قاشتېشى سېتىۋالغاندا بۇ سەككىز گەپنى قىلماڭ!(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 96)
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
<<ساتقۇچىنىڭ سۆزى بار ، ئالغۇچىنىڭ كۆزى >> دىگەندەك ، قاشتېشى سېتىۋېلىش ئۆزگىچە سۆز ماھارىتى تەلەپ قىلىدىغان سودا جەريانىدۇر . خوش ، ئۇنداق بولسا قاشتېشى سېتىۋالغاندا قايسى سۆزلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ ، بىز بىرلىكتە تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سالايلى :
1 . مەن تاشچىلىققا يېڭى كىرىشكەن ، سىز ماڭا يارام تاشلارنى ئىلغاپ بېرىڭ
تاشچىلىققا يېڭى كىرىشكەنلەر تاش سېتىۋالغاندا يارام تاشلارنى ئىلغاپ بولالماي تاشچىلارغا : << مەن تاشچىلىققا يېڭى كىرىشكەن ، سىز ماڭا ياردەم قىلىپ يارام تاشلارنى ئىلغاپ بېرىڭ دەيدۇ ! >> . بۇنداق دىيىش ناھايىتى خەتەرلىك . تاشچىلار سىزنىڭ تاشچىلىققا يېڭى كىرىشكىنىڭىزنى بىلىپلا قالسا سىزگە يارام تاش ئىلغاپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن سۈپەتسىز تاشلىرىنى سىزگە قىممەت باھادا سېتىۋالىدۇ .
2 . يۈز كويلۇق تاش ئالىمەن
بۇ بىر ئېغىز گېپىڭىزلا سىزنىڭ تاشچىلىقتا ھۈنەرگە خام ئىكەنلىكىڭىزنى ئاشكارلاپ قويىدۇ ھەم تاشنىڭ باھاسىنى ئۆزىڭىز بېكىتىپ قويسىڭىز باھا تالىشىش ئىمكانىيىتىمۇ بولمايدۇ . شۇڭا ئېزىپ - تېزىپ ساتارمەنگە << مانچە پۇللۇق تاش ئالىمەن >> دەپ سالماڭ .
3 . تاشنىڭ ئانا پۇلىسى ( بېنچىنى ) نەچچە پۇل ؟
تاشنىڭ ئانا پۇلىنى سوراش تاشچىلار ناھايىتى ئېغىر كۆرىدىغان ئىش .ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشچىلار سىزگە ھەرگىزمۇ تاشنىڭ ئانا پۇلىنى دەپ بەرمەيدۇ . تاشنىڭ ئانا پۇلىنى سورىسىڭىز پۈتۈشىشكە تەييار بولغان سودىمۇ يېنىپ كېتىشى مۇمكىن . شۇڭا ھەرگىزمۇ ئەخمەقلىق قىلىپ تاشنىڭ ئانا پۇلىنى سوراپ يۈرمەڭ .
4 . پۇل دىگەن مەندە تولا ! ئەڭ يارام تاشلىرىڭنى كۆرسەت !
تاشچىلار بۇ گېپىڭىزنى ئاڭلىسا خۇشاللىقتىن دىللىرى يايراپ كېتىدۇ. كىممۇ سىزدەك << تىللا تۆكىلىدىغان دەرەخ >> نى كۆرسە خۇش بولمىسۇن؟ شۇڭا تاش كۆرگەندە زۇۋانىڭىزنى يېغىپ تاشنى كۆرگەچ ئەيىپىنى دېگىلى تۇرسىڭىز تاشچىلار چۇقۇم ئەڭ يارام تاشلىرىنى ئېلىپ سىزگە كۆرسىتىدۇ .
5 . مۇشۇ نېمە پۇلغا يارامدا ، ساختىدۇ ھەقاچان ؟
سىز تاشچىلىقتا پراففىسور بولغان تەقدىردىمۇ تاش كۆرگەندە بولۇپمۇ يايمىدىن تاش ئىلغىغاندا ھەرگىزمۇ قولىڭىزدىكى تاشنى : << مۇشۇ نېمە پۇلغا يارامدا ، ساختىدۇ ھەقاچان ؟ >> دەپ باھالىماڭ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەر قانداق تاشچىنىڭ قۇلىقىنىڭ قېنى قاچىدۇ ! بەلكىم مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزىڭىز بىر مەيدان جېدەل - ماجراغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
6 . ۋاھ ، كۆڭلۈمدىكى تاشنىڭ دەل ئۆزىغۇ بۇ !
قولىڭىزغا چىققان تاش سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى << مۇكەممەل >> تاشنىڭ دەل ئۆزى بولغان تەقدىردىمۇ ئالدىراپ خۇشاللىقىڭىزنى ئىپادىلەپ قويماڭ . بولمىسا باھا تالاشقاندا سىز ناھايىتى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىز .
7 . قۇيرۇق قاش سېتىۋالىمەن ( ياڭجىيۈ ئالىمەن )
جۇڭگۇدا پۇلدارلارنىڭ كۆپلىكىدە نەدىمۇ سىزگە ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان قۇيرۇق قاش بولسۇن ؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا << قۇيرۇق قاش >> دېيىشكە ئامراق . ئاگاھ ۋە سەگەك بولۇڭكى،تاشچىلىقتا << قۇيرۇق قاش >> ئاتالغۇسى پەقەتلا بىر سۆز ئويۇنى خالاس ! تاشچىلارمۇ قەدەمدە بىر خېرىدارلىرىنىڭ ئاغزىدىن << قۇيرۇق قاش سېتىۋالىمەن >> دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ . شۇڭا ئەتىگەندىن كەچكىچە ساراڭدەك << قۇيرۇق قاش ، قۇيرۇق قاش >> دەپ سۆزلەپ يۈرمەڭ .
8 . بۇ مالنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزى باردۇ ؟
خوتەن قاشلىرى بىلەن كۆك تارغاق قاشنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش گۇۋانامىسى ئوخشىمايدۇ . تاشچىلىقتا تەكشۈرۈش قەغىزىنىڭ ھېچبىر ئىناۋىتى يوق . ئەمما بەزىدە تەكشۈرۈش قەغىزى خېرىدارلارنى ئالداشتا ناھايىتى سۆيۈملۈك قورال ھېسابلىنىدۇ .
مەنبە : تور دۇنياسى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى