شىركەتكە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسى
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
5 - باب 7 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ قولىدىن قانچە ئىش چىقسا شۇنچە ياخشى، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى، يۇقىرى تېخنىكا ۋە كەسپكە ئىگە ئىختىساسلىق خادىملارلا ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: ئادەم ئىشلىتىشتە مۇۋاپىق بولۇشنى تەكىتلەش كېرەك، ئەڭ ياخشى تالانت ئىگىسى مەزكۇر ئورۇنغا ماس كېلىدىغان تالانت ئىگىسىدۇر، پەقەت ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشنى ياخشى قىلالىسىلا تالانتلىق ھېسابلىنىدۇ.
2001-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، خاڭجۇ جىجياڭ مېھمانخانىسىدا جېجياڭ ئۆلكىسى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئالتىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر مۇراسىمى - «داڭلىق كارخانا، كارخانىچىلار دوكلات بېرىش يىغىنى» نى ئۆتكۈزىۋاتاتتى.
بىر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى نەن سۈنخۇيدىن مۇنداق سورايدۇ: «ئەگەر ئىككى ئوقۇغۇچى سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە خىزمەت ئىزدەپ كەلسە، بىرسىنىڭ نەزەرىيە سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى، بىراق (كىتاب خالتىسى) تىپىدىكىلەرگە كىرىدۇ؛ يەنە بىرىنىڭ كەسپى سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار كادىرى بولسا، سىز قايسىسىنى تاللايسىز؟»
نەن سۈنخۇي بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىماي، كۆپچىلىككە ئىككى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
بىرىنچى ھېكايە:
ئۆي سالماقچى بولغان ياغاچچى ئۇستام ياغاچ كېسىپ تەييارلىماقچى بولۇپتۇ، ئۇ ھەم يوغان ھەم تۈز ياغاچلارنى تاللاپتۇ، چۈنكى ئۇ تورۇستىكى بالا ياغاچقا ئېھتىياجلىق ئىكەن. يەنە بىر گۈزەل-سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستاز شەكلى غەلىتە، ئەگرى-بۈگرى ياغاچلارغا ناھايىتى قىزىقىدىكەن، چۈنكى بۇ خىل ياغاچلار ھەيكەلتىراشلىق، ئويمىچىلىقتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ماتېرىيال ئىكەن.
ئىككىنچى ھېكايە:
بىر توپ رەسساملار بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقماقچى بوپتۇ، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى سىزىماق
چى بولغان ئادەمنىڭ بىر كۆزى يوق، بىر پۇتى چولاق ئىكەن. نۇرغۇنلىغان رەسساملار بۇ كەمچىلىكلەرنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەپتۇ. بۇ ۋاقتتا بىر رەسسام سىزىغان رەسىم باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. چۈنكى بۇ رەسسام بىر كۆزى يوق، بىر پۇتى چولاق ئادەمگە ئۆتۈك كىيىپ مىلتىقتا نىشاننى قارىغا ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشنى سىزىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ رەسىم ئۇ ئادەمنىڭ كەمچىلىكىنى ياپقان ئىدى.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نەن سۈنخۇينىڭ كۆپچىلىككە دېمەكچى بولغىنى تالانت ئىگىسى ھەر خىل بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم ئادەملەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى، كەمچىلىكىدىن ساقلىنىشى، ئۇ ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشى كېرەك. خىزمەتچىلەر چوقۇم بىر خىل تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرۇشى، ئۆزىنى توغرا تونۇپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا نەتىجە قازىنالايدۇ.
نەن سۈنخۇي ئۆزىنىڭ شۇ سۆزلىرىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن.
جېڭتەي گۇرۇھىدا ۋۇ جىجيا ئىسىملىك لىدېر مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىشى شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسىنى ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرگەن، شۇڭا جېڭتەي كىشىلىرى تەرىپىدىن «بايلىق ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن. «بايلىق ئىلاھى» نىڭ جېڭتەيگە كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشىگە بىر تەسىرلىك ھېكايە يوشۇرۇنغان.
1993-يىلى، لېچىڭدا مالىيە-باج خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋۇ جىجيا دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. ۋۇ جىجيا ئۆيىدە نەچچە كۈن ئارام ئالماستىنلا، نەن سۈنخۇي ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
نەن سۈنخۇي سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنى جېڭتەيگە كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «جېڭتەي سىزگە ئوخشاش تالانت ئىگىلىرىگە ئېھتىياجلىق، مەن سىزنىڭ بىزگە قوشۇلۇشىڭىزنى، جېڭتەينىڭ تەرەققىياتىغا ھەمدەمدە بولۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.»
نەن سۈنخۇينىڭ سەمىمىي ھالىتىنى كۆرۈپ، ياشىنىپ قالغان ۋۇ جىجيا مۇنداق دەيدۇ: «تالانت ئىگىسى! مەن تالانت ئىگىسى ھېسابلانمايمەن. ئەمما مەن سىزگە بىر ئادەمنى تەۋسىيە قىلاي، ئۇ ھەقىقىي تالانت ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ.»
«كىم؟» نەن سۈنخۇي تالانت ئىگىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا ئالدىرىغىنىچە سورايدۇ.
ۋۇ جىجيا نەن سۈنخۇيغا ئۇ ئادەمنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى مالىيە-باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ جىڭدۇڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ نەن سۈنخۇيغا جۇ ئىدارە باشلىقىنىڭ تېزلا پىنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كەم تېپىلىدىغان ئىختىساس ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
نەن سۈنخۇي بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولۇپ: «ماڭا ھەر ئىككىڭلار لازىم!» دەيدۇ.
نەن سۈنخۇينىڭ سەمىميلىك بىلەن تەكلىپ قىلىشى ئارقىسىدا، ۋۇ جىجيا ئاخىرى جېڭتەيگە قوشۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، جۇ ئىدارە باشلىقىمۇ جېڭتەيگە كېلىدۇ.
ۋۇ جىجيا جېڭتەيگە دەسلەپتە كەلگەندە مالىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىدى، كېيىن ۋۇ جىجيا جېڭتەينىڭ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قوشۇنى قۇرۇشقا مايىل بولۇپ، مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيا مىقياسىدا تەشۋىقات تورى قۇرۇپ چىقماقچى بولىدۇ. بۇ نەن سۈنخۇينىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ بۇرۇنلا شۇنداق قىلغۇسى بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ۋۇ جىجيا تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. كېيىن جېڭتەي مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 2000 غا يېقىن تەشۋىقات شىركىتى ۋە كېلىشىملىك سېتىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ھەمدە چەتئەللەردە 30 دىن ئارتۇق سېتىش ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆلكە-شەھەر ۋە سانائەت شەھەرلىرىنى مەركەز قىلغان، يەرلىك شەھەرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرنى تايانچ نۇقتا قىلغان ئۈچ دەرىجىلىك سېتىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
مۇۋاپىق بولسىلا تالانت ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ زامانۋىلاشقان باشقۇرۇشتىكى يېڭىچە تەپەككۇر، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى، يۇقىرى تېخنىكىلىق خادىملارنىڭ كارخانىغا ماس كېلىشى ناتايىن، بۇ يەنە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. سىز پەقەت ئىختىساسلىق خادىملارنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويسىڭىزلا، ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
جېجياڭ چۈنچېڭ قۇلپىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدېرى تېخى 30 ياشقىمۇ كىرمىگەن جيا پېڭ. 1994-يىلى ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن جيا پېڭ ئايلىقى 400 يۈەنلىك مائاش بىلەن شىركەتكە كېلىپ ئىشلەيدۇ، ئۇ سېخلاردا يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلاتتى. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ناھايىتى ياخشى قىلىدۇ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشتىن سىرت، ۋاقت بولسىلا باشقا سېخلارغا بېرىپ «ھۈنەر ئوغرىلايدۇ،» ئۇزۇن ئۆتمەستىن ئۇ شىركەتنىڭ قۇلپا ياساش جەريانىنى ئىگىلىۋالىدۇ.
شىركەت تەرەققىيات جەريانىدا نەچچە قېتىملىق كىرىزىسقا يولۇققان بولسىمۇ، بىراق جيا پېڭ ئىزچىل شىركەتكە سادىق بولىدۇ، شۇڭا شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ شياۋخەي ئۇنى تەربىيەلىمەكچى بولىدۇ. جيا پېڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بۇ شىركەت جيا پېڭنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ.
ۋۇ شياۋخەي جيا پېڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز بىر كۈنى تۇيۇقسىز شىركەتتىن ئايرىلماقچى بولسىڭىز، مەن 10 مىليون يۈەن خەجلىسەممۇ سىزنى تۇتۇپ قالىمەن.»
خۇ شۆشى مۇنداق دەيدۇ: «بېكار تۇرىدىغان پۇلنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق، پۇلنى ئىشلىتەلەيدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك، بەزى ئىشلارنى ئۆزىمىز چۈشەنمىسەك، چۈشىنىدىغان ئادەملەرنى ھۆرمەتلەش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئادەمنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىسا ھېچقىسى يوق، پەقەت ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىرلىقىدىكى نامىنى چىقىرالىسىلا، تالانت ئىگىلىرى ئۆزلىرى ئىزدەپ كېلىدۇ. دۇنيا كىمە پادىشاھى باۋ يۈگاڭ <پەقەت تالانت ئىگىلىرى بولسىلا مائاشى يۇقىرى بولسىمۇ تەكلىپ قىلىش كېرەك > دەيدۇ. چۈنكى شىركەتكە تەكلىپ قىلىنغىنى ھەقىقەتەن تالانت ئىگىلىرى بولسا، ئۇنىڭ شىركەتكە ئېلىپ كەلگەن بايلىقى ئۇنىڭ مائاشىنى نەچچە قاتلىۋېتىدۇ.
كاڭنەي گۇرۇھىدا بىر توپ ياشلار گۇرۇھنىڭ ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلىقىغا قويۇلغان، ئۇلارنىڭ تەپەك
كۇرى جانلىق، جۇشقۇن، ئىقتىدارلىق بولغاچقا، كارخانا تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.
كاڭنەي تالانتلىقلارنى ئۆسۈپ-يېتىلىش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەشنى، ئۇلارنى ھەر قايسى ئورۇنلاردا
ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.
كاڭنەي گۇرۇھى لايىھەلەش مەركىزىدە 10 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان شا مىڭشېڭنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ كاڭنەيدا قېلىشىدىكى سەۋەب ،كاڭنەي ئۇنى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە ، ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.
«مېنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئۆلچىمىم ناھايىتى ئېنىق، سىزدە قانچىلىك ئىقتىدار بولسا شۇنىڭغا چۇشلۇق سەھنە بىلەن تەمىنلەيمەن.» دەيدۇكاڭنەي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جىڭ شيۇكاڭ.
قانچىلىك ئىقتىدارىڭىز بولسا شۇنچىلىك سەھنىگە ئېرىشسىڭىز، پەقەت خىزمەت تەلپىگە ماسلاشسىڭىزلا سىز تالانت ئىگىسى ھېسابلىنىسىز. ۋېنجۇ كارخانىلىرىنىڭ بۇ خىل ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن، يەنە خىزمەتچىلەرنى كارخانا ئۈچۈن سادىق بولۇشقا ئۈندەپ، كارخانىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
ئەڭ ياخشى سۈپەت ئەڭ ياخشى ئورۇنغا ئېھتىياجلىق، ئەڭ ياخشى ئورۇن ئەڭ ياخشى تەربىيەگە ئېھتىياجلىق، ئەڭ ياخشى تەربىيە ئەڭ ياخشى خىزمەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، ھەمدە ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
-شيامېڭ گۇرۇھى باش دىرېكتورى چېن شياۋشياڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى