A-A+

بايلار مىننەتدارلىق ئىلىكىدە ياشايدۇ

2016-يىل 25-مارت مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 271 قېتىم

1463732642391

سۈرەتتە : بوچى پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، جۇڭگۇ كارخانىچىلىرى ئىچىدە ئەڭ ياش پايچىكىنى بازارغا سالغان CEO بەي يۈنفېڭ


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار پۈتۈن دۇنيادىن رەنجىيدۇ، بايلار مىننەتدار بولۇپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدۇ

ئىلگىرى بىرباي ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجىرىبىلىرىنى خۇلاسىلىغان ۋاقىتتا مۇنداق دىگەن: «باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان ھېسىيات مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن. مەن ئۆزۈمنىڭ باشقىلاردىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇمنىڭ يوقلۇقىنى ئېنىق بىلگەندىن كىيىن،ئۆزۈمنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن مىننەتدارلىق ھېسىياتىدا بولۇشۇم لازىملىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇلارغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە جاۋاب قايتۇرۇشۇم، ئۇلارنى خۇشال قىلىشىم كېرەك ئىدى. نەتىجىدە مەن خىزمەتتىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىغان ياردەملەرگە ئېرىشىپ ئىشلىرىم ناھايىتى روناق تاپتى. شۇ سەۋەبتىن مەن ناھايىتى تىزلا شىركەتتە ئۆسۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئارقىدىنلا ئېرىشىدىغان بايلىقىممۇ كۆپىيىشكە باشلىدى

بۇ بايغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، نامراتلاردا باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇش تۇيغۇسى بولمايدۇ،ئۇلار ھەمىشە پۈتۈن دۇنياغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدۇ، ئازراقلا قىيىنچىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىككە دۇچ كەلسە باشقىلاردىن، جەمئىيەتنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن رەنجىيدۇ،ئۆزىنى پۈتۈن دۇنياغا قارشى ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ. بۇ خىلدىكى پۈتۈن دۇنيادىن ئاغرىنىدىغان پىسخىكا پەيدا بولغاندىن كىيىن، نامراتلاردا ئەتراپتىكى كىشىلەر ھەمدە سىرتقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن دۈشمەنلىك ھېسىياتى پەيدا بولىدۇ – دە، ئۆزىنى قەستەن يىتىم قالدۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى پاسسىپ پىسخىكىنىڭ تەسىرى ئاستىدا،نامراتلارنىڭ ئىش ۋە ئادەملەرگە بولغان پوزىتسىيىسى سوغۇقلىشىپ، كىشىلىك مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسىرى ناچارلىشىدۇ، شارائىتىمۇ بارغانسىرى يامانلىشىشقا باشلايدۇ.

بىر ھەقىقىي زەردار باشقىلارغا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدۇ. ئۇلار شۇنى بىلىدۇكى، ئىنساندا مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان يۈرەك بولمىسا، قانچىلىك كۆپ بايلىقى بولۇشتىن قەتئىينەزەر يەنىلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۆزى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلارچىقمايدۇ. شۇڭا ئۇلار دائىم ئەتراپتىكى كىشىلەرگە، جەمئىيەتكە نىسبەتەن مىننەتدارلىق، جاۋاب قايتۇرۇش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ.

ئامېرىكا غەرب نىفىت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، «20 – ئەسىردىكى ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇردىغان زەردار» دەپ تەرىپلەنگەن ئامېن. ھام دەل مىننەتدار بولۇشنى، جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدىغان بايلارنىڭ ۋەكىلى.

1914 – يىلى ئامېن. ھام بىر توپ مۇساپىرلار بىلەن جەنۇبىي كالفورنىيە شىتاتىنىڭ ۋېلسوندىكى بىركىچىك بازىرىغا كەلگەن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ناھايىتى ھېرىپ كەتكەن ئىدى. بازار باشلىقى جېكسون ياخشى ئىشلارغا ئالدىرايدىغان ساخاۋەتچى بولۇپ، ئۇ ئۆز قولى بىلەن قىيىنچىلىق ئىچىدىكى بۇ كىشىلەرگە يىمەكلىك يەتكۈزۈپ بەرگەن. قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلماقچى بولغان بۇ كىشىلەر بۇنداق مول يىمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگمىگىلى ئوزۇن بولغاچقا بىر ئېغىز رەھمەتمۇ دېمەستىن يىمەكلىكلەرنى يالماپ يۈتۈشكە باشلاپتۇ.

بازارباشلىقى يىمەكلىكلەرنى ئامېن. ھامنىڭ قولىغا بەرگەندە، يۈزكۆزلىرى تاتارغان،قورساقلىرى ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەن ھام يىمەكلىكنى ئالدىرىماستىن قولىغا ئېلىپ،بېشىنى كۆتۈرگىنىچە بازار باشلىقىغا مىننەتدارلىق بىلەن قاراپ: «ئەپەندىم! سىزماڭا بۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى بەردىڭىز، مەن سىزگە قانداق جاۋاپ قايتۇرسام بولار؟»دەپتۇ.

كۆڭلى –كۆكسى كەڭ جېكسون بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كۈلگىنىچە: «قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھېچقانداق جاۋاب تەلەپ قىلمايمەن.» دەپتۇ.

«ياق ئەپەندىم! ئەگەر مەن سىزنىڭ يىمەكلىكىڭىزنى قوبۇل قىلسام، چوقۇم سىزگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك!» دەپتۇ ھام قەتئىيلىك بىلەن.

جېكسون زوقلانغىنىچە كۆز ئالدىدىكى بۇ كەسكىن يىگىتكە قاراپ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئازراق ئىش قىلدۇرۇپ رەھمىتىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بەرمىسە، ئۇنىڭ بۇ تاماقنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ.ھەم بىرئاز ئويلانغاندىن كىيىن ئىزىدىلا ئولتۇرۇپ ھامغا دەپتۇ: «سىز مېنىڭ دۈمبەمنى ئۇۋۇلاپ قويۇشنى خالامسىز؟»

ھام ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىپتۇ. ئۇ بىر نەچچە مىنۇت ئۇۋىلىغاندىن كىيىن، جېكسون ناھايىتى راھەتلىنىپتۇ ھەمدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئامېن. ھامغا:«بولدى، يىگىت! سىز ناھايىتى ياخشى ئۇۋىلايدىكەنسىز، رەھمەت سىزگە!»دەپتۇ. شۇ چاغدىلا ئاندىن ھام خاتىرجەملىك بىلەن تاماقنى يىيىشكە باشلاپتۇ.

جېكسون بۇ يىگىتنىڭ مىننەتدار بولۇپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدىغانلىقىنى، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭغا: «يىگىت، ھازىر مېنىڭ ئېكىنزارلىقىمغا جىددى ئادەم لازىم، ئەگەر سىز قېلىشنى خالىسىڭىز مەن ناھايىتى خۇشال بولغان بولاتتىم.» دەپتۇ.

ئامېن. ھام بۇ تەكلىپنى شۇ ھامانلا قوبۇل قىپتۇ ھەمدە كۆپ ئۆتمەستىن جېكسوننىڭ ئېكىنزارلىقىدىكى ئەڭ قابىل كىشىگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بوپتۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن جېكسون ئۆزقىزىنى ھامغا نىكاھلاپ قويۇپتۇ، چۈنكى ئۇ ھامدىن ئىبارەت جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدىغان، جاپادىن قورقمايدىغان بۇ ئادەمنىڭ كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىكەن.

جېكسوننىڭ ئويلىغىنىدەك، 20 يىلدىن كىيىن ھام ئامېرىكىنىڭ نېفىت پادىشىاھىغا ئايلىنىپ،باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان زور بايلىققا ئىگە بوپتۇ.

ھامنىڭ باشقا ھەمراھلىرى بازار باشلىقىنىڭ يىمەكلىكىنى قوبۇل قىلغاندا ھېچقانداق مىننەتدارلىق ھېسىياتىدا بولمىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بازار باشلىقىنىڭ ياردىمى ئۇنىڭ چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى ئىكەن. ھەتتا كۆپ قىسىم ئادەملەر ئەگەر بازارباشلىقىنىڭ ئۇلار بىلەن كارى بولمىسا، بازار باشلىقىنى ئۆزىگە يۈز كىلەلمەيدۇ،تەڭرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارىغان. بۇنداق كىشىلەر مىننەتدار بولۇشنى،جاۋاب قايتۇرۇشنى چۈشىنەمدۇ؟

بۇكىشىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئامېن. ھاملا باشقىلارغا ئوخشىمايتى، ئۇ بازار باشلىقى ماڭا ياردەم قىلغان ئىكەن، مەن چوقۇم ئۇنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك دەپ قارىغان.شۇنداق قىلىپ ئۇ بازار باشلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ دۈمبىسىنى تۇتۇپ قويغان. دەل مۇشۇنداق ياخشىلىقنى بىلىدىغان يۈرەك بولغاچقا، ئامېن. ھام بازارباشلىقىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، بۇ ئارقىلىق باشقىلار ئېرىشەلمىگەن پۇرسەتكەئېرىشىپ بازار باشلىقىنىڭ ئېكىنزارلىقىغا كىرىپ خىزمەت قىلغان؛ دەل مۇشۇنداق مىننەتدار بولۇشنى ۋە جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلگەچكە، ئامېن. ھام كىشىلەرنىڭ ماختىشى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ، بايلار ئارسىدا ناھايىتى چوڭقۇر ھەم ياخشى تەسىر قالدۇرغان.

تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى، ئامېن. ھام كۆپ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، ھەمدە جۇڭگوئۆسمۈرلەر فوندى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىپ، مىننەتدار بولۇش، جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرغان.

تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئامېن. ھامدەك ياخشىلىق قىلغانلارغا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدىغان بايلار ئاز ئەمەس.

كورىيە«زامانىۋى» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جېڭ جوۋيوڭ ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا ۋە ساخاۋەت ئىشلىرىغا ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ. 1977 – يىلى ئۇ ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى «زامانىۋى قۇرۇلۇش» نىڭ %50 پېيىنى ئىئانە قىلىپ «ئېشەن ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى فوندى»نى قۇرغان، يەنە پۇل چىقىرىپ دوختۇرخانا، بالىلار باغچىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە ئادەملەرگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇپ ،ئۇلارغا ياخشى جاۋاپ قايتۇرغان.

ئاندىرو كارنىگ ئۆز قولى بىلەن ئانىسىغا ياردەم قىلغان مال ساتقۇچىغا رەھمەت خېتى يازغان،ھەمدە مال ساتقۇچى تۇرغان سودا دۇكىنىغا بېرىپ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماللارنى سېتىۋالغان.

روكفېللېر مىليارىدتىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا، لابوراتورىيە (تەتقىقات ئىشخانىسى) قاتارلىقلارغا ياردەم قىلغان، ھەمدە غايەت زور ساخاۋەت ئورگىنىنى قۇرۇپ چىققان.

ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، پەقەت مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان يۈرەك بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر، ساۋاقداشلارغا يۈزلەنگەندىلا،ھەمدە تىرىشىپ ئۇلارنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرغاندىلا، ئاندىن بايلىقنىڭ ئىشىكىنى چەككىلى بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

بۇ دۇنيادا ساپ ھاۋادىن ئورتاق نەپەس ئېلىۋاتقان ھەر بىر ئادەم تەنھا ئەمەس، ھەممەيلەن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا مۇھتاج. بايلار بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىدۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، بايلار پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا باشقىلار بىلەن ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولىدىغانلىقىنى،كۆپرەك ياردەمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئېرىشىدىغان ياردەم قانچە كۆپ بولسا، بايلارنىڭ تاپقان پۇلىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ھەمدە بايلىق پادىشاھلىقىدىكى«قۇرۇماس دەرەخ» كە ئايلىنىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ بايلىققا ئېرىشكەندىن كىيىن، بايلار يەنە ئاۋۋالقىدەكلا بىر مىننەتدار بولۇشنى، جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدىغان يۈرەك بىلەن كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەتراپىدىىكىلەرنىڭ ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۇنتۇمايدۇ، بۇ ناھايىتى تەسلىكتە يىتىلىدۈرگىلى بولىدىغان خىسلەت. بايلار شۇنداق قىلغان ئىكەن، بايلىق يولىدا بايلىق ئىزدەۋاتقان كىشىلەر قانداق بولۇشى كېرەك؟

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ