نامراتلار ئىش قىلغاندا كەيپىياتنى ئاساس قىلىدۇ، بايلار ئىش قىلغاندا پىلاننى ئاساس قىلىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
5-باپ 2-پارىگىراپ
نامراتلار ئىش قىلغاندا كەيپىياتنى ئاساس قىلىدۇ، بايلار
ئىش قىلغاندا پىلاننى ئاساس قىلىدۇ
بايلىقنى قولغا كەلتۈرۈش سەھنىسىدە ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ رىژېسسورى، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ھەربىر بۆلەككە ياخشى رىژېسسورلۇق قىلىش كېرەك. بۇ نۇقتىدا بايلاربىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ناھايىتى روشەن.
نامراتلارناھايىتى ئىقتىدارسىز رىژېسسور، ئىش قىلغاندا كەيپىياتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ، نەتىجىدە ئىشلارنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتتا ئىش قىلغۇسى كېلىدۇ ھەم خېلى ياخشى قىلىدۇ، بىراق كەيپىياتى ياخشى بولمىسىلا روھلىنالماي،ئادەتتە قىلىشنى ياخشى كۆردىغان ئىشنىمۇ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئەمما بايلار ناھايىتىمۇ نەۋۋەر رىژېسسور، ئۇلار ئىش قىلغاندا ھەمىشە ئۆزىنىڭ پىلانى بۇيىچە قىلىدۇ،ئەزەلدىن كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقان قىلمايدۇ.
ئېنىقكى،ئىش قىلغاندا پىلان بولۇش – بولماسلىق نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ چوڭ پەرقى. ئىش قىلغاندا پىلان بولسا، ئۇنداقتا بارلىق ئىشلار پىلان بۇيىچە تەرتىپلىك ماڭىدۇ، ھەرخىل دوقۇرۇشلار بولۇپ تۇرسىمۇ، بىراق پىلاندىكى بايلىق نىشانى ئەمەلگە ئاشىدۇ.ئەگەر ئىش قىلغاندا پىلان بولمىسا، ئۇنداقتا ھەممە ئىش كەيپىياتقا قاراپ تەڭشىلىپ،ئىشلارنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق قالايمىقانچىلىق خۇددى يۆنىلىشى يوق كېمىگە ئوخشاش مەڭگۈ مەنزىلگە يىتىپ بارالمايدۇ.
ئامېرىكا بولىۋ پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ باش لېدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان چارلىس.شىۋاپ شىركەتنىڭ تىجارىتى ياخشى بولماي، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالمىغانلىق سەۋەبلىك ئۈنۈم مۇتەخەسسىسى ئەيۋى.لىدىن «قانداق قىلىپ ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش» توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ. ئەيۋى.لى ئۇنىڭ سۈزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئىشەنچكە تولغان ھالدا چارلىس.شىۋاپقا: «مەن ئون مېنۇت ئىچىدە سىزگە بىر نەرسە بېرىمەن، بۇ سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى %50 ئۆستۈرەلەيدۇ.»دەپتۇ.
چارلىس.شىۋاپ ئەيۋى.لىنىڭ گېپىدىن گۇمانلىنىپ، دۇنيادا قانداقمۇ بۇنداق سىرلىق نەرسە بولسۇن دەپ ئويلاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەيۋى.لى بىر پارچە ئاق قەغەزنى چارلىس.شىۋاپقا سۇنۇپ: «بۇنىڭغا ئەتە سىز قىلماقچى بولغان ئەڭ مۇھىم ئالتە ئىشنى يېزىڭ.» دەپتۇ.
چارلىس ئۇنىڭ تەلىپى بۇيىچە بەش مېنۇتتىلا يېزىپ بوپتۇ. «ھازىر سىز يازغان ئىشلارنى شىركەت ۋە سىزگە نىسبەتەن مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگە تىزىپ چىقىڭ.» دەپتۇ ئۇ يەنە.چارلىس ئەيۋىنىڭ تەكلىپى بۇيىچە بۇنىمۇ ئورۇنلاپتۇ.
ئەيۋى.لى داۋاملىق سۆزلەپ: «بولدى، بۇ قەغەزنى يانچۇقىڭىزغا سېلىۋېلىڭ، ئەتە ئەتىگەندە قىلىدىغان بىرىنچى ئىش بۇ قەغەزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنى پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن قىلىش،باشقا ئىشلارنى ئويلىماسلىقىڭىز كېرەك. بىرىنچى مۇھىم ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، سىز يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئىشنى قىلسىڭىز بولىدۇ،مۇشۇ تەرىقىدە ئىشتىن چۈشكىچە قىلىسىز. ئەگەر بۇ كۈنى پەقەت بىرىنچى ئىشنىلا قىلىپ تۈگىتەلىسىڭىزمۇ جىددىيلەشمەڭ، چۈنكى سىز كۈندە ئەڭ مۇھىم ئىشنى قىلىپ كىلىۋاتىسىز. ھەركۈنى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشتۇرسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىغانلىقىنى بايقايسىز، سىز ئۇنىڭ قىممىتىگە ئىشەنگەن ۋاقتىڭىزدا بۇ خىل ئۇسۇلنى خىزمەتچىلىرىڭىزگە تارقاتسىڭىز بولىدۇ. بۇ سىناقنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرغىڭىز كەلسە شۇنچىلىك داۋاملاشتۇرۇڭ، ئاندىن مەن سىزگە كۆرسەتكەن بۇئامالنى قانچە پۇلغا يارايدۇ دەپ قارىسىڭىز ماڭا شۇنچىلىك سوممىدىكى چەكنى سېلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ،» دەپتۇ.
بىر ئايدىن كىيىن ئەيۋى،لى چارلىس ئەۋەتكەن خەتنى تاپشۇرۋاپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چېكى بار ئىدى. چارلىس خېتىدە بۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك دەرس بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
ئەيۋى.لىنىڭ كۆرسەتكەن ئۇسۇلىغا تايانغان بۇ كىچىك پولات – تۆمۈر شىركىتى بەش يىلدىن كىيىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇستەقىل پولات – تۆمۈر كارخانىسىغا ئايلانغان .
ئىلگىرى ئانچە نامى چىقمىغان بىر كارخانا قىسقىغىنە بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات – تۆمۈر كارخانىسىغا ئايلانغان. بۇنداق نەتىجىنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەب بۇ يەردىكى خىزمەتچىلەر ئەيۋى.لىنىڭ كۆرسەتكەن ئامالى بۇيىچە خىزمەتنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قارىتا پىلانلاش ئېلىپ بارغان، ھەمدە بۇ پىلاننى ئەتراپلىق ئىجرا قىلغان. دەل پىلانغا ئاساسەن ئىش قىلغاچقا، چارلىس.شىۋاپ خىزمەتچىلەرگە يىتەكچىلىك قىلىپ خىزمەتنى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاپ، بۇ ئارقىلىق پولات – تۆمۈر كارخانىسىنى تېخىمۇكۈچلۈك، تېخىمۇ چوڭ قىلغان.
ئەمەلىيەتتە، ھەر كۈندىكى كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ بۇ ھاياتتىكى چوڭ بايلىق نىشانلىرىغىچە پىلان كەم بولسا بولمايدۇ. قەدىمدىن – ھازىرغىچە ئۆتكەن بايلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېنىق پىلانى بار، ھەمدە ئىزچىل بۇ پىلانغا ئاساسەن ئىش قىلغان.
ئەمەلىيەتتە، كورىيە ئۇرۇقىدىن بولغان ياپونىيىلىك، يۇمشاق دىتال بانكىسى گورۇھىنىڭ باش دىرېكتورى قوشۇمچە باش لېدىرى سۈنجېڭيى دەل مۇشۇنداق بايلارنىڭ ۋەكىلى.
سۈنجېڭيى 19ياش ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ كىيىنكى 50 يىللىق كىشىلىك ھاياتى ئۈچۈن كونكېرىت پىلان تۈزگەن، بۇ پىلاننىڭ ئوبيېكتىپ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 30 ياشتىن بۇرۇن بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىنىش، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ساھەدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ ئەۋلادلىرىغا شەرەپ كەلتۈرۈش؛ 40 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئاز بولغاندا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغقە ئىگە بولۇش، بىرەر چوڭ ئىشنى قىلىشقا مەبلىغى يېتىدىغان بولۇش؛ 50 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر كەسىپنى تاللاش، ھەمدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇ كەسىپنى ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىش، شىركەت 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان مەبلەغكە ئىگە بولۇش، پۈتكۈل گورۇھتا 1000 دىن ئارتۇق تارماق شىركەت بولۇش؛ 60 ياشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،شىركەتنىڭ تىجارەت سوممىسىنى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشۇرۇش؛ 70 ياشقاكىرىشتىن بۇرۇن ئىشلىرىنى ئىزباسارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆيگە قايتىپ ئاخىرقى ئۆمىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش.
پۈتكۈل پىلاننى تۈزۋالغاندىن كىيىن، سۈنجىڭيى ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلاپتۇ. 13 ياش ۋاقتىدا ئۇ يەنە بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئىشقىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلانغان، ھەمدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى تىزىملىك قىلىپ تۈزگەن، بۇنىڭدا 40 تىن ئارتۇق تۈر بولغان. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ يەنە ھەربىرئىشقا قارىتا تەپسىلىي بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ھەمدە كىيىنكى 10 يىللىق مۆلچەرلەنگەن كىرىم – چىقىم جەدۋىلى، ئايلانما مەبلەغ جەدۋىلى ۋە گورۇپپىلاشتۇرۇلغان سېخمىنى سىزىپ چىققان ( ئەينى ۋاقىتتا بۇ 40 تۈرلۈك ماتېرىيالنى پۈتۈنلەي قوشقاندا، توپتوغرا 19 مېتىردىن ئاشقان).
ئارقىدىنلا سۈنجېڭيى كەسىپ تاللاشتىكى 25 تۈرلۈك ئۆلچەمنى بەلگىلىگەن، بۇ مەزكۇر خىزمەتكە ئۆمۈر بويى زېھىن قويۇپ ئىشلىگىلى بولامدۇ، 10 يىل ئىچىدە ئۆزى بۇ ساھەدە پۈتۈن ياپونىيە بۇيىچە بىرىنچى بولالامدۇ قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئۆلچەملەرگە ئاساسلانغان سۈنجېڭيى ئۆزىنىڭ 40 نەچچە تۈرلۈك كەسپىگە نىسەتەن تاللاش ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ساھەسىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان.
بۈگۈنكى كۈندە، 54 ياشلىق سۈنجېڭيى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆزىنىڭ پىلانىنى يۈرگۈزمەكتە،ئۇنىڭ ئىسمىمۇ بالدۇرلا «فوربىس» ژورنىلىنىڭ بايلار تەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان.
كىچىككىنە قىمار ماشىنىسى دۇكىنى خوجايىنىنىڭ ئوغلىدىن بۈگۈنكى كاتتا زەردارغا ئايلانغىچە بولغان جەريان ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى تەستە ئەمەلگە ئاشىدۇ،بىراق سۈنجېڭيى پەقەتلا 10 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. ئۇنىڭ بۇنداق زورنەتىجىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئىشنى پىلان بۇيىچە قىلغانلىقىدا.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر سۈنجېڭيى ئىش قىلغاندا پىلان بولمىسا، ئىشنىڭ مۇھىملىرىنى ئايرىماي، پەقەت كەيپىياتىغا قاراپلا ئىش قىلسا، ئۇ يەنە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ بايلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامتى؟
كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بايلىق قوغلىشىش يولىدا ئىش قىلغاندا پىلانلىق بولۇش ناھايىتى مۇھىم، ئۇ بولسا بايلاردىن بولماقچى بولغان ھەربىر ئادەم تەييارلاشقا تىگىشلىك ساپا. ئىش قىلغاندا پىلان بىلەن، ئەقلىيلىك بىلەن قىلىدىغان ئادەملا بايلىق دەرىخىدىكى مېۋىنى ئوڭۇشلۇق ئالالايدۇ. ئەمما ئىش قىلغاندا كەيپىياتىنى ئاساس قىلىدىغان، پىلانسىز ئادەملەربايلىق بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ.
ئۇنداقتا،سۆيۈملۈك دوستۇم، سىز بايلارغا ئايلىنىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولدىڭىزمۇ؟
بايلىقنىڭ بايانى:
ئىش قىلغاندا پىلانلىق بولۇش كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ ھەرخىل پاسسىپ كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن ساقلايدۇ. كۆڭۈلدە پىلان بولغان ئىكەن، بىر قىسىم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا يولۇققاندىمۇ يەنىلا كۆڭۈلنى خاتىرجەم تۇتۇپ رىئاللىققا يۈزلەنگىلى بولىدۇ، بۇ سەۋەبتىن كەيپىياتقىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ. نامراتلارنىڭ كەيپىياتقا قاراپ ئىش قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە پىلان يوق بولغاچقا، بىر قىسىم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا يولۇقسىلا بىزار بولۇش، ئازابلىنىش قاتارلىق پاسسىپ ئامىللار پەيدا بولىدۇ – دە، ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولساق،ئۇنداقتا كەيپىياتنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ، ئىش قىلغاندا پىلانلىق بولۇشتەك ئادەتنى يىتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
****************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى