A-A+

قاش لوڭقا(خوتەن قاش ئويمىلىرى جەمگاھى 20)

2015-يىل 19-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 404 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

تارىم ۋادىسىدىكى ئىنسانلار قەدىمىي تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا خوتەن قاشلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلۈك شەكىللەردە پايدىلىنىشنى بىلگەن . ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن دەۋرىمىزگىچە  خوتەن قاشلىرى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىلگەن ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە كېڭەيگەن دەۋرىمىزدە ھەم كېڭىيىۋاتىدۇ.لىكىن بىزنىڭ خوتەن قاش مەدەنىيىتىدىن خەۋەرسىز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئاددىي ھالدا ‹‹ خوتەن قاشلىرىنى پەقەت بۇت ئۇيۇشقىلا ئىشلىتىدۇ....›› دەپ قاراۋاتىدۇ ھەم قاشگەرلىك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا باشقىچە كۆزدە قاراۋاتىدۇ. ئۇنداقتا خوتەن قاشلىرى راستىنلا بۇت ئويۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىلمەمدۇ؟

خوتەن قاشلىرى-تېببىي دورىگەرلىك،گىرىم بۇيۇملىرى،زىننەت بۇيۇملىرى،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى،تۇرمۇش بۇيۇملىرى ،سوۋغات بۇيۇملىرى........قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە تۇرمۇشىمىزنىڭ نۇرغۇن تەرىپىدە ئىشلىتىلگەن، ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق ئىشلىتىلىش دائىرىسى كېڭەيمەكتە.

خوتەن قاشلىرى دىيارىمىزنىڭلا ئەمەس ،جۇڭگۇنىڭ داڭلىق ماركىسى.شۇنداقلا دۇنيادىكى تەبىئىي قېزىلما بايلىقلار ئىچىدە ئالدىنقى ئون تۈرلۈك بايلىقنىڭ بىرسى .دىيارىمىزدا خوتەن قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى خېلە سالماقنى ئىگەللەيدۇ.دەريالاردىن چىقىدىغان زىرە قاشلار تۈگەش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ ،تاغلىرىمىزدىكى كان قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى ناھايىتى مول بولۇپ ئېچىپ پايدىلىنىشىمىزنى كۈتمەكتە. دىيارىمىزدا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ سانىمۇ نەچچە يۈزمىڭغا يېتىدۇ.......

خوتەن قاشلىرى جۇڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش بازىرىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولماقتا.باھاسىمۇ تىك سىزىق ھالىتىدە ئۆسمەكتە .(مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەلىلىگە ئاساسلانغاندا 1980-يىلدىن ھازىرغىچە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى 1300ھەسسە ئۆسكەن ).

قانداق قىلىپ پەقەت دىيارىمىزدىنلا چىقىدىغان خوتەن قاشتىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي بايلىق ئۈستۈنلىكىنى نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە كۆھكەنلىك(ئويمىچىلىق) ھۈنەر تېخنىكىمىز بىلەن ئورگانىڭ ھالدا بىرلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلىككە ئېرىشتۈرۈپ خەلقىمىزگە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىدىغان جىدىدي ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.

تور بېتىمىز خوتەن قاشلىرىنىڭ تارىختىكى ۋە دەۋرىمىزدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە پايدىلىنىش دائىرىسى بويىچە خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملارنى ئۆز تۈرلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىپ ئاۋامغا سۇنىمىز.

<< خوتەن قاشتىن ئۇيۇلغان لوڭقا >>

玉花瓶

4eb5ec32fd39f7cd1 18-1032837481 22-1181217221 322_neo_imgw1 982_122220423d1 1589_120110341d1 1589_120110458d1 77685221470ceae933839a7191 721085227351ae9788ba457a71 20091017103643271 20130603379060931 20110917203940569222691 20110918194311444534681 20120221180137706799451 20131511485249527161 zc-6743-16621 zc-6979-17531 سۈرەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<中国出土玉器全集>>

ناملىق ئالتە قىسىملىق كىتاب ۋە تور دۇنياسى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ