A-A+

نامراتلاردا‹‹ئۈچ مىنۇتلا قىزغىنلىق ››بار، بايلاردا ئۇزاققا سۇزۇلغان قايناق ھېسيات بار

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 252 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

3-باپ 7-پاراگىراپ

نامراتلاردا پەقەت ‹‹ئۈچ مىنۇتلا قىزغىنلىق ››بار، بايلاردا

ئۇزاققا سۇزۇلغان قايناق ھېسيات بار

«ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق» −كىشىلەردىكى ئىش قىلغاندا قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى يوق، دائىم  بېشىنى باشلاپ ئاخىرىنى تاشلايدىغان، داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدىغان ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. نامراتلار ئىش قىلسا دائىم بېشى بار ئاخىرسى يوق . دەسلىپىدە ئىشتىياق بىلەن قىلىدۇ. كىيىن ئاستا-ئاستا ۋاز كېچىدۇ. بۇ خىل «ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق» ى بار ئادەم ھامان بىر ئىش قىلالمايدۇ.

نامراتلار تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىشتەك ناچار ئادەتنى يۇقتۇرۋالىدۇ. قايتا - قايتا ئۆزگەرتىشكە قەسەم قىلىدۇ . لىكىن ئۇلاردا پەقەت «ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق» لا بولغاچقا بىردەملىك قىزغىنلىقتىن كېيىن نەچچە كۈنگە بارمايلا قىلغان قەسىمىنى پاك -پاكىز ئۇنتۇپ كىتىپ يەنە ئەسلىگە قايتىدۇ. نامراتلارنىڭ دائىم مەغلۇپ بولۇشى ئۇلاردا قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياكى بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان يۈرەك يوق. بوشاشماي داۋاملاشتۇرىدىغان روھ كەمچىل .شۇڭا  چوڭ ئىشلاردا نەتىجە قازىنىشى ئىنتايىن تەس. لىكىن بايلاردا ئۆزىگە خاس بولغان نىشان، ئۇزاققا سوزۇلغان قايناق ھىسسيات بار. ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدۇ . شۇڭا ھەرقانداق ئىشتا سىجىل داۋاملاشتۇرۇش ناھايتى مۇھىم . پەقەت نىشاننى توغرىلاپ داۋاملاشتۇرسىلا ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.

ۋىنگىرىيەدە بىر ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىگىرىنىڭ بىر ھاڭۋاقتى ئوغلى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «ياغاچ» دەپ چاقىرىشنى ياخشى كۆرىدىكەن . 12 ياش ۋاقتىدا بۇ بالا بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئۇ يازغان خەتلەر نوبىلغا يېقىپ قاپتۇ، پادىشاھ ئۇنىڭغا مۇكاپات تارقىتىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىدىن قورقۇپ چۈشىنى پەقەت ئاپىسىغىلا ئېيتىپتۇ. ئاپىسى ئاڭلىغاندىن كىيىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «تەڭرى بىر گۈزەل ئارزۇنى كىمنىڭ قەلبىگە سالسا، ئۇنىڭ ئاشۇ ئىشنى تاماملىشىغا ھەقىقى ياردەم بېرىدۇ.» دەپتۇ. بالا ئانىسىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ راستىنلا يېزىقچىلىقنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ. ھەمدە ئۆزىنىڭ سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىغا، تەڭرىنىڭ كېلىپ ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپتۇ! مۇشۇ ئېتىقادى بىلەن ئۇ يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلاپتۇ .

شۇنداق قىلىپ بۇ غايىلىك بالا كېچە-كۈندۈز ئەسەر يېزىپتۇ. نەچچە يىل داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، بالا تەڭرىنىڭ كېلىپ ياردەم قىلىشىنى كۈتىۋاتقان ۋاقىتتا،  ئۇنىڭ كۈتىۋالغىنى گىتلېرنىڭ ھەربى قوشۇنى بوپتۇ. چۈنكى ئۇ يەھۇدىي بولۇپ، ناھايىتى تېزلا جازا لاگىرىغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ. دوزاخقا ئوخشايدىغان جازا لاگىرىدا سانسىزلىغان يەھۇدىيلار جېنىدىن ئايرىلىپتۇ. لىكىن ئۇ ئامان قاپتۇ. 1965-يىلى، يېزىقچىلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتقان بۇ بالا ئاخىرى «تاللاشقا ئامالسىز تەقدىر» ناملىق رومانىنى، 1975-يىلى «ماقالە قايتۇرماق» ناملىق رومانىنى يېزىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپتۇ .

ئاخىرى ئۇ تەڭرىنىڭ ياردەم قىلىش -قىلماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەس بولغان چاغدا، شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى 2002-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ۋىنگىريىلىك يازغۇچى ئېمىركېرتىسقا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ . ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانىدى. نۇرغۇن ئازاپ- ئۇقۇبەتنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بۇ يازغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتىنى سۆزلىگەندە پەقەت مۇنداق بىر جۈملە سۆز قىلغان: «سىز‹مەن بۇ ئىشنى قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، قانچىلىك قىيىن بولسۇن پەرۋا قىلمايمەن›دىگەن نىيەتكە كەلگەن ۋاقىتتا تەڭرى ئاندىن سىزگە ياردەم بېرىدۇ.»

يازغۇچىنىڭ بۇ ھىكايىسى دەل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . كىچىكىدە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇ كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى پۈككەن. ئۇنىڭ سانسىزلىغان يەھۇدىي قېرىنداشلىرى جازا لاگىرىدا ھايات قالغان بولسىمۇ، ئېچىنىشلىق قىيناشلارغا ئۇچرىغانلىقتىن رېئال تۇرمۇشقا يۈزلىنىشكە ئامالسىز قالغان. لىكىن ئېمىركېرتىس ھايات قالغاندىن كېيىن ئاۋالقىدەك ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرغان. ھەمدە بۇ خىل بوشاشماي تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش روھى ئۇنىڭ بالا ۋاقتىدىكى غايىسىنى تاماملىغان.

نۇرغۇن كىشىلەر «تىتانىك» ناملىق كىنونى كۆرگەن، لىكىن  پەردە ئارقىسىدىكى ھىكايىنى ناھايتى ئاز ئادەم بىلىدۇ:

رىژىسسور جامىس كامىرون كىنو ئىشلەشكە مەبلەغ سالغان شىركەت خوجايىنىغا:«مەن بىر پاراخوتتا ‹رومىيو بىلەن جۇلىتا ›نى سۈرەتكە ئالىمەن، بۇ ئۈچ سائەتلىك مۇھەببەت  ھىكايىسى» دېگەن . بۇ ۋاقىتتا رېژىسسور كۆرسەتكەن مۇھەببەت ھېكايىسى دەل دۇنياغا داڭلىق فىلىم «تىتانىك» نىڭ سىنارىيەسى ئىدى .

كىنو شىركىتىنىڭ خوجايىنى دەسلىپىدە ئۇنىڭ سۆرەتكە ئېلىش تەلىپىگە قوشۇلمىغان . چۈنكى ئۇ ئىلگىرى سۆرەتكە ئالغان كىنونىڭ ھەممىسى ئىككى سائەت ئەتراپىدا بولۇپ ،رىژىسسورنىڭ ئەڭ ئۇستا بولغىنى بىر قىسىم گۇمپا كىنولىرى ئىدى. خوجايىننىڭ نەزىرىدە ئەگەر ئۇ ئۇسلۇپنى ئۆزگەرتىپ ئۈچ سائەتلىك مۇھەببەت كىنوسىنى سۈرەتكە ئالسا ھەقىقەتەنمۇ  ئۇنىڭ مۇۋاپىقەيەت قازىنىشى تەس ئىدى. لىكىن جامىس .كامىرون ئۆزىنىڭ پىلانىدا چىڭ تۇرغان. ئۇ كىنو شىركىتىنىڭ خوجايىنىدىن: « مەن ئىلگىرى رىژىسسورلۇق قىلغان كىنولاردىن پۇل تاپالمىغىنى بارمۇ؟» دەپ سورىغان .بۇنىڭ بىلەن كىنو شىركىتىنىڭ خوجايىنى جىم بولۇپ قالغان. چۈنكى ئۇ رىژىسسورلۇق قىلغان كىنولارىنىڭ كىرىمى ئىنتايىن ياخشى ئىدى .

ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە تەجرىبىسىنى ئاساس قىلغان خوجايىن بوشاپ قالغان ھەم : «بولىدۇ، بىراق خامچوتنى كونتىرول قىلىشىمىز كېرەك» ، دىگەن .كامىرون كۈلۈپ تۇرۇپ : «خامچوت بەك كۆپ بولمايدۇ، مەنزىرە بەرىبىر ئاشۇ كېمىلا خالاس.» دېگەن. كىم بىلسۇن، كىنو سۈرەتكە ئېلىنىش بىلەنلا ھەر كۈنلۈك تەننەرخ 250 مىڭ دوللار، بەزى ۋاقىتتا ھەتتا 500 مىڭ دوللارغا يەتكەن . بىر يىل بولمايلا خام چوتتىكى پۇل تۈگىگەن. خامچوتنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، خوجايىن مەبلەغ سېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان . لىكىن كامىرون قەتئىيلىك بىلەن : «كىنو داۋاملىق سۆرەتكە ئېلىنىشى كېرەك، مەن ئىش ھەققىمنى ئالمىسام مەيلى» دىگەن .كامىروننىڭ بۇ گېپى ئۇنىڭ نەچچە ئون مىلىيونلۇق ئىش ھەققىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن دېرەك بىرەتتى. خوجايىن ئۇنىڭ قەتئىيلىكىدىن تەسىرلىنىپ ئاخىر ئۇنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلغان  ،شۇنىڭ بىلەن فىلىم داۋاملىق سۆرەتكە ئېلىنغان. لىكىن مەبلەغ سالغان پۇل كامىروننىڭ ئىش ھەققى ئىدى.

كىنونى سۆرەتكە ئېلىش داۋامىدا مۇكەممەللىكنى قوغلاشقان كامىرون ھەربىر ئىشنى دېگۈدەك ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن .  ئارتىس ۋە خىزمەتكارلارغىمۇ ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويغان. سوغۇق دېڭىز سۈيى، سۆرەتكە ئېلىش داۋامىدىكى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن تەس بولغان قىيىنچىلىق ئۇنى يار لىۋىگە ئەكىلىپ قويغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ ۋاز كەچمەيدۇ، بەلكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزچىللىقى  بىكارغا كەتمىگەن.فىلىم پۈتۈپ تارقىتىلىپ ئۈچ ئاي قويۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى 470مىلىيون دوللارغا يىتىپ، خەلىقئارالىق ئۇمۇمى بېلەت باھاسى بىر مىليارد 800 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ فىلىم ئەڭ بازار تاپقان كىنونىڭ بىرى بولغان. بۇ فىلىم يەنە 70-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ 14 تۈردە  تىلغا ئېلىپ ئاتاش شەرىپىگە ھەمدە 11 تۈردە بىۋاستە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. جامىس.كامىرون مۇشۇ سەۋەپلىك  70- قېتىملىق ئوسكار ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

پەردە ئارقىسىدىكى ھىكايىنى بىلدىڭىزمۇ؟ بۇ كىنودىكى ئادەمنى ياقتۇرامسىز؟ چۇقۇم بۇ كىنوغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ قالدىڭىز ھەم كامىرون رېژىسسورنىڭ قەتئىيلىكىدىن تەسىرلەندىڭىز . چۈنكى ئۇنىڭدىكى بۇ خىل قەتئى بوشاشمايدىغان روھ ، ئۆزىنىڭ ئىشىغا بولغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان قايناق ھىسسيات ، قىزغىن پوزىتسىيە بىزنى دۇنياغا تارقالغان، كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن ياخشى كىنونى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلدى .

غەلىبە يولىدا ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازاپ كەم بولمايدۇ، بېيىش يولىمۇ ئوخشاش بوران چاپقۇنلۇق، لىكىن «قىيىنچىلىق پۇرژىنىغا ئوخشايدۇ، سىز كۈچلۈك بولسىڭىز ئۇ ئاجىزلايدۇ، سىز ئاجىز بولسىڭىز ئۇ كۈچلۈك» . ئەگەر كامىرون كىنو شىركىتىنىڭ خوجايىنى قۇشۇلمىغاچقىلا ۋاز كەچكەن بولسا، ياكى خامچوت ئېشىپ كەتكەنلىكى، مەبلەغ سالغۇچى قوللىمىغانلىقى، سۆرەتكە ئېلىشتىكى ھەرخىل تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان ئوڭۇشسىزلىقلار سەۋەپلىك چىكىنىپ چىققان بولسا، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭدا پەقەت «ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق»لا بولغان بولسا، ئۇزاققا سوزۇلغان غەلىبىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەستى. غەلىبە بولمىسا يەنە قانداقمۇ بايلىق بولسۇن؟

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار غەلىبە قىلىشنى، باي بولۇشنى ئويلىسا، ئۇلاردا چۇقۇم قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش روھى ۋە ئىرادىسى بۇلۇشى، ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشى، جاپا مۇشەققەتنىڭ تاۋلىشىغا چىدىشى، بوشاشماي كۆرەش قىلىش كېرەك . ئەگەر بىردەملىك قىزغىنلىق يەنى پەقەت «ئۈچ مىنۇتلۇق قىزغىنلىق» لا بولسا غەلىبە قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل . ئۇنداقتا سىز پەقەت نامرات ئەھۋالدا قالىسىز ،  بايلىق بىلەن ئادا جۇدا بولىسىز.

**************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ