ئۇيغۇرلاردا كارخانا مەدەنىيىتى بارمۇ؟
شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى مەسلھەتچىلىك مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنش جەريانىدا كارخانا مەدەنىيتى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىمىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتۇق ، تەنقىدى پىكىر بىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز .
كۆپىنچە كىشىلەر كارخانا توغرۇلۇق سۆزلەشكەندە بەزىلەر ئىككى خىل كۆز قاراشتا بولىدۇ.
بىرى كارخانا پەقەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر دەيدۇ كارخانا دېگەن بىزدىن بەك يىراقتىكى مەۋھۇم نەرسە دەپ قارايدۇ. ئۇنى چوقۇم جىق پۇل ۋە كۆپ ئادەم كۈچى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە، شۇڭا ئادەتتىكى كىچىك سودىگەرلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى كارخانىچىلىققا ماس كەلمەيدۇ. دەپ قارايدىغانلار بار. ئەمدى بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. لېكىن ئىقتىسادتا بىز پايدا-زىيانغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەت كىرىم قىلىشنى ئاساس قىلغان مەلۇم بىر مەھسۇلاتنى تەمىنلەيدىغان ياكى مەلۇم بىر مۇلازىمەتنى تەمىنلەيدىغان ھەر قانداق بىر ساھەنى بىز كارخانا دەپ ئاتايمىز.
شۇڭا بۇ نۇقتىدىن بىر ئادەتتىكى خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلىگەن ئادەملەر بولسۇن ياكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى تىجارەتچىلەر بولسۇن بۇلارنىڭ خاراكتېرىمۇ كارخانا خاراكتېرىگە ئوخشاش، بىرىنچىدىن، ئۇلار ئۆز ئالدىغا كىرىم قىلالايدۇ، پايدا زىيانغا ئۆزى ئىگە بولالايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىش. ئۈچىنچى جەھەتتىن، ئېيتقاندا ئۇلار سودىلىشىش جەريانىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. ئەمدى بۇ يەردە زامانىۋى كارخانا بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر زامانىۋى كارخانا تۈسىنى ئالغان ، كارخانا ئۆز ئالدىغا قانۇنىي ئىگە بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ. پىلانلىق ئىگىلىكتىكى كارخانىلىرىمىزدا ئۇ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس. يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى بولىدۇ ئەمما تەشكىلىي ئاپپاراتى يوق. مەسىلەن: مەلۇم سودىدا زىيان كۆرۈلسە ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى بىلەن ھەتتا ئۆيىدىكى بىساتلىرى بىلەن بىراقلا تۆلەمگە مەسئۇل بولىدۇ. شىركەت تۈزۈمى تۈسىنى ئالغاندا بىز ئادەتتە زامانىۋى كارخانا تۈسىنى ئالغان دەپ قارايمىز. شىركەتلەر سودا-سانائەت ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سودا-سانائەت ئورۇنلىرى بەلگىلىمە بويىچە سىزنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغىڭىز قانچىلىك دەپ سورايدۇ، سىز بىر مىليوننى تىزىمغا ئالدۇرۇڭ ياكى 50 مىڭنى تىزىمغا ئالدۇرۇڭ بۇ پۇلنى شىركەت نامىغا ئۆتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىن مەبلەغ شىركەتكە تەۋە بولىدۇ.
شىركەت تاپقان پايدىنىڭ تولۇق % 100 پىرسەنتىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسىغا قايتۇرمايدۇ.% 10 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولمىغان% 25 تىن يۇقىرى بولمىغان مەبلەغنى كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.شىركەتتە مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەبلەغنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ئايرىلىپ كەتكەن بولدى.بۇ خىل ئەھۋال چەتئەللەردە ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ مەبلەغ چىقارغۇچى شىركەت-كارخانا قۇرۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى يەتمىسە مەخسۇس باشقۇرغۇچى تەكلىپ قىلىدۇ،بۇ خىل ئېھتىياج كۈچىيىپ كەتكەن بولغاچقا خارۋاردىنىڭ MBA دىكىنى شۇنىڭدىن شەكىللەنگەن.
كەسپى دىرېكتور دېگەن بازار، مانا مۇشۇنداق شەكىللەنگەن. (经理人市场) بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە بولسا مەبلەغ سالغۇچى ئىقتىدارنىڭ قانداقلىقى بىلەن ھېسابلاشمايلا ھەم مەبلەغ سالغۇچى ھەم پايچىك شۇنداقلا شىركەتنىڭ باشلىقى بولۇپ ھەممە ئىشنى قىلغۇچى بىردىنبىر ئادەم بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەت دېمەك مەن دېمەك، مەن دېمەك شىركەت دېمەك دېگەن ھالەت شەكىللىنىپ بارا-بارا ھېچقايسىغا يېنىشىپ بولالماي پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ دە بىر-ئىككى يىل ئۆتۈپلا ‹‹ھەي بۇ شىركەت دېگەن نەرسىنى قۇرۇپ قويسام ھېلى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن كېلىپ، توختام قانۇنى بويىچە ئىش كۆرمەپسەن دەپ ئاۋارە قىلسا، ھېلى باجخانىدىن كېلىپ ئاۋارە قىلىدىكەن. يەنە سودا سانائەت ئىدارىسى ئۇنى قىلماپسەن بۇنى قىلماپسەن دەيدىكەن. بۇنچىۋالا باش ئاغرىقى تارتقىچە قىلمىساملا بولىدۇ.›› دەپ شىركەتنى تاقىۋېتىدۇ.
شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسەت زادى نېمە؟ بۇنى كۆپىنچە سودا قىلۋاتقانلار چوڭقۇر ئويلانمايدۇ. دېمەك زامانىۋى كارخانا تۈسىنى ئېلىپ نېمە قىلىسەن؟ ئەگەر سىنىڭ مەقسىتىڭ ئۆزۈڭنىڭ يانچۇقىغىلا بېىتىش بولىدىغان بولسا، سەن مەڭگۈ يەككە تىجارەتچى بولۇپ ئۆتۈپ كەت. لېكىن بىر ئادەمنىڭ پۇل تېپىشتىكى مەقسىتى يەنىلا جەمئىيەتكە بولغان ئۆزىنىڭ بىر مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش. شۇڭا بۇ يەرگە كەلگەندە دەيدىغان گېپىمىز ‹‹سەن سودىگەردىن كارخانىچىغا ئايلاندىڭمۇ؟ دەيدىغان نۇقتىنى ئاساس قىلىش. ئەگەر مەبلەغ سالغۇچى ئادەم سودىگەردىن كارخانىچىغا ئايلىنالمىسا ئۇ ھەرگىزمۇ شىركەتنى ماڭغۇزۇپ بولالمايدۇ. چۈنكى سودىگەر پەقەت ئۆزىنىڭ يانچۇقىنى كۈچەيتسىلا بولدى. جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتكە كەلگەندە ئۇ يىلدا بىرەر ساھەنى قىلىپ قويۇپ گۇناھىنى سىتىۋالغاندەك ئىش قىلىدۇ. باج دېسە باجدىن قاچىدۇ. ئەمدى بىر كارخانا بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا مەلۇم ساندا ئادەملەر ئىشلەيدۇ. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتى بولىدۇ. ياشانغاندا كۈتۈنۈشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەمما بايامقىدەك كارخانا چۈشەنچىسى تېخى تۇللۇق بولمىغان كارخانىچىلار بولسا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتىنى تاپشۇرمايدۇ. ياش ۋاقتىدا ئىشلىتىپ، كېسەل بولۇپ قالسا كارى بولمايدۇ ۋە ياشانغىچە باھانە سەۋەب بىلەن ئىشتىن بوشتىۋېتىدۇ. دېمەك ئەتراپىدىكى ئادەملىرىگە ئىگە بولمايدۇ. شۇڭا بۇنداق كارخانىچىلارنى ئۆزىنىڭ ئادەملىرى، قوۋمى ئېتىراپ قىلمايدۇ. سودىگەر كارخانىچىلار ھەتتا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئېتىراپ- قىلمىغاچقا بالىلىرنىمۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىسىكەن دەيدۇ. ئۇ ئاساسلىقى نېمە دېسەك. تېخى كارخانىچى بولالمىغانلىقىدا، كارخانىچىلاردىمۇ زامانىۋى كارخانىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىلىق ئېنىق تونۇش يوق. يەككە ئىگىلىكتىن خۇسۇسى ئىگىلىك تىكلەپ ھەر بېخىل يەككە تىجارتچىدىن كارخانا شەكلىگە ئۆتكەن ۋاقىتتا دەسلەپكى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇنىڭ تەننەرخى ئادەتتە ئەسلىدىكى ھالەتنى ساقلاپ قالغان تەننەرخىدىن بەلكىم ئىككى ھەسسىدىن ئۇچ ھەسسىگىچىلا ئارتىدۇ. چۈنكى پۈتكۈل تەشكىلى ئاپراتلىرنى نۆلدىن باشلاپ قۇرۇپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ. يەككە ئىگىلىكنىڭ ئۆز ئالدىغا ئويۇن قائىدىسى بولىدۇ. ئەمدى كارخانىنىڭ زامىنىۋى شەكلى بولغان شىركەت تۈزۈمىنىڭ يەنە باشقا بىر خىل ئويۇن تۈزۈمى بولىدۇ. بىر خىل ئويۇن تۈزۈمىدىن يەنە بىر خىل ئويۇن تۈزۈمىگە ئوتۇپ دەرىجىسىنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا بۇنىڭغا چوقۇم مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى كارخانىچىلار بۇنى كۆرۈپ ‹‹بۇنداق تەننەرخى يۇقىرى كۆتۈرۈلدىغانلىقىنى بىلسەم نېمە قىلاتتىم شىركەت قۇرۇپ›› دەيدۇ. دېمەك ئۇ سودىگەر، سودىگەرنىڭ تەپەككۇرىدا تۇرۇپ پارتىزانلارچە ئۇرۇش قىلىدۇ. قەيەردە پايدا بولسا شۇ يەرگە بارىدۇ ئۇنىڭدا مۇقىم بازا بولمايدۇ. ئەمدى ھەقىقىي كارخانىچى دېگىنىمىزدە ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدۇ. مۇنتىزىم بىر بازىسى بولىدۇ. شۇ بازىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئەمدى شىركەت ئېچىشتىكى مەقسەت شىركەتنى مەڭگۈلۈك ئېلىپ مېڭىش يەنى بىر كەسىپنى مەڭگۈلۈك قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا مەبلەغ سالغۇچى ئۆلۈپ كەتسىمۇ شىركەت مېڭىۋېرىدۇ. ئەكسىچە بولۇپ شىركەتنى توختىتىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ئادەم قانۇن بويىچە ئىككىنچى قېتىم شىركەت ئاچالمايدۇ. مەڭگۈ بۇ ھوقۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ. شۇڭ بىزدە زامانىۋى كارخانا دېسە بەزىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى جىق چىقىش يولى بار. ئادەم قىلمىسا بولمايدىغاندەك بىلىنسە يەنە بەزەنلەردە ‹‹كارخانا شىركەت قۇرۇش ئاددىي بىر نەرسە ئىكەنغۇ بۇ، ئىككى مىڭ يۈەن تۆلەپ قويساڭلا بىرسى تىزىمغا ئالدۇرۇپ بەرسە، پۇكۇنچى شىركەت دەپ ۋىۋىسكا ئېسىپ قويساڭ، ئىشخانىغا يوغان ئۈستەلدىن بىرنى قويۇپ ئورۇندۇقتىن تۆتنى تاشلاپلا قويۇپ ئولتۇرساڭلا بولىدىكەن.›› دەيدىغان قاراشمۇ بار. ئاشۇنداق شىركەت قۇرۇپ ئاز بىر مەزگىل ئولتۇرۇپ بېقىپ ھېچ ئىش ئاقمايۋاتىدۇ دەپ ئىش ئورۇنلاشتۇرالمايدىغانلار كۆپ. نېمىشقا دېسە شەكىلنى قىلماق ئوڭاي، لېكىن ماھىيەتنى چۈشەنمەك قىيىن. ھازىر بىزنىڭ كارخانچىلىرمىزنىڭ يىتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى شەكلىنى ئوخشاتتۇق ماھىيىتىنى قانداق قىلىمىز دېگەن مەسىلە. شۇڭا مەن ھازىر كارخانىچىلىرىمىزنىڭ تېز بارلىققا كېلىپ تېز ۋەيران بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلىدىم.
1. مەبلەغ كەمچىل، كارخانىنى زورايتالمايۋاتىدۇ.
2. بۇلار كارخانىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى تازا چۈشۈنەلمەيۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ كارخانا قۇرغانلار كارخانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشۈنەلمەيۋاتىدۇ. دېمەك ساپاسى يېتىشمەيۋاتىدۇ. بولۇپمۇ كارخانىنى باشقۇرۇۋاتقان باشقۇرغۇچىنى ساپاسى يىنىشمەيۋاتىدۇ. بەزەنلەر مەندىن ‹‹سىزنىڭچە قايسى ساھەدە كۆپرەك پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟›› دەپ سورايدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋابەن ‹‹ھەممە ساھەدە پۇل تاپالايسىلەر شۇنداقلا ھەممە ساھەدە ۋەيران بولىسىلەر. بۇنىڭدىكى سەۋەب سەن شۇ ساھەگە قانداق كىرگەنلىكىڭ، قايسى خىل پۇزۇتسىيە قايسى خىل ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىڭلاردا›› دەيمەن. كارخانىچى بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم سودىگەردىن كارخانىچىغا بىر قەدەم ئاتلىشى كېرەك. بۇ قەدەم ناھايىتىمۇ زور بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلاردا سودىگەرچىلىكتىن كارخانىچىلىققا ئاتلاشقا تىرىشۋاتىدۇ. قەدەم ئېلىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال لېكىن كارخانىچى بولۇپ شەكىللىنەلمەيۋاتىدۇ. بىر ئېتۇت ئىسىمدىن چىقمايدۇ. بادام، ياڭاق، قاق، جىكدە شىركىتى دەيدىغان. دېمەك بادام پۇل بولسا بادامنى ساتىمەن، قاق پۇل بولسا قاق ساتىمەن دەپ ئوتتۇردا چورگىلەپ يۈرۈيدۇ. بۇنى قىسقارتىپ سودىگەرلەر دەيمىز. نېمە ساتىسەن دېسە، نېمە ئالسىڭىز شۇنى ساتىمەن دەيدۇ. بۇلاردا كۆرۇنۇپ تۇرۇپتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك سىتاتىگىيلىك نىشان يوق، شۇنداقلا كەسىپلىشىش يوق. شۇ قاتاردا ھازىر شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان كارخانىلارنى ئەمەلىيەتتە قەغەز يولۋاس دەيمەن. 90-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئادەملىرى خەنزۇچە بىلمەيدۇ، ئىچكىرلەرگە بېرىپ باقمىغان، شۇڭا قىلالايدىغىنى غۇلجىنىڭ قورغاسقا كېلەلەيدۇ. شۇڭا غۇلجىنىڭ سودىسى قىزىغان. كېيىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان بولدى. مانا ھازىر بىراقلا ئىچكى ئۆلكە بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدىغان بولدى. شۇ سەۋەبتىن بىرنىڭ ئوتتۇردا قىلغان ھېچقانداق بىر بىر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن كەلگۈسىنى ئويلاپ يەتمىگەن كارخانا شىركەتلەر ۋ ۋەيران بولۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن قەشقەرنىڭ ھېكايىسىمۇ بۇنىڭدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. پاكىستانلىقلار دەسلەپتە قونجىراپتىن قەشقەرگە كىرگەن قەشقەرنىڭ ئۇششاق بالىلىرى ‹‹خاللو›› دېگەن گەپنى ئىشىنىمەنكى ئۈرۈمچىلىككە قارىغاندا بۇرۇن ئۆگەنگەن دەيمەن. كېيىن بۇلار ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۈرۈمچى كادىرلار مېھمانخانىسى ۋە مۇھاجىرلار مېھمانخانىسى شۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ قالغان. كېيىن گۇۋاڭجۇ، يىۋۇ لارغا يۈرۈش قىلدى. بۇلارنىڭ سودا ماللىرى بۇرۇن ئۈرۈمچى ئارقىلىق ماڭغان بولسا ھازىر ئۇتتۇرلا لىيەنيۈنگاڭدىن دېڭىز ئارقىلىق كاراچىغا كەتتى. دېمەك بىزنى تاشلىۋەتتى. نېمە ئۈچۈن؟ ـ ئادەم ئۆزگەرمىدى. ئېتىقاد ئۆزگەرمىدى لېكىن تۇرمۇش شەكلى بېيىدى. لېكىن بۇلاردا بىرىدىن بىر بېيىمىغىنى كارخانچىلىرمىزنىڭ ئىدىيەسى بولدى. چۈنكى بۇلاردا دەۋرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى قانداق بولىدۇ دەپ ئويلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتكە چىداپ تۇرۇپ مەبلەغ سالىدىغان ئىدىيە يوق. بۇنداق دېسە بۇلار مەبلەغ يوق دەيدۇ. بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىلا ئەمەس ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئۇچۇق بولۇشى كېرەك. بۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش دېسە بېشى ئاغرىيدۇ، بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب ئۆزىنىڭ كۆزى يەتمەيدۇ يەنە بىر تەرەپتىن ھەقىقەتەنمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەردە مەيلى تېخنىك خادىم بولسۇن مەيلى باشقۇرغۇچى خادىم بولسۇن بەكمۇ ئاجىز. بۇنىڭغا كەلگەندە يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتىدۇ.
3-تەرەپتىن ئېيتقاندا بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىزدىن قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكىنى سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئەمەس (يىپەك يولىدىن تارتىپ بىر ئۆتەڭ بولۇپ ئېلىپ سېتىشنىلا ئاساس قىلىپ كەلگەن.) مۇشۇ 6-ئەسىردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بىز 1400يىل سودىلا قىلىپ كەپتۇق. ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە مۇسا بايلاردىن كېيىن ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانماپتۇق. ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بولمىغاچقا ئۆز ئالدىمىزغا تەتقىقاتىمىز بولماپتۇ. شۇڭا ئۆز ئالدىمىزغا مەھسۇلات لايھىلىيەلمەيمىز ھەم مەھسۇلاتنى بازارغا چىقىرالمايمىز. شۇڭا بىزدىكى مەدەنىيەتمۇ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بىلەن شۇغۇلىنالىغان ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىنى مەھسۇلاتقا سىڭدۈرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولالماسلىغى مۇمكىن. بىز لەڭمەن، پولۇ دېسە پۈتكۈل جۇڭگوغا داڭلىق قىلىۋەتتۇق. چۈنكى ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇرالىدۇق. مۇقەررەركى ئۆزىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئاندىن مەدەنيتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز ۋە تۇنۇتالايمىز. مەسىلەن: ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنىڭ قوپال مىجەزىنى ماشىنىسىغا سىڭدۈرگەن. شۇڭا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماشنىلىرنى كۆرسىڭىز بىر خىل قوپال. ياپونىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ جۇغى كىچىك بولغاچقا شۇنداق ئىخچام، كىچىك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.
فىرانسىيەلىكلەر بولسا ئۆزىنىڭ رومانتىك ھالىتىنى يەنى ئەينەكلىرى يوغان، ھەيدەشكە كەلگەندە يېنىكرەك ھەم سۈرئەتكە كۈچەيدۇ. ئەنگىلىيەلىكلەرچۈ؟ ئەنئەنىۋىلىكنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك مەدەنىيەت كۆز قارشى ھەممىگە سىڭىپ ماڭدى. شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيتىنى پۈتكۈل دۇنياغا تاراتتى. ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى كۆرگەندىن كېيىن نەدە ئىشلەپچىقىرىپتۇ دېسە ئەنگلىيەدە ياكى ئامىركىدا دېگەندىن كېيىن ‹‹يامان خەق بۇ›› دېگەن بىر گەپ تېز چىقىدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا ئىشلەپچىقارغان ھېچنەرسە يوق. دېيىشكە توغرا كەلسە ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى دېسەك بولىدۇ. شۇڭا بەزى ئەھۋاللاردا ئۇيغۇر دېمەك ئۇسۇل دېمەك دەپ قارىلىدۇ. ئىچكىرىدە بولسا ئۇيغۇر دېمەك پولۇ دېمەك. ئۇيغۇر دېمەك كاۋاپ، نان دېمەك دەيدىغان ھالەتتە. دېمەك ئىشلەپچىقىرىش قىلالمايۋاتىمىز. بۇنى كۆپىنچە كارخانىچىلار مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىگە باغلايدۇ. مېنىڭچە دۇنيادا مەبلىغى تۇللۇق ھېچقانداق كارخانا يوق. نەچچە يۈز مىليارد پۇلى بار كارخانچىنىڭمۇ مەبلىغى يېتىشمەيدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىنى يىغىپ ئەكەلگەندە ئاساسلىقى سەۋەب دەل ئاشۇ كارخانىچى. يەنى كارخانىغا باش بولۇپ ماڭغۇچىنىڭ ئىدىيەسى يەنى بىلىم قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئاجىز. ئىككىنچىدىن ئۇنىڭ زامانىۋى كارخانا يۈرۈشىنى چۈشىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن كەمچىل. ئۈچىنچىدىن. ئۇ ئەنئەنىۋى رامكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولغاچقا ھەر ۋاقىت ھەر نەرسىنى ئەنئەنىۋى رامكا بىلەن ئېلىپ ماڭىدۇ. زامانىۋى يېڭىلىققا كەلگەندە قاراپ باقايلى دەيدۇ. ئۇيغۇر كارخانچىلىرمىغا سىڭىپ كەتكەن بىر ئىدىيە بار. ‹‹ئالدى بىلەن بىرسى مېڭىپ باقسۇن›› دەيدىغان، ھەر بىر يېڭىلىققا گۇمان بىلەن قارايمىز. ئۇنى ئېتىراپ قىلماسلىق بىلەن كۈزىتىمىز. يېڭىلىق قوبۇل قىلىشىمىز ئاستا.
مېنىڭچە ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز ئىككى خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىرى يېڭىلىقنى تېز قوبۇل قىلىش يەنە بىرى كونىلىققا ئېسىلىۋېلىپ يېڭىلىققا سەل قاراش. بۇ يەردە كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە شۇكى يېڭىلىقنى تېز قوبۇل قىلىپ ئەنئەنىنى يوقىتىپ قويساڭ ئاسمىلاتسىيە بولۇپ تۈگەيسەن. ئەگەر يېڭىلىقنى قوبۇل قىلماي قېلىپتىن چىقالمىساڭ رۇدمېنتلىشىپ تۈگەيسەن. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى-ئالدى بىلەن كارخانىچىلارنىڭ ئېڭىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش، يەنى ھەقىقىي بىر كارخانىچىنى مەيدانغا چىقىرىش ئارقىلىق كارخانا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئەمدى كارخانا مەدەنيىتى دېگەن ۋاقتىمىزدە كارخانىنىڭ چوقۇم يادرولۇق قارىشى بولۇشى كېرەك. كارخانا ئۆزىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئون يىلدىن يىگىرمە يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق تىكلەپ چىقىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ بىر جۈملە شوئار بىلەن بىزنىڭ مىزانىمىز، بىزنىڭ تىجارەت ئۇسلۇبىمىز دەپ يوغان يېزىپ قۇيۇش بىلەنلا ھەل بولىدىغان نەرسە ئەمەس. مەسىلەن ئېيتايلى بەزى كارخانىلار بارلىقىمىز خېرىدارلار ئۈچۈن، بارلىقىمىز پالانچى ئۈچۈن. دەيدۇ. شۇلارنىڭ خېرىدارلىرى سېتىۋالغان مەھسۇلاتتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلسا مۇۋاپىق ھەل قىلىپ بېرەلەمدۇ؟ ئەگەر بۇنى ھەل قىلمىسا ئۇنىڭ ھېلىقى شوئارى نۆلگە تەڭ. بارلىقىمىز خېرىدارلار ئۈچۈن دېگەن شۇنداق بىر قىممەت قارشىنى تىكلىيەلمىسەك ئىناۋەتسىز. ئازراق مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلمەي ھەل قىلىپ بېرىشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ خېرىدارنى نارازى قىلىپ تۇرۇپ يەنە بارلىقىمىز خېرىدار ئۈچۈن دېگەننى ئېغىزدىن چۈشۈرمەسلىك ئوپئۇچۇقلا ئالدامچىلىق، بۇنى ئالدى بىلەن شۇ كارخانىچى ئۆز ئىدىيەسىدە تىكلىشى كېرەك. ئاندىن بۇنى قول ئاستىدىكى خىزمەتچى خادىملاردا يېتىلدۈرۈش كېرەك.
مەنبە:باغداش تورى