سودىدا ھەممىلا ئىشقا چېپىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
ئون ئۈچىنچى باب
ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان ئاساستا، ھەممىلا ئىشلارغا
چېپىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك
*ھەر بىر خىزمەتچىگە خوجايىنغا ئايلىنىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك
«باشقىلارنى خوجايىن قىلىپ قويۇش كېرەك، مەن پايدا ئۆلۈشىدىغان ۋاقىتتا ھازىر بولساملا بولدى!باشقىلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەركىن – ئازادە پۇل تېپىش، مانا بۇئەقىل دەپ ئاتىلىدۇ!» بۇ سۆزلەرنى جۇدىڭ كىيىم بىزەكلىرى شىركىتىنىڭ باش لېدىرى جوۋگوخۇڭ ئېېيىتقان.
تىجارەت چوڭايغاندىن كىيىن، ھەممە ئىشلارنى ئۆزى قىلىدىغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ ۋاقىت قولىدىكى ھوقۇقنى تاشلايدىغان ۋاقىت بولۇپ، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ باشقۇرۇش ئىدىيىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش كېرەك.جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلار ئەزەلدىن خىزمەتچىلەرنى ئەگەشكۈچى قىلىپ تەربىيلىمەيدۇ، بەلكى خىزمەتچىلەرنى خوجايىن قىلىپ تەربىيلەيدۇ.پەقەت شۇنداق بولغاندىلا شىركەت تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، رىقابەتچىلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتكىلى بولىدۇ.
نەن سۈنخۇي«جۇڭگو كارخانىچىلىرى» ژورنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئەگەر قىلغىنى توغرا بولسىلا، ئىش ئورنىدا ياراتقان قىممىتىگە قارىتا رىغبەتلەندۈرۈش سوممىسى بىرىش ياكى پايدا پىرسەنتى ئايرىشنى مەڭگۈلۈك قىلىشقىمۇ بولىدۇ.»دېگەن. ئىش ئورنى رىغبەتلەندۈرۈش پايدا سوممىسى ياكى پايدا پىرسەنتى بولسا خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدا مەلۇم قىممەت ياراتقان ۋاقىتتا ئۇلارغا بىرىلىدىغان مۇكاپات شەكلىدىكى ئۈنۈم ئىش ھەققى بولۇپ ،خادىملار ئالاھىدە قىممەت ياراتقان بولسا بۇنداق ئىش ھەققى ئۈلۈشىنى مەڭگۈلۈك بىرىشكىمۇ بولىدۇ.يەنى سىز شىركەتتىن ئايرىلسىڭىزمۇ، پىنىسىيەگە چىقسىڭىزمۇ بۇ ئۈنۈم ھەققى مەڭگۈ سىزنىڭ بولىۋېرىدۇ.»
نەنسۈنخۇينىڭ قارىشىچە، شىركەت نىزامنامىسىدە خىزمەتچىلەرنى ئېلھاملاندۇرىدىغان ماددىلار كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇ: «بىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئىش ئورنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ئۈلۈش بولسا قەرەللىك ھوقۇق ئۇقۇمىدۇر.مەسىلەن: ئەڭ دەسلەپكى پاي بىر يۈەنگە بىر بولۇشى مۇمكىن، كىيىن بىر پاي بەش يۈەن،ئون يۈەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇ چاغدا پايچېكلەر ئاشقان قىسىمىدىن بەھرلەنسە بولىدۇ،مانا بۇ قەرەللىك ھوقۇق ئۇقۇمىدۇر.» دېگەن.
نەن سۈنخۇي:«تالانتلىقلارنىڭ خاتىرجەم ئىگىلىك يارىتىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئەسلىدىكى پاينى بۆلۈش تۈزۈمىنى بۆسۈپ ئۆتۈش كېرەك. بۆسۈپ ئۆتۈش شەكلى جەھەتتە،ئىشچىلارغا قىلغان ئىشىغا قاراپ مائاش بېرىلىشى، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرگە ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك، بۇنىڭ مەقسىتى ئەسلىدىكى كونىچە بۆلۈش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر سىز بىر پايچېك بولسىڭىز، سىز خىزمەت قىلمىسىڭىزمۇ مەسىلە يوق، مەن بۇ ئورۇننى باشقىلارنىڭ ئىشلىشىگە بەرسەم بولىدۇ. باشقىلار ئىش ئورنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈلۈشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ ئۈلۈش ھەتتا ئېشىشىمۇ مۇمكىن. ئادەتتىكى پايچەكلەر تىجارەتكە قاتناشمىسا، ئۇنىڭ ئادەم كۈچى كاپىتالىنى بۆلۈش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا رۇخسەت يوق، ئەگەر ئۇ ئوزۇن مەزگىل قىلمىسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ پاي ئۈلۈشى تۆۋەنلەپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئادەتتىكى پايچەكلەرنىڭ سالاھىيىتى توشمىسا، كىيىنكى كۈنلەردىكى پاينى تەقسىملەشكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.» دېگەن.
ئىش ئورنى ئېلھاملاندۇرۇش ئۈلۈشىدە پاي ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، پاي تۈزۈمىمۇ جانلىقلىشىدۇ،پايچېكلەرمۇ ھەددىدىن زىيادە چارچاشتىن ساقلىنالايدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالىغىلى بولىدۇكى، نەن سۈنخۇينىڭ پاي ئۆلۈشى نەزىرىيە جەھەتتىن تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ خىل تىجارەت قارىشى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە بولغان ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ كارخانىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان.باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى ئاشقان ئەھۋال ئاستىدا، كارخانىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئالىدىغان پايدىىسى تۆۋەنلىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ھەممە ئادەم بىلىدىغان «پىشاڭ پىرىنسىپى» نەن سۈنخۇي تەرىپىدىن كارخانىغا قوللىنىلدى ھەمدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.
كارخانىدا ئىختىساسلىق خادىملارنى تۇتۇپ قېلىشتا، «باھا جېڭى»گە تايانغانغىلا بولمايدۇ، چوقۇم خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەر ۋاقىت خىزمەتچىلەرنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاش، تەمىناتنىڭ، ئىشنىڭ، ھېسىياتنىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
جېجىياڭ خۇافا چاي ئېكىسپورت زاۋۇتىنىڭ باش مۇدىرى يى شاۋمىڭنىڭ قارىشىچە، كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ھەربىر خىزمەتچىنىڭ
ئۆز – ئارا ماسلىشىشىغا تايىنىش زۆرۈر.ئۇ ھەربىر خىزمەتچىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئۇرۇغۇتۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. سىرتتىكى كىشىلەر «خۇافا» نىڭ مۇستەقىل مەبلەغتىكى كارخانا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بىراق ئۇلار يى شاۋمىڭنىڭ مەبلەغنىڭ %33تىنى غوللۇق كەسپىي كادىرلارغا بەرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
شۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىق ياراتقىلى بولىدىغان نەرسە، ئۇ ھەرگىز خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن تېجەپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەقىللىق جېجىياڭ سودىگەرلىرى بۇنى ئاللىقاچان ھېس قىلغان. بالدۇرراق بىر «پىشاڭ» ھاسىل قىلىپ، ئۆزى پىشاڭنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش كېرەك، بايلىق يارىتىدىغان ئىشنى خىزمەتچىلەرگە قويۇپ بەرگەن ياخشى.
**تالانتلىقلارغا ئىقتىدارىنى ئەركىن جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت بېرىشى كېرەك
جىنيى گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن جىنيى: «كارخانىچى بولۇشتا ئاۋۋال ئادەم ئىشلىتىش سەنئىتىنى بىلىش كېرەك. ئىلمىي باشقۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئادەمنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئىلىم. باشقىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشتا، بىز پەقەت باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلساقلا بولىدۇ، ھەمدە قارىشى تەرەپكە ھەم ياخشى ھەم چوڭ سەھنە تەمىنلەش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.» دېگەن.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى باشقىلارنىڭ ياردەملىشىشدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇلارئادەم ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئىزچىل «ئادەم ئىشلىتىشتە باشقىلارغا ياخشى بولغان تەرەققىيات سەھنىسى ھازىرلاش كېرەك، تەرەققىيات سەھنىسى بىلەن تەمىنلەش تالانتلىقلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم.» دىگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدۇ.
بوياڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى روڭ جۈچۈەننىڭ كارخانا تىجارىتىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئىزچىل تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بىر نەچچە يىل بۇرۇن، روڭ جۈچۈەن غايەت زور مەبلەغ سالغان «تاڭشى» ئازادە كىيىملىرىنى ئۆزى بىر نەچچە قېتىملا كۆرۈپ باققان ۋۇ خۇيچۈنگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. گەرچە تىجارەت جەريانىدىكى تارتقان زىينى ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، روڭ جۈچۈەن ئۇنى ئالماشتۇرۋەتمەي، ئىزچىل ئىشلەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە «تاڭشى» ئاللىقاچان داڭلىق ئازادە كىيىم ماركىسىغا ئايلاندى.
روڭجۈچۈەننىڭ قارىشىچە، بىر كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىختىساسلىق خادىملار كەم بولسا بولمايدۇ، گەرچە ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇش ھادىسىسى ئومۇميۈزلۈك مەسىلە بولسىمۇ، بىراق ئىختىساس ئىگىلىرىنى قانداق قىلىپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش بولسا تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە. شۇ سەۋەبتىن روڭ جۈچۈەن: «ھازىرقى ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېشىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈكى ھازىرقى كىشىلەرنىڭ بازارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنىمۇ قىلالايدۇ. شۇنداق قىلىپ، سىزنىڭ باشقىلارغا قالدۇرغان بوشلۇقىڭىز ناھايىتى تار بولغان ئىكەن، باشقىلار تەبئىيلا كىرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز باشقىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات سەھنىسى تەمىنلەشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ سەھنىسىنى چۇۋۇۋەتسەكمۇ بولىدۇ.» دېگەن.
روڭ جۈچۈەن يەنە: «مەسىلەن: سەككىز يىل بۇرۇن مەن ‹تاڭشى›كىيىملىرىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش مەشقاۋۇلى ئىدىم، ۋۇ خۇيچۈن گورۇپپا باشلىقى ئىدى. ھازىر ‹تاڭشى›تېخىمۇ كۆپ ماركىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ، شۇڭا مەن باش مۇدىرلىق ئورنىنى ئۇنىڭغا بەردىم.بىراق ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلغاندىن كىيىن، ۋۇ خۇيچۈنمۇ F4 نىڭ باش لېدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالسا بولمايدۇ. نېمىشقا؟ F4 نىڭ باش لېدىرى ئەسلىدە ‹تاڭشى›نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ئىدى،ئەگەر سىز بۇ ۋەزىپىنى قوشۇمچە ئۈستىڭىزگە ئالسىڭىز، ئۇنداقتا باش لايىھەلىگۈچىنىڭ نۇرغۇن تەپەككۇرى سىز تەرىپىڭىزدىن قالايمىقان قىلىۋېتىلىدۇ. چۈنكى رەھبەر ھەمىشە زىغىرلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى سىز قالايمىقان قىلىۋەتسىڭىزلا، لايىھەلىگۈچى شۇ پېتى قېلىپ قېلىپ، مەڭگۈ يۇقىرىغا ئۆرلىيەلمەيدۇ. بۇ بولسا نېمىشقا يۇقىرىدىكى كىشىلەر ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنىڭ سەھنىسىنى چۇۋۇۋېتىشنىڭ سەۋەبى. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي چۇۋۇۋېتىش ئەمەس، بەلكى سىزنى تېخىمۇ ئىگىز سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتىن ئىبارەت.
ھازىرقى بوياڭ گورۇھىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى روڭ جۈچۈەننىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، بىر ئادەمنىڭ كۈچى ئاجىز بولىدۇ. يۇقىرى مائاش بىلەن ئەكەلگەن ئىختىساسلىق خادىملارغا نىسبەتەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالىسا ئاندىن ياخشى بولىدۇ، كارخانا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر ئىختىساسلىق خادىملاردىن گۇمانلىنىپ، ئۇلارغا تەرەققىي قىلىدىغان سەھنە تەمىنلەپ بەرمىگەندە،ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويغاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ – دە، نارازىلىق كەيپىياتى تۇغۇلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ كارخانىغا نىسبەتەن بىر چوڭ يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
چېن جىنيى:«باشقىلار ئادەم ئىشلەتكەندە ئەخلاقىغا قاراش كېرەك دەيدۇ، مەن ئۇلارنىڭ تالانتىغا قاراش كېرەك دەيمەن. ئەخلاقنى قانداق ئۆلچەش كېرەك؟ پەقەت كارخانا ئۇنى ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا باشقۇرسىلا، ھەمدە ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلسىلا، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرالىساقلا، مەن ئۇنىڭ كارخانىنى ئوغرىلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن.» دىگەن. پەقەت باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولغاندىلا،غەلبىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقىلى بولىدۇ.
تۇ ۋېنروڭ ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ قارىمىقىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنى باش لېدىرلىرىنى باش شىركەت بىر قوللۇق تەربىيلىگەن. كىيىن كارخانىنىڭ چوڭىيىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان يۇقىرى قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىلاركارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىن كېلىدىغان بولغان. يېڭى كەلگەن خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن، تۇ ۋېنروڭنىڭ ئۇسۇلى بولسا ئۇلارغا مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش. باشقاكارخانىلارغا ئوخشاش بىر بۆلەك ۋاقىت سىنايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.
تۇ ۋېنروڭ:«كىشىلەرنىڭ كېلىشى بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن، سىز ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئىش قىلىدىغان سەھنىنى تەمىنلەپ بېرىشىڭىز، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىنى كۆرۈپ بېقىشىڭىز كېرەك، ئۇ ياخشى قىلالىسا بىزنىڭ غەلبىمىز، ئەگەر قىلالمىسا ئۇنى ئىشتىن بوشاتساقمۇ كېچىكمەيمىز. ئەگەر سىز ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان ئويلىنىپ ئىكىللەنسىڭىز، قارشى تەرەپكە ئىشەنمىسىڭىز، ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.»دىگەن.
دەل تۇۋېنروڭنىڭ ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىرلىقى، قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرگە تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە تەمىنلەپ بېرىشى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، خېڭدىيەن گورۇھىدا ناھايىتى ياخشى بولغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنداق نەتىجە ھەر ئىككى تەرەپنى قانائەتلەندۈرىدۇ،بۇنىڭ بىلەن كارخانىمۇ روناق تاپىدۇ.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئەمەلىيەتچىل، ئىلىمنى، تالانت ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، قولىنى ئوزۇن سۇنۇشقا، ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر كېلىدۇ.
چۈەنخۇا گورۇھىدىكى تۇ گۇەنجۈنىڭ قارىشىچە، ئەگەر سىز تالانت ئىگىلىرى ئۈچۈن تەرەققىيات پۇرسىتى تەمىنلىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلانماڭ.
چۈەنخۇا گورۇھىنىڭ باش ئېنژېنىرى لى شېڭشەن ئىلگىرى مۇنداق بىر مىسالنى ئېيىتقان:«كۆپچىلىك خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات رېتسىپى ۋە ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ بىر كارخانىنىڭ يادرولۇق مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھازىر بۇ كارخانىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق مەھسۇلاتىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق رېتسپى بار، باش لېدىر بۇ ۋەزىپىنىڭ ھەممىنى ماڭا بەرگەن. مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ خىل خىزمەت باشقا ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدە خوجايىنلارنىڭ ئورۇغ – تۇغقانلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم.» دېگەن.
لى شېڭشەن پروفېسسور چۈەنخۇا گورۇھى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان، بۇ دەل تۇگۇەنجۈنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى ماھىرلىقىغا بېرىلگەن جاۋاب ئىدى.
ھەربىر ئادەمنىڭ كارخانا قۇرۇشى پايدا تېپىش ئۈچۈن، كارخانىمۇ پايدىغا مۇھتاج، خۇددى ئادەملەر ھاۋاغا مۇھتاج بولغاندەك؛ بىراق ئادەم ھاۋا ئۈچۈ ياشىمايدۇ، كارخانىمۇ پايدا ئۈچۈن تەرەققىي قىلمايدۇ. خىزمەتچىلەرگە چوقۇم ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارىقىلدۇرىدىغان بوشلۇق بېرىش، ئۇلارنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل بۇيىچە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىدىمۇ؟ سىزنىڭ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقتىمۇ؟ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋەئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، باشقۇرغۇچىلار چوقۇم خىزمەتچىلەرنىڭ قايسى جەھەتتە ئەۋزەللىكى بارلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى، شۇ ئاساستا،خىزمەتچىلەرنىڭ قابىليىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت بېرىش كېرەك.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى مۇشۇنداق قابىلىيەتكە ئىگە، ئۇلار خىلمۇ – خىل كىشىلەر ئۈچۈن سەھنە تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ، خىلمۇ – خىل كىشىلەرنى ئەتراپىغا يىغىپ ئىگىلىك يارىتالايدۇ.
***پەملىك بىر رەھبەر بولۇش كېرەك
كارخانىنىڭ چوڭىيىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەربىر ئىشنى ياخشى قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن، ئەكسىچە سىزگە بەزى باش ئاغرىقلىرىنى تېپىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. بىر سودىگەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم مۇئەييەن رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىمىز، ئوبيېكتىپ باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى باشقىلارغا قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.جېجىياڭدا كىچىك شىركەتلەر ناھايىتى كۆپ، شىركەت تەرەققىي قىلغانسىرى،شۇغۇللىنىدىغان كەسىپمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىركەتتىكى تۈۋرۈكلۈك رولىنى ھېس قىلالايدۇ.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى تىجارەتتە قوللىنىدىغان بىر مۇھىم ئۇقۇم بولسا باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش، ئىشنى باشقىلارغا قىلدۇرۇش، ئۆزى پەقەت مۇھىم ئىشلارنىلا قىلىش. ئۇلارئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىدارىنى بايقىيالايدۇ ھەمدە تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ، بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولىنى تاپقانغا باراۋەردۇر.
جېجىياڭ شىڭيۆ گورۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى خۇ جىروڭ: «مەن ھېچقانداق ئىشنى ئۇقمايمەن، ئەمما مەن ئادەم ئىشلىتىشنى بىلىمەن، مەن ھەرخىل كىشىلەرنى بىر يەرگە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئىقتىدارىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنالايمەن.» دىگەن.
بىر قېتىم،جېجىياڭ شىڭيۆ گورۇھى شىركىتىنىڭ باش لېدىرى خۇ جىروڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىرەيلەننى باشقىلاردىن قەرز سۈيلەشكە ئەۋەتىپتۇ، ئەينى ۋاقىتتا، قول ئاستىدىكى ئۇ ئادەم كۆپ قېتىم خۇ جىروڭغا تېلفۇن قىلىپ يوليۇرۇق سورىغان.
خۇ جىروڭ:«بارلىق ھوقۇقنى ساڭا بەردىم، ئۆزۈڭگە بېسىم قىلما، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانداق بىر تەرەپ قىلساڭ بولىۋېرىدۇ!» دەپتۇ.
كىيىن بۇ خىزمەتچى بىر مىليون ئۈچ يۈز مىڭ يۈەننى تولۇق قايتۇرۇپ كەلگەن.
خۇ جىروڭنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئۇ ھوقۇقنى خىزمەتچى خادىمغا تاپشۇرغاندىن كىيىن، خىزمەتچى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ئىشنى بېجىرگەن. خۇ جىروڭنىڭ ھوقۇق بېرىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى كارخانىنى باشقۇرغان چاغدا، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى توغرا تۇتۇۋالغان، ھوقۇقنى قول ئاستىدىكىلەرگە بۆلۈپ بېرىش ئارقىلىق، خىزمەتچىلەرنى ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدەخىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلغان. بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ پىشىپ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يىنىكلەتكەن.
سودىگەرلەرچوقۇم باشقىلاردىن ئەقىل – پاراسەت، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئېرىشىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، بۇ پۇلغا ئېرىشكەنگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.
«ھېرىش»نۇرغۇنلىغان كىچىك كارخانىچىلارنىڭ ئورتاق ھېسىياتى، بىراق كارخانىنى زورايىتقان كارخانىچىلار ئالدىراشلىق ۋە چارچاش ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇۋاپىق ئادەمنى تېپىپ ئىش قىلدۇرۇشنى، تىجارەت قىلدۇرۇشنى بىلىدۇ، بۇنداقتا ئۆزىمۇ پەم بىلەن«ئارام ئېلىۋالىدۇ.»
جېجىياڭ خۇافا چاي ئېكىسپورتى زاۋۇتىنىڭ باش مۇدىرى يى شاۋمىڭ: «نوختىلانمىغان ئات ھەمىشە نوختىلانغان ئاتتىن تىز يۈگۈرەيدۇ.» دىگەن. ئۇ ئادەم ئىشلەتكەندە «ئىشلەتكەن ئادەمدىن گۇمانلانماسلىق، گۇمانلانغان ئادەمنى ئىشلەتمەسلىك» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان.
يىشاۋمىڭنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «خۇافا» زاۋۇتىدا خىزمەتچىلەرنىڭ قاتتىق بولغان ئىشقا بېرىپ –كېلىش تۈزۈمى يوق، پەقەت خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلسىلا، قايسى ۋاقىتتا ئىشتىن چۈشسە بولىۋېرىدۇ، بىراق بۇنىڭ شەرتى چوقۇم خىزمەتنى سۈپەتلىك ئورۇنداش كېرەك.
يىشاۋمىڭنىڭ قارىشىچە، شىركەتتىكى خىلمۇ خىل قائىدە – تۈزۈملەر پەقەتلا بىر شەكىل،مۇھىمى خىزمەتنى ياخشى قىلىش. ئۇنىڭ كارخانىسىدىكى بۇ خىل يىنىك تۈزۈم خىزمەتچىلەرنى ھورۇنلاشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەرنى كەسىپنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەپ، زاۋۇتنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، خىزمەت ۋەزىپىسى جىددى بولغان ۋاقىتلاردا كۆپچىلىك ئاكتىپلىق بىلەن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان بولغان. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا يى شاۋمىڭ: «باشقىلارغا ئىشنى قىلدۇرغان ئىكەنسىز،چوقۇم %100 ئۇنىڭغا ئىشىنشىڭىز كېرەك، ھوقۇقنى %100 تاپشۇرىشىڭىز كېرەك.» دىگەن.
تەيپىڭنىياۋ گورۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىياڭپىڭ: «مەن ھازىر ناھايىتى ئازادە،چۈنكى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ شىركەتتىكى ۋەزىپىسى ئېنىق. بىر ھەقىقىي كارخانىچى ياخشى ئاماللارنى تېپىپ، ئۆزى بىر مەبلەغ سالغۇچى ھالەتتە تۇرۇپ، ئىشلارنى باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرسىلا بولدى.» دىگەن.
ئېھتىمال بەزىلەر ئىشلارنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەندە، ئۇلار ئاسانلا ئىشنى ئاقسىتىپ قويۇشى، قول ئاستىدىكىلەرگە ھوقۇقنى بەرگەندىن كىيىن ئاسانلا ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان مەسىلە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئەنسىرەش تامامەن ئارتۇقچە.
تەيپىڭنىياۋ گورۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىياڭپىڭ بۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىپ: «سەن قول ئاستىڭدىكىلەر بىلەن بەك يېقىن بولۇپ كەتسەڭ، ئۇلار يەنە ساڭا بويسۇنامدۇ؟ سەن قولۇڭنى بوشاتقانسىرى، ئۇلارنىڭ يۈرىكى كىچىكلەپ بېسىمى ئاشىدۇ؛ ئەگەر سەن ئىمزا قويۇش ھوقۇقىنى ئۆزۈڭدە ساقلاپ قالساڭ، ئۇنىڭدا يەنە قانداق بېسىم بولسۇن؟» دىگەن.
جېجىياڭ ۋەنشىياڭ گورۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى لۇ گۇەنچىيۇنىڭ قارىشىچە، كەسپىي تېخنىك خادىملارنى «جەلپ قىلىپ كىرگۈزۈپ» لا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى «تۇتۇپ تۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىش» كېرەك. جېجىياڭ تەۋەسىدىكى بىر كارخانىچىنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇنلىغان كارخانىلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى، ساپاسى ئۆز رەھبىرىنىڭكىدىن يۇقىرى،بۇ ۋاقىتتا رەھبەرنىڭ ئىشلارغا چېپىلىۋېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چوقۇم قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش كېرەك. بىر ئىشنى ئۆزۈم قىلمىسام بولمايدۇ دەپ قاراپ شۇ ئىشنى ئۆزى قىلغاندا ئۆزى ئىشلەۋاتقان بولىدۇ، بۇ ئىشنى باشقىلارغا قىلدۇرۇش بولسا باشقۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ.يىتەكلەش خاراكتېرىدىكى باشقۇرۇش شەكلىدە،كوللىكتىپنى يىتەكلەش، ئادەم يىتىشتۈرۈپ چىقىشقا ماھىر بولغاندا ئاندىن ياخشى رەھبەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قائىدىلەردە: «1000 ئادەمگە قوماندانلىق قىلىش 100 ئادەمگە قوماندانلىق قىلغانغا يەتمەيدۇ، 100 ئادەمگە قوماندانلىق قىلىش 10 ئادەمگە قوماندانلىققىلغانغا يەتمەيدۇ، 10 ئادەمگە قوماندانلىق قىلىش بىر ئادەمگە قوماندانلىق قىلغانغا يەتمەيدۇ.» دېيىلگەن. پەقەت باشقىلارغا يىتەرلىك ھوقۇق بەرگەندىلا ئاندىن ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.
ئەقىللىق تىجارەتچىلەر قول ئاستىدىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ،ئۇلارغا يىتەرلىك ھوقۇق بېرىپ، ئۇلارنى ھوقۇقنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا يىتەكلىيەلەيدۇ.
****كۆپرەك رەھبەرلىك قىلىپ، ئازراق باشقۇرۇش كېرەك
ئاتاقلىق ئىقتىسادشۇناس خۇ ئەنگاڭ: «ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشى شامالغا باغلىق؛ ئادەمنىڭ نامرات بولۇشى قەرزگە باغلىق؛ شىركەتنىڭ قالايمىقان بولۇشى باشقۇرۇشقا باغلىق. ياخشى باشقۇرۇلمىغاندا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.» دىگەن. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، سودىنىڭ كىچىك ياكى چوڭ بولۇشىدا، چوقۇم بىر ئويۇن قائىدىسى بولۇشى كېرەك. ياخشى قائىدە بولمىغاندا، چوقۇم نورمال تەرتىپتىكى ئايلىنىش بولمايدۇ. سودىگەرلەر تىجارەت جەريانىدا ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق. بىراق سودىگەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى باشقۇرۇش جەريانىدا ئىمكانقەدەر ئاز باشقۇرۇش، ساز باشقۇرۇش كېرەك.
جېجىياڭ شىڭيۆ گورۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇ جىروڭ: «ئىختىساس ئىگىلىرى شىركەتنىڭ بايلىقى. خوجايىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇكى، ئاچقۇچلۇق مەسىلە سىزنىڭ ئادەم ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلىش – قىلالماسلىقىڭىز، باشقىلارغا پايدابېرىشكە قىيالىشىڭىزدا » دىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خۇ جىروڭ ئۆزىنىڭ بىر بۆلۈك سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈسكىنىسى تىجارىتىنى قىلىۋاتقانچاغدا، ئۆزىنى ناھايىتى ئەركىن قويىۋەتكەن. ئۇ ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ پېيى ناھايىتى ئاز ئىدى، ھەمدە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى مۇھىم ئەزالار ناھايىتى ئاز مەبلەغ چىقىرىپ، ناھايىتى كۆپ ئۈلۈشنى ئىگەللىۋالغان ئىدى.
خۇ جىروڭ:«تېخنىكا، باشقۇرۇش ھەممىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدىم؛ بىراق مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدى، بۇ بولسا مېنىڭ ئادەم ئىشلىتىش پىرىنسىپىم.» دىگەن. بۇ خىل شارائىت ئاستىدا، تېخنىك خادىملار تىرىشىپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلغان، باشقۇرغۇچىلار كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى چىقىم سەرپىياتىنى كونترول قىلغان، خىزمەتچىلەرمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمگەك قىلىپ،كارخانا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن.
جېڭتەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇينىڭ قارىشىچە، كارخانا تىجارىتى داۋامىدا،نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلاردا ناھايىتى ئاسانلا بىر خىل ئەھۋال كېلىپ چىققان: قول ئاستىدىكىلەرنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش قابىلىيىتى ئۆزى ئويلىغان ئۆلچەمگە يەتمىگەندە ئۆزىلا قول سالغان. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى بولسا، تېخنىكىدىكى كامالەتكە يەتكەنلەر پىنسىيەگە چىققان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىدىغان بىر ئادەم چىقماسلىقتىن ئىبارەت.
كارخانا رەھبىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن چوقۇم مۇۋاپىق ھالدا ھوقۇقنى بۆلۈشىڭىز، ھوقۇقنى قويۇپ بېرىشىڭىز كېرەك، بۇنداقتا قول ئاستىڭىزدىكىلەر شىركەتنىڭ ئېغىر – يىنىكىنى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا تەسىر قىلغىلى بولىدۇ.
جېجىياڭدىكى بىر كارخانىچى ئىلگىرى: «ئازراق باشقۇرۇپ، كۆپرەك يىتەكلەش كېرەك، نىشاننى ئېنىقلاپ، خىزمەتچىلەرنى ئۆزىنى– ئۆزىگە خوجا قىلىپ، ئىشنى ياخشى قىلغانلارنى جايىدا مۇكاپاتلاش كېرەك.» دىگەن. ئېنىق نىشان بەلگىلەنگەندىن كىيىن، رەھبەرلەر ھەممىگە ئېسىلىۋالماسلىقى، ئىشتىن بۇرۇن خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك، ئەكسىچە خىزمەتچىلەرگە خىزمەتتىكى ئاكتىپلىق ھوقۇقىنى تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە قارار بەلگىلەتكۈزۈش كېرەك. رەھبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ۋاقتىدا «مۇكاپاتلاش» ۋە «مەسئۇل بولۇش» ئارقىلىق، خىزمەتنى توغرا قىلغان ياكى خاتا قىلغان خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىشقا ياردەم قىلىشى،ئۇلارنى ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش جەريانىدا توغرا ئىش قىلىشقا يىتەكلىشى كېرەك.
جېجىياڭدىكى نۇرغۇن كارخانىلاردا ئادەتتە مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە تالانتلىقلاردىن تەشكىللەنگەن«ئەقىل – پاراسەت توپى» بولىدۇ، سودىگەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئەقىل –پاراسىتىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشىڭىز، ئۇلارنى ئۆزىڭىزنىڭ پۇت –قوللىرىڭىزنى ئۇزارتىدىغان ياردەمچى قاتارىدا كۆرۈشىڭىز كېرەك.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ «كۆپرەك يىتەكلىشى» ھەرگىز باشقۇرماسلىقنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە باشقۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بىراق ئادەتتىكى باشقۇرۇش بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرى «بىر مىنۇتلۇق ئىدارە قىلغۇچى» شەكلىدىكى باشقۇرۇش بولسا يىتەكلەش خاراكتېرىدىكى باشقۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ جان – تومۇرى جەلپ قىلىش ۋە يىتەكلەش، مەقسىتى بولسا ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش لاياقەتلىك باشقۇرغۇچىلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.
«بىرمىنۇتلۇق ئىدارە قىلغۇچى» ئۇقۇمى ناھايىتى ئېنىق، بىر گورۇپپىدا نەتىجىگىلا ئېتىبار بېرىپ ئادەمگە كۆڭۈل بۆلمەسلىككە بولمايدۇ، ھەمدە پەقەتلا ئادەمگە كۆڭۈل بۆلۈپ نەتىجىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىككە تېخىمۇ بولمايدۇ. نەتىجە بولسا كارخانىنىڭ قوغلىشىش نىشانى، ئادەم بولسا نەتىجىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مەنبە. شۇنىڭ ئۈچۈن،باشقۇرغۇچىلار باشقىلارغا ياردەملىشىپ ئۇلارنى خۇشال قىلىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك.
ھەر بىرخىزمەتچىنىڭ مەسئۇل بولىدىغان خىزمىتى بولۇش كارخانىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى. تىجارەت قىلىشتا چوقۇم جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش ھوقۇقنى قويىۋېتىشنى، «كۆپرەك يىتەكلەپ، ئازراق باشقۇرۇش» نى بىلىش كېرەك. ئاز باشقۇرساقمۇ ساز باشقۇرۇشىمىز،كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۆز ئېقىشىغا قويىۋېتىپ باشقۇرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىشىمىز كېرەك.
*******************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››دىگەن كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي