A-A+

بايلار توختىماستىن ئۆگىنىدۇ

2016-يىل 26-مارت مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 239 قېتىم

5

سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسى ئەڭ كۈچلۈك 100 شەخىسنىڭ بىرى ، بەيدۇ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى لى يەنخوڭ 


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلارنىڭ ئۆگىنىشى جان بېقىش ئۈچۈن، بايلارنىڭ

ئۆگىنىشى تېخىمۇ كۆپ بايلىق توپلاش ئۈچۈندۇر

دەۋرىمىز ئاللىقاچان ئۆگىنىش تىپىدىكى يېڭى دەۋرىگە كىردى. ئۆگىنىش يالغۇز مەكتەپتىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن، يەنە تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىردى.نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جىددى خىزمەت بېسىمىدىن ئازغىنە ۋاقىت چىقىرىپ ھەر خىل ئۆگىنىش سىنىپلىرىغا تىزىملىتىپ كومپيۇتېر، ئېنگلىزتىلى، ماشىنا ھەيدەش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىدۇ... قارىماققا   ئۆگىنىش ئاللىقاچان مودىغا ئايلانغاندەك كۆرۈنىدۇ، بىراق كىشىلەر ئۆگىنىشنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىنى –روھى، ماددى جەھەتتىن باي بولۇش ئۈچۈنلىكىنى – ئۇنتۇپ قالغان.

نامراتلارنىڭ ئۆگىنىشى پەقەت ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلار ئۆگىنىش ئارقىلىق باي بولۇشنى ئۇنتۇپ قالغان. ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دەۋردە ئۆگىنىش ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ، ئۆگەنمىگەندە ئارقىغا چېكىنىدىغان گەپ. بىراق، پەقەت تاماق قاچىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا ئۆگىنىش قىلغاندا بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا باي بولۇش تۈگۈل، تاماق قاچىسىنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان  كىشىلەر دەۋر تەرىپىدىن بالدۇرلا شاللىنىپ كېتىدۇ.

نامراتلار ئۆگىنىش قىلغاندا ھەر دائىم نۇرغۇنلىغان باھانىلەرنى تاپىدۇ، مەسىلەن: ۋاقىت يىتىشمەيدۇ، خىزمەتتە چارچاش ئېغىر ...دىگەندەك. بايلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىدۇ،چۈنكى ئۇلاردا ئوزۇن مەزگىللىك نىشان بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىلىشىنىڭ تاماق قاچىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باي بولۇش، تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

چېن مېڭباڭ تەيۋەنلىك داڭلىق كارخانىچى. ئۇ بىر مىليادېر بولۇپلا قالماستىن، يەنە روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ناتىق. ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ناھايىتى مول بولۇپ، ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇنىڭ  تۈرلۈك سان-سىپىرلارنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارى بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ نامى ئاتالغان ھامان، ئۇ بۇ دۆلەتنىڭ يەر كۆلىمى، نوپۇسى، ھەتتا سودا سوممىسى ...قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.چېن مېڭباڭنىڭ بارلىق نەتىجىلىرى ئۇنىڭ ئۆگىنىشنى قەدىرلەشتەك خاراكتېرىدىن كەلگەن.

چېن مېڭباڭنىڭ ئوقۇش تارىخى ناھايىتى تۆۋەن، پەقەت باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن.بىراق ئۇ  ئامېرىكا ساينىت ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پەخرىي سودا ئىشلىرى پروفېسسورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بۇ ئادەمنىڭ پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىشى ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆگىنىشنى قەدىرلەشتەك پەزىلىتىدىن كەلگەن. چېن مېڭباڭ 15 ياش ۋاقتىدا ئائىلە ئەھۋالى سەۋەبلىك ئوقۇشتىن چېكىنىپ بىر كىتابخانىغا بېرىپ خىزمەتچى بولغان. ئۇ كۈندۈزى 12 سائەت ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئۆگىنىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرگەن.كىتاب ئوقۇش ئۇنىڭ شەخسىي زوقىغا، كىتاب دۇكىنى ئۇنىڭ كىتابخانىسىغا ئايلانغان.ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئىككى سائەت كىتاب ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان. كىتابخانىدا توپتوغرا سەككىز يىل خىزمەت قىلغان چېن مىنباڭ سەككىز يىل كىتاب ئوقۇغان.

چېن مېڭباڭدا مۇنداق بىر كۆز – قاراش بار: كىشىلىك ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كۆپ ھاللاردا كەچ سائەت سەككىزدىن ئونغىچە بولغان ۋاقىتقا باغلىق. مۇشۇ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك  پايدىلىنالايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ.

بايلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىشكە ماھىر بولىدۇ، ئۆگىنىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆگىنىش ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى بايلىققا ئايلانغان. ئۆگىنىش پاسسىپ ۋە مېخانىكىلىق بولسا بولمايدۇ،ئەكسىچە ھەر بىر ئادەم كۆڭۈل قويۇپ كۈزىتىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش ھەركەت قائىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چىقىش كېرەك. بايلارنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرى نەزىرى ئۆتكۈر،ئىشلارغا بولغان ھۆكۈمى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا توغرا بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ جاپالىق ئۆگىنىشىدىن كەلگەن.

نامراتلار بايلارغا ئەگىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار بېكار ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇمايدۇ،تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ «تۈگىمەس كىتاب» نى تېخىمۇ ۋاراقلىمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ نامراتلىقىنى جەمئىيەتكە ۋە باشقىلارغا دۆڭگەشنى ياختۇرىدۇ، بىراق ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ھورۇن خاراكتېرىگە قارىتا ئويلانمايدۇ. نامراتلارنىڭ نەزىرىدە ئۆگىنىش بىر كۈچ سەرپ قىلىدىغان ئىش، شىركەت پۇل خەجلەپ ئۇلارغا نىسبەتەن تەربىيىلەش ئېلىپ بارسىمۇ، ئۇلار بۇنىڭ مەززىسىنى تېتىيالمايدۇ، ئەكسىچە ۋاقتىم ئىسراپ بولۇپ كەتتى، دەپ قارايدۇ.

نامراتلار ناھايىتى تەسلىكتە بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىۋالسىلا، ئۆزلىرىنى ئاللىقاچان تاماق قاچىسىغا ئىگە بولدۇم دەپ قارايدۇ – دە، يەنە ئۆگىنىش قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما بايلار مەڭگۈ ئەڭ ئىلغار ئىدىيە ۋە ئەڭ ئىلغار تېخنىكىنى ئۆگىنىپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ.

ئاسىيادىكى بىرىنچى باي لى جىياچېڭ دەل ئۆگىنىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، ئۇ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى توختىماستىن كۈچلەندۈرگەن. لى جىياچېڭدەك بايلارنىڭ ئۆگىنىشى ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئەمەس، ئۇلار ھەر بىر باسقۇچتا ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى ئۆگۈنىشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆگەنگەنلىرىنى   قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

بايلار نېمە ئۆگىنىشىدىن قەتئىينەزەر كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىدۇ. ئۆگەنگەنلىرىنى قايتا – قايتا ئىشلىتىپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنى ئۆز تەغدىرىنىڭ تۈرتكىلىك كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق سۇبيېكتىپ بىلىملەرنى بايلىققا ئايلاندۇرىدۇ.ئەكسىچە نامراتلار جان بېقىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ بولۇپلا ئۆگەنگەنلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرمايدۇ –دە، كۈننىڭ ئۆتكىنىگە شۈكرى قىلىدۇ. ئۇلار ئۆگىنىشنى ناھايىتى جاپالىق ئىش دەپ قارىغاچقا ناھايىتى ئېغىر بولغان جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ نېمە دىگەن ئېچىنىشلىق ھە!

بىراق ئاشۇ نامراتلار ھەمىشە پايدىسىز، ھەتتا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ، مەسىلەن:كەيىپ – ساپا قىلىش، قىمار ئويناش قاتارلىق. ئۇلار رېئاللىقنىڭ ئالدىدا خۇددى قارىغۇغا ئوخشايدۇ، ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ھەقىقىي پايدىسى بولغان، ئۆز تەغدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇلار كۆرەلمەيدۇ.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئۆگىنىشكە بولمايدۇ. چوقۇم نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تاماق قاچىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنمۇ ياكى كىشىلىك ھاياتتىكى بايلىق ئۈچۈنمۇ؟

بايلىقنىڭ بايانى:

چېن مېڭباڭ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ئوقۇش تارىخىنىڭ كېرىكى بولسىمۇ، بىراق ھەقىقىي پايدىلىق بولغىنى ئەمەلىي ئۆگىنىشتۇر.». بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش – قازىنالماسلىقى ئاۋۋال شۇ ئادەمنىڭ ئىشتىن سىرتقى بوش ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلىغان،  كەسپى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىگە باغلىق؛ ئاندىن مۇۋاپىق ۋاقىتتا كېرەكلىك ھۈنەر-تېخنىكىلارنى ئۆگەنگەنلىكىگە باغلىق؛ ئەڭ ئاخىرىدا بولسا ئوزۇن مەزگىللىك كۈچلۈك بولغان باي بولۇش ئىدىيىسىنىڭ بار – يوقلۇقى ۋە بۇئىدىيىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئۆگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلغان – قىلمىغانلىقىغا باغلىق.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ