A-A+

خوتەن قاش بىلدۈرگىلىرى

2015-يىل 25-دېكابىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 544 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

خەنچە يازمىلاردا دېيىلىشىچە خەنچە << خوتەن قاش 和田玉 >> ئاتالغۇسى پەيدا بولغىلى

130 يىل بولدى .

ئىنسانىيەت خوتەن قاشلىرىدىن پايدىلانغىلى 7000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ ، چىن شىخۇاڭ جۇڭگۇنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە خوتەن قاشلىرى قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن چىققاچقا << قۇرۇم قاشلىرى >> دەپ ئاتالغان . كېيىن << ئودۇن قاشلىرى >> دەپ ئاتالغان . مىلادىيە 1883 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي << خوتەن قاشلىرى >> دەپ ئاتالغان .

6597_092625251x.jpg_450x450

خوتەن قاشلىرىنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇش كۈچى پولاتتىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك

خوتەن قاشلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ناھايىتى ياخشى ، بېسىمغا قارشى تۇرۇش كۈچى پولاتتىن قاتتىق بولۇپ ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە پولات بىلەن خوتەن قاشلىرىغا ئوخشاش بېسىم چۈشۈرگەندە خوتەن قاشلىرىنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى پولاتتىن 3 ~ 4 ھەسسىگىچە چوڭ بولىدىكەن .

64679_0048585097x.jpg_450x450

دۆلەت تېشى _______ خوتەن قاشلىرى

1999-يىلى دۆلەت كان بايلىقلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگۇ جاۋاھىراتلار جەمىئىتى بىرلىكتە << دۆلەت تېشى >> نى باھالاپ چىقىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان . 4 يىل تاللاش ئارقىلىق خوتەن قاشلىرى جۇڭگۇ جاۋاھىراتلار  جەمىئىتى تەرىپىدىن << دۆلەت تېشى >> دەپ ئاتالدى .

73296_1423262924x.jpg_450x450

خوتەن قاشلىرىنىڭ نېنىنى ئەڭ بۇرۇن شىياڭگاڭ ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر يىگەن .

80 - يىللارنىڭ بېشىدا خوتەن قاشلىرى بىلەن روسىيە قاشلىرىنىڭ باھاسى ئاساسەن ئوخشاش بولغان . شىياڭگاڭ ۋە تەيۋەندىكى قاش سودىگەرلىرى خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغاچقا بەس - بەستە يارام زىرە قاشلارنى سېتىۋالغان ۋە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى قىممەت ، ئەتىۋارلىق تاش بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغان . ھازىرقى قاشلارنى پەرداشلاش ھۈنىرىنىمۇ تەيۋەن ، شىياڭدىكى قاش سودىگەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان .

مەنبە : 寻宝之旅 سالونى

2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ