A-A+

16مىليۇنلۇق ئالماس iPhone 6

2016-يىل 31-ماي جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 248 قېتىم

20140912045259615

iPhone 6 ئەمدىلا ئېلان قىلىندى، داڭلىق نەپىس بۇيۇم شىركىتى Alexander Amosu ساقلاپ تۇرالمايلا ئۆزىنىڭ نەپىس بۇيۇم مۇلازىمىتىنى چىقاردى. بىراق ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان نەچچە مىڭ دوللارلىق ئالتۇن نۇسخىدىكى iPhone غا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم Alexander Amosu شىركىتى چىقارغان ئالماس نۇسخىنى ھەقىقىي نۇسخىدىكى ھەشەمەت دەرىجىلىك دىيىشكە بولىدۇ.
ئىگەللىنىشىچە، Alexander Amosu شىركىتى چىقارغان ئالماس نۇسخىدىكى iPhone 6 نىڭ ئارقىسىغا نەقىشكە 6127 گرام ئۇششاق ئالماش ئىشلىتىلگەن، كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئارقىسىدىكى Logo قىسىمىدىكى نەقىش ئالمىنىڭ Logo سى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. Alexander Amosu شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ Logo ئورنىدىكى ئالماسنىڭ مىقدارى 51.29 كاراتقا يەتكەن، بارلىق 6127 دانە پارچە ئالماسنىڭ ساپلىق دەرىجىسى ھەممىسى VVS1 دەرىجىسىگە يەتكەن.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ ھەشەمەتلىك iPhone 6 نىڭ باھاسىغا ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلگەن. Alexander Amosu شىركىتى بۇ نۇسخىدىكى ھەشەمەتلىك iPhone 6 نىڭ باھاسىنىڭ 1 مىلىيون 700 مىڭ فونېستىرلىڭ ( تەخمىنەن 16 مىلىيون 680 مىڭ يۈەن) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. Alexander Amosu شىركىتى يەنە 2400 فونېستىرلىڭ (تەخمىنەن 23800 يۈەن) لىك 24 كاراتلىق ئالتۇن نۇسخىدىكى iPhone 6 نى چىقارغان، بۇ خىل نۇسخىنىڭ پۈتۈن يۈزىگە بىر قەۋەت 24 كاراتلىق ئالتۇن ھەل بېرىلگەن.مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ