نامراتلاردا پۇرسەتنى بايقىيالايدىغان كۆز كەمچىل
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( ئىككىنچى كىتاپ )
پۇرسەتتىكى پەرق:
قوي مىجەزلىك نامراتلار پۇرسەت كۈتىدۇ, بۆرە خاراكتېرلىك
بايلار پۇرسەت يارتىدۇ
7-باپ 1-پاراگىراپ
نامراتلاردا پۇرسەتنى بايقىيالايدىغان كۆز كەمچىل
بايلارنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن چوڭ-كىچىك پۇرسەتلەر بار. چۈنكى ئۇلاردا پۇرسەتنى بايقىيالايدىغان كۆز بار ھەمدە بايقىغاندىن كىيىن ئۇنى تۇتالايدىغان جۈرئەت بار. شۇڭا ئادەم پۇرسەتنى تۇتۇشنى ئويلايدىكەن چۇقۇم بايقىيالايدىغان كۆزى بۇلۇشى كېرەك. نامراتلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلار پۇرسەتنىڭ يوقلىقىدىن ئاغرىنغاندىن كۆرە، پۇرسەتنى بايقىيالايدىغان كۆزنى يىتىلدۇرۇپ چىققان ياخشى.
ھەر بىر قېتىملىق پۇرسەت بەلكىم غايەت زۆر بايلىق يارتىشى مۇمكىن.شۇڭا نامراتلار ئەگەر باي بۇلۇشنى ئويلىسا، چۇقۇم ھەر بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكى ،پۇرسەتنى بايقاش ۋە چىڭ تۇتۇشنى ئۆگۇنۇشى كېرەك. نامراتلار تەلەيگە ھەدىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى ،ھەر قانداق غەلبىنىڭ جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشنىشى كېرەك.
پۇرسەت بىلەن بايلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن تالىشىشقا مۇھتاج. پەقەت ئاكتىپ ھەركەتلەنگەندىلا ئاندىن، ئۆزىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇرسەت ۋە بايلىق توپلايدىغان كۈچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بايلار تەسەببۇسكارلىق بىلەن پۇرستنى چىڭ تۇتىدۇ. لىكىن نامراتلار پاسسىپلىق بىلەن ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
نامراتلاردا پۇرسەتنى بايقىيالايدىغان كۆز كەمچىل
كىشلىك ھايات دېڭىز سۈيىگە ئوخشايدۇ،ئۇ بەزىدە تۆۋەنلەپ بەزىدە ئۆرلەپ تۈرىدۇ. ئادەملەرمۇ ياخىشى پۇرسەتكە ئىرىشسە بىر قەدەر ئۆرلەيدۇ. بەزى ئادەملەر ئەزەلدىن پۇرسەتكە يۇلۇقۇپ باقمىغاندەك بىر ئۆمۈر پۇرسەتنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۈرىدۇ. ئەمىليەتتە پۇرسەت ھەممىلا يەردە بار. ئاشۇ پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇردىغان ئادەملەرگە پۇرسەت كەم ئەمەس بەلكى پۇرسەتنى كۆرىدىغان كۆز كەمچىل.
نامراتلار بايلارنىڭ باي بۇلۇشىدىكى سەۋەبنى < ئۇلار تەلەيلىك بولغاچقا ياخشى پۇرسەت ئۇچىرىغان،ئەمما بىزگە ئۇنداق پۇرسەت ئۇچىرىمىدى > دەپ قارايدۇ. لىكىن ئەمىليەت ئۇنداق ئەمەس. بايلارنىڭ پۇرسەتكە كۆپ يۇلۇقىشى ئۇلارنىڭ پۇرسەتنى بايقاشقا ،كۈزىتىشكە ،ئايرىپ چىقىشقا ماھىر بولغانلىقىدىن. نامراتلار پۇرسەتنى بايقاشقا ماھىر ئەمەس،شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن پۇرسەتنى كۆرەلەيدىغان كۆز ئىنتايىن مۇھىم.
نۇرغۇن بايلارنىڭ باي بۇلۇشىدىكى سەۋەب- كۆپىنچە بايلىقنى ئۇلار بايقاپ تۇتالىغان پۇرسەت ياراتقان. تۇخۇم توخۇغا ئايلانغانغا ئوخشاش پۇرسەت باي ئادەمنى پەيدا قىلىدۇ. تۇخۇم بولمىسا تۇخۇ بولمايدۇ، توخۇ بولغاندىلا تېخىمۇ كۆپ تۇخۇم تۇغالايدۇ. بارلىق غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىدىكى ئەمەلىي كۈچ ئاساسىدا پۇرسەتنى توغرا كۆرەلەيدۇ ھەم تۇتالايدۇ. ئۇنىڭ ياردىمدە نىشانغا قاراپ ماڭىدۇ.
بىر نامرات رەسسام ھويلىسىدا ئولتۇرۇپ تەبئەت مەنزىرسى رەسىمى سىزىپتۇ. ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ رەسىم جازىسىنىڭ يېنىدا كىر يۇيىۋاتقان ئىكەن. رەسسام بىر ئاز سىزىپ، قولى تالغاندەك ھىس قىلىپ، ئادەتتىكىدەك قولىدىكى قەلەمنى تاشلاپتۇ. نەتىنجىدە بۇ تاشلىشى قەلەمدىكى كۆك رەڭنى ئايالى يۇيۇپ بولغان ئاق رەڭلىك كىيىمگە چاچىرتىۋېتىپتۇ.
ئايالى بىر تەرەپتىن نارازى بۇلۇپ بىر تەرەپتىن ئاق رەڭلىك كىيىمنى يۇيۇشقا باشلاپتۇ. لىكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ كىيىمدىكى رەڭنى چىقىرالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز بۇ پاكىز يۇيۇلمىغان كىيىملەرنىمۇ يېيىپ قۇيۇپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە رەسسامنىڭ ئايالى قۇرىغان كىيىملەرنى يىغقىلى چىقىپ، بۇ كىيمدىكى كۆك رەڭ چىقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، قۇياش نۇرىدا قۇرغاندىن كىيىن ئاۋالقىدەك پاكىز بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ.
رەسسام بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھىس قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىككىنچى كۈنى ئايالى كىر يۇيىۋاتقاندا قەستەن يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىپتۇ. ئىككىنچى كۈنىمۇ ئوخشاشلا بوياق بار كىيىم قۇرغاندىن كىيىن كىيىم ئۈستىدىكى كۆك رەڭنىڭ ئىزى كۈرۈنمەيلا قالماي، كىيىم تېخىمۇ ئاق پاكىز كۈرۈنىپتۇ.رەسسام ئۇچۈنچى كۈنى يەنە سىناپتۇ. نەتىنجە يەنە ئوخشاش چىقىپتۇ.
كۆزىتىشكە ماھىر رەسسام كەسپى ئادەتكە تايىنىپ، بۇ بەلكىم خاتا تۇيغۇ بۇلۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپتۇ. ئەمما تەكرار ئويلىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق < ئاق رەڭگە كۆپ مىقداردىكى كۆك رەڭ سىڭىپ كەتسە ئادەمنىڭ كۆزىدە بىر خىل خاتا سىزىم پەيدا بولۇپ ،ئەسلىدىكى رەڭ تېخىمۇ ئاپئاق كۈرىنىدىكەن > دىگەن خۇلاسىگە كەپتۇ. بۇ قىزىقارلىق بايقاشنىڭ سىرىنى بىلگەن رەسسام تەڭشەش ئارقىلىق بىر خىل سۇيۇقلۇقنى ياساپ چىقىپتۇ ھەم ئۇنىڭغا «كىيىمنى ئاقارتالايدىغان دورا سۇيۇقلىقى» دەپ نام قۇيۇپ، بازارلارغا ئەپچىقىپ سېتىپتۇ. ئۇنىڭ تەشۋىقاتى يېتەرلىك بولغاچقا، «دورا سۇيۇلىقى» ئىنتايىن بازار تېپىپتۇ. كىشلەر ئۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن، بەس-بەستە رەسسامنىڭ بۇ كەشپىياتىنى ماختاپ كىتىپتۇ. بىرى ئونىغا، ئونى يۈزىگە تارقىتىپ، بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشى تېخىمۇ تىز بوپتۇ. نامرات رەسسام باي بۇلۇپ كىتىپتۇ.
بايلارنىڭ باي بۇلۇش تەجىربىسى كۆپىنچە كىچىك ئشىلاردىن ئىلھاملىنىپ بارلىققا كەلگەن. ئەمىليەتتە پۇرسەت ھەممە يەردە ،ھەممە ئادەمدە بار. مۇھىمى سىزدە پۇرسەتنى بايقىيالايدىغان بىر جۇپ كۆز بارمۇ-يوق؟
«پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا بەكرەك ئامراق» دىگەن بۇ جۇملە پۇرسەت بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى روشەن ھالدا چۈشەندۈرىدۇ. ئالما يەرگە چۈشكەندە ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇنىڭ سەۋەبى توغرىسدا ئويلانمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇنداق ئىش ھەر كۈنى يۈز بېرىدۇ. نىمە قىزىقى بولسۇن دەپ قارايدۇ. لىكىن نىيوتۇن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان، شۇڭا ئالەمنىڭ تارتىش كۈچىنى بايقىغان. ئەگەر ئەينى چاغدا رەسسام كىيىمنىڭ پاكىز بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىمۇ، كۆز ئالدىدىكى بۇ پۇرسەتنى تۇتمىغان بولسا بۇ خىل ئاجايىپ دورىنى تەتقىق قىلىپ ساتالمىغان، باي بولالمىغان بولاتتى.
نامراتلار بېيىشنى ئويلايدىكەن چۇقۇم سىناپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئىدىيە تەييارلىقى بولمىسا، ھەر قانچە ياخشى پۇرسەت بولسىمۇ، قولدىن كىتىدۇ. پۇرسەتنى قولدىن بېرىپلا قويسا، قايتا تېپىش تەس. نۇرغۇن نامراتلار ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقىنىڭ سەۋەبىنى- پۇرسەت ۋە ياردەم قىلدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن، بايلارنىڭ ياخشى پۇرسەتنى ئوغۇرلاپ كەتكەنلىكىدىن كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ پۇرسەت بىلەن ئۇچرىشالماسلىقى نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھەقىقى بايلار پۇرسەت بولمىغانلىقتىن غەلبىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇلار تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ، كىملەردىندۇ ئاغرىنمايدۇ، باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆزىگە تايىنىدۇ.
ياخىشى شارائىت پۇرسەتكە ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ. بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز ياكى قىلالماسلىقىمىزغا تاساددىپى تەسىر كۆرسىتىدۇ. لىكىن بەزىدە ئۇ يەنە بەلگىلەش خاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ. نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ غەلبە قىلالماسلىقىنى غەلبە قىلالىغانلارنىڭكىگە ئوخشاش ياخىشى شارائىت كەم بولغانلىقتىن دەپ قارايدۇ. شارائىت بىر ئادەم تىزگىنلەيدىغان نەرسە بولمىسىمۇ، لىكىن بۇ بىزنىڭ تىرىشساقمۇ ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
پۇرسەت ئىلاھى دائىم بىزگە قولىنى سۆزىدۇ. لىكىن بىز دائىم كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرەلمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغىنىمىزغىلا كۈڭۈل بولىمىز. يېنىمىزدىكى ياخشى نىيەت بىلەن سۇزۇلغان قولنى مەھكەم تۇتمايمىز. پۇرسەت ھەممە ئادەمگە باراۋەر. بۇ يەردە پۇرسەتنى كىمنىڭ بايقىغانلىقى ،كىمنىڭ ئۇنى تۇتۋالالىغانلىقىغا قاراش كېرەك. بۇنىڭدا بەلگىلىك ئەقىل بۇلۇش ئىنتايىن زۆرۈر. نۇرغۇن نامرات ئادەملەر بىر ئۆمۈر نامرات ئۈتۈپ كىتىدۇ. ھەمدە ھەمىشە تەڭرىدىن ئاغرىنىدۇ. لىكىن ئۇلار ئازىراق بولسىمۇ بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
پۇرسەت كىشلەر ئارىسىدا مېڭىپ يۈرىدۇ. لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى بايقىمايدۇ ھەمدە چىڭ تۇتمايدۇ. بىر نامرات ئادەمگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ، پۇرسەتنىڭ يوقلىقىدىن ئاغىرىنغاندىن كۈرە پۇرسەتنى بايقىيالايدىغان بىر جۈپ كۆزنى تاۋلاپ چىققان ئەۋزەل.
*************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى