A-A+

ھەرقانداق ئىشنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك

2015-يىل 7-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 703 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 4 - باب 4 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

   بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: تىجارەت قىلىدىغان ئادەملەر ھەمىشە قايسى تىجارەت ئاقسا شۇ تىجارەتنى قىلىدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلار: تىجارەتنى دەسلەپ باشلىغاندا جەزمەن ھەرىكەتچان تىجارەت شەكلىنى قوللىنىش لازىم، ئەمما تىجارەتنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چوقۇم ئۇزۇن مەزگىللىك بىر نىشان شەكىللىنىشى لازىم، ھەمدە مەزكۇر نىشانغا يېتىش

ئۈچۈن تىرىشىش، مەھسۇلات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئۆز كەسپىدە بەلگىلىك ئورۇن تىكلەش كېرەك.


   «دۇنيا كېمە پادىشاھى» دەپ نام ئالغان نىڭبولۇق سودىگەر باۋ يۈگاڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «بىر قىسىم كىشىلەر قېيىنچىلىققا يولۇقسىلا ۋاز كېچىدۇ، ئەمما مەن ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن: مەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە 15 مىنۇت سۇ ئۈزۈشنى داۋالاشتۇرىۋاتقانلىقىمغا ئۇزۇن بولدى، مەيلى يامغۇر ياغسۇن ياكى بوران چىقسۇن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. مەن پەقەت بىر ئىشنىڭ ماڭا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساملا چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن.»

بېيجىڭ‹‹ ۋۇفۇ چاي سارىيى ›› نىڭ باش دىرېكتورى، بېيجىڭ ‹‹جۇڭگو ۋۇلىتې چاي شەھەرچىسى ›› نىڭ باش لېدىرى دۈن يۈنسۇڭ چاي سارىيى ئاچقان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئىزچىل زىيان تارتىپ كەلگەن. ئەمما ئۇ چاي مەدەنىيىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىغا؛ گەرچە ھازىرقى ۋاقىتتا چاينىڭ بازىرى ياخشى بولمىسىمۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ چوقۇم پايدا ئالالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بۇ خىل خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

 ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن قېيىنچىلىقتا قالغان  ۋاقىتلاردا دائىم خىزمەتچىلەرگە مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىمەن: بىر كۈنى، بىر ئادەم تاغقا ياماشماقچى بوپتۇ، ئۇ ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ غەربىي تاغنىڭ ناھايىتى گۈزەللىكىنى ھېس قىپتۇ-دە، غەربىي تاغقا يامىشىشنى قارار قىپتۇ. ئۇ يامىشىپ تاغ قاپتىلىغا كەلگەندە جەنۇبىي تاغنىڭ تېخىمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ-دە، جەنۇبىي تاغقا يامىشىشنى قارار قىپتۇ. ئۇ يامىشىپ جەنۇبىي تاغنىڭ قاپتىلىغا كەلگەندە شەرقىي تاغنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ-دە، جەنۇبىي تاغدىن چۈشۈپ شەرقىي تاغقا يامىشىشقا باشلاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا كۈن غەربكە قىيسىيىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ئىكەن، شۇنداق قىلىپ ئۇ ھېچقايسى تاغقا چىقالماپتۇ. سىز تاغ باغرى، تاغ قاپتىلى ۋە تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ كۆرگەن مەنزىرىلەر بىلەن سىز ھېس قىلغان مەنزىرە ئوخشىمايدۇ، كىشىلىك ھاياتمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ، بىردەم ئۇ ئىشنى، يەنە بىر دەم باشقا بىر ئىشنى قىلغان ئادەم ھەر قانچە ئالدىراش يۈرسىمۇ ھېچنىمىنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ، نەتىجىدە ھېچقانداق ئىشتا مۇۋاپىقەيەت قازىنالمايدۇ. تاللاش زۆرۈردۇر، ئەمما تاللىشىمىزدا چوقۇم سەۋرچانلىق بىلەن ئاخىرىغىچە تۇرىشىمىز كېرەك.

چاي سارىيى تاماقخانىغا ئوخشىمايدۇ، تاماقخانا ئېچىشتىكى مەقسەت پۇل تېپىشتىن ئىبارەت، ئەمما چاي سارىيى ئېچىشتا پۇل تېپىشتىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر بار. بۇ يولدا چوقۇم ئاخىرىغىچە مېڭىش كېرەك، ۋاقىتلىق قېيىنچىلىقلار ۋە ئازدۇرۇشلاردىن جەزمەن ئۆ

تۈپ كەتكىلى بولىدۇ.»

   ئاندىرى كارنىگ مۇنداق دېگەن: «سىز بارلىق تۇخۇملارنى بىر سېۋەتكە سېلىشنى قارار قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چوقۇم پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بۇ سېۋەتنى قوغدىشىڭىز كېرەك.» ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جەزمەن ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان بولۇشى كېرەك، ھەرگىزمۇ سىرتقى دۇنيانىڭ كىچىككىنە ئازدۇرۇشلىرىغا قۇل بولۇشقا بولمايدۇ، ئۆز ئىشىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى  بىلەن قىلغاندا ئاندىن ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

«جۇڭگونىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىلى، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ كۆرەش قىلىش تارىخىنىڭ ھەقداسى» دەپ نام ئالغان نەن سۈنخۇي جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى.

   1984-يىلى نەن سۈنخۇي لېچىڭ چيۇجىڭ ئۈزچات زاۋۇتىنى قۇرۇشنى باشلىغان.

   1994-يىلى ئۇ ۋېنجۇ جېڭتەي گۇرۇھىنى رەسمىي قۇرۇپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا نەن سۈنخۇي «ماسلىشىشچانلىق، ئىلمىيلىك، ئەمەلىيەتچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش» نى كارخانا تىجارىتىدىكى قىبىلنامە قىلغان، ئۇ قول ئاستىدىكى خادىملارغا يېتەكچىلىك قىلىپ «مىللىي سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش، دۇنياۋى ماركا يارىتىش» ئۈچۈن توختىماستىن تىرىشقان.

   20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جېڭتەي گۇرۇھى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن. كارخانا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەن سۈنخۇي ھەر تەرەپتىن كەلگەن پىكىرلەرنى ئاڭلاشنى باشلىغان: بەزىلەر كارخانىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، كەسپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى تەكىتلىسە، بەزىلەر كەسپلەشتۈرۈش، ئاساسىي كەسپنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەرگەن.

   ھەر تۈرلۈك ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرگە نىسبەتەن، نەن سۈنخۇي قايتا-قايتا ئويلىنىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرىدا كەسپلىشىش يولىنى تاللىغان. نەن سۈنخۇي مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر كەسپتە كۈچلۈك رىقابەتچى بولىدۇ، ھەممەيلەن كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاساسىي كەسپىنى تۇتماستىن بىزگە تونۇشلۇق بولمىغان ساھەلەرگە كىرسەك، ئۇ ھالدا چوقۇم زېھىن، مەبلەغ ئىسراپچىلىقى بولىدۇ-دە، يېڭى كەسپىمىزدە ھېچقانداق ئاساس تىكلىيەلمەيلا قالماستىن، ئەسلىدىكى كەسپىمىزمۇ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى مۇمكىن.»

 ئۇ يەنە مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم سۇ قايناتماقچى بولدى، بىرىنچى چۆگۈندىكى سۇنىڭ تېمپراتۇرىسى 99 گرادۇسقا چىققاندا ئۇ ئادەم ‹ يېتەرلىك بولدى › دەپ قارىدى، ھەمدە ئىككىنچى چۆگۈندىكى سۇنى قاينىتىشقا باشلىدى، بۇ چۆگۈندىكى سۇنىڭ تېمپراتۇرىسى 99 گرادۇسقا چىققاندا يەنە بولدى قىلىۋەتتى، ئۇ ئادەم مۇشۇ تەرىقىدە يەنە نۇرغۇن چۆگۈندىكى سۇنىڭ تېمپراتۇرىسىنى 99 گرادۇسقا ئېلىپ چىقتى، ئەمما ئۇ ئاخىرىدا بىر چۆگۈنمۇ سۇ قاينىتالمىدى.» شۇ سەۋەبتىن، نەن سۈنخۇي جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ جەزمەن كەسپلىشىش يولىدا مېڭىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ئاۋال تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر كەسپىنى ئاساس قىلىپ، «چوقۇم بىرىنچى بولىمىز» دەيدىغان روھنى تىكلىگەن.

   ھازىرقى جېڭتەي گۇرۇھى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ سانائەتتە ئىشلىتىدىغان ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياسايدىغان كارخانىلارنىڭ بىرى، ئومۇمىي مەبلىغى 2 مىليارد 200 مىليون يۈەن، سېتىش سوممىسى 6 مىليارد 170 مىليون يۈەن، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى مەملىكىتىمىزدىكى خەلق ئىگىلىكىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ.

   جېڭتەي گۇرۇھى بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى قۇرۇپ چىققان، ئامېرىكىنىڭ كېرىمنىي جىلغىسىدا تەتقىقات ئورگىنى تەسىس قىلغان، ئاساسلىقى يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى، تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، ئۆلچەش سايمانلىرى، ئاپتوموبىلنىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىدىغان ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلەر ۋە ھېسابلاش ماشىنىسى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالى قاتارلىق 100 تۈرگە تەۋە 5000 خىلدىن كۆپرەك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھازىر جېڭتەي گۇرۇھىدا ئالتە چوڭ كەسپىي شىركەت، 40 تىن كۆپرەك ئەزا كارخانا، 800 دىن كۆپرەك ھەمكارلاشقان كارخانا ۋە دۆلىتىمىز ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان 500 دىن كۆپرەك سېتىش ئاپپاراتى بار بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى كەسپداش كارخانىلارنىڭ سەركىسى بولغان رايون ھالقىغان گۇرۇھ. «جېڭتەي» ماركىسى دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ماركىسى بولۇپ ئېتىراپ قىلىنغان، مەھسۇلاتلىرى 30 دىن كۆپ دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىدۇ، ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى 20 دىن كۆپ ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان.

   بۇنىڭغا نىسبەتەن، نەن سۈنخۇي مۇندا تەجرىبە يەكۈنلىگەن-«كەسپلەشكەندە توغرا قىلغىلى بولىدۇ، توغرا قىلغاندا ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، ياخشى قىلغاندىلا ئاندىن كۈچەيگىلى، ئۇزۇن مەزگىل تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.» جېڭتەي گۇرۇھى 20 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ھەرخىل ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەن، قېيىنچىلىقلار ئالدىدا تىز پۈكمىگەن، ئىزچىل يۇقىرى-تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى ۋە ئاپتوماتلاشقان ئۆلچەش سايمانلىرى كەسپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تەرەققىي قىلغان.

  نەن سۈنخۇي ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «كارخانا قۇرۇش خۇددى تاغقا چىقىشقا ئوخشايدۇ، دەسلەپتە ئادەمگە ناھايىتى ئاسان بىلىنىدۇ، ئەمما سىز ئۆرلىگەنسېرى، يەنى كارخانىڭىز تەرەققي قىلغانسېرى ئۇچرايدىغان قېيىنچىلىقلار كۆپ بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يۇقىرى ئۆرلىگەنسېرى ئادەم شۇنچە ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا ھەرگىز چېكىنىشكە بولمايدۇ.»

   كارخانا قۇرۇشتا چوقۇم كۆڭلىنى تىنچ تۇتۇپ ئەستايىدىل بولۇش كېرەك. «ئۆي-مۈلۈك پادىشاھى» ۋاڭ شى مۇنداق دېگەن: «بازار ئىگىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەركىن ئالماشتۇرۇش، قايسى ساھەدە پايدا كۆپ بولسا مەبلەغ شۇ تەرەپكە قاراپ ئاقىدۇ، ئەمما پايدا كۆپ بولىدىغان ئەھۋال ناھايىتى تېزلا ئۆزگىرىدۇ، شۇڭا بىز سالماق بولۇشىمىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ كارخانىسىنى قۇرۇپ چىققاندا ھەرگىزمۇ خالىغانچە چېكىنىشىڭىزگە ۋە كەسپ ئۆزگەرتىشىڭىزگە بولمايدۇ. كارخانىدا سىزنىڭ ئىلگىرىكى تەييارلىقىڭىز ۋە دەسمايىڭىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇر

غۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قېنى بار. تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان كىشىلەر چوقۇم زېرىكىشكە بەرداشلىق بېرەلىشى، نىشانىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك ››.

   بېل گەيتىس مۇنداق دېگەن: «نىشاندا چىڭ تۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى، سىز چوقۇم ۋاقىت ۋە زېھنىڭىزنى سەرپ قىلىپ رىقابەتچىلىرىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىق-كەمچىلىكىڭىزنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك، ئۆزىنىمۇ-ئۆزگىنىمۇ چۈشەنگەندە ئاندىن غەلبە قىلغىلى بولىدۇ.»

   ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جېنداۋ مۇنداق دېگەن: «ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە نىشانى بولىدۇ، مېنىڭچە دۆلىتىمىزنىڭ ئاياغچىلىق كەسپى ھەر يىلى %66.7 لىك سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئەمما پۈتكۈل خەلقئارا بازار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ تەرەققىيات يەنىلا ناھايىتى ئاستا، شۇڭا تەرەققىيات بوشلۇقى يەنىلا كەڭ. شۇڭا مەن ‹ بۇ بىر چۆگۈن سۇنى 100 گرادۇسقىچە قاينىتىش › نى قارار قىلدىم. مېنىڭ نىشانىم - دۇنيانىڭ ‹ ئاياغ پادىشاھى ›غا ئايلىنىش،مەن شۇ ۋاقىتتىلا ئاندىن  مۇرادىمغا يەتكەن بولىمەن. بىر ئادەمنىڭ نۇرغۇنلىغان كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشى ناتايىن، يەنىلا ئۆز كەسپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرەققىي قىلدۇرغان ياخشى.»

   شۇنداق، كارخانىنىڭ تەرەققىيات يولى نۇرغۇنلىغان ئېزىقتۇرۇشلارغا تولغان. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى قىزىقتۇرىدىغان مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە ئۇچرىسىڭىز، يەنىلا سالماقلىق بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلغىنىڭىز ياخشى، شۇندىلا سىز تەرەققىي قىلالايسىز. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭكىنى ياخشى قىلالماي، «ھېلى ئۇ تاغ، ھېلى بۇ تاغ» دا يۈرسىڭىز، ئۇ ھالدا ھېچنىمىنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسىز.

   قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چيەن جىنبو بۇ خىل ئەھۋالنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «بىر كارخانىچىنىڭ  تىجارەتتە ياخشى مەبلەغ  سېلىش پۇرسىتىگە ئۇچرىشى خۇددى بىر يىگىتنىڭ چىرايلىق بىر قىزغا ئۇچرىغىنىغا ئوخشايدۇ، ھەممەيلەن بۇ خىل ئېزىتقۇنى رەت قىلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما قانداق رەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئىلگىرى مەنمۇ نۇرغۇنلىغان ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئەمما يېقىنقى

10 يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە مەن ئۆزۈمنى چۈشىنىشكە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجراتتىم، بۇ ھال مېنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىمنى ئۆزگەرتتى.»

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   ئادەمدە نىشان بەك كۆپ بولسا بولمايدۇ، ئەگەر زېھنىمىز يەتمىسە بىرمۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز.

-باۋشىنياۋ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىزې

    كىشىلىك ھاياتمۇ تاغقا چىقىشقا ئوخشايدۇ، بىردەم ئۇ ئىشنى، يەنە بىر دەم باشقا بىر ئىشنى قىلغان ئادەم ھەر قانچە ئالدىراش يۈرسىمۇ ھېچ قانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ، نەتىجىدە ھېچقانداق ئىشتا مۇۋاپىقەيەت قازىنالمايدۇ. تاللاش زۆرۈردۇر، ئەمما تاللىشىمىزدا چوقۇم سەۋرچانلىق بىلەن ئاخىرىغىچە تۇرىشىمىز كېرەك.

-بېيجىڭ ‹‹ ۋۇفۇ چاي سارىيى ›› نىڭ باش دىرېكتورى، بېيجىڭ‹‹ ۋۇلىتې جۇڭگو چاي شەھەرچىسى ›› نىڭ باش لېدىرى دۈەن يۈنسۇڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ