A-A+

ئۇيغۇر گېئولوگىيە ئالىمى ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم

2015-يىل 26-ئاپرېل تۆھپىكارلىرىمىز, جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 1,952 قېتىم

تاشپولات روزى يازمىسى 

201504261250489902

مەن دوكتور ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم ئۇكامنى، 1999-يىلى مەن ئوقۇغان مەكتەپ توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق «ئۈمىد» يىغىنىدا تۇنجى كۆرۈشۈپ تونۇشقان ئىدىم. «ئۈمىد» يىغىنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ ئىلمى ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان سورۇنى ئىدى. مەن ئاشۇ چاغدا مۇشۇ 2-قېتىملىق «ئۈمىد» يىغىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالغان ئىدىم. بۇ «ئۈمىد» يىغىنىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى، ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر بىرلەشمىسى ۋە ياپونىيە يىپەك يولى قۇلۇپى قاتارلىق ئورۇنلار قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ياردەمدە بولغان ئىدى. ئەخمەتجان بۇ يىغىندا گۆھەر توغرۇلۇق ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق مۇتەخەسسىسلەرنى قايىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تالانتلىق ۋە ياراملىق بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ يىغىندا سورالغان سوئاللارغا جاراڭلىق، ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ جاۋاب بېرىشىغا قاراپ، بۇ يىگىتنىڭ كەلگۈسى پارلاق دەپ ئويلىغان ئىدىم. مانا بۇ يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇنىڭ بىلەن 16 يىلدىن كېيىن توكيودا قايتا كۆرۈشتۈم. مەن ئۇنىڭ مۇشۇ 16 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئاجايىپ نەتىجىلىرىنى ئاڭلاپ خوش بولدۇم ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم. دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئالىملارغا قارايدىغان بولساق ئۇلار كېچە كۈندۈز توختىماي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىققا قەتئىي باش ئەگمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. دېمەك ئادەمدە ئېنىق نىشان ۋە كۈچلۈك ئىرادە بولسا مېنىڭچە يەتكىلى ۋە قىلغىلى بولمايدىغان ھېچقانداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئەمدى دوكتور ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم بىلەن تونۇشۇپ چىقاي.

201504261251194091

ئەخمەتجان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا فىزىكا، ماتېماتىكا ۋە خىمىيە كەسپىگە بەك قىزىقاتتى. ئۇنىڭ بۇ كەسىپلەرگە قىزىقىش نەتىجىسىدە، خىلمۇ-خىل مودىللارنى ياساپ ئىجاد قىلاتتى ھەم ھەرخىل مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشەتتى. ئۇ مەكتەپتىن تاللىنىپ لاگېرلارغا بېرىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەندە، ئۇنىڭدا تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش ئىدىيىسى تىكلىنەتتى. ئەخمەتجان ئوتتۇرا مەكتەپتە قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولغان جۇڭگودىكى خارۋارد دەپ نام ئالغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىش ئۈچۈن بەل باغلايدۇ. ئۇنىڭ قاتتىق تىرىشىشى ھەم ئاتا-ئانىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ئۇلارنىڭ تەربىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىنتايىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇ يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا پەقەت 3 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەخمەتجان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇنى قاتتىق ۋەھىمە باسىدۇ. سەۋەب، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ھەم ئىنگلىزچە سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان ئۇنىۋېرسىتېت بولغاچقا، ئۇنىڭدا بۇ بالىلارغا يېتىشىپ ئوقۇپ كېتىشكە كۆزى يەتمەي قالىدۇ. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ قۇلىقىغا قۇيغان «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن ماقال-تەمسىلنى ئەسلەپ، 4 يىل كېچىنى كۈندۈزىگە ئۇلاپ قاتتىق تىرىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئوقۇشتىكى ھەرخىل مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ ئەلا نەتىجە بىلەن داڭلىق مەكتەپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرىدۇ. ئەخمەتجان، ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 4 يىل ئوقۇش جەريانىدا، گېئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار رەئىسى بولىدۇ ھەم مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئىنگىلىزچە سەۋىيىسى 6-دەرىجىگە يېتىدۇ. ئەخمەتجان، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن مۇشۇ كەسىپتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللايدۇ ھەمدە ئۇ 1996-يىلى ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ ياپون تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ باقمىغاچقا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىينالغىنى ياپون تىلى بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ جاپادىن قورقماس روھىنى ياپون تىلى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ جاپاغا چىداپ تىرىشىش ۋە قاتتىق ئۆگىنىش نەتىجىسىدە 6 ئاي ئىچىدە ياپونچە تىلىدا 1-دەرىجىلىك ئىمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ، 97-يىلى يەرشارى پلانېتا فاكۇلتېتىنىڭ گېئولوگىيە ۋە مىنېرال كەسىپنىڭ ماگىستىرلىققا كىرىپ 2 يىل ئىچىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. ئەخمەتجان تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئۈچۈن 1999-يىلى دوكتورلۇق كۇرسىغا كىرىپ، 2002-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېئولوگىيە دوكتورلۇقىنى ئالىدۇ. ئۇ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن ياپونىيە گۆھەر تەتقىقات جەمئىيىتىدە (株式会社 全国宝石学協会) دوكتور ئاشتى ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ 2011-يىلىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئامېرىكا گۆھەر ئىنستىتۇتى (Gemological Institute of America-GIA) نىڭ ياپونىيە لابوراتورىيىسىنى قورۇپ چىقىپ، ھازىر تەتقىقاتچىلارنىڭ مەسئۇلى ۋە ئالىي دېرىكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

201504261251489911

ئەخمەتجان، ھازىرغا كەلگۈچە داڭلىق ئىنگلىزچە ژۇرناللاردا 40 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ۋە ياپونىيەدىكى ژۇرناللاردا 50 كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېلان قىلىنغان ئىلمى ماقاللىرى ئامېرىكادا چىقىدىغان «Gems and Gemology» ۋە «Agilent ICP-MS Journal» ژۇرنىلى، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Journal of Gemmology»، ياۋروپادا چىقىدىغان «Journal of Crystal Growth» ۋە «Diamond and Related Materials»، ئاۋسترالىيەدە چىقىدىغان «Australian Journal of Earth Science»، جۇڭگودا چىقىدىغان «China Gems»، ياپوندا چىقىدىغان «宝石学», «日本鉱物学会誌», «日本宝石学会誌», «日本琥珀学会誌» ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. 2006-يىلى ئۇنىڭ «宝石学»دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسى ئىلھام مۇكاپاتىغا، 2006- ۋە 2011-يىللىرى ئۇنىڭ «Gems and Gemology» دا ئېلان قىلغان ماقاللىرى مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 2013- ۋە 2011-يىللىرى ئۇنىڭ كورىيەدە سۆزلىگەن ئىلمىي ماقالىسى ۋە خوڭكوڭدا سۆزلىگەن ئىلمى ماقالىسى مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنى 2010-يىلى ئاۋسترالىيە مۇزېي ۋە غەرب سىدنىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئالاھىدە تەتقىقاتچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئوقۇغان ئىدى.

201504261252116331

ئەخمەتجان، ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەنلا بولماستىن، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. 1996-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئۈچلا ئۇيغۇر بالىسى بار ئىدى. بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئۇنىڭ خانىمى بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سېلىشتۇرما گرامماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان سەلتەنەت ئىبراھىم خانىم ئىدى. بۇ ئۈچ ئۇيغۇر  قوللىغۇچى ياپونلۇقلار بىلەن 1997-يىلى «تەڭرىتاغ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇيۇشمىسى»نى (天山文化交流協会) كيوتودا قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياپونىيەگە تونۇشتۇرۇش ۋە شىنجاڭدىكى ئوقۇش قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىشنى ئاساس قىلغان. 1998-يىلىدىن باشلاپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ خانىمى سەلتەنەت ۋە ياپون ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە شىمالى شىنجاڭ ۋە جەنۇبى شىنجاڭغا بېرىپ، ھەقىقىي ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېھتىياج بولغان ئوقۇغۇچىلارغا، ياپونلۇقلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ. ئۇلار بۇ ياردەم مۇكاپاتىنى 2002-يىلىغىچە داۋاملىشىدۇ. ھازىر بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنى كانساى (関西) دىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ياپونلوقلار بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرماقتا. ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ خانىمى سەلتەنەت  ياپونىيەدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت لېكسىيىلىرىنى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇلار يەنە كۆپ قېتىم ياپونلۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ شىنجاڭغا ساياھەت ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ كېلىدۇ. ئەخمەتجاننىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بۇلار بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ئۇ مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ئۈمىد» يىغىنىنىڭ 2001-يىلىدىكى 3-نۆۋەتلىك پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، بۇ يىغىننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە  2015-يىلى ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز تەنتەنىسىنىڭ يىگىت بېشى بولىدۇ.

201504261252323361

بىز ئەخمەتجان ئابدۇرېھىمنىڭ يۇقىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، تىرىشقان ئادەم ھەرقانداق نەرسىگە ئىگە بولالايدۇ. شۇڭا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشىمىز لازىم. ئىلىم ئىگىلىگەندە مىللەتكە ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايمىز. مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەخمەتجان ئابدۇرېھىمنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، كەسىپتە ۋە باشقا ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا ئەخمەتجان ئۇكامنىڭ كەسپىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ۋە تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن

201504261253005731

ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم ۋە ئايالى سەلتەنەت ئىبراھىم خانىم

201504261253391951

201504261253404151 تۆۋەندىكىلەر ئەخمەتجان ئابدۇرېھىمنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقاللىرىنىڭ تىزىملىكى:

PUBLICATIONS
PREVIEWED ENGLISH ARTICLES
Abduriyim, A., Kamegata, N., Noguchi, N., Kagi, H., Sutherland, F.L., Coldham, T. (2014)
Residual pressure distribution and visualization of mineral inclusion in corundum: “Application of photoluminescence spectroscopy in relation to sapphires from New England, New South Wales, Australia”
The Australian Gemmologist, Vol.25, No.6&7, pp. 245-254.
Sutherland, F.L., Abduriyim, A., Pogson, R.E, Sutherland G., Wuhrer, R. (2014)
Yellow gem plagioclase from Cenozioc basalts, eastern Australia, identity and origin.
The Australian Gemmologist, Vol.25, No.6&7, pp. 231-238.
Abduriyim, A., Sutherland, F.L., Belousova, E. (2012)
U-Pb age and origin of gem zircon from the New England sapphire fields, New South Wales, Australia.
Australian Journal of Earth Science, Vol. 59, No. 7, pp. 1067–1081.
Abduriyim, A., Sutherland F.L., Coldham, T. (2012)
Old days, present and future of Australian gem corundum
Australian Gemmologiest, Vol.24, No.10, 234-242.
Lim, Y.C., Choi H.M., Lee, B.Y., Abduriyim, A. (2012)
Identification of irradiation South Sea cultured pearls using electron spin resonance spectroscopy.
Gems & Gemology, Vol. 48, No. 4, pp. 292–299.
Noguchi, N., Abduriyim, A., Shimizu, I., Kamegata, N., Odake, S., Kagi, H. (2012)
Imaging of residual stress distribution around an inclusion in sapphire by combination of micro-Raman and photoluminescence spectroscopies 3

Journal of Raman spectroscopy, Vol.44, No.1, 147-154.
Nagase, T., Hori, H., Kitamine, M., Nagashima, M., Abduriyim, A., Kuribayashi, T. (2012)
Tanohataite, LiMn2Si3O8(OH): a new mineral from the Tanohata mine, Iwata Prefrecture, Japan.
Journal of Mineralogical and Petrological Sciences, Vol.107, No.3, 149-154.
Abduriyim, A., McClure, S.F., Rossman, G.R., Leelawatanasuk, T., Hughes, R.W., Laurs, B.M., Lu, R., Isatelle, F., Scarratt, K., Dubinsky, E.V., Douthit, T.R. and Emmett, J.L. (2011)
Research on gem feldspar from the Shigatse region of Tibet.
Gems & Gemology, Vol. 47, No. 2, pp. 167–180.
Abduriyim, A. and Pogson, R. (2011)
Separation of natural red andesine from Tibet and copper-diffused red andesine from China.
GIA: News from Research, 14 pp.
Abduriyim A., Laurs B., Hughes R., Leelawatanasuk T. and Isatelle F. (2011)
Second field research of andesine mine in Tibet.
Gemmology (in Japanese), Vol. 42, No. 490, pp. 3–5.
Laurs, B.M., Abduriyim, A. and Isatelle, F. (2011)
Geology and field studies of reported andesine occurrences in the Shigatse region of Tibet.
GIA: News from Research, 10 pp.
Peretti, A., Bieri, W., Hametner. K., Gunther, D., Hughes, R., Abduriyim, A. (2011)
Fluid inclusions confirm authenticity of Tibetan andesine.
InColor, No. 17, Summer, pp. 50–55.
Abduriyim, A. (2011)
Geographic typing of world class Gemstones of  morphic, magmatic placer origin.
2011 KACG International Symposium on Crystal Growth, proceeding, pp. 103–108.
Abduriyim, A. & Laurs, B.L. (2010)
New Field Research Confirms Tibetan Andesine.
GIA.edu, 1 p.
Abduriyim, A., Laurs, B.L. et al. (2010)
Andesine in Tibet: A second field study.
InColor, No.15, Fall–Winter, pp. 62–63.
Kitawaki, H., Abduriyim, A., Kawano, J., Okano, M. (2010)
Treated CVD-grown pink synthetic diamond melee.
Gems & Gemology, 46 (1), Gem News International, pp. 68-69
Kitawaki, H; Abduriyim, A; Kawano, J, Okano, M. (2010)
Identification of CVD-grown synthetic melee pink diamond.
Gems & Gemology, 46 (1), Gem News International: accepted.
Abduriyim, A. (2009)
The characteristics of red andesine from the Himalaya Highland, Tibet.
Journal of Gemmology, Vol. 31, No. 5/8, pp. 283-298.
Abduriyim, A; Kimura, H; Yokoyama, Y; Nakozono, H; Wakatsuki, M; Shimizu, T; Tansho, M; Ohki, S. (2009)
Characterization of “Green Amber” with Infrared and Nuclear Magnetic Resonance Spectroscopy.
Gems & Gemology, 45 (3): 158-177 FAL 2009
Abduriyim, A. (2009)
A Mine Trip to Tibet and Inner Mongolia: Gemological Study of Andesine Feldspar.
News from Research. Sept. 10, 2009. http://www.gia.edu/research-resources/news-from-research
Abduriyim, A. (2009)
Green Amber- Characteristics and Treatment.
InColor, Vol.12, pp. 26-31. 4

Abduriyim, A. (2009)
Natural color Andesine-Labradorite from Tibet and Inner Mongolia.
InColor, Vol.11, pp. 32-36.
Sutherland F.L., Abduriyim, A. (2009)
Geological typing of gem corundum: A test case from Australia.
Journal of Gemmology, Vol. 31, No. 5/8, pp. 203-210.
Abduriyim, A, Kitawaki, H (2008)
Application of LA-ICP-MS (Laser Ablation System with Inductively Coupled Plasma-Mass Spectrometry) to the Gemological Field.
2008 Third Asia-Pacific Winter Conference on Plasma Spectrochemistry. pp. 68, 11/2008.
Abduriyim, A (2008)
Gem News International: Visit to andesine mines in Tibet and Inner Mongolia, Gemological properties of andesine collected in Tibet and Inner Mongolia.
Gems & Gemology, 44 (4): 369-373 WIN 2009
Kitawaki, H; Abduriyim, A; Okano, M (2008)
Identification of Melee-Size Synthetic Yellow Diamond in Jewelry.
Gems & Gemology, 44 (3): 202-213 FAL 2008
Abduriyim, A; Kobayashi, T; Fukuda, C (2008)
Identification of Taaffeite and Musgravite Using a Non-destructive Single-Crystal X-ray Diffraction Technique with an EDXRF Instrument.
JOURNAL OF GEMMOLOGY, Vol. 31, No. 1/2, pp. 43-54.
Abduriyim, A; Kitawaki, H (2006)
Applications of LA-ICP-MS (Laser Ablation-Inductively Coupled Plasma-Mass Spectrometry) to the Gemological Field.
Gems & Gemology, 42 (3): 87-88 FAL 2006
Kitawaki, H; Abduriyim, A; (2006)
Identification of Heat-treated Corundum.
Gems & Gemology, 42 (3): 84 FAL 2006
Abduriyim, A; Kitawaki, H (2006)
Applications of Laser Ablation-Inductively Coupled Plasma-Mass Spectrometry (LA-ICP-MS) to Gemology.
Gems & Gemology, 42 (2): 98-118 SUM 2006
Abduriyim, A; Kitawaki, H; Furuya, M; Schwarz, D (2006)
“Paraiba”-Type Copper-Bearing Tourmaline from Brazil, Nigeria, and Mozambique:Chemical Fingerprinting by LA-ICP-MS.
Gems & Gemology, 42 (1): 4-21 SPR 2006
Abduriyim, A; Kitawaki, H (2006)
Determination of the Origin of Blue Sapphire Using laser Ablation Inductively Coupled Plasma Mass Spectrometry.
JOURNAL OF GEMMOLOGY, Vol. 30, No. 1/2, pp. 23-36.
Kanda, H; Abduriyim, A; Kitawaki, H (2005)
Change in Cathodoluminescnece Spectra and Images of Type II High-pressure Synthetic Diamond produced with High Pressure and Temperature Treatment.
DIAMOND AND RELATED MATERIAL, 14: 1928-1931.
Abduriyim, A, Kitawaki, H (2005)
Application of LA-ICP-MS (Laser Ablation System with Inductively Coupled Plasma-Mass Spectrometry) to the Gemological Field.
2005 Asia-Pacific Winter Conference on Plasma Spectrochemitry. pp. 93-94, 4/2005.
Abduriyim, A; Kitamura, M (2002) 5

Growth Morphology and Change in Growth Conditions of a Spinel-twinned natural Diamond.
JOURNAL OF CRYSTAL GROWTH, Vol. 237-239, pp. 1286-1290.
Ahmadjan, A, Kitawaki, H (2006)
Application of LA-ICP-MS (Laser Ablation System with Inductively Coupled Plasma-Mass Spectrometry) to the Gemological Field.
19th general meeting IMA abstract&programme, Kobe, Japan. pp. A308, 7/2006.
Abduriyim, A, Kitamura, M (2002)
Re-entrant and Salient Corner Effects of Spinel-twinned Natural Diamond.
18th general meeting IMA abstract&programme, Edinburgh, Scotland. pp. 147, 9/2002.
Abduriyim, A, Kitamura, M (1998)
Morphology of Spinel –twinned Crystals of Natural Diamond.
17th general meeting IMA abstract&programme Poster session in university of Toronto, Canada. pp. A83, 8/1998.
陽 富旬、Ahmadjan Abduriyim等 (1994)
Honten jade and its marketing

JOURNAL OF CHINA GEMSTONE、Vol.1, pp.81-84.
和文論文・研究報告 (Japanese Article and Research report)
阿依 アヒマディ、ジョン コイヴラ (2015)
合成宝石の技術進化―合成コランダム
宝石の四季 (FOUR SEASONS OF JEWELRY)、第229号季刊、pp.40-42.
阿依 アヒマディ、Wuyi Wang (2013)
合成ダイヤモンドの現状および、その合成法
宝石の四季(FOUR SEASONS OF JEWELRY)、第224号季刊、pp.36-39.
阿依 アヒマディ、ジョン キング (2013)
GIAラボにおけるカラーダイヤモンドの鑑定現状
宝石の四季(FOUR SEASONS OF JEWELRY)、第223号季刊、pp.72-75.
岡野 誠、阿依 アヒマディ(Ahmadjan Abduriyim) (2010)
トラピッチェ・スピネル
GEMMOLOGY、第41巻2月号通巻第485号、pp.14-15.
小林 泰介、阿依 アヒマディ (2010)
天然カバンサイトと天然ペンタゴナイト
GEMMOLOGY、第41巻1月号通巻第484号、pp.13-15.
阿依 アヒマディ、横山 幸弘、中園 広行、若槻 雅男、清水 禎、丹所 正孝、大木 忍 (2009)
いわゆる“グリーン・アンバー”のFT-IRおよび13C-NMR分光分析による分子構造の研究
日本琥珀研究会会誌「こはく」、No.8.
阿依 アヒマディ、北脇 裕士、赤松 蔚 (2009)
様々な養殖用真珠核素材の分析例
GEMMOLOGY、第40巻11月号通巻第482号、pp.22-27.
小林 泰介、阿依 アヒマディ (2009)
スティブナイト(輝安鉱)を内包した天然ロック・クリスタル
GEMMOLOGY、第40巻10月号通巻第481号、pp.6.
李 宝炫、阿依 アヒマディ、 岡野 誠、川野 潤 (2009)
ダイヤモンド合成技術の最先端:大阪大学伊藤研究室で合成されたCVDダイヤモンドの分析
GEMMOLOGY、第40巻10月号通巻第481号、pp.23-25. 6

阿依 アヒマディ、岡野 誠 (2009)
コーティング処理されたブロック・スピネル
GEMMOLOGY、第40巻5月号通巻第476号、pp.2-3.
岡野 誠、阿依 アヒマディ (2009)
コーティング処理されたゾイサイト(タンザナイト)
GEMMOLOGY、第40巻3月号通巻第474号、pp.2-3.
岡野 誠、北脇 裕士、阿依 アヒマディ、川野 潤 (2009)
天然オンファサイト
GEMMOLOGY、第40巻3月号通巻第474号、pp.24-27.
Hyun Min Choi、Young Chool Kim、Sunki Kim、阿依 アヒマディ (2009)
窒素イオンにより黒色化されたブラック・ダイヤモンドと照射処理グリーン・ダイヤモンドについての研究
GEMMOLOGY、第40巻2月号通巻第473号、pp.2-6.
阿依 アヒマディ (2009)
チベットおよび内モンゴル産アンデシン
GEMMOLOGY、第40巻1月号通巻第472号、pp.2-5.
阿依 アヒマディ (2009)
いわゆる”グリーン・アンバー”のFT-IRおよび13C-NMR分光分析による研究-2-
GEMMOLOGY、第40巻1月号通巻第472号、pp.24-27.
阿依 アヒマディ (2008)
いわゆる”グリーン・アンバー”のFT-IRおよび13C-NMR分光分析による研究-1-
GEMMOLOGY、第39巻12月号通巻第471号、pp.22-27.
小林 泰介、阿依 アヒマディ (2008)
天然シャッタカイトと天然プランシェアイト
GEMMOLOGY、第39巻11月号通巻第470号、pp.4-5.
川野 潤、阿依 アヒマディ (2008)
最新のDTC-DiamondViewTMを用いたダイヤモンドの観察
GEMMOLOGY、第39巻10月号通巻第469号、pp.24-27.
北脇 裕士、阿依 アヒマディ (2008)
Be拡散処理コランダムの鑑別-最近の進展について-
GEMMOLOGY、第39巻9月号通巻第468号、pp.24-27.
阿依 アヒマディ、北脇 裕士 (2008)
新産地:タンザニアWinza産のルビー
GEMMOLOGY、第39巻8月号通巻第467号、pp.4-7.
阿依 アヒマディ (2008)
Cu(銅)を含有する”パライバ・カラー”の合成ベリル
GEMMOLOGY、第39巻6月号通巻第465号、pp.26-27.
小林 泰介、阿依 アヒマディ (2008)
“MexiFire”および”PeruBlu”と呼ばれる合成オパール
GEMMOLOGY、第39巻5月号通巻第464号、pp.2-3.
阿依 アヒマディ (2008)
ブルー・アラゴナイト
GEMMOLOGY、第39巻2月号通巻第461号、pp.2-3. 7

阿依 アヒマディ (2008)
ブルー・サファイアの処理;”Super Diffusion Tanusorn”コバルト着色された鉛ガラス処理
GEMMOLOGY、第39巻1月号通巻第460号、pp.16-18.
北脇 裕士、阿依 アヒマディ、岡野 誠 (2007)
合成ダイヤモンドの鑑別
材料の科学と工学、第44巻第3号、pp.85-88.
川野 潤、阿依 アヒマディ (2007)
天然ジョウハチドーライト
GEMMOLOGY、第38巻12月号通巻第459号、pp.12-14.
阿依 アヒマディ、小林 泰介、福田 千紘(2007)
“MexiFire”および”PeruBlu”と呼ばれる合成オパール
GEMMOLOGY、第38巻11月号通巻第458号、pp.11-15.
北脇 裕士、阿依 アヒマディ、岡野 誠 (2007)
合成ダイヤモンド鑑別の現状(1)
GEMMOLOGY、第38巻9月号通巻第456号、pp.12-15.
北脇 裕士、阿依 アヒマディ、岡野 誠 (2006)
Be拡散処理ブルー・サファイアの現状について
GEMMOLOGY、第37巻12月号通巻第447号、pp.23-27.
岡野 誠、北脇 裕士、阿依 アヒマディ (2006)
最近のラボ・トピックス
GEMMOLOGY、第37巻10月号通巻第445号、pp.21-25.
阿依 アヒマディ、北脇 裕士、古屋正司、デイートマーシュワルツ (2006)
ブラジル、ナイジェリア及びモザンビーク産Cu(銅)”パライバ”タイプ・トルマリン:LA-ICP-MSによるケミカル・フィンガープリント
GEMMOLOGY、第39巻8月号通巻第467号、pp.19-24.
北脇 裕士、阿依 アヒマディ、岡野 誠 (2005)
加熱コランダムの鑑別
GEMMOLOGY、第36巻9月号通巻第432号、pp.24-27.
阿依 アヒマディ、北脇 裕士 (2005)
“センター・クロス”ダイヤモンドの観察
GEMMOLOGY、第36巻6月号通巻第428号、pp.4-9.
北脇 裕士、阿依 アヒマディ、岡野 誠 (2005)
CVD合成ダイヤモンドの鑑別(2)
GEMMOLOGY、第36巻4月号通巻第427号、pp.4-8.
北脇 裕士、阿依 アヒマディ、岡野 誠 (2005)
CVD合成ダイヤモンドの鑑別(1)
GEMMOLOGY、第36巻3月号通巻第426号、pp.4-7.
阿依 アヒマディ、北脇 裕士、岡野 誠 (2005)
新種のバイオレット・カルセドニー
GEMMOLOGY、第36巻2月号通巻第425号、pp.4-7.
阿依 アヒマディ、伊藤 映子、北脇 裕士、岡野 誠 (2004)
LA-ICP-MS(誘導結合プラズマ質量分析)法の真珠核判別への応用
GEMMOLOGY、第35巻12月号通巻第423号、pp.24-27. 8

神田 久生、北脇 裕士、阿依 アヒマディ (2004)
ダイヤモンドの塑性変形とカソード・ルミネセンス・スペクトル-ダイヤモンドのHPHT処理-
GEMMOLOGY、第35巻11月号通巻第422号、pp.4-7.
阿依 アヒマディ、北脇 裕士 (2004)
LA-ICP-MS(誘導結合プラズマ質量分析)法の宝石分野への応用
GEMMOLOGY、第35巻10月号通巻第421号、pp.23-27.
北脇 裕士、阿依 アヒマディ、岡野 誠 (2004)
合成ダイヤモンド鑑別の現状
GEMMOLOGY、第35巻9月号通巻第420号、pp.4-7.
北脇 裕士、阿依 アヒマディ、岡野 誠 (2004)
カシミール・ルビー
GEMMOLOGY、第35巻7月号通巻第418号、pp.22-24.
阿依 アヒマディ、北脇 裕士 (2004)
LA-ICP-MS分析法を用いたブルー・サファイアの産地同定の研究
GEMMOLOGY、第35巻6月号通巻第417号、pp.4-7.
阿依 アヒマディ、北脇 裕士 (2004)
ルビー・イン・ファクサイト
GEMMOLOGY、第35巻4月号通巻第415号、pp.4-7.
志田 淳子、北脇 裕士、アヒマディジャン・アブドレイム (2004)
新しい技法によるコランダムの加熱処理
宝石学会誌、第24巻第1-4号、pp.13-23.
アヒマディジャン・アブドレイム、北脇 裕士 (2003)
LA-ICP-MS装置を用いたCsピンク”ベリル”の分析
GEMMOLOGY、第34巻12月号通巻第411号、pp.24-26.
アヒマディジャン・アブドレイム、北脇 裕士、志田 淳子 (2003)
LA-ICP-MS(誘導結合プラズマ質量分析)装置を用いた新技法コランダムの分析
GEMMOLOGY、第34巻11月号通巻第410号、pp.4-7.
アヒマディジャン・アブドレイム、北脇 裕士 (2003)
ラボラトリーの技法-9
GEMMOLOGY、第34巻7月号通巻第406号、pp.22-23.
アヒマディジャン・アブドレイム、北村 雅夫 (2003)
スピネル双晶した天然ダイヤモンドの凹入角およびSalient corner効果(2)
GEMMOLOGY、第33巻12月号通巻第399号、pp.4-6.
アヒマディジャン・アブドレイム、北村 雅夫 (2003)
スピネル双晶した天然ダイヤモンドの凹入角およびSalient corner効果(1)
GEMMOLOGY、第33巻11月号通巻第398号、pp.24-26.
Ahmadjan Abduriyim、北村 雅夫 (1998)
スピネル型diamond双晶的形態
日本鉱物学会1998年度会論文集、pp.61, 10/1998.
湊 淳一、Abduriyim Ahmadjan、下林 典正、北村 雅夫 (1998)
多結晶組織解析用X線分析顕微鏡の開発および応用

日本鉱物学会1998年度会論文集、pp.104, 10/1998

مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ