروھىنىڭ ئاشخانا سايمانلىرىنى تەمىنلەيدىغان سودىگەر بولۇپ، ئۇ شىركەت باشقا ئەرزانراق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى تېپىپ ئاشخانا سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ماركىسىنى چاپلاپ كىنتاكى گوروھىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. ئۇ شىركەتنىڭ بۇ خىل تەدبىرى جاڭ گولەنگە پۇرسەت يارتىپ بەرگەن.
كىنتاكى گوروھى ئۇ شىركەتنىڭ مال ساندۇقىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، بەزى ساندۇقلارنىڭ قاچىلىنىشىنىڭ ناھايىتى رەتلىك، بەزىلىرىنىڭ ناھايىتى رەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ. كىيىن ئۇلار رەتلىك قاچىلانغان ماللارنىڭ ۋېنلىڭدىن كەلگەنلىكىنى بايقاپتۇ.
كىنتاكى گوروھىنىڭ باش شىتابى بۇ خەۋەرنى بېيجىڭدىكى كىنتاكى شۆبىسىگە خەۋەر قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭدىكى كىنتاكى شىركىتى ئادەم ئەۋەتىپ جاڭ گۇالەننىڭ زاۋۇتىنى زىيارەت قىپتۇ. دەسلەپتە نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلار كىنتاكىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمەپتۇ. بىرھەپتىدىن كىيىن، جاڭ گۇالەن تىرىشىش ئارقىلىق تېخنىكىنى ئىسلاھ قىلىپ، كىنتاكى شىركىتىنىڭ 50 دىن ئارتۇق تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتۈپتۇ.
2003 –يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان مال ئامېرىكىغا يۆتكىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەستىنلا ئۇلار 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق زاكاسنى قوبۇل قىپتۇ، شۇنىڭدىن كىيىن كىنتاكى گوروھى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلاپتۇ.
سانسىزلىغان ئەمەليەت ئىسپاتلىدىكى، بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمگە ئايلىنىش ئۈچۈن چوقۇم بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن كېلىش، ئىشنى ساز، گەپنى ئاز قىلىش، چوڭ – كىچىك ھەممىگە كەمتەرلىك بىلەن يۈزلىنىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك. خۇددى ئۆي سالغاندا ئاساسنى ياخشى سېلىۋالغانغا ئوخشاش، ئاساس ياخشى سېلىنسىلا تەرەققىيات تىز بولىدۇ، چوڭ بىنالارمۇ ئاساسنى ياخشى سېلىشتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن.
ئۈمىد گورۇھىدىكى لىيۇ يوڭخاۋ: «مەندە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىغا كىرىدىغان پىلان يوق ئىدى، پەقەت كونكىرىت، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىلگىرىلىدىم خالاس.» دىگەن.ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئىش ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىشقا، ئىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىنى ئويلىۋېلىشقا مۇھتاج. بۇ جەرياندا ئۆزى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن كېلىش ناھايىتى مۇھىم. ھەرقانداق شەكىلدىكى بىرقەدەمدە ئاسمانغا چىقىشنى ئويلايدىغان ئىدىيە خەتەرلىك بولۇپ، سىزنىڭ نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرشىڭىزغا ياردەم قىلالمايدۇ.
سوغۇققان،ئەقلىي تىپتىكى كارخانىچىلار شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇكى، كارخانا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە قاراپ سۆزلىشى كېرەك، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىش،كۆپرەك نەتىجە قازىنىش، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش كېرەك، بۇنىڭدا ھەممەيلەننىڭ ئۆزكۆڭلىدە چوت بولىدۇ.
****نۇرغۇن پۇلىڭىز بولسىمۇ، نام چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ
جېجىياڭلىق سودىگەر جاڭ جىيۈەن ئىلگىرى: «جېجىياڭدىكى نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر پۇلىسى بولسىمۇ،نام چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۈن – تىنسىز پۇل تاپىدۇ.جېجىياڭلىقلار نىسبەتەن ئىچ مىجەز بولۇپ، ئۆزلىرىنى تېخى يۇقىرى پەللىگە چىقمىدىم دەپ قارىسا، ئۇلار ھەمىشە كەمتەر ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئەگەر ئۇلار پۇرسەتنىڭ پىشىپ –يىتىلگەنلىكىنى بىلسە، ئۇنداقتا قانداق مەغرۇرلىنىشنىمۇ بىلىدۇ.» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى جۇڭگودىكى «بىرىنچى سودىگەرلەر توپى» دەپ ئاتالغان. «لىياڭجانىڭ كەمتەرلىكى» دىگەن ھېكايە ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان نەپ ئەكەلگەن. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى پۇلدار بولسىمۇ، بىراق ھەرگىز كۆز – كۆز قىلمايدۇ. ئەگەر كەسپى سىتاتسىتكىلار بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن«نام – ئاتاق» نى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلمايدۇ.
جېجىياڭدا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تىپىدىكى تەشكىلاتتىن 200 گە يېقىن بولۇپ، جېجىياڭلىقلار ئىجتىمائىي ئىانە ئىشلىرىنىمۇ ياخشى قىلىدۇ، مەسىلەن: مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك خاراكتېرىنى ئالمىغان پاراۋانلىق ئورنى جېجىياڭنىڭ يوڭجىيادا قۇرۇلغان.
ۋۇ ئەپەندىم بولسا جۇڭگو تەبەسسۇم خىزمەت ئەترىتىنىڭ خاڭجۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى. ئۇ: «بۇ خىلدىكى مەخسۇس تۈردىكى پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ئاسان كۆرۈلگەچكە، ئاستا – ئاستا جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ دىققەت – ئىتىبارىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە 30 دىن ئارتۇق كارخانا بۇ ھەرىكەت پىلانىغا قاتناشتى. ئىئانە قىلغان سوممىسى بىر – ئىككى تۈمەن بولسىلا، بىر بالىغا ياردەم قىلىپ ئوپىراتسىيىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغىلى بولىدۇ. ئۈچ يىلدا 5000 دىن ئارتۇق ئائلە بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن.» دىگەن.
ۋۇ ئەپەندىم ئاشكارىلاپ: «ئىئانە قىلىش مەيدانىدا ئەڭ كۆپ ئىئانە قىلىنغان پۇل بىر قېتىمدا بەشيۈز مىڭ يۈەن بولغان بولۇپ، يۈخاڭدىكى بىر ئۆي – مۈلۈكچىلىك شىركىتى ئىئانە قىلغان.بۇ كارخانا خوجايىنىنىڭ شەرتى ھەرقانداق مۇراسىمغا قاتناشماسلىق، ھىچقانداق تەشۋىقات قىلماسلىق بولۇپ، پەقەت ئىئانىگە مۇھتاج بالىنىڭ ماتېرىيالىنى تاپشۇرۋالسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىئانە ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارلىماسلىقىدىكى سەۋەب ،ئۇلار ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشتىن قورقىدۇ » دىگەن.
تەيجۇدىكى بىر داڭلىق كارخانىچى: «بىر ئادەم مەيلى تىجارەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن نىشان ۋە ئىرادىدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ. كۆرەش نىشانى بولغان ئىكەن، ئۇنى يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈشىمىز كېرەك. چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا سىزگە نىسبەتەن پايدىلىق بولغان نەرسە، باشقىلارغا نىسبەتەن ياۋايىلىق ۋە تەھدىت بولۇشى،ئويلىمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ سودا مەيدانلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق.» دىگەن.
سودا مەيدانلىرىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا بولسۇن قىلىغان ئىشىنى داۋراڭ قىلىش، كۆرەڭلەش ئاسانلا باشقىلارنىڭ ياكى ئوخشاش كەسىپتىكى كەسىپداشلىرىنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ قويىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بىر ئىرادىسى بارئەمما ئاچكۆزلۈكى بولمىغان ئادەم كۆرۈنسە بولىدۇ. گەرچە سىزدە پۇل بولسىمۇ، بىراق«نام – ئاتاقلىق كىشىلەرگە باشقىلار ھەسەت قىلىدۇ» دىگەن قائىدىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
خۇبىڭ بولسا ۋېنجۇ شەھىرى ۋېنچېڭ ناھىيىسىدىن. 1998 – يىلى ئۆي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان جۇڭجوۋ گورۇھىنى قۇرۇپ چىققان. نۆۋەتتە بۇ شىركەت مەبلىغى تولۇق، پاي باشقۇرۇش شەكلىدىكى ئوندىن ئارتۇق بالا شىركەتكە ئىگە . بىراق يەنىلا ناھايىتى كەمتەر ۋە سىرلىق.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، ھەشەمەتلىك ئۆي ۋە ساياھەت ئۆي مۈلۈكچىلىكى ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تۈرى، مەسىلەن: شاڭخەي دىڭشەن تېغىدىكى خۇجۇاڭيۈەن، گوڭچىياۋ جۇڭ گۈللىكى قاتارلىقلار. بۇ كەسىپتىكى ئالارقىدار كىشىلەرنىڭ تەھلىلىچە،
خۇ بىڭنىڭ«چاقماق تىزلىكىدە سېتىۋالغان» ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بازارلاردا ئوزۇندىن بۇيان توپلىغان تەجىرىبىسى ۋە بايلىقى بولۇپ، ھەتتا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئىسسىق رايون ئۆي – مۈلۈكچىلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ شۇنچە باي بولسىمۇ، بىراق ئىش قىلىشتا يەنىلا ناھايىتى كەمتەر بولۇپ، نام چىقىرىشنى تېخىمۇ خالىمايدىكەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ پۇلىسى كۆپ بولسىمۇ بىراق نام چىقىرىشقا ئالدىرىماسلىقى بىر خىل كۈچنىڭ يەنى سودىگەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئىپادىسى. بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرچوقۇم ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ۋە ھەرىكىتىنى تىزگىنلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. مەغرۇرلىنىپ كۆرەڭلەشتىن پەرھىز قىلىش كېرەك، ئازراق پۇل تېپىپلا تەرەپ –تەرەپتە داۋراڭ سېلىشقا بولمايدۇ، بۇ تىجارەتنىڭ ۋە ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى قائىدىسى.
*****پۇل كۆپ بولغانسىرى شۇنچە تىجەش كېرەك
بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر پۇل تاپقاندىن كىيىن سۇدەك خەجلىسەك بولىدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن.ئەمەلىيەتتە بايلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ راھەت – پاراغەتلىك بولۇشى ناتايىن. مىليارىدتىن ئارتۇق پۇلىسى بار جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئاددى – ساددىلىقىدىن بىزھېس قىلالايمىزكى، تىجەشچانلىق پۇل كەمچىل ۋاقىتىكى گۈزەل ئەخلاق بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەقىل – پاراسىتى.
سۇمۇرغ قانىلىنىڭ خوجايىنى لىيۇ چاڭيۆنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: «پۇلنى ئاز خەجلەپ ئىش قىلىش، پۇل خەجلىمەيمۇ ئىش قىلىش، ئەڭ ياخشىشى باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئۆزىنىڭ ئىشنى قىلىش كېرەك.» تىجەشچانلىق بۈگۈنكى جېجىياڭ سودىگەرلىرىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن،
كاڭنەي گورۇھىنىڭ باش لېدىرىنىڭ قىزى جېڭ سەيلى ناھايىتى تىجەشچان ئايال.
جېڭ سەيلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن دادىسى ئۇنى كاڭنەي ئاياغچىلىق زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرغان،بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتى تۈپەيلىدىن ئىشخانىدا ئولتۇرمىغان،بەلكى سېختا ئاياغ تىككەن.
بۇئەتىۋارلىق قىزنىڭ قوللىرى ئاياغ تىككەندە ئىشلىتىدىغان پىچاقتا تىلىنىپ قاپىرىپ كەتكەن. بىر پىشقەدەم ئۇستا بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ئىچى ئاغرىپ، ئۇنىڭ دادىسىدىن ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.
جېڭ سەيلى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ مۇئاۋىن لېدىرلىق ئورنىغا چىقتى، بۇ جەرياندا ئۇ باشقا «بەگزادىلەر» گە پۈتۈنلەي ئوخشىمىدى. چۈنكى ئۇ ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاچقا بۇنىڭ راھىتىنى كۆردى، بىراق ئۇ ئىزچىل جاپا – مۇشەققەتكە چىدايدىغان،تىجەشچان ئىستىلىنى ئۆزگەرتمىدى.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تىجەشلىك تۇرمۇش شەكلى ياش، جىنىس ۋە بايلىقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن كارخانا ئاشخانىسىنىڭ تامىقىنى يەيدۇ، شىركەتنىڭ كىيمىنى كىيىدۇ. ئىقتىسادچانلىق ئويۇن كۆرسىتىش ياكى قەستەن كۆرسىتىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى بىر خىل ياخشى ئادەت.
20 – ئەسىرنىڭ 50 – 40 – يىللىرىدىكى بىر ئەۋلاد پىشقەدەم جېجىياڭ سودىگەرلىرىدىن تارتىپ 70 – 60 – يىللاردىكى جېجىياڭلىق ياش سودىگەرلەرگىچە تىجەشچانلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇش پوزىتسىيىسى، يەنە كېلىپ تۇرمۇشتىكى بىر خىل قوغلىشىشى بولۇپ، گۈزەل ئەخلاق سۈپىتىدە تارقىلىپ كەلمەكتە.
نۇرغۇنلىغان جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن بايقىغىلى بولىدۇكى، جېجىياڭدىكى نۇرغۇنلىغان
بايلار ئادەتتىكى كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇلار سىرتتا ئادەتتىكى مېھمانخانىلاردا تۇرىدۇ، ئادەتتىكى كىيىملەرنى كىيىدۇ، كۆپ قىسىم زىيارەت ئوبيېكتلىرى بولغان كارخانىچىلار ئۆزلىرىنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى شىركەتتىلا ھەل قىلىدۇ، خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش تاماق يەيدۇ.
كاڭنەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ شىيۇكاڭنىڭ كۈندىلىك يىمەك – ئىچمىكى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش ئىككى خىل سەي بىر شورپا بولسىلا بولىدۇ.
ئۇ: «پەقەت مېھماندارچىلىقنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىسىلا، مەن شىركەت ئاشخانىسىدا تاماق يەيمەن.»دىگەن.
خىزمەتچىلەرنىڭ نەزىرىدە باش مۇدىر جېڭ شىيۇكاڭ شۇنداق كەمتەر، ئەمەلىيەتچىل ۋە تىجەشچان. گەرچە كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بولىۋاتسىمۇ، بىراق جېڭ شىيۇكاڭنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتمىگەن. ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى ئۆيىنىڭ يېنىدىن بىر قاچا ئۈگرە ئىچىش، چۈشلۈك تاماقنى كۆپىنچە ھاللاردا شىركەت ئاشخانىسىدا خىزمەتچىلەر بىلەن بىرگە يىيىش، كەچلىك تاماقنى ئۆيگە قايتىپ يىيىش-ئۇنىڭ دائىملىق ئادىتى.
جېڭ شىيۇكاڭنىڭ بىر مۇئاۋىن لېدىرى بىر نەچچە يىل بۇرۇن باش مۇدىر بىلەن كاماندىروپكىغا چىقىپ، ئىككىسىنىڭ بىر ياتاقتا تۇرغانلىقىنى؛ ھازىرمۇ ئىككەيلەن كاماندىروپكىغا چىقسا يەنىلا بىر ياتاقتا تۇرىدىغان بولسىمۇ، بىراق باش مۇدىرنىڭ ئەزەلدىن ئالاھىدە ياتاقتا تۇرمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. جېڭ شىيۇكاڭنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئۇنىڭ كارخانىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يىمەك – ئىچمەك ۋە يۈرۈش تۇرۇش جەھەتتە ئەزەلدىن تەلىپى يۇقىرى ئەمەس.
جېڭ شىيۇكاڭنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، بىراق باشقىلار ئۇنى ياردەم قىلىشقا تەكلىپ قىلسا، ئۇ دائىم ياردەم قىلىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆي سېتىۋالغاندا، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭدىن قەرز سورىغان؛ بىر ئادەتتىكى خىزمەتچىنىڭ بالىسى ئاغرىپ قېلىپ پۇل بولمىغاندا، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقان، ھەمدە خىزمەتچىلەرنى بۇ خىزمەتچىگە پۇل ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان.
جېڭ شىيۇكاڭ: «مەن بىر موزدوزدىن مۇشۇ كۈنگە كەلگەن، ياش ۋاقتىمدا نۇرغۇن جاپالارنى تارتقان، پۇل تېپىشنىڭ تەسلىكىنى، ئاۋام خەلقنىڭ دەردىنى چۈشىنىمەن. ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىدا ئولتۇرۇش، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدا تۇرۇش، يەپ – ئىچىپ كۈلۈشنىڭ ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئاددى – ساددا تۇرمۇش مېنى تېخىمۇ ئازادە قىلىدۇ، ئەگەر مېنىڭ بەدەل تۆلىشىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىيالىسىلا،بۇمۇ مېنى پەخىرلەندۈرىدىغان ئىش» دىگەن.
جېجىياڭلىق بىر كارخانىچى خىزمەتچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ: جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئىزچىل مال – دۇنيانى ئۆتكۈنچى نەرسە سۈپىتىدە كۆرگەنلىكى ۋە تىجەشچانلىقنى ئىگىلىك تىكلەش ۋە كەسىپنى تەرەقىي قىلدۇرۇشنىڭ گۆھىرى قاتارىدا كۆرگەنلىكىدە.» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن، تىجەش ھەرگىزمۇ بېخىللىق ئەمەس، بەلكى بىر خىل گۈزەل ئەخلاق. كېلىپ چىقىشى دېھقان بولغان جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن، تىجەشلىك بولۇش بىر خىل ئادەت. ئۇلار پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پۇل ئىئانە قىلغاندا، مىليونلاپ،ئون مىليونلاپ پۇلنى ئىئانە قىلىدۇ. تىجەشچانلىق بولۇش ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيىسىگە ئايلانغان. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى غەلبىسى ئۇلارنىڭ بۇ خىل تۇرمۇش پوزىتسىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
******************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››دىگەن كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي