خېرىدارنىڭ مەڭگۈ توغرا
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
10-دەرس 4-پارىگىراپ
خېرىدارنىڭ مەڭگۈ توغرا
مايۈن جىنكاڭنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇشنى ياختۇرىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تىجارەت ئىدىيەسىنى «خىسلەتلىك ئالتە شەمشەر» گە ئوخشىتىدۇ، ھەمدە بۇ «خىسلەتلىك شەمشەر» لەر ئىچىدىكى بىرىنچى شەمشەرنىڭ خېرىدار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مايۈن «خېرىدار بىرىنچى» دېگەن ئىدىيەنى شىركەتنىڭ تىجارەت ئىدىيەسى سۈپىتىدە يۈرگۈزۈپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئۆلچىمىدىمۇ جەزمەن بۇ ئىدىيەنى قوبۇل قىلغاندا ئاندىن شىركەت كىرەلەيدۇ.
گەرچە خېرىدارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كىشىلەرنىڭ سۆزلىشىش تېمىسى بولسىمۇ، ئەمما قانداق قىلىپ خېرىدارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئاسان ئىش ئەمەس. شىركەت مەنپەئەتى بىلەن خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشلا خېرىدارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئالى بابانىڭ ئىچكى قىسىمىدا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن: ئالى بابادا بىر كەسپ خىزمەتچىسى بولۇپ، شەندۇڭدىكى بىر شەھەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك سودىسىنى قىلىش ئۈچۈن، خېرىدارغا ۋەدە بېرىپ ئالى بابانىڭ ئۇنىڭ ئۆيلىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساتالايدىغانلىقىنى ئېيىتقان، شۇنداق قىلىپ ئۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ سودىنى تاماملىغان. گەرچە بۇ سودا ئالى بابا ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئالى بابا خېرىدارنىڭ پۇلىسىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، ھەمدە بۇ خىزمەتچىنى بىر تەرەپ قىلغان.
ئىشتىن كېيىن، ئالى بابا تور بېكىتىنىڭ باش لىدىرى ۋېيجى مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: «نېمىشقا خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك؟ ئەگەر پايچېكلارنىڭ پايدىسى بويىچە بولغاندا بۇ پۇلنى چوقۇم ئېلىش كېرەك. بىراق خېرىدار مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئالى بابانىڭ بۇنداق قىلىشى خېرىدارنى ئالدىغانلىق! ئالى بابا بۇ ئۆيلەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىشقا ئامالسىز، ئۇ خىزمەتچى ئالى بابانىڭ ئىقتىدارىنى كۆپتۈرۋەتكەن.»
ھازىرغا قەدەر ئالى بابانىڭ خىزمەتچىلىرى نەچچە تۈمەنگە يەتتى، مايۈن مۇنداق دېگەن: «بىز ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ خېرىدارلار مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز، بىراق بىز ئۇلارنى چوقۇم مۇشۇنداق قىلىپ تەربىيەلەيمىز.»
ئالى بابا شىركىتىنىڭ چوڭ زالىغا مۇنداق مۇناسىۋەت سېخمىسى ئېسىلغان، ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستىدە خېرىدار تۇرىدۇ، ئاندىن خېرىدارلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىدىغان خىزمەتچىلەر بولىدۇ .ئەڭ ئاخىرىدا پايچېك، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، باش مالىيە ئەمەلدارى قاتارلىق رەھبەر تۇرىدۇ. مايۈننىڭ قارىشىچە، خېرىدار خۇددى ئاتا-ئانىغا ئوخشاش قىممەتلىك. ئۇ مۇنداق دېگەن: «پەقەت خېرىدارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاندىلا بىز ئاندىن پۇل تاپالايمىز، چۈنكى خېرىدار بىزگە پۇل بېرىدۇ.»
ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە، ئىگىلىك تىكلەش، خوجايىن بولۇشنى ئويلايدىغان، ھەتتا كارخانىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. بىراق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلىپىدىلا بۇ نوقتىنى ئېنىقلىۋېلىشى لازىم، يەنى سىزنىڭ خېرىدارلىرىڭىز نەدە، ئۇلار سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىزنى قوللامدۇ؟
بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، مەيلى سىز ئائىلىڭىزدىن پۇل ئالغان بولۇڭ ياكى دوستىڭىزدىن قەرز ئالغان بولۇڭ، بانكىدىن قەرز ئالغان بولىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر خېرىدار سىزگە پۇل بەرمىسە، سىزنىڭ كارخانىڭىز ئاخىرىدا يەنىلا تىجارەت قىلالمايدۇ. بىر كارخانا پەقەت خېرىدار ئۈچۈن ئويلانغاندىلا، خېرىدار ئاندىن كارخانا ئۈچۈن قىممەت يارىتالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەيلى نەدىن تېپىپ كەلگەن پۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاخىرىدا يەنىلا قايتۇرۇش لازىم. پەقەت خېرىدار بەرگەن پۇلنىلا قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمايلا قالماستىن، ئەگەر سىز كارخانىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلالىسىڭىزلا، ئۇلار داۋاملىق سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ۋە مۇلازىمىتىڭىزنى سېتىۋالىدۇ.
سودا دۇنياسىدا مۇنداق بىر ھادىسە بار: ئومۇمەن ئېيىتقاندا، ئادەم سانى ناھايىتى كۆپ بولغان كارخانىلاردا، كەسپ مەسئۇللىرى ۋە سېتىشقا مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى دائىم بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە خېرىدارغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭقۇر تونۇش بار، ئۇلار خېرىدارلارنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
مايۈن نېمىشقا «خېرىدار بىرىنچى، خىزمەتچى ئىككىنچى، پايچەك ئۈچىنچى» دېگەن تىجارەت ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلىدۇ؟ سەۋەبى پەقەت خېرىدار پۇل بەرسە خىزمەتچى ئاندىن پۇل ئالالايدۇ، پەقەت خىزمەتچى بۇ پۇلنى كىرىم قىلالىغان ۋاقىتتا پايچەك ئاندىن پۇل تاپالايدۇ. ھالبۇكى، بىر قىسىم خوجايىنلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئايلىنىشىنى، ئۆزىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بۇنداقتا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھەرگىزمۇ بۇ تەرتىپنى قالايمىقان قىلىۋەتسە بولمايدۇ، بىر ياخشى كارخانا چوقۇم خېرىدارنى مەركەز، بازارنى يېتەكچى قىلىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئارقىسىدىكى خوجايىن خېرىدار بولۇپ، پەقەت خېرىدارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغاندا كارخانا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
بۇ قائىدىنى ئېيتىش ئاسان بولسىمۇ، بىراق كۆپ قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەسىلىگە بۇنداق قارىمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۆزلىرى خوجايىن بولغاچقا خىزمەتچىلەر چوقۇم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى كېرەك، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەركەز، پايدىنى يېتەكچى قىلىدۇ، ئەزەلدىن خېرىدارنىڭ ھېسىياتىنى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ، بازار ئەھۋالىنى چۈشىنىشكىمۇ قىزىقمايدۇ، پەقەت قارىغۇلارچە پىلان تۈزۈپ، ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنداق كارخانىنىڭ كەسكىن رىقابەتكە تولغان سودا مەيدانلىرىدا ئۇزۇن ۋاقىت پۇت تىرەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.
خىزمەتچى سىزنىڭ قولىڭىزدىن مائاش ئالغاچقا سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىشى مۇمكىن، بىراق خېرىدار سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ، سىز ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، ئۇلار يەنە نېمىشقا سىزگە پۇل بېرىدۇ؟ خوجايىن كىرىم قىلالمىسا، ئۇلار نېمىگە تايىنىپ مائاش تارقىتىدۇ؟ مائاش تارقىتالمىسىڭىز، خىزمەتچى يەنە سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلامدۇ؟ ئەگەر بۇ ئەھۋال ئىزچىل داۋاملاشسا، كارخانا چوقۇم ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر كارخانىنىڭ ياخشى قىلىش-قىلالماسلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل ئۇنىڭ خېرىدارغا كۆڭۈل بۆلگەن-بۆلمىگەنلىكىدە، خىزمەتچىلەرنىڭ خېرىدارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان-قىلالمىغانلىقىدا. كارخانىنى نورمال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىز چوقۇم «ھەممە خېرىدار ئۈچۈن» دېگەن ئىدىيە بويىچە خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك، مەسىلەن:
بىرىنچى، مۇۋاپىق ۋاقىتتا خېرىدار ئۈچۈن ئاشۇرما مۇلازىمەت تەمىنلىشىمىز، كارخانا ئۈچۈن ياخشى بولغان ماركا ئوبرازى تىكلىشىمىز كېرەك. خېرىدار ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت تەمىنلەش ئۈچۈن بولسا كارخانا ئوبرازىنى تىكلەش، ساغلام تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى. كارخانا خېرىدارلارنىڭ تىجارەت جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، خېرىدارلارنىڭ سادىقلىق دەرىجىسىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك.
ئىككىنچى، خېرىدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش كېرەك. كۈندىلىك خىزمەت جەريانىدا، كارخانا رەھبىرى ۋە خىزمەتچىلەر خېرىدارلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى، خېرىدارلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالىغا ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەمدە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش لازىم.
ئۈچىنچى، ساغلام تىجارەت مۇھىتى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. كارخانا خوجايىنى ۋە خىزمەتچىلەر كۈندىلىك خىزمەت جەريانىدا ھەر دائىم خېرىدارلار ئۈچۈن ئويلىنىشى، ھەممىدە خېرىدارلارنىڭ مەيدانىدىن چىقىشى، خېرىدارلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، بۇنداقتا ھەر بىر خېرىدارنى چۆپقەت قىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ كارخانىنى قانچىلىك چوڭ قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، خېرىدارلار سىزنىڭ ئەڭ چوڭ تىرىكىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىز خېرىدارلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا سەمىمىيەتسىزلىك قىلسىڭىز، خېرىدارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى بىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىڭىز چوقۇم ئەڭ چوڭ توسۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا بىر كارخانىنىڭ خوجايىنى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز چوقۇم خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ھەر ۋاقىت ئويلىشىشىڭىز كېرەك؛ خېرىدارنىڭ پايدىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىڭىز كېرەك؛ خېرىدارنىڭ مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىڭىز كېرەك... ئومۇملاشتۇرغاندا خېرىدارنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىڭىز كېرەك.
*****************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى