A-A+

جېجاڭ سودىگـەرلىرىنىڭ 22تۈرلۈك سودا قائىدىسى ( كىرىش سۆز )

2015-يىل 1-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 1,054 قېتىم

جېجاڭ سودىگـەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22تۈرلۈك سودا

قائىدىسى

145701pe2u8dlwu6x7uzro

كىرىش سۆز

   جېجىياڭ سودىگەرلىرى بولسا جېجىياڭ تەۋەلىكىدىكى سودىگەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جېجىياڭ سودىگەرلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇستەھكەم كۈچ بولۇپ كەلمەكتە. خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى تىز بولىۋاتقان بۈگۈنكى جېجىياڭ ئۆلكىسىدە، «جېجىياڭلىقلار ئەندىزىسى»، «جېجىياڭلىقلار تەجرىبىسى» ۋە «جېجىياڭلىقلارھادىسىسى» بارغانسىرى كۆپىيىپ، جېجىياڭلىقلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە تەجىرىبىلەرگە قارىتا خەۋەر بېرىۋاتقان ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ پەيدىنپەي كۆپەيمەكتە، بۇ جېجىياڭ ئىقتىسادىغا دىققەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

   داڭلىق ئالىم يۈ چىيۇيۈ ئىلگىرى جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە باھا بېرىپ: «جۇڭگودىكى ئەڭ ساغلام ئىقتىسادىي قۇشۇن بولسا دەل جېجىياڭ ئىقتىسادى قۇشۇنىدۇر. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى ۋە سودا ئەندىزىلىرى نۇرغۇنلىغان تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈپ، جېجىياڭلىقلارنىڭ ئاياغ ئىزىنىڭ ناھايىتى يىراق جايلارغىچە بارغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى» دېگەن.

  جېجىياڭلىقلار تەپەككۇر قىلىشقا، گەپ – سۆزگە ماھىر بولۇپ، ھەرىكەت قوللىنىشقا سەزگۈر كېلىدۇ. بەزىلەر جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنى ‹‹جۇڭگونىڭ يەھۇدىيلىرى» دەپ سۈپەتلەيدۇ.  شۇنداق دېسەك قىلچە  ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.چۈنكى، جېجىياڭلىق سودىگەرلەر بۈگۈنكى جۇڭگودىكى بايلىق يارىتىشقا ئەڭ ماھىر سودىگەرلەر توپى. جۇڭگونىڭ نەرىدە سودا پۇرسىتى بولىدىكەن، شۇ جايدا جېجىياڭلىق سودىگەرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايسىلا جايغا بارسا، شۇ جاينىڭ سودا پائالىيىتى جانلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار نەگە جۇغلاشسا، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىدۇ.

   بۈگۈنكى جۇڭگودىكى بايلىق يارىتىشقا ئەڭ ماھىربولغان بۇ توپ نۇرغۇنلىغان شەخسىي بايلىقلارغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر يۈرۈش سودا نەزەرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

   ئىقتىسادشۇناس لى شىڭشەننىڭ قارىشىچە،جېجىياڭلىقلاردا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئۆزلۈكىدىن ئىگىلىك تىكلەش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىكى، مول بولغان سودا ئەنئەنىسى ۋە تاۋار ئىگىلىكىگە بولغان تونۇش بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان، توختىماستىن ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىگىلىك يارىتىش روھى بار. دەل مۇشۇنداق روھ بولغاچقا،جېجىياڭلىقلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئەسلىدىكى بىرقىسىم ئاياغقا چەم قويىدىغان، تۆمۈر سوقىدىغان ۋە كىيىم تىكىدىغان ئاددى ئەمگەكچىلەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىچىلارغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ سانى كۆپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى يۇقىرى، تارقىلىشى كەڭ ۋە كەسىپلىرى كۆپ خىل بولغاچقا تەسىرى چوڭىيىپ، كىشىلەرنى جېجىياڭلىق سودىگەرلەر توغرىسىدا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا.

   سىز بەلكىم «جېجىياڭلىق سودىگەرلەر» نېمىگە تايىنىپ سودا دېڭىزىدا يىقىلىپ قالماي باش كۆتۈرۈپ چىقالىدى؟ قانداق ئىگىلىك يارىتىش تەپەككۇرى ئۇلارنى توختىماستىن كۈچلەندۈردى؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.«جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى» ناملىق بۇ كىتاب سىزگە تەپسىلىي جاۋاب بېرەلەيدۇ، ھەمدە سىزنى جېجىياڭ سودىگەرلىرى ھەققىدىكى بۇ «رىۋايەت» كە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىزنى جېجىياڭ سودىگەرلىرى توغرۇلۇق تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئۆرنەك ئالدۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان سودا يولىنى تېپىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.

مۇندەرىجە

كىرىش سۆز

بىرىنچى باب
چۇقۇم دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك
تىجارىتىمدە مەسىلە چىقىمىسۇن دېسىڭىز-سىياسەتكە ئەگىشىڭ
خەۋەرلەر پرگىراممىلىرىنى تۇلۇق كۆرۈپ سودا پۇرسىتىنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ
ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ سىياسەتنىڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەك

ئىككىنچى باب
سودىدا نەپسىڭىزنى بەك چوڭ قىلىۋالماڭ،ئىشنى ھەممە ئادەم قىلالايدىغان ئۇششاق تاۋارلاردىن باشلاڭ
بىر پۇڭمۇ پۇل،ئاز پۇلنى تاپالمىسىڭىز،كۆپ پۇلنى ئەسلا تاپالمايسىز
تىجارىتىڭىز كىچىك بولسىمۇ خاس بولسۇن
ئاز پايدا ئېلىپ  كۆپ سېتىڭ،ئىگىلىكىڭىزنى كۆلەملەشتۈرۈڭ
كىچىك سودىغا سەل قارىماڭ،ئۇنىڭغا نۇرغۇن سودا پۇرسىتى يۇشۇرۇنغان
چوڭ كارخانىلارغا كېرەكلىك ئۇششاق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىڭ

ئۈچۈنچى باب

سىزدە جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان روھ بولسۇن
ياخشى ياشاش ئۈچۈن چۇقۇم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك
تىجارەت داۋامىدا ئۇچرىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن ھۇدۇقۇپ كەتمەڭ
جاپا تارتقانغا ھېچكىم ئۆلۈپ قالمايدۇ
كەسپىڭىزگە ئىخلاس قىلىشنى ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ

تۆتىنچى باب
قەيەردە بازار بولمىسا شۇ جايغا بېرىش كېرەك،چۈنكى پۇرسەت ھەممىلا جايدا مەۋجۇت
ئۇچرىغان <<ئاۋارچىلىق>> دەل سودا پۇرسىتىدۇر
ئاۋۋال قول سېلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك،چۈنكى شورپىنىڭ باش بۇرنى ئەڭ تەملىك
ھەرگىز ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قۇيۇشقا بولمايدۇ
پۇرسەت ساقلىغانغا كەلمەيدۇ،پۇرسەت يوق جايلاردا پۇرسەت يارىتىش كېرەك
سودا پۇرسىتى تەييارلىقى بار سودىگەرگە مەنسۇپ بولىدۇ
ئۇچۇر قانچە يېپىق،بايلىق مەنبەسى قانچە كەمچىل بولغان جايلاردا سودىنى شۇنچە ياخشىلىق قىلغىلى بولىدۇ
باشقىلار قورقىۋاتقان ۋاقىت ئېھتىمال سىز ھەرىكەت قوللىنىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت بولۇشى مۇمكىن
مەڭگۈ كۆپ سانلىققا ئەگەشمەسلىك،باشقىلار ئويلاپ باقمىغان تىجارەتنى قىلىش كېرەك

بەشىنچى باب

سودىدا يېڭىپ پايدا تېپىشقا كۆزىڭىز يەتسە چۇقۇم قىلىڭ

زىيان تارتالىغىدەك ئەپتىڭىز بولمىسا قىلماڭ

مېڭىشكە كۆزىڭىز يەتسىلا چۇقۇم ئىزچىللىقىڭىز بولسۇن

كۈچىڭىزنى مۆلچەرلەڭ،قىلالمايدىغان ئىشلارغا ئېسىلماڭ

سودىنى جانلىق قىلىش،توغرا چېكىنىپ ۋە ئىلگىرلەش
ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىش،ئاندىن قول سېلىش كېرەك.

ئالتىنچى باب

سودا مەيدانىدا رەقىپ بولىدۇ،ئەمما دۈشمەن بولمايدۇ

<<شاگىرتلار پەلسەپىسى>>:سەن ماڭا ياردەم قىلساڭ،مەنمۇ ساڭا ياردەم قىلىمەن

سودا مەيدانىدا رەقىپ بولىدۇ،ئەمما دۈشمەن بولمايدۇ

يۈكسىلىشنىڭ سىرى:ھەمكارلىق ۋە ئورتاق گۈللىنىش

<<سۈپەت>> <<باھا>> دىن غالىب كېلىدۇ،سۈپەت ھەقىقىي نىجاتلىق يولى

ئوخشاش كەسىپتىكىلەر كەڭ قورساق بولسا،ئىش راۋان بولىدۇ

باشقىلارنىڭ باي بولۇش يولىنى توسىماڭ

يەتتىنچى باب
كىشىلىك مۇناسىۋەت پۇلدىن مۇھىمدۇر،ھەمكارلاشقاندا چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكىلى بولىدۇ
ئاۋۋال مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش،ئاندىن سودا قىلىش لازىم
سودىنى توپلىشىپ قىلىش-بىر ئادەم سودا قىلسا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ،كۆپچىلىك بىرلىكتە قىلسا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ
مىڭلاپ تەبرىك كارتىسى خاتا تارقىتىلسىمۇ ،بىر ھەقىقى خېرىدار قولدىن چىقىپ كەتمىسۇن
ياخشى بولغان ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش،دىپلوم ئالغانغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم
ھۆكۈمەت بىلەن ياخشى ماسلىشىش-ئەڭ چوڭ ئۆتكەك

سەككىزىنچى باب
توختامغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەي،سودا ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك
قانۇن-نىزامغا رىئايە قىلىپ،توختام قارىشىنى كۈچەيتىش كىرەك
<<يۈز ئاياپ>> پۇرسەتتىن قۇرۇق قالماسلىق كېرەك

توققۇزىنچى باب
ھەمكارلاشقۇچى شېرىك ناھايىتىمۇ مۇھىم،شۇڭا تاللىغاندا ئېھتىياتچان بۇلۇش كېرەك
سىز بىلەن ھەمكارلاشقان ئادەمگە ئاسانلىقچە ئىشىنىشكە بولمايدۇ
ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش كېرەك
پايدىنى باراۋەر تەقسىملەپ،دوستلىشىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
سودىگەرلەر جەمىئىتى-بىر مۇھىم كۈچ

ئونىنچى باب
ئىناۋەتنى مۇھىم ئورۇندا قۇيۇپ ،ئىشنى تۈگىتىپلا پېشىنى قاقىدىغان كالتە پەملىكتىن ساقلىنىش كېرەك
تىجارەتتە ئىناۋەتنى مۇھىم بىلىش كېرەك
پۇلنى كۆپچىلىك بىرلىكتە تېپىش كېرەك.ھەمبەھىرلىگەندە ئاندىن تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ
<<ھېسيات مەبلىغى>> سېلىشتىن ئېرىنمەڭ

ئون بىرىنچى باب
پۇل ۋە مەنپەئەت ئوتتۇرسىدىكى ئازراق چىقىمنى مۇھىم بىلمەي،ئىككىسىنى زورايتىش كېرەك
ئازراق چىقىمغا ئۆكۈنمەسلىك كېرەك
پايدىدىن ۋاز كېچىشمۇ پايدىغا ئېرىشىتىكى ئۇسۇل
تەرەققىياتنىڭ غەلبىسى-پايدا ۋە تەرەققىياتنىڭ رىقابىتى

ئون ئىككىنچى باب

باشقىلارنىڭ غەلبە ۋە مەغلۇبىيىتىنى خۇلاسىلەپ،<<شاكىلىنى ئايرىپ،مېغىزىنى قۇبۇل قىلىش>> كېرەك

تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆگىنىشكە ماھىر بۇلۇش كېرەك

مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى-تەقلىد قىلىش

سەن تەرەققىي قىلساڭ،مەن پۇل تاپالايمەن

يېڭىلىق ياراتقاندا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ

ئون ئۈچۈنچى باب

ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كونتورۇل قىلغان ئاساستا ھەممىلا ئىشلارغا چېپىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

ھەر بىر خىزمەتچىگە خوجايىنغا ئايلىنىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك

تالانتلىقلارغا ئىقتىدارىنى ئەركىن جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت بىرىش كېرەك

بىر پەملىك رەھپەر بولۇش كېرەك

كۆپ رەھپەرلىك قىلىپ، ئازراق باشقۇرۇش كېرەك

ئون تۆتىنچى باپ

تىجارەتنى ئەخلاق-پەزىلەتكە ئويغۇن قىلىش،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلىش،قىلماسلىققا تىگىشلىكىنى زادىلا قىلماسلىق كېرەك

ئىناۋەتنىڭ ئۈستىدىلا ئالتۇن خەتلىك لەۋھە تۇرىدۇ

ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئالىيجاناپ سودىگەر بولۇش كېرەك

ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېپىش،بايلىقنىڭ ۋەسۋەسىسىگە كىرمەسلىك كېرەك

جېجىياڭلىق سودىگەرلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى-سودا ئەخلاقى

لەۋزىدە تۇرمايدىغانلاردىن باشقىلارغا نىسپەتەن <<ۋەدە ئالتۇندىن قىممەت>>

يامان غەرەزلىك رىقابەتتىن ساقلىنىش كېرەك

ئون بەشىنچى باب

ئۆزەڭى ئەر چاغلىساڭ،ئۆزگىنى شىر چاغلا،ھەقىقەتەن كۆپ پۇل تېپىپ كەتكەندىمۇ ئابرۇيپەرەسلىك قىلىشتىن ساقلان

قانائەت ھاسىل قىلغان ۋاقىتتىمۇ كۆرەڭلىمەسلىك كېرەك،كەمتەرلىك بىر سودىگەرنىڭ خىسلىتى

بايلىقنى داۋراڭ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

ئىشنى ساز قىلىش،گەپنى ئاز قىلىش-قىلغانلىرىنى سۆزلىمەسلىك

نۇرغۇن پۇلىڭىز بولسىمۇ،نام چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ
پۇل كۆپ بولغانسېرى شۇنچە تېجەش كېرەك

ئون ئالتىنچى باب

مۇئەييەن تەۋەككۇل قىلىش روھى بولمىغاندا،ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ
سودا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ خەتەر بولسا خەتەرگە تەۋەككۇل قىلماسلىق
كرزىس-خەتەر ۋە پۇرسەتتۇر
جاسارەت ۋە پاراسەت نەزەر-دائىرىگە باغلىق
ئۇچۇرلاردىكى پۇرسەتنى بايقاپ،كەسكىن قول سېلىش كېرەك
يۈرىكىمىز قانچە چوڭ بولسا،بىز ئېرىشىدىغان سەھنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ

ئون يەتتىنچى باب
خەتەر ئىچىدە سالماقلىقنى ساقلاش،ئۆزىگە چىقىش يولى قالدۇرۇش كېرەك
خەتەردىن قورقماسلىق كېرەك،قورقۇشقا تېگىشلىكى بىخەستىلىك
تىجارەتتە ئېغىر-بېسىق بولۇش،ئاۋۋال مۆلچەرلەپ ئاندىن قول سېلىش كېرەك
سىز ئەڭ جەلپ بولغان ۋاقىت سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى بىسىۋالىدىغان ۋاقتىڭىزدۇر
ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى <<دىلغا پۈكۈش>>كېرەك

ئون سەككىزىنچى باب
ئادەم ئىشلەتكەندە ئۇرۇق-تۇغقان،يات دەپ ئايرىماي،ئىقتىدارىغا قاراپ ئىشقا قۇيۇش كېرەك
مۇۋاپىق بولغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىڭ،مۇۋاپىق بولمىغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشماڭ
ئائىلە ئەزالىرى-ئەڭ ياخشى ھەمرا
دىپلومغا ئەمەس،سەۋىيەسىگە قاراش كېرەك
قولدىن ئىش كېلىش ئەڭ مۇھىم

ئون تۇققۇزىنچى باب

تىجارەتنىڭ ئۆزىگە خاس يولى بولىدۇ،توغرا يولدا ماڭغاندىلا ئاندىن غەلبە يولىنى تاپقىلى بولىدۇ

سودا قىلىشتا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئانچە-مۇنچە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تايىنىش كېرەك

زىيان تارتىش قورقۇنۇچلۇق ئەمەس،قورقۇنىچلىقى توختاپ قېلىش

تېز بېلىق ئاستا بېلىقنى يەيدۇ،شۇڭا يولنى تېزراق مېڭىش كېرەك

تەجرىبە-پۇل تېپىشتىكى <<تۇزاق>>

يىگىرمىنچى باب

سودىدا سودىنىڭ گىپى بولۇش،تىجارەتنى تىجارەتتەك قىلىش كېرەك

باج ئوغىرلاپ،باج يۇشۇرۇشقا بولمايدۇ،بىراق باجدىن مۇۋاپىق پاناھلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك

مۇۋاپىق پايدا بوشلۇقىنى قوغلىشىش كېرەك

سودىغا ھېسياتنى ئارلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ،دوست بىلەن پۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق چىگرا بۇلۇشى كېرەك

يىگىرمە بىرىنچى باب

پۇل،كۈچ،نەرسە قەرز ئېلىش،قەرز ئېلىشقا بولىدىغان ھەممە نەرسىنى قەرز ئېلىش كېرەك
باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ،يوقنى بار قىلىش كېرەك
قايتا قەرز ئېلىشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن،قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك
قەرز ئېلىپ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش كېرەك،ئۆز ئارا تۇلۇقلاپ،مەنپەئەت يەتكۈزۈش بولسا ئەڭ ياخشى چارە

يىگىرمە ئىككىنچى باب
ئىقتىسادچانلىق-سودىدىكى ئەڭگۈشتەر،بىر تىيىن پۇل ئورۇنلۇق خەجلىنىشى كېرەك
ئىقتىسادچانلىق-جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تۆۋەن تەنەرخ بىلەن بازارنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى <<ئۆتكۈر قورال>>
تەنەرخنى ھەر بىر تىيىنغىچە كونتورۇل قىلالىغاندا،پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
زىل ھېساباتلارنى قىلالمىغاندا،كىچىك پايدىغىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ
مېھنەت ۋە ئىقتىساد قىلىشنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ
تەپسىلات ئىقتىسادچانلىقتا ئىپادىلىنىدۇ

*******************

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام

مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان  خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ