ئادەمنى يېقىن ئارلىقتىن باشقۇرۇش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
5 - باب 8 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: باشقۇرۇشتا چوقۇم قاتتىق بولۇش، ھەر خىل تۈزۈملەر ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنى چەكلەش كېرەك، ئۇلار ئاندىن شىركەت تۈزۈلمىسىگە كۆنىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: باشقۇرۇش بىر خىل كۈچ جەھەتتىكى تىركىشىش بولۇپ، قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ناتايىن، ھەرىكەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈپ باشقۇرۇشلا ئەڭ ئاز تەننەرخ بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ سادىقلىقىنى ئاشۇرالايدۇ.
«ئادەملەشكەن باشقۇرۇش» نى كىشىلەر دائىم «باشقۇرۇشنى ئادەملەشتۈرۈش» دەپ ئاتايدۇ، ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش، خىزمىتىگە قارىتا ئادەت خاراكتېرلىك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ، باشقۇرۇشنى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ھالدا خىزمەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
ۋېنجۇ نەنفاڭ ھۇجرا بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ھەر بىر خىزمەتچىگە كارخانىنى ئائىلىسىدەك كۈرىدىغان تۇيغۇ بېرىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
«نەنفاڭ بىزگە ئائىلىمىزدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، نەنفاڭ شىركىتى قىيىنچىلىقتا تۇرسىمۇ خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.» بۇ بىر خىزمەتچىنىڭ شىركەتكە بەرگەن باھاسى.
2004-يىلى 3-ئايدا، نەنفاڭ شىركىتى پىلان بۆلۈمىدىكى 27 ياشلىق خىزمەتچى شى يۇڭخۇا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، بۆرىكى ئاساسى جەھەتتىن كاردىن چىقىدۇ، شۇ يىلى 5-ئايغا كەلگەندە، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى چۇڭچىڭدىن نەنفاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە بارىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئاز بولغاندا 100 مىڭ يۈەن داۋالاش راسخوتى كېتەتتى. بۇ يۇرتىدىن كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىگە نىسبەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.
شىركەت بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال شى يۇڭخۇا ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن قەرز بېرىدۇ. ئاندىن شىركەتتىكى بارلىق خادىملارنى ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ 140 مىڭ يۈەن پۇل ناھايىتى تېزلا جۇغلىشىدۇ. شى يۇڭخۇا گۆر ئېغىزىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن شىركەتكە تېخىمۇ سادىق
بولۇپ ئىشلەيدۇ.
2004-يىلى، «يۈننا» ۋە «ئەيلى» دىن ئىبارەت ئىككى قېتىملىق تەيفېڭ بورىنى ۋېنجۇغا غايەت زور زىيان كەلتۈرىدۇ. نەنفاڭ ھۇجرا بۇيۇملىرى دەرھال ئاپەت رايونىغا ئىللىق يوتقان-كۆرپىلەرنى ئەۋەتىدۇ.
«ئەڭ راستچىل، ئەڭ گۈزەل بولۇش» نەنفاڭنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى، يەنە كېلىپ كارخانىنىڭ ھەرىكەت قىبىلنامىسى.
قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھىنىڭ باش لدېرى چيەن جىنبو مۇنداق دېگەن: «پۇلنى يىراق ئارلىقتىن، ئادەمنى يېقىن ئارلىقتىن باشقۇرۇش كېرەك.» بۇ خىل قاراشنىڭ يارقىن نامايەندىسىنى ۋېنجۇ كارخانىلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
دېلىشى شىركىتىدە ناھايىتى غەلىتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار، يەنى ھامىلدارلار ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسى. بۇ لىنىيەدە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھامىلدار ئايال خىزمەتچىلەر.
ئەسلىدە، بۇ دېلىشى گۇرۇھى شىركىتى مەخسۇس ھامىلدار ئايال خىزمەتچىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى. بۇ ئاقما لىنىيە دېلىشى شىركىتى قارمىقىدىكى ئۈزچات ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھامىلدار خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتى ئۈزچاتلارنى قوراشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
دېلىشى بۇ ئالاھىدە خىزمەتچىلەرگە قارىتا ئالاھىدە تۈزۈملەرنى قوللانغان: خىزمەت ۋاقتىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ، ئەگەر خىزمەت ۋاقتىدا سالامەتلىك ئەھۋالىدا مەسىلە چىقسا خالىغان ۋاقتتا رۇخسەت سورىسا ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتتىن چۈشسە بولىدۇ؛ خىزمەت كىيمى كىيمەي، ھامىلدارلار كىيىمى كىيسە بولىدۇ؛ ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بېكىتسە بولىدۇ؛ بىر قىسىم ئۇششاق خاتالىقلارنىڭ چىقىشىغا يول قويۇلىدۇ...
بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئارام ئېلىش ئۆيىدە خىزمەتچىلەر بىر تەرەپتىن نەرسە يېگەچ، بىر تەرەپتىن ھامىلدارلىققا ئائىت كىتابلارنى كۆرسە، پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
ھامىلدار بولغىنىغا سەككىز ئاي بولغان لۇ گۈيجېن خۇشال ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «ھامىلدارلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ناھايىتى ئۆزگىچە، ئادەمگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ.»
بۇ ئاقما لىنىيەنى تەسىس قىلىش ھەققىدە گەپ بولغاندا، زاۋۇت باشلىقى ياردەمچىسى لىن جىنلەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچىدىن ھامىلدار خىزمەتچىلەرنى ئويلىشىش، ئۇلارنىڭ قىيىن مەزگىلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ تەن-سالامەتلىكىنى ئاسىراشتىن ئىبارەت؛ ئىككىنچىدىن بۇ خىل ئۇسۇل
ئىشلەپچىقىرىش-باشقۇرۇشقا قولايلىق. دېلىشى كىچىك تىپتىكى ئۈزچات زاۋۇتىدا 1050 خىزمەتچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال خىزمەتچى 800 نەپەر، ئۇلاردىن %70 ى ھامىلدارلىق يېشىدا بولۇپ، ھەر يىلى تەخمى
نەن 10 نەچچە ئادەم ھامىلدار بولىدۇ، بۇ ئالاھىدە خىزمەتچىلەرنى ئورتاق باشقۇرۇش ئۈچۈن، بىز مۇشۇنداق ئامالنى ئويلاپ چىقتۇق.»
دېلىشى شىركىتىدىكى بىر مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ ئاشكارلىشىچە، ھامىلدارلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قارىماققا شىركەتكە مۇئەييەن پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاكتىپ تەسىرى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىغاندىن كۈچلۈك بولغان، يەنى قوشۇن مۇستەھكەملەنگەن، كارخانا ئۈچۈن غايەت زور تەربىيەلەش خىراجىتىنى تېجەپ قالغان؛ تېخىمۇ مۇھىمى، خىزمەتچىلەر يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكەچكە، كارخانا بىلەن خىزمەتچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
نەن سۈنخۇي خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئېتىبار بېرىدۇ، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ كارخانىسىدا خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتى تەسىرگە ئۇچرىسا، ئۇ ئىككىلەنمەستىن خىزمەتچىلەر تەرەپتە تۇرىدۇ؛ ئەگەر خىزمەتچىلەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا، ئۇ ئىككىلەنمەستىن خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.
بىر قېتىم، جياڭشىلىق خىزمەتچى جاڭ شيەنفۇنىڭ بوينىغا قاتتىق ئۆسۈكچە چىقىپ قالىدۇ، دوختۇرخانا بۇنىڭغا ئۆسمە دەپ دىئاگنۇز قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ جياڭشى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئوپېراتسىيە
قىلدۇرىدۇ.
ئەينى ۋاقتتا چاغان يېقىنلىشىپ قالغاچقا، شىركەتتە ئىشلەپچىقرىىش جىددى بولۇپ، ئادەم يېتىشمەيىتتى. گەرچە ئۇنىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان بولسىمۇ، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن
خىزمەت ئورنىغا قايتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. جېڭتەي گۇرۇھى مەنىۋى-مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى يې فېڭلىن ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭغا داۋالاش تولۇقلىمىسى ئاپىرىپ بېرىدۇ.
جاڭ شيەنفۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلىنىدۇ: «ئويلىمىغان يەردىن، مېنىڭدەك ئاددى خىزمەتچى گۇرۇھ
رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن ئىدى، مەن جېڭتەينىڭ خىزمەتچىسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.»
جېڭتەيدە خىزمەت قىلىدىغان شاۋ چى سىچۈەندىن كەلگەن. شاۋ چىنىڭ ئايالىنىڭ تۇغۇت مەزگىلى كېلىپ، مەلۇم دوختۇرخانىدا تۇغماقچى بولىدۇ چەم ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇغۇتى قىيىنلىشىپ بالا چۈشۈپ كېتىدۇ. شاۋ چى بوۋاق چۈشۈپ كېتىشتىكى سەۋەب دوختۇرخانىدا دەپ قاراپ، دوختۇرخانى
دىن مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق دوختۇرخانا مەسئۇلىيەت
بىزدە ئەمەس دەپ قاراپ، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىدۇ.
نەن سۈنخۇي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال خۇنەن چاڭشاغا بارىدىغان كاماندىروپكىسىنى ئەمەل
دىن قالدۇرۇپ، ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن گۇرۇھ پارتىيە كومىتېتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن كۆرۈشىدۇ، ھەمدە ئاخىرى ئورتاقلىققا كېلىدۇ. دوختۇرخانا رەھ
بىرى ئۇلاردىن ئۆزى ئەھۋال سوراپ، مۇناسىپ ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەپ بېرىدۇ.
بۇ ئىشتىن كېيىن شاۋ چى ئەر-ئايال مۇنداق رەھمەت خېتى يېزىپ چىقىدۇ:
«بىز ئەر-ئايال جېڭتەيدىكى ئون مىڭلىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئاددى بىر ئىشچى، بىراق شىركەت رەھبەرلىرى ئۆزلىرى بىزدىن ئەھۋال سوراپ ئىشىمىزنى ھەل قىلىشىپ بەردى، بۇ ھەقىقەتەن قىممەتلىك
روھ. بۇ ئىش ئارقىلىق بىز جېڭتەي ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇق، سىرتتىن كەلگەن بىر ئىشچىنىڭ بۇ ئائىلىدىكى مۇھىم رولىنى ھېس قىلدۇق، بۇ ئارقىلىق كارخانىنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان روھىنى تونۇپ يەتتۇق، بىز چوقۇم جېڭتەيگە سادىق بولىمىز، جېڭتەي ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.»
بىر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، جېڭتەي گۇرۇھى قۇرۇلۇش ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى لۇ جۇاڭۋېن گۇڭچياۋ بازىرىغا ئىش بېجىرگىلى بېرىپ، بەختكە قارىشى ئۈچ بۇلاڭچىنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ بۇلاڭچىلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش جەريانىدا، بەدىنىنىڭ 20 نەچچە يېرىگە پىچاق تىقىلىدۇ. ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغاندا، ئۇ شىركەتكە تېلېفون قىلىپ ياردەم سورايدۇ، شىركەت
رەھبەرلىرى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال گۇڭچياۋغا كېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ بارلىق داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن قەرز بېرىدۇ، ئارقىدىن لازىمەتلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
يارىسى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، لۇ جۇاڭۋېن گېزىتكە ماقالە يېزىپ ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ خەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر ئارىسىدا مەن پەقەت دېڭىزدىكى بىر تامچە سۇدىن ئىبارەت، گەرچە مەن يۇرتۇمدىن باشقا جاي-لېچىڭ شەھىرىدە بولساممۇ، ھېچقانداق غېرىبلىق ھېس قىلمىدىم، مەن ھازىر بۇ جاينى ئۆزۈمنىڭ ئىككىنچى يۇرتى دەپ بىلىمەن، چۈنكى مەن جېڭتەينىڭ خىزمەتچىسى، جېڭتەي مېنىڭ ئائىلەم، شىركەت رەھ
بەرلىرى ۋە خىزمەتچىلەر مېنىڭ تۇغقانلىرىم. مەن بۇنداق مۇھىتتا ياشىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.»
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئادەملەشكەن باشقۇرۇش كارخانا باشقۇرۇشتىكى يېڭى ئىستىلغا ئايلىنىپلا قالماستىن، يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە سادىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
پۇلنى يىراق ئارلىقتىن ، ئادەمنى يېقىن ئارلىقتىن باشقۇرۇش كېرەك.
-قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چيەن جىنبو
خىزمەت قىلالمايدىغان خىزمەتچى يوق، پەقەتلا باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان باشقۇرغۇچى بار.
-شاڭخەي جىن لىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدېرى ياڭ جيېشېڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى