A-A+

قاش تەخسە(خوتەن قاش ئويمىلىرى جەمگاھى 18)

2015-يىل 19-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 208 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

تارىم ۋادىسىدىكى ئىنسانلار قەدىمىي تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا خوتەن قاشلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلۈك شەكىللەردە پايدىلىنىشنى بىلگەن . ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن دەۋرىمىزگىچە  خوتەن قاشلىرى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىلگەن ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە كېڭەيگەن دەۋرىمىزدە ھەم كېڭىيىۋاتىدۇ.لىكىن بىزنىڭ خوتەن قاش مەدەنىيىتىدىن خەۋەرسىز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئاددىي ھالدا ‹‹ خوتەن قاشلىرىنى پەقەت بۇت ئۇيۇشقىلا ئىشلىتىدۇ....›› دەپ قاراۋاتىدۇ ھەم قاشگەرلىك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا باشقىچە كۆزدە قاراۋاتىدۇ. ئۇنداقتا خوتەن قاشلىرى راستىنلا بۇت ئويۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىلمەمدۇ؟

خوتەن قاشلىرى-تېببىي دورىگەرلىك،گىرىم بۇيۇملىرى،زىننەت بۇيۇملىرى،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى،تۇرمۇش بۇيۇملىرى ،سوۋغات بۇيۇملىرى........قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە تۇرمۇشىمىزنىڭ نۇرغۇن تەرىپىدە ئىشلىتىلگەن، ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق ئىشلىتىلىش دائىرىسى كېڭەيمەكتە.

خوتەن قاشلىرى دىيارىمىزنىڭلا ئەمەس ،جۇڭگۇنىڭ داڭلىق ماركىسى.شۇنداقلا دۇنيادىكى تەبىئىي قېزىلما بايلىقلار ئىچىدە ئالدىنقى ئون تۈرلۈك بايلىقنىڭ بىرسى .دىيارىمىزدا خوتەن قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى خېلە سالماقنى ئىگەللەيدۇ.دەريالاردىن چىقىدىغان زىرە قاشلار تۈگەش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ ،تاغلىرىمىزدىكى كان قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى ناھايىتى مول بولۇپ ئېچىپ پايدىلىنىشىمىزنى كۈتمەكتە. دىيارىمىزدا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ سانىمۇ نەچچە يۈزمىڭغا يېتىدۇ.......

خوتەن قاشلىرى جۇڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش بازىرىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولماقتا.باھاسىمۇ تىك سىزىق ھالىتىدە ئۆسمەكتە .(مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەلىلىگە ئاساسلانغاندا 1980-يىلدىن ھازىرغىچە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى 1300ھەسسە ئۆسكەن ).

قانداق قىلىپ پەقەت دىيارىمىزدىنلا چىقىدىغان خوتەن قاشتىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي بايلىق ئۈستۈنلىكىنى نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە كۆھكەنلىك(ئويمىچىلىق) ھۈنەر تېخنىكىمىز بىلەن ئورگانىڭ ھالدا بىرلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلىككە ئېرىشتۈرۈپ خەلقىمىزگە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىدىغان جىدىدي ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.

تور بېتىمىز خوتەن قاشلىرىنىڭ تارىختىكى ۋە دەۋرىمىزدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە پايدىلىنىش دائىرىسى بويىچە خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملارنى ئۆز تۈرلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىپ ئاۋامغا سۇنىمىز.

<< خوتەن قاشتىن ئۇيۇلغان تەخسە ۋە لېگەنلەر >>
玉盘

163951r7usq77253iz5j6q1 163955meign6pi3gg6s0pi1 164012mtn5yfffzfj9fdzj1 164013dzxdmo85xpba4tdp1 164015jrz53c9ibbi3bm4x1 164019bss20r2w6w66602d1 164432vso1h915yg5saly31 182141z8c9mqpq39cdm3jc1 1640072rfj21p2fjb111q71 1640189pa3ya6g5pyaq5zz1 1640264hukn7b70jzkzg7b1 1640315xiiqurwvack9twx1 16443805bcfob1ozb6yfl61

 سۈرەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<中国出土玉器全集>>

ناملىق ئالتە قىسىملىق كىتاب ۋە تور دۇنياسى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ