A-A+

ئەينەك

2015-يىل 1-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 235 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

66bOOOPICc4

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،كەسىپداشلار!
بۈگۈنكى زامان ئويغۇر تاشچىلىق تىجارىتى يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ يىگىرمە نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى ۋە مىڭلىغان كەسىپتە پىشقان،چىۋەر تاشچىلار ھەم ساناقسىز سودا مۇۋاپىقىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.گەرچە بىز بۇ كەسىپتە  مۇئەييەن نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ لېكىن ئاچچىق ساۋاقلىرىمىزمۇ يىتەرلىك بۇلۇپ،خانى-ۋەيران بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس.بۇ ساھەدە تىجارەت قىلىدىغان كەسىپداشلىرىمىز رايۇن كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى، كەسپىي ۋە ئۇنۋىرسال ساپاسىنىڭ تەكشى بولماسلىقى،بۇلۇپمۇ تىل،قانۇن، رايۇنلار ئالاھىدىلىكى ، ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ ئورۇپ-ئادەتلىرىنى بىلمەسلىكى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىچكى-تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان رايۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىۋاتىدۇ.

بۇلۇپمۇ ئىچكى رايۇنلارغا كەلگەن تاشچىلىرىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ ئاۋارىچىلىققا قېلىش،ئېغىر تالاپەت تارتىش ھەتتا ۋەيران بۇلۇش ئەھۋالى يۈز بىرىۋاتىدۇ.ئوخشاش بىر ئالدامچىلىق ۋاستىسىنىڭ توزاقلىرىغا قېرىنداشلىرىمىز تەكرار دەسسەۋاتىدۇ. مۇشۇنداق توزاققا دەسسەپ قالغانلار قانداق ئالدىنىپ قالدى ۋە ئاخىرىدا بۇ كۈلپەتتىن قانداق قۇتۇلدى؟ بىزمۇ شۇنداق ھالغا قالماسلىقىمىز ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز ۋە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم؟ دىگەن مەسىلىلەردە ھەممەيلەن ئورتاقلىشىپ ئاۋامنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىپ  ‹‹ ئەينەك ›› سەھىپىسىنى يولغا قويدۇق.قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز بېششىدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقى ۋەقەلىكلەرنى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئەينەن سۆزلەپ
كەسىپداشلارغا تەجىربە-ساۋاق بىرىشىنى، پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى بۇ ئارقىلىق يېڭى بىر ئەۋلاد پىشقان ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ‹‹ مۆمۈنجان ›› دىگەن مەۋھۇم ئىسىمنى تەۋسىيە قىلدۇق. بۇ سەھىپىدىكى ماقالىلارنى كۈرۈپ پايدىلىنىشىڭلارنى،تورغا كىرەلمەيدىغان كەسىپداشلارغا يەتكۈزۈپ قۇيۇشىڭلارنى،بىلگەنلىرىڭلارنى ئەلدىن ئايىماسلىقىڭلارنى سورايمىز.( مۇندىن كىيىن بۇ سەھىپىمىزدىكى يازمىلار ‹‹ ئەينەك 1،2،3 .......›› دىگەن نام بىلەن داۋاملىشىدۇ. )

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ