A-A+

نامراتلار ئۇڭۈشسىزلىقنى تەقدىر دەيدۇ،بايلار قىيىنچىلىقنى پۇرسەت دەيدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 267 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

سەككىزىنىچى باب

 تەقدىر ئۇقۇمىدىكى پەرق:

نامراتلار قوي مىجەزلىك بولغاچقا دائىم تەقدىرگە تەن

بېرىدۇ، بايلار بۆرە مىجەزلىك بولغاچقا ئۆز تەقدىرىنى

ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ

*********

8-باپ 1-پاراگىراپ

 نامراتلار ئۇڭۈشسىزلىققا يۇلۇقسا تەقدىر دەپ قارايدۇ،

بايلار قىيىن مەسلىگە يۇلۇقسا بۇ بىر پۇرسەت دەپ قارايدۇ 

رىئال تۇرمۇشتا نامراتلار كىشىنى ھەۋەس قىلدۇرغىدەك بايلىققا ئېرىشىپ باقمىغاچقا، بايلىققا ئېرىشىشنىڭ ناھايىتى زۆر دەرىجىدە تەقدىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. يەنى نامراتلار  ھامان «تۇغۇلۇش- ئۈلۈش، بايلىق-نامراتلىق تەڭرىنىڭ ھۈكىمى بىلەن بولىدۇ» دىگەنگە ئىشىنىدۇ. ھەمىشە تۇغۇلىشىمدىنلا باي بۇلۇش پىشانەمگە پۈتۈلمىگەن ،باي بولالىشىم قەتئى مۇمكىن ئەمەس. دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ناچار ئۇقۇمنىڭ يېتەكلىشىدە نامراتلار كۈرەش قىلىش كۈچىنى يوقىتىدۇ-دە، بايلىقنى قوغلىشىپ بولالمايدۇ.  ئاخىرىدا ئاۋالقىدەكلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. لىكىن بايلار دەل ئەكسىچە .ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە ئەزەلدىن «تەقدىرگە تەن بېرىش» دىگەن سۆز يوق. ئۆزىنىڭ تەغدىرى تەڭرى تەرپىدىن بېكىتىلگەن دەپمۇ قارىمايدۇ. ئەكسىچە ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا تەغدىرنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە كىشى ھەۋەس قىلغۇدەك بايلىققا ئېرىشىدۇ.

بۇ يەردە دىمىسەك بولمايدىغىنى- نامراتلار  بىلەن بايلاردىكى پەرىقنى بۇ ئىككى تەرەپتە ساقلانغان تەغدىر ئۇقۇمىدىكى پەرىق بەلگىلەيدۇ. بۇ خىل پەرىق كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىر ناھايىتى روشەن بولۇپ، نامراتلارنىڭ ئەسلىدە ئېرىشەلەيدىغان بايلىق ئارزۇسىنى يوق قىلىش بىلەن بىرگە بايلارنى تېىخىمۇ باي قىلىدۇ. ئىككىسى ئارىسىدىكى بۇ پەرىق كىشلەرگە ئاگاھلاندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

نامراتلار ئۇڭۈشسىزلىققا يۇلۇقسا، تەقدىر دەپ قارايدۇ، بايلار قىيىن مەسلىگە يۇلۇقسا بۇ بىر پۇرسەت دەپ قارايدۇ

كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا نامراتلار ئىش قىلسا ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتنى ئارلاشتۇرۋالىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويىدۇ. كىينكى ھەركەتلىرىدە بۇ پىرىنسىپنى چىقىش نوقتىسى قىلىدۇ. بۇ پىرىنسىپتىن ئايرىلالمايدۇ. بايلارنىڭ باشلىنىشتىنلا ئويلايدىغىنى ئاۋال ئۆز مەنپەتىنى ئالدىنقى مەركىزى نوقتىدىن چىقىرۋېتىش، باشقىلارنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىل ئويلىشىش. نامراتلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار ئۆزىنىڭ خارەكتىرىنى تىزگىنلەشكە ماھىر. پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئۇلارنى غەلبىگە باشلايدۇ. بىزدە <باشقىلارغا گۇل تەغدىم قىلساڭ، قولۇڭدا خۇشپۇراق قالىدۇ> دەيدىغان گەپ بار. پەقەت سىز باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىسىڭىز ھالقىلىق ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ ھورمەتلىشى ۋە جاۋاب قايتۇرىشىغا ئېرىشەلەيسىز.

پەقەت ھەممە يەردە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتنى باشلىنىش نوقتىسى قىلسىڭىز ، تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا بۇ خىل ئالاھىدىلىكىڭىزنى جارى قىلدۇرسىڭىز؛ سەمىمى ،ئەخلاقلىق ،پۇختا ئىش قىلىدىغان ئادەم بولسىڭىز ئاندىن، ياخشى بولغان كىشلىك ئالاقە تورىنى قۇرالايسىز. باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ماختىشىغا ئېرىشەلەيسىز. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزگە تېخىمۇ ئىشىنىدۇ. بۇنداق بىر كوللىكتىپ بولسا ھەرقانداق بىر ئىشنى  قىلىش كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ،ئىشلاردا تېخىمۇ ئاسان غەلبە قازانغىلى بولىدۇ.

ۋاڭ يۇڭچىڭ گۇرۇچ دۇكىنىدىكى خىزمىتىنى ئىنتايىن قەدىرلىدى. بۇ بىر ياخشى خىزمەت بولمىسىمۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بېرىلىپ ئىشلىدى. ھەر كۈنى خوجايىنىنى ئوغۇرلۇقچە كۆزىتىپ، ئۇنىڭ گۇرۇچنى قانداق  ساتدىغىنىنى بىلدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەبئىيلا نۇرغۇن تەجىربە ۋە ئۇسۇللارنى ئۆگىنىۋالدى. بۇ ئۇنىڭ كىيىنكى ئۆزىنڭ گۇرۇچ دۇكىنى ئېچىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.

«باشقىلارغا خوجايىن بۇلۇشنى خالىمايدىغان خىزمەتچىلەر مەڭگۇ باشقىلارنىڭ پۇل تېپىش قورالى بولىدۇ ھەمدە مەڭگۇ ھەقىقى باي بولالمايدۇ.» دىگەن جۈملە نامراتلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلەنسە بولمايدىغانلىقى، تېخىمۇ يۇقىرى نىشان بىكىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ۋاڭ يۇڭچىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ باي بۇلۇشقا مۇناسىپ، ئىلگىرى ئۇمۇ نامرات ئىدى. ئۇ ئۆزىدىن قانائەت ھاسىل قىلماي، داۋاملىق ئەسقاتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگۇنۇپ تېىخىمۇ چوڭ بولغان تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىششنى ئارزۇ قىلدى. بۇ بارلىق بايلاردا بولىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىك.

ۋاڭ يۇڭچىڭ دەسلەپتە پەقەت دۇكاندىكى كىچىككىنە ئىشلەمچى بولۇپ، ھىچقانداق سودا تەجىربىسى يوق ئىدى. لىكىن ئۇ بىر ئۆمۈر بۇنداق ئۆتۈشىنى خالىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوجايىننىڭ تىجارەت ئۇسۇلىنى ئەستايدىل كوزۇتىشكە باشلىدى. ئارقىدىن ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىدى. ئاخىرىدا مۇستەققىل تىجارەت قىلىش ئويى شەكىللەندى. 16 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ 200 يۈەن مەبلىغى بىلەن گۇرۇچ دۇكىنى ئاچتى. دەسلەپتە تىجارىتى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لىكىن ئۇ قىينچىلىققا باش ئەگمەسلىك روھى ۋە ئەقلىگە تايىنىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئۇسۇلى بىلەن خېرىدار جەلىپ قىلدى. ئۇنىڭ دۈكىنىدىكى گۇرۇچنىڭ سۈپىتىنىڭ  ياخشىلىقى، مۇلازىمەتتىكى يېڭىلىقلىقى خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بېرى ئونغا ئونى يۈزگە تارقىتىپ، تىجارىتى روناق تاپتى. ئاخىرى ئۇ ھەقىقى بايغا ئايلاندى.

ۋاڭ يۈڭچىڭنىڭ غەلبىسى- قىيىنچىلىق ۋە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغاندا باش ئەگمەي ئويلىنىشقا ماھىر بۇلۇپ، ئەقلى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، سۇپەت ۋە مۇلازىمەتتە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.نىگىزدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۆزىنى خوجايىن دەپ قارىماي تىجارەت قىلىش داۋامىدا باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلغانلىقىنىڭ پايدىسى.

ھازىرقى تاۋار ئىگلىكى دەۋرىدە بىر قىسىم نامراتلارنىڭ پۇلى بولدى، ياخشى كۈن كەچۈردى. لىكىن ھەقىقى بايغا ئايلىنالمىدى. ئىلگىرى ھىچنىمىسى يوق نامرات بولغان تەغدىردىمۇ سودا قىلىش كىشىنى ھەقىقەتەن پۇلى بار قىلىدۇ. لىكىن ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇنىڭ ھەر قانچە پۇلى كۆپ بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نامرات.

بىز بۇ دۇنيادا چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش زۆرۈر بولغان نەرسىلەر ھەقىقەتەن بەك كۆپ. بۇلۇپمۇ ھازىرقى ياشلارنىڭ تەجىربىسى كەمچىل، بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق-سوغۇق ئاز، ۋەزىيەتنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنى ئىگەللىيەلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. گەرچە ئۇلاردا باي بۇلۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، پەقەتلا ئالدىراقسان، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كىتىش سەۋەبلىك تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. ئەمما ھەقىقى بايلاردا چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارى بار. ئۇلار بىرەر ئىشقا  يۇلۇققاندا، ئۆزىنى بېسۋالالايدۇ. خەۋپنى ئامان-ئىسەنلىككە ئايلاندۈرالايدۇ. ئاخىرىدا ئۆزى غەلبىگە قاراپ مېڭىپ باي بولىدۇ. بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئوڭۈشسىزلىققا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇلاردا ئوخشاشمىغان نەتىنجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بايلىقنىڭ بايانى:

كىشلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تۇتقان پوزىتسىيەسى  ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىش-قىلالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. نامراتلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا بۇنى تەڭىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ قارايدۇ، نەتىجىدە نامراتلىق ۋە مەغلۇپ بۇلۇش تەغدىرىدىن قۇتىلالمايدۇ. بايلار قىيىنچىلىققا يۇلۇقسا، تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىپ، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن پۇرسەتنى بايقايدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ غەلبىگە قاراپ ماڭىدۇ.

************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ