ئورتاق تەرەققىي قىلالايدىغان ھەمكارلاشقۇچى تېپىپ چىقىش كېرەك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
8-دەرس 4-پارىگىراپ
ئورتاق تەرەققىي قىلالايدىغان ھەمكارلاشقۇچى تېپىپ
چىقىش كېرەك
مايۈننىڭ قارىشىچە، ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە تېخى مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تەشنا بولۇۋاتقان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئەڭ ياخشى ئىش. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بولغانلارنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ 35 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان پۇلى بار كىشىلەر، ئۇلار ئاللىقاچان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بولغاچقا بىللە ئىگىلىك تىكلەش ناھايىتى تەس.»
ھالبۇكى، كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىختىساسلىق خادىملارنى تاللىغاندا بىر خىل خاتا چۈشەنچىگە ئېسىلىۋالىدۇ، ئۇلار ئەڭ ئىقتىدارلىق كىشىلەر ياكى مەلۇم جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار، ھەمدە ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلىيالايدىغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشسا تېخىمۇ كۆپ قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنداق قىلىپ، تېخنىكا بىلىدىغانلار پۇل چىقىرالايدىغان ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئىزدەيدۇ؛ باشقۇرۇشقا ماھىرلار بازار ئاچالايدىغان ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئىزدەيدۇ؛ سېتىشنى بىلىدىغانلار مەبلەغ سېلىش تۈرى بار ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئىزدەيدۇ... ئەلۋەتتە بۇ خىلدىكى ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تولۇقلىيالايدىغان ھەمكارلاشقۇچىلارنى تېپىش ناھايىتى ياخشى ئىش. ئەمما بەزىدە كىشىلەر پەقەت ھەمكارلاشقۇچىنىڭ ئىقتىدارىغىلا قاراپ، ئۇنىڭ ئادەمگەرچىلىكىگە ۋە ئۆزى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ھەمكارلىشالايدىغان ياكى ھەمكارلىشالمايدىغانلىقىغا سەل قارايدۇ، بۇ ئەمدىلا بازارغا كىرگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۆپلەپ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
بىز دائىم كارخانىدا مۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرەلەيمىز: ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ھەمراھلار ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ھەمدە بىرلىكتە ماڭالايدۇ، ئەمما قانداق قىلىپ «قان بىلەن گۆشتەك» بولۇشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا كارخانا تۈرلىرىنى ياخشى تاللىسىمۇ، ھەمكارلاشقۇچىنىڭ ئىقتىدارى يېتەرلىك بولسىمۇ بىر-ئىككى يىلدىلا ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. گەرچە بۇنىڭدا تۈزۈلمە مەسىلىسى بولسىمۇ، بىراق مۇتلەق كۆپ قىسىمى يەنىلا ھەمكارلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىيات ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇلى، كارخانا تەرەققىياتىنى ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان سۈپىتىدە كۆرمىگەنلىكى قاتارلىق سەۋەپلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىدۇر.
جۇڭگودا مۇنداق ئەقلىيە سۆز بار: كىچىك غەلبە ئەقلگە، چوڭ غەلبە ئەخلاققا تايىنىدۇ. شۇڭا ھەمكارلاشقۇچىلارنى تاللىغاندا بۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقىغا قاراش كېرەك. پەقەت ئەخلاقلىق كىشىلەرلا سىز بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ھەمكارلشالايدۇ، بىللە تەرەققىي قىلالايدۇ.
بىز مايۈننىڭ پەقەت ئۆزىگە تايىنىپلا بۈگۈنكىدەك غەلبىنى قولغا كەلتۈرمىگەنلىكىنى بىلىمىز. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ بېيجىڭدىن خاڭجۇدىكى خۇپو گۈللۈكىگە قايتىپ كېلىپ، 18 نەپەر ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە بىر تۈمەن، 5 تۈمەندىن پۇل چىقىرىپ ئالى بابانى قۇرۇپ چىققان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ كەسپى ساھەدىكىلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئىنتېرنېت سودا سۇپىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلار «102 يىللىق كارخانا قۇرۇپ چىقىش» تىن ئىبارەت ئورتاق نىشاننىڭ تۈرتكىسىدە قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن كۈرەش قىلىپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.
مايۈننىڭ ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە «18 نوچى» نىڭ سەۋرچانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئالى بابانى قۇرۇپ، ئاخىرىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن سىرىت، نيۇ گېنشىڭمۇ بىر توپ ئەخلاقلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە مېڭنيۇ گۇرۇھىنى قۇرۇپ چىققان. مېڭنيۇ گۇرۇھى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇلار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغان، ھەتتا رەقبلىرى تەرىپىدىن ئۆزىنى رۇسلىۋالغىدەكمۇ ئورۇن قالمىغان، ئەمما ئۇنىڭ شېرىكلىرى ۋاز كەچمەستىن جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئاخىرىدا بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ھەمكارلاشقۇچى تېپىش ئىگىلىك تىكلەشكە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم. سىز ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھېسىياتىغا تايىنىپ ئىش قىلسىڭىز بولمايدۇ، سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ ئىش باشلىسىڭىز تېخىمۇ بولمايدۇ، ئىش قىلىشتا چوقۇم ئەستايىدىل بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پوزىتسىيىڭىز ناھايىتى مۇستەھكەم بولسا، ھەمدە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان پىسخىكا تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەمكارلاشقۇچىلارنى تاللىغاندا سىز چوقۇم تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك:
ئاۋال، سىز ئۆزىڭىز بىلەن ئورتاق نىشانى بار، كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىنى نىشان ئورنىدا كۆرىدىغان ھەمكارلاشقۇچى تېپىشىڭىز كېرەك. ئومۇمەن ئېيىتقاندا، كۆپچىلىك ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەخسەت: كارخانا كۆلىمى كىچىك ۋاقىتتا پۇل تېپىش، كارخانا كۆلىمى چوڭايغاندىن كېيىن تېخىمۇ بۈيۈك نىشان ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت. بىراق كارخانا كۆلىمى كىچىك ۋاقىتتىلا تاپقان پۇلنى بۆلۈشۈش مەسىلىسى بولىدۇ، كارخانا كۆلىمى چوڭايغاندىن كېيىن قانداق باشقۇرۇش ۋە قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىش مەسىلىسى بولىدۇ، ھەمدە بۇ مەسىلىلەر ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ.
بىر كارخانىغا نىسبەتەن، ئەگەر كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى خىزمەت نىشانى قاتارىدا كۆرىدىغان ئادەم بولمىسا، خادىملارنى ئۇيۇشتۇرالايدىغان كوللىكتىپچانلىق روھى بولمىسا، كوللىكتىپنىڭ ئورتاق نىشانى بولمىسا، بۇ خىلدىكى كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، سىز چوقۇم ھەمكارلاشقۇچىڭىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش خەتىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئالالايدىغان ياكى ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ئىگىلىك تىكلەش خەتىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خەتەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ھەمكارلاشقۇچىڭىزنىڭ سىز بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنەلەيدىغان ياكى يۈزلىنەلمەيدىغانلىقىنى، ھەمدە سوغۇققان پوزىتسىيە بىلەن مەسىلە ھەل قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىڭىز يۇقىرىدىكى ئىككى نوقتىنى ھازىرلىغان بولسا، سىز ئۇنداقتا ھەمكارلاشقۇچىڭىزنىڭ خاراكتېرىنىڭ باشقىلار بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك. ئومۇمەن ئېيىتقاندا، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشتە بىر ئادەم خەتەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنە كېلىپ بىر ئادەمنىڭ دېگىنى ھېساب. ئەمما ھەمكارلاشقان كارخانىلاردا ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خوجايىن، ئورنى باراۋەر، ھەرگىزمۇ مەلۇم ئادەم ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالمايدۇ. ھەمكارلاشقان كارخانىلاردا، ھەمكارلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خوجايىن بىلەن خىزمەتچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشىمايدۇ، ھەمكارلاشقۇچىلار چوقۇم ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى ۋە ئىشىنىشى كېرەك.
ھەمكارلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئادەتتىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن تېخىمۇ مۇرەككەپ، بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ. شۇڭا خاراكتېر جەھەتتە ھەر خىل مەسىلە ساقلانغان، بولۇپمۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالمايدىغان، كوللىكتىۋىزىملىق روھى كەمچىل كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، سىلەر چوقۇم مەغلۇب بولىسىلەر!
ئاخىرىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە: سىز چوقۇم ھەمكارلاشقۇچىڭىزدىن نېمىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى، ھەمدە ئوتتۇرۇڭلاردا ئۆز-ئارا تولۇقلايدىغان مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئويلىشىشىڭىلار كېرەك.
سىز چوقۇم ھەمكارلاشقۇچىڭىزدىن مەبلەغ، تېخنىكا، مۇناسىۋەت، سېتىش تورى، يەر ۋە تىجارەت سورۇنىغا ئېرىشمەكچىمۇ ياكى تىجارەتتىكى باشقا نەرسىلەرگىمۇ ئېرىشمەكچىمۇ، بۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەك، بۇلارنى ئۆزىڭىز يالغۇر ھەل قىلىشىڭىز تەسكە توختايدۇ. ئەگەر سىز بۇ مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئېنىق قىلىۋالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز جاسارەت بىلەن ھەمكارلاشقۇچىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىسىڭىز بولىدۇ؛ ئەمما سىز بۇ مەسىلىلەرنى داۋاملىق ئويلىشىش كېرەك دەپ قارىسىڭىز، ھەمكارلاشقۇچىڭىز ئىگە بولغان ئىقتىدار ۋە تېخنىكىغا قارىتا خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئالدىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئومۇمەن ئېيىتقاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر چوقۇم بىر نوقتىغا دېققەت قىلىشى كېرەك: ھەمكارلاشقۇچى تاللىغان ۋاقىتتا، چوقۇم بۇنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قاتارىدا كۆرۈش كېرەك، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئىگىلىكىڭىزنىڭ غەلبە قىلىدىغان ياكى مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
**************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى