A-A+

بايلار ئۆز تەغدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتىدۇ

2016-يىل 20-مارت مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 165 قېتىم

5436547

سۈرەتتە : دۇنيا كېمە شاھى ،  شىياڭگاڭ خۇەنچىيۇۋ سۇ تىرانسىپوت گوروھى ، نىڭبو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، مىليادىر ( باۋ يۈگاڭ ) 


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار ئۆز تەغدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلمەيدۇ، بايلار ئۆز

تەغدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتىدۇ

«ھەي!نامراتلىق پىشانەمگە پۈتۈلگەنىكەن، ھاياتىمدا ھېچقانداق ئۈمىد قالمىدى!

باي بولۇش ئۈچۈن مەن نۇرغۇن ئاماللارنى تاپتىم، نۇرغۇن قېتىملاپ سىناپ باقتىم، بىراق ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدۇم. قارىغاندا مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە باي بولۇشۇم مۇمكىن ئەمەسكەن، ئەڭ ياخشىسى ئۆلگەن ياخشىكەن!»

......

ئازراقلا دىققەت قىلسىڭىز رىئال تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدىن مۇشۇنداق زارلاش-قاقشاشلارنى ئاڭلايسىز .نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققاچقا ياكى بايلىققا ئېرىشىش يولىدا ئوڭۇشسىزلىق – زەربىلەرگە دۇچار بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا ئۈمۈدسىزلىنىپ، ھازىرقى كۈنىگە شۈكرى قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ خىل كىشىلەر  ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلىقى ،جۈرئەتسىزلىكىنى تەغدىردىن كۆرگۈچىلەردۇر، ئۇلار <تەغدىرىم  ئاللىبۇرۇن پىشانەمگە پۈتۈۋېتىلگەن، تىرىشساممۇ بەرىبىر ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ> دەپ قارايدۇ. بۇ خىل پاسسىپ قاراشنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ئۇلار ئۆز ھالىتىدىن قانائەتلىنىدۇ، ئىلگىرىلەشنى ئويلىمايدۇ، «تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى» رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپ باقمايدۇ.

ئەگەر يەنە ئازراق دىققەت قىلسىڭىز، سىز مۇنداق قىزىقارلىق قانۇنىيەتنى بايقايسىز: يۇقارقىدەك  گەپ – سۆزلەرنى قىلىدىغانلار تىپىك نامراتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقمىقى ناھايىتى تەس.

بۇ خىل قانۇنىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى ھەرگىزمۇ تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى ھۇرۇنلۇق مەسىلىسى. چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر ھەدىسىلا  ئۆز مەغلۇبىيىتىنى تەغدىرگە ئارتىپ قۇيۇشقا ئادەتلەنگەن.شۇڭا مۇنداق كىشىلەرنىڭ  «بايلىق ئىزدەش يولى» دا مەغلۇب بولۇشى ئېنىق. ئۇلار «نامرات» لىق قالپىقىنى كىيىپ ھايات كەچۈرىدۇ.

بۇنىڭغا نىسبەتەن بايلار ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولىدۇ، ئۇلار تەغدىرنى ئۆزگەرتكىلى،ئامەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار بارلىق مۇمكىنچىلىكتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى يارىتىدۇ.

بىز بىرلىكتە بايلىققا ئائىت ھېكىمەتلىك ھېكايىدىن بىرنى كۆرۈپ باقايلى:

تەڭرىنىڭ ئەلچىسى ئىنسانلار ئارسىغا كېلىپ بىر پالچىنىڭ ئىككى بالىغا پال ئېچىۋاتقانلىقىغا يولۇقۇپ قاپتۇ. ئەلچى پەقەت پالچىنىڭ بىر بالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «سەن كەلگۈسىدەئەلىيۇل ئەلا بولىسەن.»دىگەنلىكىنى؛ ئارقىدىنلا يەنە بىر بالىنى كۆرسىتىپ: «تىلەمچى بولۇش سىنىڭ پىشانەڭگە پۈتۈلگەن ئىكەن.» دىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.

20 يىلدىن كىيىن تەڭرىنىڭ ئەلچىسى ئىنسانلار ئارىسىغا قايتا كېلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى ھېلىقى ئىككى بالىنى تېپىپ، پالچىنىڭ بىشارىتىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بوپتۇ. ھالبۇكى نەتىجە ئەلچىنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرۇپتۇ: ئەينى ۋاقىتتا «ئەلىيۇل ئەلا» بولىدۇ ،دىگەن بالا كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىگە،«تىلەمچى» بولىدۇ دىگەن بالا ئەلىيۇل ئەلاغا ئايلانغان ئىكەن.

ئەلچى بۇنىڭ تىگىگە يىتەلمەي، تەڭرىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن جاۋابىنى سوراپتۇ.

تەڭرى جاۋاب بېرىپ: «مەن ھەر بىر ئادەمگە بەرگەن تۇغما قابىلىيەت ئۇ ئادەمنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ، ئېشىپ قالغان تەغدىرنىڭ ھەممىسىگە شۇ ئادەم ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.» دەپتۇ.

جۇڭگو تەيۋەنلىك داڭلىق ئوقەتچى ۋاڭ يوڭچىڭ ئىلگىرى: «تەبئىي مۇھىتنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى، خۇشاللىق ياكى ئازاپنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى پۈتۈنلەي ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.» دىگەن.  بىر ئادەمنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغىنى، سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرى ئەمەس، تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىنىڭ ئۆز تەغدىرىگە قانداق ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا باغلىق.

خۇددى يۇقىرىقى ھېكايىدىكى «تىلەمچى» دەپ بىشارەت قىلىنىپ «ئەلىيۇل ئەلا» غا ئۆزگەرگەن بالىغا ئوخشاش، ئېھتىمال ئۇنىڭ تەبئىي شارائىتى ھەرگىز ئەۋزەل ئەمەس، كېلىپ چىقىشىمۇ پۇلدار ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، بۇلار ئۇنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاخىرقى ئامىل ئەمەس. ئۇنىڭ پالچىنىڭ بىشارىتىنى ئۆزگەرتەلىشىدىكى سەۋەب - تەغدىر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۆز تەغدىرىنىڭ خوجايىنى بولالىغانلىقىدا.

ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ئۇ پالچىنىڭ گېپىگە چىن پۈتۈپ، ئۆزىنىڭ پىشانىسىگە «تىلەمچىلىك قىلىش» پۈتۈلگەن دەپ قاراپ، تەغدىرگە بويسۇنسا، ھېچقانداق تىرىشچانلىق ياكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسە، ئۇنداقتا 20 يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ «ئەلىيۇل ئەلا» بولالىشى مۇمكىنمۇ؟

ئەلۋەتتەمۇمكىن ئەمەس! مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، يەنە پالچىنىڭ بىشارىتى بۇيىچە تىلەمچىگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ياخشىراق بولدى دىگەندىمۇ يەنىلا ئارانلا كۈن ئۆتكۈزىدىغان نامراتلاردىن بولۇشى مۇمكىن.

ئوخشاشلا بىر تەبئىي شارائىتى ياخشى، كېلىپ چىقىشى پۇلدار بولغان ئادەم (خۇددى ھېكايىدىكى«ئەلىيۇل ئەلا» بولىدۇ دەپ بىشارەت قىلىنغان تىلەمچىگە ئوخشاش) ئەگەر ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتمىسا، يەنىلا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆز تەغدىرىگە قارىتا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولۇش - بىر ئادەمنىڭ «نامرات ياكى باي»بولۇشىدىكى « نىشان  كۆرسەتكۈچ» بولۇپ قالىدۇ.

جۇڭگو –چەتئەللەرنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق، كۆپ ساندىكى بايلار تۇغۇلۇشىدىنلا باي بولغان ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، نۇرغۇنلىغان جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇ سەۋەبتىن قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ  نامراتلىقتىن باي بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار تەغدىرگە بويسۇنمىغان، تەغدىرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆز تەغدىرىنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.

بۇلاردىن ئاسىيالىق باي لى جىياچېڭ ناھايىتى ياخشى مىسال بولالايدۇ.

لى جىياچېڭ گۇاڭدۇڭ چاۋجۇ شەھىرىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، بالىلىق دەۋرى ناھايىتى جاپالىق ئۆتكەن.

11 ياشقاكىرگەن ۋاقتىدا جۇڭگو ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا كىرىپ قالغاچقا، ئۇ ئاتا –ئانىسىغا ئەگىشىپ شاڭگاڭغا بېرىپ پاناھلانغان.

بىر ئائىلە كىشىلىرى ئائىلە شارائىتى ياخشى بولغان تاغىسىنىڭ جۇاڭجىڭئەندىكى ئۆيىدە تۇرغان. ھالبۇكى ئوزۇن ئۆتمەستىن بەخىتسىزلىك يۈز بېرىپ، لى جىياچېڭنىڭ دادىسى(ئائىلىدىكى بىردىنبىر ئىقتىسادىي تۈۋرۈك) ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەچكە ئۆپكە كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

دادىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى ناھايىتى ئېغىر ئازاپقا قويغان، بولۇپمۇ لىجىياچېڭنىڭ ئاپىسىغا نىسبەتەن بۇ ناھايىتى ئېغىر زەربە بولۇپ، ئائىلىدىكى بىردىنبىر يۆلەك يوقالغاچقا، كىيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا لى جىياچېڭ ھەرگىزمۇ ئائىلىسىدىكى پىشكەللىك تۈپەيلى تەغدىرنىڭ قۇلىغا ئايلانمىغان .بالىلارنىڭ چوڭى بولغان لى جىياچىڭ ئانىسى ۋە ئۈچ ئىنى – سىڭىللىرىنى بېقىش ئۈچۈن باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشنى خالىماي ئوقۇشتىن چېكىنىشنى قارار قىلىپ،ئۆزىگە تايىنىپ پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

لى جىياچېڭ دەسلەپتە تاغىسىنىڭ جۇاڭجىڭئەندىكى جوڭنەن سائەت شىركىتىدە چاي قۇيۇپ، يەر سۈپۈرىدىغان شاگىرت بولىدۇ. بۇ يەردە ئۇ كىشىلەرنى قانداق كۈزىتىشنى، پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىپ ئىش قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئوزۇن مەزگىل باشقىلارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇشنى خالىمىغان 19 ياشلىق لى جىياچېڭ  بەش خىل مېتال زاۋۇتى ۋە سۇلىياۋ ياساش زاۋۇتىغا كېلىپ مال ساتقۇچى بولىدۇ. كەسپىي نەتىجىسى ياخشى بولغاچقا، ئىككىنچى يىلى زاۋۇتنىڭ  بۆلۈم دىرېكتورلۇقىغا ئۆستۈرۈلىدۇ،ئوزۇن ئۆتمەي شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى بولىدۇ.

بۇ مەزگىلدىكى كوچىمۇ – كوچا يۈرۈپ مال سېتىش ھاياتىدا، لى جىياچېڭ تۇرمۇشتىكى قاتمۇ – قات قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ،  سودا بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز موللاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىن دوست تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.

1950 – يىلى جىياچېڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،  تىجەپ يىغقان پۇللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇنجى زاۋۇتى - «چاڭجاڭ يالتىراق زاۋۇتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. 1957 – يىلى يالتىراق ماتېرىيال ئىشلەپ چىقىرىشنى باشلاپ، 1964 – يىلىغا كەلگەندە  مىليوندىن ئارتۇق شاڭگاڭ پۇلى پايدا ئالىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چاڭجاڭ يالتىراق زاۋۇتىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يالتىراق ماتېرىيال ئىشلەش بازىسىغا ئايلىنىپ ، لىجىياچېڭمۇ شۇ سەۋەبتىن «يالتىراق پادىشاھى» دىگەن نامغا ئېرىشىدۇ. كىيىن لىجىياچېڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يالتىراق ئويۇنچۇق، ئۆي – مۈلۈكچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە كىرىپ، ئاستا – ئاستا «جۇڭگولۇق مۇھاجىر باي» غا ئايلىنىدۇ.

نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىقىش ۋە جاپا – مۇشەققەتلىك كەچۈرمىشلەرگە قارىتا نۇرغۇنلىغان ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەر ‹ بۇ پەلەكنىڭ گەردىشى، تەغدىرىمىز شۇنداق پۈتۈلگەن› دەپ قاراپ، ئاسانلا تەسلىم بولىدۇ، ھەمدە بىر ئۆمۈر نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. لى جىياچېڭ تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھەرگىزمۇ بويسۇنمىغان، ھەمدە نامراتلىق دەستىدىن ئاھ چېكىپ ئولتۇرمىغان، ئۇ ھەمىشە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولىدىغان ئۇسۇلنى ئىزدەپ، ئاخىرى «ئاسىيادىكى بىرىنچى باي» غا ئايلانغان.

نامراتلار ئۆزىنىڭ تەغدىر تەرىپىدىن كونترول قىلىندىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن تەغدىرگە بويسۇنۇپ، تەغدىرنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ،ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ،ياخشىلاش ئويىدا بولمايدۇ. ئەمما بايلار تەغدىرنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن يارىتىلدىغانلىقىغا ،تىرىشسىلا ئۆز تەقدىرىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار تىرىشىپ ئۆز تەغدىرىنى قولىغا ئالىدۇ.

رىئال تۇرمۇشتا لى جىياچېڭغا ئوخشاش تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمايدىغان، ئۆز تەغدىرىنى قانداق قىلىپ ئۆز قولىغا ئېلىشنى بىلىدىغان بايلار ئاز ئەمەس . مەسىلەن: ياپونيىلىك داڭلىق كارخانىچى سوڭشىيا شىڭجىجۇ، «رۇجىيا» نىڭ قۇرغۇچىسى لىچى، كورىيە«زامانىۋىي» ماشىنا زاۋۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى جېڭ جوۋيوڭ قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى بىزگە بىر ئورتاق قائىدىنى ئېيتىپ بېرىدۇ: ئىنسان ئۆز تەغدىرىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى پەقەت ئۆزىلا ھەل قىلىدۇ.ئۆزىنىڭ ھورۇن،بوشاڭلىقىنى تەقدىرگە دۆڭگەپ قويماي،     تەغدىرنىڭ بوغۇزىدىن چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولالايدىغانلىقىغا ئىزچىل ئىشەنگەندىلا، ھەمدە تىرىشىپ كۆرەش قىلغاندىلا بايلىق بىزگە بارا – بارا يېقىنلاپ كېلىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

مەيلى نامراتلار ياكى بايلار بولسۇن، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەغدىرى ئۆز قولىدا.ئوخشىمايدىغان يىرى، نامراتلار تەغدىرگە بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئىشلارنى كۆرۈشنى خالايدۇ؛ بايلار تەغدىرنى قەدىرلەشنى، ئۇنى تۇتۇشنى، ھەمدە تەغدىر بىلەن بولغان كۆرەشتىن قانداق قىلىپ نەتىجە قازىنىشنى، شۇ ئارقىلىق بايلىققا ئېرىشىشنى بىلىدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ