جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ بالىلار كىيىملىرى بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 20)
جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ بالىلار كىيىملىرى بازىرى _______ خۇجۇ جىلى بالىلار كىيىملىرى بازىرى
中国最大的童装市场 _______ 湖州织里中国童装城
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
جېجىياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى ۋۇشىڭ رايۇنى جىلى كەنتىگە جايلاشقان << خۇجۇ جىلى بالىلار كىيىملىرى بازىرى >> جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ بالىلار كىيىملىرى بازىرى . 2010 -يىلى 600 مو يەرگە ، ئىككى يېرىم مىليارد مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان .
بۇ بازار جۇڭگۇدىكى بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك بازار ، تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى بولۇپ ، جىلى كەنتىدىكى 70 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم بالىلار كىيىملىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . بالىلار كىيىملىرى زاۋۇت - كارخانىسىدىن 6000 دىن كۆپرەكى بار .
بازاردا يەنە رەخت ، ئەستەرلىك ، كىيىم تىكىش ماشىنىسى ....... قاتارلىق بالىلار كىيىملىرى تىكىشكە كېتىدىغان لازىمەتلىكلەرنىڭ ھەر قاندىقى تېپىلىدۇ . لازىمەتلىك ساتىدىغان ۋە ئىشلەيدىغان 2150 دىن ئۇشۇق زاۋۇت - كارخانا بار.
بازارغا ھەر كۈنى كېلىدىغان خېرىدارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ، كۈندە سېتىلىدىغان كىيىمنىڭ سانى 300 مىڭ قۇردىن ، يىللىق سودا سوممىسى 10 مىليارتىن ئاشىدۇ .
ئادرىسى : جېجىياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى ۋۇشىڭ رايۇنى جىلى كەنتى
地址 : 浙江省湖州市吴兴区织里镇
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى