A-A+

ئالتۇندا بار باھا ،خوتەن قاشتېشى بىباھا ( خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 52 )

2015-يىل 1-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 466 قېتىم

خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...

يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...

يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.


ئاپتۇر: ئۆركەش جاپپار

YDJ-BC140401077-2

خوتەن قاشتېشى رەڭدار، سىپتا، پارقىراق، سۈزۈك، قاتتىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە: خوتەن شەھىرىنىڭ شەرقىدە ئاق قاشتېشى دەرياسى، غەربىدە يېشىل قاشتېشى دەرياسى، ئۇنىڭ يەنە غەربىدە قارامتۇل قاشتېشى دەرياسى بار بولۇپ، بۇ دەريالارنىڭ مەنبەسى قاراقۇرۇم تېغىدىن ئىبارەت. قاشتېشى ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى ئېسىل بولۇپ، دەريادىن چىقىدۇ، يەنە بىر خىلى ناچارراق بولۇپ، تاغدىن چىقىدۇ، دەپ يېزىلغان.

يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ باغرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز خوتەن قاشتېشىنى بايقىغان ھەم يىپەك يولى ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا قاشتېشى يولىنى ئاچقان. خوتەن قاشتېشى بۇنىڭدىن 6000 يىل ئىلگىرىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قەبىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ئاجايىپ رەڭدار قاشتاش بۇيۇملىرى تارىخىنى ياراتقان ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئاچقان. خوتەن قاشتېشى قەدىمىي  قاشتېشى يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە غەرب ئەللىرىگىمۇ تارقالغان ھەم قىممەتلىك بۇيۇم قاتارىدا ئەتىۋارلانغان. ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرغان تۇنجى ۋاسىتە يىپەك، ساپال بۇيۇم ۋە ياكى چاي بولماستىن، بەلكى خوتەن قاشتېشى ئىكەن. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، خوتەن قاشتېشىنى ئالىيجانابلىقنىڭ، ساپلىقنىڭ، دوستلۇقنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ، تىنچلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى دەپ تونۇپ، ئەتىۋارلاپ كەلگەن.

YDJ-BC140401076-1

 خوتەن قاشتېشى جۇڭخۇا قەدىمىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يارىتىشقا ئىشتىراك قىلغان. يىن – شاڭ دەۋرىدىن باشلاپلا، جۇڭگو خوتەن قاشتېشىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان قاشتېشى بۇيۇمى ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان. خوتەن قاشتېشى خۇاشيا مىللەتلىرىنىڭ قاشتېشى سەھنىسىگە چىقىشى بىلەنلا، دۇنيادا شۆھرەت قازانغان شەرق سەنئىتى مەيدانغا كەلگەن، شۇنداقلا جۇڭگو قاشتېشىنىڭ تاجى سۈپىتىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بايلىقىغا، جۇڭگونىڭ ‹‹دۆلەت تېشى››غا، ھەتتا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەخلاق روھىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. ئۇ، قەدىمىي، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، دۇنيادا تەڭداشسىز جۇڭگو قاشتېشى مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

ئېلىمىز قاشتاشچىلىقى ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقىدا خوتەن قاشتېشى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.  ئالتۇندا بار باھا، خوتەن قاشتېشى بىباھا  دېگەن سۆز بىكار ئېيتىلمىغان.

خوتەن قاشتېشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئەڭ ئەتىۋارلىق دورا قىلىپ ئىشلىتىلگەن. مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە دورىگەر گې خۇاڭ: قاشتېشى خاسىيەتلىك دورىدۇر، لېكىن ئېرىتىش تەس... ئويۇلمىغان قاشتېشىغا ئېرىشسە، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئۇدۇن قاشتېشى ئەڭ ئەلاسىدۇر، دەپ يازغان. ئۇيغۇر تېبابىتىدىمۇ قاشتېشى دورا قىلىپ ئىشلىتىلگەن. ئاتاقلىق تىۋىپ، مەرھۇم ئەمەت ھاجى ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا ئەلا سۈپەتلىك قاشتېشى تالقىنى ئىچىشنى، يۈرەك كېسىلى بارلارغا قاشتېشى مارجان، بۇلاپكا ئېسىشنى، قاشتېشى بىلەزۈك سېلىشنى بۇيرۇغان.

بۈگۈنكى كۈندە خوتەن قاشتېشى ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز نازاكىتى ۋە بىباھا قىممىتى بىلەن خوتەن دېھقانلىرىنى بېيىتماقتا، مىليونلىغان كىشىنى ئۆزىگە چوقۇندۇرۇپ، دۇنياغا ھۆسن قوشماقتا.

مەنبە:شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ