خوتەن قاشلىرىنىڭ جۇلاسى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
和田玉的光泽
خوتەن قاشلىرىنىڭ جۇلاسى دېگىنىمىز __________ خوتەن قاشلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ . خوتەن قاشلىرىنىڭ جۇلاسى ئۇنىڭ مايلىقلىق دەرىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئادەتتە خوتەن قاشلىرىنىڭ زىچلىقى يۇقىرى ، ساپلىقى يۇقىرى ( پاكىز ) بولسا جۇلاسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . زىچلىقى تۆۋەن ، ساپلىقى تۆۋەن ( تەركىبى پاكىز ئەمەس ) ، قۇرۇلمىسى شالاڭ بولسا جۇلاسىمۇ ناچار بولىدۇ .
خوتەن قاشلىرىنى باشقا قاش-تاشلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى دەل خوتەن قاشلىرىنىڭ جۇلاسى . ئەگەر جۇلالىسى بولمىسا خوتەن قاشلىرىنىڭ قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىدە تۇتىۋاتقان ئالاھىدە ئورنىمۇ بولمايدۇ. ئاقلىقىنى دېسەك روسىيە ۋە چىڭخەي قاشلىرى خوتەن قاشلرىىدىن ئاق . پاكىزلىقىنى دېسەك خوتەن قاشلىرىدىن پاكىز قاشلار كۆپ . جۇلاسى ۋە قاتتىقلىقى بولغاچقىلا خوتەن قاشلىرى كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
خوتەن قاشلىرىنىڭ جۇلاسى بىلەن ئىچكى قۇرۇلمىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، قاشنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى زىچ بولغاندىلا جۇلاسىمۇ ياخشى بولىدۇ.
مەنبە : 新疆和田玉 (白玉) 子料分等定级标准及图例 ناملىق كىتاب
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى