A-A+

بىرلەشكەننىڭ كۈچى كۆپ

2015-يىل 28-ئىيۇن تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 338 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 3 - باب 5 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

نامراتلار: بازار رىقابىتى بەك كەسكىن،  ئىش باشلىشىمىزغىلا رىقابەتچىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايمىز، قانداق قىلغاندا باش كۆتۈ

رۈپ چىققىلى بولار؟

ۋىنجۇلىقلار: بىرگە بىر كۈچ ئېلىشىش زاماندىن قالدى، بىرلەشكەننىڭ كۈچى كۆپ بولىدۇ، ئىش تەقسىماتى ئېنىق شارائىتتا  زىچ ئۇيۇ

شۇش بولسىلا كىچىككىنە پىستە كۈچۈكمۇ تاغىل ئاتنى تامامەن يەۋېتەلەيدۇ.


ئىقتىسادشۇناس جوڭ پېڭروڭ مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدى:
ئىپىدائى ئورمانلىقتا  ئېچىرقاپ كەتكەن ئۈچ كۈچۈك بىر تاغىل ئاتنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۈچى بىرلىكتە تاغىل ئاتقا ئېتىلىپتۇ.

بىرىنچى كۈچۈن تاغىل ئاتنىڭ بۇرنىدىن ئاپتۇ ۋە ھەرقانچە قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ قويىۋەەتمەپتۇ.

ئىككىنچى كۈچۈك تاغىل ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلىۋاپتۇ ۋە تاغىل ئات ھەرقانچە تەپسىمۇ زادىلا قويىۋەتمەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك تاغىل ئات ئالدى كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆزىنى  قوغداش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قاپتۇ.

دەل مۇشۇ پەيىتتە ئۈچىنچى كۈچۈك تاغىل ئاتنىڭ پۇتىدىن چىشلەشكە باشلاپتۇ، بەرداشلىق بېرەلمىگەن تاغىل ئات ئاخىر يىقىلىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا كۈچۈكلەر بىرلا ۋاقىتتا تاغىل ئاتقا تاشلىنىپتۇ ۋە مەززىلىك تائامدىن ھوزۇرلىنىپتۇ.

جوڭ پىڭروڭ مۇنداق دەيدۇ :‹‹جېجياڭلىقلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى نەق ئەشۇ‹كۈچۈك ئىقتىسادى› غا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ھەمكارلىقى زىچ . مانا شۇنداق بولغاندىلا غايەت زور ئۇيۇشۇش كۈچى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

‹كۈچۈك ئىقتىسادى›نىڭ يامان تەرىپى -بازار ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش بىرلىكىنىڭ زەنجىرىگە ئايلانغان. ۋىنجۇلىقلارنىڭ بەتىنكىچىلىكىنى مىسالغا ئالساق، بىر جۈپ ئاياغقا كېتىدىغان  بارلىق لازىمەتلىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بازىرى بولىدۇ، مەسىلەن: ئاياغ ماتىرىيالى-خېتوڭچياۋ ئاياغ ماتىرىيال بازىرىدىن چىقسا، ئاياغ چەمى- لىچىڭ بەيشې ئاياغ چەمى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن چىقىدۇ، ئاياغ زىننەت بويۇملىرى بولسا- يوڭجيا خۇاڭ تيەن ئاياغ زىننەت بۇيۇملىرى بازىسىغا مەركەزلەشكەن .

‹ كۈچۈك ئىقتىسادى›- ماھىيەتتە ئەمگەك كۈچلىرى ئىقتىسادىدۇر. ھالبۇكى ئەمگەك كۈچى جۇڭگودىكى ئەڭ مول مەنبە بولۇپ، ۋىنجۇلىقلارنىڭ ماڭغان يولى دەل جۇڭگونىڭ ‹ دۇنيانىڭ ياساش  زاۋۇتى › بولۇش قەدىمى بىلەن جىپىسلاشقان ››.

جۇاڭ جيې گورۇھىنىڭ سابىق لېدىرى چېن مېي « قانداق قىلغاندا بىر پۇڭ خەجلىمەي دۇكان ئاچقىلى بولىدىغانلىقى » نىڭ سىرىنى ئاچقانىدى.

ئۇ :« ۋىنجۇلىقلارنىڭ نۇرغۇن سودا يوللىرىنى باشقىلار ئۆگىنەلمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ۋىنجۇلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچسىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە زىچ ھەمكارلىقى جەريانىدا ياراتقان پۇرسەتلىرىدىن بولغان.» دەيدۇ.

  مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان 10 مىڭدىن ئارتۇق مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى ۋىنجۇلىقلارنىڭ كىيىم-كېچەك ساھەسىنى كېڭەيتىشتىكى ۋاستىسىغا ئايلانغان. بۇنىڭ ئامالى بولسا سىرتتا تىجارەت قىلىدىغان ۋىنجۇلىقلارنىڭ پۇلى ئارقىلىق بىر موچەن چىقىم قىلماي پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت. جۇاڭ جيې گورۇھىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ ۋىنجۇدىكى ئۈچ  مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن باشقا 200 دۇكاننىڭ ھېچقايسىغا بىر موچەن مەبلەغ سېلىنمىغان، ئەكسىچە بۇ يىلدا يېڭىدىن قوشۇلغان مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن 5 مىليوندىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشكەن. ئەگەر ئۆزى مۇنداق چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان سېتىش نوقتىلىرىنى ھاسىل قىلىمەن دەيدىكەن، بىر مەخسۇس سېتىش دۇكىنغا ئاز دېگەندە 500 مىڭدىن كۆپرەك مەبلەغ كېتىدۇ، 200 مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئۈچۈن 100 مىليوندىن ئارتۇق پۇل كېتىدۇ، بۇنداق كۆپ چىقىمنى جۇاڭ جيې گورۇھى كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ.

پۈتۈن جاھانغا تارالغان ۋىنجۇلىقلار جۇاڭ جيېغا ياردەم قولىنى سۇندى. ئېلان-تەشۋىقاتىنى ياخشى قىلىپ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك رايون ۋاكالەتچىلىكىنى قوللانغاندا چوقۇم بىر ۋىنجۇلىق خوجايىن ئۆزى سىزنى ئىزدەپ كېلىپ مەلۇم رايوننىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالى

دۇ ۋە مەبلەغ سېلىپ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇلار دائىم ئۆزى پىششىق ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ، بازار ئېچىشقا ئىنتايىن ماھىر، كارخانىنىڭ غەم قىلىشىنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.  ۋىنجۇ كېيىم-كېچەك  ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى شۇنداق قىلىدۇ.

خەتىرى ئاز، پايدىسى ياخشى ــــــــ مانا بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋىنجۇچە كېيىم-كېچەك سېتىش يولى.

ئەلۋەتتە ئۇلار يۇرتداشلىرىنى بوزەك قىلمايدۇ. مەھسۇلات ئومۇمىي پايدىسىنىڭ %50 تى ۋاكالەتچىگە قالىدۇ. نەق مۇشۇ تەرەپ ئۇلار

نىڭ ۋىنجۇ كېيىم-كېچەكلىرىنى سېتىشتىكى ئىتتىرىش كۈچى. ئەكسىچە كېيىم-كېچەك كارخانىلىرىغا نىسبەتەن، چوقۇم توختىماستىن مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.مانا بۇ ۋىنجۇ كارخانىلىرىنڭ ماركا يارىتىشتىكى ئىتتىرىش كۈچى.

كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋىنجۇ كارخانىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ھەمكارلىق تورىدىن، بىرلىشىش كۈچىدىن كېلىپ چىق

قان.  ۋىنجۇلىقلار كىشلىك مۇناسىۋەتنى ئۈستۈن كۆرىدىغان سودا توپىدۇر.

ئائىلە ئەزاسى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست، يۇرتداش، دېگەندەك ۋىنجۇلىقلار قانداشلىقتىن تارتىپ يۇرتداشلىققىچە مۇشۇنداق مۇناسىۋەت بويىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورناتقان. ۋىنجۇلىقلار قەيەرگىلا بارسا ئۇلارنىڭ يۇرتداشلار ئويۇشمىسى، دوسلار ئۇيۇشمىسى، سودا ئويۇشمىسىنى شۇ يەرگە ئېلىپ بارىدۇ.

ۋىنجۇلىقلار نامى چىققان توپلىشىپ سودا قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلار بەك ئىتتىپاق بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سودىگەرلىك قىلىدىغان ۋىنجۇلىقلار ئاساسەن ھەممىسى شۇ يەردىكى ۋىنجۇ سودا ئويشمىسىنى تاپالايدۇ. ئۇلارنىڭ تەبىئي شەكىللەنگەن قائىدىسى:« بىر كىشى پۇل تاپالمايدۇ، بىرلەشكەندىلا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ، پۇلنى كۆپچىلىك بىللە تاپىمىز» دېگەندىن ئىبارەت.

شىئەن لىيەنخۇ رايونى غەربى چوڭ كوچىسىدا ‹ جەنۇپ باسمىچىلىقى› نامىدىكى ماركا، سوۋغات بويۇملىرى شەھەرچىسى بار بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاتمىش نەچچە تىجارەتچىنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىرى ۋىنجۇدىن كەلگەن.ئۇلار ئاساسلىقى مىس تاختا، ئىزنەك ،كەسپى بەلگە قاتارلىق بۇيۇملار سودىسى ۋە ساڭنەن، پىڭياڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان سوۋغات بويۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

خۇاڭ كېنىڭ، جاڭ يۈمىڭ ۋە خوۋ چۈەنجىن قاتارلىق ئۈچەيلەن ۋىنجۇلىق تىجارەتچىلەر . « يۇرتنىڭ سودا تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشى

لىك ھەسسە قوشۇش »  ئۇلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دائىم بىر  يەرگە يىغىلىپ قانداق سودا قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىدۇ.

جاڭ يۈمىڭ ئاكا-ئۇكا يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى سوۋغات بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلىدۇ. 1992-يىلى 3-ئايدا تۇغقىنىنىڭ ياردىمىدە ئۇ بىرنەچچە يۇرتىدىشىنى باشلاپ يۇرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى ئېلىپ شەرقى شىمالغا كەلدى ۋە جاڭ يۈمىڭ ئېلانچىلىق زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتى. 10 نەچچە يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن ئېلانچىلىق-ماركا شىركىتى يەرلىكتىكى نامى بار كارخانىغا ئايلاندى.

شىئەندە سوۋغات بويۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ شارائىتى تولۇق ئەمەس .شۇڭا بىر قېتىملىق زاكاستىكى 100 مىڭ تال ئىزنەكنى  بىرلا ئاقما لىنىيە ئارقىلىق بىر ھەپتىدە پۈتتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭدىن كۆپ زاكاسنى قوبۇل قىلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. جاڭ يۈمىڭ يۇرتى پىڭياڭدىكى« جۇڭگو سوۋغات بويۇملىرى تاۋار ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» بۇ خىل ئىھتىياجنى قاندۇرالايدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ‹‹ بىر تال ئىزنەكنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن چىرىتىش، سۇۋاركىلاش قاتارلىق ئون نەچچە ئىش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى يۇرتتىكى ھەرقايسى ئورۇنلارغا بۆلۈپ بەرگەندە ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي يەنە پىڭياڭنىڭ بازىرىنى ئېچىشقىمۇ پايدىلىق ›› دەپ قارىدى ھەم شۇ سەۋەپتىن 2004-يىلى شىئەندىكى كارخانىسىدىن ۋاز كېچىپ بازار ئېچىشقا ئاتلىنىپ كەتتى.

خوۋ چۈەنجىن بىلەن جاڭ يۈمىڭنىڭ ئويلىنغىنى بىر يەردىن چىقتى. ساڭنەن «جۇڭگونىڭ باسمىچىلىق شەھەرچىسى» بولۇپ، ئۇنى

‹ شىئەن شەھرىنىڭ باسمىچىلىق چوڭ سېخى› قىلىشقا بولاتتى. مۇنداق بولغاندا بازارنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز يۇرتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولاتتى. ئەنە شۇ نىشاننى كۆڭلىگە پۈككەن خوۋ جىنچۈەنمۇ بۈگۈنكى كۈندە بازار ئېچىش

سېپىگە قېتىلدى.

  ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

دۇنيادىن ئاغرىنىشقا، دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئاغرىنىش خاتىرجەمسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، تەرەق

قىيات بولمايدۇ.

-رېنمىن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى جىڭ يۈەنباۋ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ