خوتەن قاش بىلدۈرگىلىرى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
خەنچە يازمىلاردا دېيىلىشىچە خەنچە << خوتەن قاش 和田玉 >> ئاتالغۇسى پەيدا بولغىلى
130 يىل بولدى .
ئىنسانىيەت خوتەن قاشلىرىدىن پايدىلانغىلى 7000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ ، چىن شىخۇاڭ جۇڭگۇنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە خوتەن قاشلىرى قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن چىققاچقا << قۇرۇم قاشلىرى >> دەپ ئاتالغان . كېيىن << ئودۇن قاشلىرى >> دەپ ئاتالغان . مىلادىيە 1883 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي << خوتەن قاشلىرى >> دەپ ئاتالغان .
خوتەن قاشلىرىنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇش كۈچى پولاتتىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك
خوتەن قاشلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ناھايىتى ياخشى ، بېسىمغا قارشى تۇرۇش كۈچى پولاتتىن قاتتىق بولۇپ ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە پولات بىلەن خوتەن قاشلىرىغا ئوخشاش بېسىم چۈشۈرگەندە خوتەن قاشلىرىنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى پولاتتىن 3 ~ 4 ھەسسىگىچە چوڭ بولىدىكەن .
دۆلەت تېشى _______ خوتەن قاشلىرى
1999-يىلى دۆلەت كان بايلىقلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگۇ جاۋاھىراتلار جەمىئىتى بىرلىكتە << دۆلەت تېشى >> نى باھالاپ چىقىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان . 4 يىل تاللاش ئارقىلىق خوتەن قاشلىرى جۇڭگۇ جاۋاھىراتلار جەمىئىتى تەرىپىدىن << دۆلەت تېشى >> دەپ ئاتالدى .
خوتەن قاشلىرىنىڭ نېنىنى ئەڭ بۇرۇن شىياڭگاڭ ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر يىگەن .
80 - يىللارنىڭ بېشىدا خوتەن قاشلىرى بىلەن روسىيە قاشلىرىنىڭ باھاسى ئاساسەن ئوخشاش بولغان . شىياڭگاڭ ۋە تەيۋەندىكى قاش سودىگەرلىرى خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغاچقا بەس - بەستە يارام زىرە قاشلارنى سېتىۋالغان ۋە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى قىممەت ، ئەتىۋارلىق تاش بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغان . ھازىرقى قاشلارنى پەرداشلاش ھۈنىرىنىمۇ تەيۋەن ، شىياڭدىكى قاش سودىگەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان .
مەنبە : 寻宝之旅 سالونى
2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى