A-A+

نامراتلار يوقسۇزچىلىقنى قىيىنچىلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ، بايلار بولسا بەختنىڭ تۇپرىقى دەپ قارايدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 219 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

4-باپ 10-پارىگىراپ

نامراتلار يوقسۇزچىلىقنى قىيىنچىلىقنىڭ مەنبەسى دەپ

قارايدۇ، بايلار بولسا بەختنىڭ تۇپرىقى دەپ قارايدۇ

نامراتلار ئۆزلىرىنىڭ يوقسۇزلىقى ئۈچۈن ئازابلىنىپ، بۇنى قىيىنچىلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ.ئەمما بايلار يوقسۇزچىلىقنى بەختنىڭ ئۆسۈپ – يىتىلىش تۇپرىقى دەپ قاراپ،ئۆزلىرىنىڭ بايلارنىڭ ئەۋلادى بولمىغانلىقىدىن پەخرلىنىدۇ، چۈنكى بۇنداقتا ئۇلار بايلارنىڭ ئەجدادى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

يوقسۇزچىلىق نامراتلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىشكەل. ئۇلار نامراتلىقى سەۋەبىدىن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۆزىدىكى ئازغىنە ماغدۇرنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ ئۇلار نامراتلىقى سەۋەبلىك غايىسىنى يوقىتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق ئۇسۇللارنى قۇرۇق خىيال دەپ قارايدۇ؛ ئۇلار نامراتلىققا كۆنۈپ قالغان، يەنە بىر تەرەپتىن نامراتلىقتىن قورقىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار نامراتلىقنى ئۆزلىرىگە بولغان قارغاش، بىر خىل ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ھالەت دەپ چۈشىنىدۇ.

تۇرمۇشتا بىز ھەر ۋاقىت بۇ خىلدىكى ئىلگىرىلەشنى ئويلىمايدىغان نامراتلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بالا بولغان ئادەم دادىسىنىڭ پۇلى ۋە ئورنى يوقلۇقىدىن، ئۆزلىرىنى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتەلمىگەنلىكىدىن، داڭلىق ماشىنىلارنى ھەيدىيەلمىگەنلىكىدىن ۋە داڭلىق كارخانىلارغا كىرەلمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ. ئاتا – ئانا بولغان ئادەم بارلىق ئۈمىدىنى بالىسىغا باغلاپ، پەرزەنتلىرىنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، گەرچە ئۇلار قېرىلىق ھالىتىدىن قايتىپ كېلەلمىسىمۇ، بىراق ئىگىلىك يارىتىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ۋە زېھىن ئۇلاردا ئەلۋەتتە بار. ئاخىرىغا كەلگەندە بۇئىككى ئەۋلاد ئۆز – ئارا ئاغرىنىپ ئورتاق بولغان خۇلاسىگە كېلىدۇ: «ئەجدىرھانىڭ بالىسى ئەجدىرھا، سۇمۇرغنىڭ بالىسى سۇمۇرغ بولىدۇ، چاشقاننىڭ بالىسى ئارانلا تۆشۈك  تېشەلەيدۇ.»

نۇرغۇنلىغان نامراتلار ئۆزلىرىنىڭ  توققۇزى تەل دادىسىنىڭ بولۇشىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ ناھايىتى چوڭ ئىشلارنى قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. گەرچە بۇنداق ئويلارنىڭ ھەممىسى«ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىيىش» بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بايلىققا ئېرىشىشنى خالىمايدۇ. يەنە نۇرغۇنلىغان نامراتلار «ئېغىزىدا شەھەر ئېلىش» قا ئۇستا، ئۇلار دائىم پو ئېتىپ،ئەگەر ئۆزىدە دەسمايە بولسىلا جاھان ئەھلىنى ھەيران قالدۇردىغان چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئۇلار دائىم كىشىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: «مەندە بىر ياخشى تۈر بار، بىراق مەبلەغ يوق.» ئاندىن چوڭقۇر بىر ئۇھسىنىپ «قەھرىمان بولۇپ قورالى بولمىغاندەك» ھالەتتە تۇرىدۇ.

بۇ خىلدىكى تۈرلۈك – تۈمەن نامراتلارغا سېلىشتۇرغاندا، نامراتلىق ئىچىدىن يىتىشىپ چىققان بايلار ئىشنى ئەمەلىي قىلىدۇ، ئۇلار يوقسۇزچىلىقنى ئۆزلىرىگە ئىلھام بۇلىقى قىلىدۇ. قىيىنچىلىق بولغاچقا، ئۇلاردا كۈچلۈك باي بولۇش ئىستىكى بولىدۇ؛قىيىنچىلىق بولغاچقا، ئۇلار ئۆزىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، توختىماستىن پۇل تېپىش يولىنى ئىزدەيدۇ؛ قىيىنچىلىق بولغاچقا، ئۇلار تەۋەككۈل قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن، ھەتتا بەزىدە ھەممە نەرسىسىنى دوغا تىكىدۇ. بۇ بايلار توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق غايەت زور بايلىققا ئېرىشكەن ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىنى ئەسلەيدۇ، ھەمدە شۇ قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن دەقىقىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، چۈنكى ئۇلارئاشۇ ۋاقىتتىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى بۈگۈنكى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

چېن لىخۇا ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىرىنچى باي ئايال ئىدى، بىراق ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئوقۇشتىن چېكىنىپ، ئائىلەجابدۇقلىرى رېمونتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.

چېن لىخۇانىڭ ئادەمگەرچىلىكى ياخشى، ھەمدە سودا تەجىرىبىسى مول بولغاچقا، ئۇنىڭ سودىسى ناھايىتى ئېقىپ كەتكەن، ئوزۇن ئۆتمەستىن ئۆزىگە تەۋە ئائىلە جابدۇقلىرى زاۋۇتىغا ئىگە بولغان. 1982 – يىلى ئۇ شاڭگاڭغا كۆچمەن بولۇپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلەجابدۇقلىرى سودىسى قىلىپ تاپقان پۇلىغا 12 ئورۇندىن داچا سېتىۋالغان، ئۇ ناھايىتى تۆۋەن باھادا سېتىۋالغاچقا، قولدىن – قولغا ئۆتۈپ ناھايىتى نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن.

1996 – يىلى چېن لىخۇا بەش مىليارىدتىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ بېيجىڭ چاڭئەن كۇلۇبىنى قۇرۇپ چىققان، بۇ كۇلۇب ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى شەخسىي كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كىيىن، بەزىلەر ئۇنىڭدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغان – ئەپسۇسلانمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇكۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئەمەلىيەتتە، نامراتلىق بىر ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپ.»

نۇرغۇنلىغان بايلار چېن لىخۇاغا ئوخشاشلا ئىش باشلىغاندا پۇلى بولمىغان، بىراق ئۇلار يوقسۇزچىلىقنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ناھايىتى ماھىر. ئۇلار تەغدىرگە، ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ،ئۇلارنىڭ بايلىققا ئېرىشىش ئىستىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان بولۇپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۇلار ئەمەلىيەتكە چۆكۈپ قاتتىق كۆرەش قىلىدۇ.

نامراتلارنىڭ كۆڭلىدە بايلارغا ئوخشاش كۈچلۈك بايلىققا ئېرىشىش ئىستىكى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش تەس بولۇپ، پەقەت كىنولاردا ۋە قۇرۇق خام خىيالدىلا مۇۋەپپەقىيەت مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنداقتا، نامراتلاردا راستتىنلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىن ئۈمىد قالمايدۇ، چۈنكى سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش – قازىنالماسلىقىڭىز سىزدىكى ئارزۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە باغلىق. پەقەت كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكى بولغان ئادەملا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى تىرىشچانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ – دە،ئۆزىنىڭ نامرات ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، گەرچە نامراتلاردا بىر مىليون، ئون مىليون پۇل بولسىمۇ، ئۇلار پەقەت پۇلدار ئادەم دىگەن ئاتاققا ئېرىشەلەيدۇ، ھەرگىزمۇ «باي» دەپ ئاتىلالمايدۇ.

ئامېرىكىدا فۇل ئىسىملىك بىر كىچىك بالا بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە سەككىز بالا بولغاچقا، تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتەتتى، شۇڭا ئۇ بەش ياش ۋاقتىدىلا چوڭلارغا ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلاپتۇ.

مۇشۇنداق بىر نامرات ئائىلىدە شۇنداق بىر ئالاھىدە ئانا بولۇپ، ئۇ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ ناھايىتى مولچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇنداق يوقسۇز بولماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلىدىكەن. پەقەت پۇرسەت بولسىلا، ئۇ فۇلغا: «مەن بىزنىڭ يوقسۇز بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن، بۇنىڭ تەڭرى بىلەن ئازراقمۇ مۇناسىۋىتى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى سېنىڭ داداڭدا ئەزەلدىن باي بولۇش ئىستىكى پەيدا بولمىغان، ھەتتا ئائىلىمىزدىكى ھەر قانداق ئەزا بۇ خىل ئويدا بولۇپ باقمىغان.» دەيدىكەن.

ئانىسىنىڭ يوشۇرۇن تەسىرى سەۋەبلىك، فۇلدا كىچىكىدىن باشلاپلا مۇنداق بىر ئوي پەيدا بولغان: ئاتالمىش يوقسۇزچىلىق باي بولۇش ئىستىكى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك پەيدا بولغان. بۇ قاراش فۇلنىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ بوشاشماس تىرىشچانلىقى ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق بايغا ئايلانغان. ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈستىدە گەپ بولغاندا، ئۇ ئانىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ شۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئىلگىرى نامرات بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب دادامدا ئەزەلدىن باي بولۇش ئىستىكى پەيدا بولمىغان، ئەمما مەن ھەمىشە بايلارنىڭ ئەجدادى بولۇشنى ئويلايمەن.»

يوقسۇزچىلىق بىر ئۇستاز، ئۇ بىزگە باي بولۇشتىكى ئەقىل – پاراسەتنى تەغدىم قىلىدۇ. جون.روكفېللېرئىلگىرى ئوغلىغا تەلىم بېرىپ: «مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، نامراتلىقمۇ ئادەمنىڭ مەبلىغىگە ئايلىنالايدۇ، مەن بۇنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن. مەن ھەر قېتىم بۇنى ئويلىسام تەڭرىدىن مىننەتدار بولىمەن، چۈنكى ئۇ ماڭا سەندە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بايلىقنى ھەدىيە قىلغان. سەن چوقۇم مېنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىمدىكى ئائىلىمىزنىڭ قانچىلىك قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بەزىدە ئۈچ ۋاق تويغۇدەك تاماق يوق كۈنلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىنى ئويلاپ يىتەلمەيسەن.» دىگەن.

شۇنداق،بايلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئاشۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئەڭ ئاۋۋال قىلىش كېرەك بولغىنى ئاغرىنىشنى توختىتىش، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىش.يوقسۇزچىلىق ھەرگىزمۇ قىيىنچىلىقنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ بەختكە ئېرىشىشڭىزدىكى تۇپراق. ئاغرىنىش رېئاللىقنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدۇ، بايلىقنى سىزدىن تېخىمۇ يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى، «فوربىس» ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان بايلارنىڭ بىرىمۇ لاتارىيە سېتىۋېلىشقا تايىنىپ باي بولغان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن جاسارەتلىك ھالدا باي بولۇشنى ئويلاڭ، ھەر قانداق ئادەم سىزنىڭ باي بولۇش ئىستىكىڭىزنى تارتىۋالالمايدۇ، پەقەت سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالىسىڭىزلا بايلاردىن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.

ئەلۋەتتە، باي بولۇش ئىستىكىدە بولۇش ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ، ھەقىقىي بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن توختىماستىن ئىشلەش، ئۆزىنىڭ غايىسىگە نىسبەتەن بىر چەك بەلگىلەپ، ئۇنى بىركونكېرىت پىلان سۈپىتىدە يۈرگۈزۈش لازىم. سىز ئىشلىرىڭىزنى ياخشى ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرسىڭىز، سىزنىڭ غايىڭىزمۇ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار يوقسۇزچىلىقنى «يولنى توسۇپ ياتقان يىلان» غا تەققاسلايدۇ، بايلار بولسا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى كۈچ مەنبەسى دەپ قارايدۇ. «ئالەمنى مالىمان قىلغۇچى» ناملىق كىنودا، ئايال باش قەھرىمان ئۇرۇش تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىش خەۋبى بولغان يۇرتىنىڭ ھالىتىگە قاراپ، ئاچ – ماغدۇرسىز ھالدا تەڭرىگە شۇنداق قەسەم قىلىدۇ:«تەڭرىم سەن ماڭا گۇۋاھ بولغىن، مەن ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بىتچىت بولمايمەن، ئەڭ ئازابلىق بۇ دەقىقىلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن،مەن ئۆزۈم ۋە قېرىنداشلىرىمنى قايتىدىن ئاچلىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىمەن.»

بۇ دەل يوقسۇزچىلىق ئېلىپ كەلگەن كۈچ، نامرات ياكى باي بولۇش سىزنىڭ بۇ خىل كۈچتىن

پايدىلىنىشنى بىلىش – بىلمەسلىكىڭىزگە باغلىق.

*****************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ