بايلار ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ
سۈرەتتە : جۇڭگۇدىكى ئەڭ قالتىس CEO نىڭ بىرى ، جۇڭگۇدىكى تەسىر دائىرىسى ئەڭ كۈچلۈك كارخانىچىنىڭ بىرى ، TCL گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى ، مىليادىر لى دوڭشېڭ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
بۇ دۇنيا ئىنتايىن تىز ئۆزگىرىدۇ. ھەر مېنۇت ۋە سېكونتتا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بايلار ئۆزگىرىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشنى باتۇرلارچە قۇبۇل قىلىدۇ ۋە ماسلىشىدۇ. ئاتالمىش «ھەممە ئىشنىڭ يۇلى بار» دىگەنلىك ، باشقىلار ئاللىقاچان ئېچىپ قويغان تەييار يولدا مېڭىش ،دىگەنلىك بولۇپ ، كىشىلىك تۇرمۇشتا بايلار ئۆزىگە تەۋە بولغان يولنى ئېچىشنى ئويلايدۇ. نامراتلار ئەكسىچە باشقىلار ئېچىپ قويغان يولدا مېڭىشنى خالايدۇ. ئۇلار ‹ بۇ يولدا ئىلگىركىلەر ماڭغان شۇڭىلاشقا بىخەتەر ئىشەنچىلىك› دەپ قارايدۇ. ئاشۇ دەقىقىدىكى راھەت تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىنىڭ بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
نامراتلار ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ يېڭىلىق يارتىشقا ھورۇن، ئۇلار بىر ئىش قىلىش قائىدىسىگە ئادەتلەنسىلا ھەمىشە قائىدىدىن چەتنىمەيدۇ، تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولۇشنى خالىمايدۇ. ئۆزگىرىش بولسىلا ئىشلار ئەڭ يامان، پەرەز قىلىش قىيىن بولغان تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلدىغاندەك ھىس قىلىدۇ. دەل مۇشۇ نۇقتا نامراتلارنىڭ چوڭ ئىش قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدۇ ۋە مۇتەئەسسىپلىك قىلىدۇ. ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئىجاد قىلغان تەغدىردىمۇ ئۇلار ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ تەرەققىيات قانۇنيىتىى بىلەن ماس كەلمەيدۇ.
نامراتلار بىلەن ئوخشاش بولمىغىنى بايلار ئۆزگىرىشكە دۈچ كەلگەندە ھەمىشە سەزگۇر ھۆكۈم قىلش بىلەن بىرگە ئامال تېپىپ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىدۇ ھەمدە دەل ۋاقتىدا ئىشلارنى رەتكە سالىدۇ. بايلار ئۆزگىرىشتىن قورقمايدۇ. كونا قائىدە - يوسۇنلارغا ئېسىلۋالمايدۇ، ئىگلىك تىكلەشكە جۇرئەت قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش بولمىغان يولدا مېڭىشقا جۇرئەت قىلىدۇ، شۇڭىلاشقىمۇ ئاخىرى غەلبە قىلىدۇ.
سامسۇڭ گورۇھى 1938 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرغۇچىسى لى بىڭجې. دەسلەپتە سامسوڭ مەھسۇلاتلىرى كورىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنۋىرسال سودا ساھەسى بولۇش سۈپىتىدە كورىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىدا تولىمۇ مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. كورىيەنىڭ سودا ساھەسىگە باشلامچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە كورىيەنىڭ سانائەت تەرەققياتىدىمۇ غايەت زور رول ئوينىغان.
سامسوڭ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە لى بىڭجې ئەينى چاغدىكى دۆلەت ئىچى بازىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ قەغەز ياساش، ئانتىبىئوتىك ۋە ئاق شېكەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى بوشلۇقنى بايقىغان ھەمدە بۇ مەھسۇلاتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ بۇلاردىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بايقىغان. سودا پۇرستىنى كورگەن لى بىڭجې بۇ مەھسۇلاتلارنى بۈسۈش ئېغىزى قىلىشنى قارار قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ياساشقا كىرىشكەن.
ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاللىغىنى شىكەر ئىشلەپچىقىرش بۇلۇپ، بۇ تاللاش ئەينى چاغدا كورىيە سودا ساھەسىدىكى كۈلكىگە ئايلانغان. نۇرغۇن كىشلەر ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى ساراڭلىق دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ھەركىتىگە گۇمانلىنىش نەزىرىدە قارىغان. گەرچە باشقىلار مەسخىرە قىلسىمۇ، ئەيىپلىسىمۇ لىكىن لىبىڭجې ۋاز كەچمىگەن. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. جەمئىيەتتىكى ئەيىپلەش ئۇنى كەينىگە چىكىندۈرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭ شىكەر ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن. شىكەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى دەسلەپتە گۇمانلانغان نۇرغۇن كىشلەرنى دوراتقۇزغان. لېكىن كىيىن شىكەر زاۋۇتى كۆپلەپ قۇرۇلغانلىقتىن، بازاردىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىپ تويۇنۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. كىشى يىغلاشنى ياكى كۈلۈشنى بىلمەيدىغان بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ يەنىلا شكەر زاۋۇتىدىن غايەت زور پايدا ئالغان.
سامسۇڭنىڭ قۇرغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ «ئىگلىك تىكلەشتىكى ئاجايىپ ئىقتىدارلىق ئادەم» دەپ نام ئالغان. گەرچە ئىقتىساتتا نەچچە قېتىم ئۆرلەش - تۆۋەنلەش بولسىمۇ، لىكىن ئۇ باشتىن - ئاخىرى ۋەيران بولمىغان. شانلىق نەتىجىلەرگە يۈزلەنگەن ۋاقىتتىمۇ، ئاسانلىقچە قانائەتلەنمىگەن. ئۇ ھەمىشە ۋەزىيەتنى كۈزىتەتتى. ئۆتمۈشتىكى مەغلۇبىيەت ۋە تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى خولاسىلەپ بولغاندىن كىيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جەڭ ئېلان قىلىشنى باشلايىتتى. ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ نىمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالاتتى. بۇ ئۇنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئاساسىنىڭ بىرى. ئۇ ئىسمى - جىسمىغا لايىق باي. ئۇ ئەجىر قىلىپ سامسۇڭ گوروھىنى كونا قائىدە – يوسۇنلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن چىقارغان ھەم بىر ئىزىدا توختاپ قېلىشىغا يول قويمىغان. چۈنكى ئۇ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزگىرىش، بۆسۈپ كىرىشنىڭ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ مەقسىتى ھەم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
بايلارنىڭ باي بولۇشى ئۈچۈن سان - ساناقسىز يوللار بار. لېكىن بۇ باشقىلار مېڭىپ قويغان كونا يول ئەمەس. بايلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە سەگەك كاللىسى بار. پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكىلى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كاللىسىدىكى ئەقىل - پاراسەت مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، ئالغانغا تۈگىمەيدۇ، ئىشلەتكەنگە خورىمايدۇ، ئۇ بايلىقنىڭ مەنبەسى. نامراتلار پەقەت غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ. بۇ ئەينى چاغدىكى مەسخىرە قىلىنغان ،گۇمانلانغان كىشلەرگە ئوخشايدۇ. باشقىلار ئىجاد قىلسا ئۇلار مەسخىرە قىلىدۇ. باشقىلار غەلبە قىلسا ئۇلار دوراشقا باشلايدۇ. چۈنكى نامراتلار ئۆزىنىڭ نىمە قىلالايدىغىنىنى مەڭگۈ ئايدىڭلاشتۇرالمايدۇ. ئۇلار پەقەت بايلار غەلبە قىلغاندىن كىيىن قارغۇلارچە ئەگىشىدۇ. نامراتلار كونا قائىدە - يوسۇنلارغا ئېسىلۋېلىشقا ئادەتلەنگەن. تەلەپ قىلىدىغىنى خاتىرجەم، خىيىم - خەتەرسىز تۇرمۇش.
ھەقىقىي بايلار خېلىلا تېتىك كىشىلەر بولۇپ، يېڭى ئىدىيەنى تىز سۈرئەتتە قوبۇل قىلالايدۇ ھەمدە ئۆزگىرىشكە ماسلىشالايدۇ. بايلار ھەمىشە ئۆزگىرىش ئىچىدىن يېڭى ئۇسۇلنى تاپىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ يەنە ئۆزگىرىش يۈز بەرسىمۇ، ئۆزگىرىش ئىچىدىن يېڭى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بايلار ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى يېڭىلاشنى بىلىدۇ. ئىدىيەسىنى، ھەركىتىنى يېڭىلايدۇ. ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىدۇ ۋە ۋاقتىدا ماسلىشىدۇ.
نامراتلارنىڭ ئىشنى ياخشى قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇلار قائىدە - يوسۇنلارغا ئېسىلۋېلىشقا ئادەتلەنگەن. ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشقا ئامالسىز. نامراتلارنىڭ بىلىم دائىرىسى ھەمىشە ناھايىتى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا توختاپ قالغان، بۇرۇنلا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بىلىملەر بولۇپ، ئۇلار بۇنى ناھايىتى تەستە ھىس قىلالايدۇ ياكى ھېس قىلالمايدۇ. ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇلار تىنىچ، راھەت ياشاشنى ئويلايدۇ. يېڭى بىلىملەرنى پەقەتلا ئۆگەنمەيدۇ. ئەكسىچە بايلار ئۆزى ئۈچۈن يېڭى بىلىملەرنى توپلاشنى بىلىدۇ. ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگۇنۇشنى خالايدۇ. يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىش جەريانىدا ئۇلار ھەم ئۆزگىرش ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقتىن ھوزۇرلىنىدۇ ھەم يېڭى بىلىمگە ئېرىششتىن كەلگەن غەلبە تۇيغۇسىدىن ھوزۇرلىنىدۇ.
«كىم مېىنىڭ ئېرىمچىكىمگە چېقىلدى؟» ناملىق ئەسەر ئامېركىدىكى داڭلىق تەپەككۇر ئاۋانگارتى ۋە بازارلىق كىتاب يازغۇچىسى دوكتۇر پېنسىرنىڭ داڭلىق ئەسىرى .كىتاپتا ئىككى چاشقان ۋە ئىككى ۋىجىك ئادەم بىرلا ۋاقىتتا س ئۇرۇننى ئىزدەيدۇ. س ئۇرۇندا ناھايىتى كۆپ ئېرىمچىك بۇلۇپ، ئۇ يەردىكى ئېرىمچىك يىيىلىپ تۈگىگەندە ئىككى چاشقان زىرەكلىك بىلەن ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، توغرا تاللاپ، يىگىدەك ئېرىمچىك بولمىغان س ئورۇندىن ئايرىلىدۇ. لېكىن ئىككى ۋىجىك ئادەم ئىرىمچىكنى يەنە قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ۋىجىك ئادەم يەنە بىر ئۇرۇندا ئېرىمچىك بارلىقىنى بايقايدۇ. تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ن ئورۇننى تاپىدۇ ھەمدە مەززىلىك ئېرىمچىكتىن ھوزۇرلىنىدۇ. ئەمما يەنە بىر خېڭخىڭ ئىسىملىك ۋىجىك ئادەم كونا قائىدىگە ئېسىلىۋېلىپ ئاۋالقىدەك ئېرىمچىك يوق س ئۇرۇندا تۇرىۋېرىدۇ.
«مېنڭ ئېرىمچىكىمگە كىم چېقىلدى» ناملىق بۇ ئەسەر كىشلەرگە مۇنداق ئىلھام بېرىدۇ: ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشى، كونا قائىدە –يوسۇنلارغا ئېسىلۋالماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا چوقۇم ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بايلار بولسا ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارى بولغان ئادەملەردۇر. ئۇلار يېڭى ئەھۋالدا يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىيالايدۇ. ئۇنىڭدىن يېڭى يول تاپىدۇ. يېڭى تەجىربە - ساۋاقلارنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ. بايلارنىڭ ئۆزگىرىشكە ماسلىشالىشى بىر خىل قابىلىيەت. «ئېرىمچىك» مەڭگۈلۈك ئەمەس، چۈنكى ئۇ ھامان بىر كۈنى يەپ تۈگىتىلىدۇ. شۇڭا كىشلەر ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشى ، ۋىجىك ئادەم خىڭخىڭغا ئوخشاش ئۆزگىرىشنى رەت قىلماسلىقى، كونا قائىدىلەرگە يېپىشۋالماسلىقى كېرەك.
رېئال تۇرمۇشتا دائىم كونا قائىدىگە ئېسىلۋالدىغان، ئۆزگىرىشىنى بىلمەيدىغان ئادەم نۇرغۇن. ئۇلارنىڭ ماڭغىنى قاراڭغۇلۇق، ئۇلار ئېنىقلا باشقا ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار تۇرۇپ جاھىللىق قىلىدۇ. ئۇلارچە چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن مەقسىتىگە يىتىش كېرەك. شۇڭا كونا قائىدىگە ئېسىلۋېلىش نامراتلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى. ئۇلار ئۆلۈك قائىدىنى تونۇپ، پاكىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. نەتىجىدە نامراتلىق ئۇلارغا ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
بايلار شارائىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالىدۇ. نامراتلار راھەت-پاراغەت ئۈچۈن كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالىدۇ. مانا بۇ نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق. كونا قائىدىگە ئېسىلىۋالدىغان نامراتلار بۇ خىل ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. چۈنكى يامان ئادەتنى ساقلاپ قالسا، مۇنداق ئادەتلەر مۇۋەپپەقىيەت يولىنى توسىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ بايلارغا ئوخشاش ئۆزگىرشكە ماسلىشىشى، ئۆزگىرىشنى قىزغىن كۈتىۋېلىشى لازىم.
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلار تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىسا «كىم مېنىڭ ئېرىمچىكىمگە چېقىلدى؟» ناملىق ئەسەردىكى ئىككى چاشقانغا ئوخشاش ئىشنىڭ ئۆزگىرىشنى بالدۈر تونۈشى ھەمدە كىچىك ھالقىلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە ياخشى ھەل قىلش ئۇسۇلىنى تاپالايدۇ. كونا پىرىنسپقا ئېسىلۋېلىش ھاماقەتلىك ۋە نامراتلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. پەقەت بايلارغا ئوخشاش ئۆزگىرىشنى ۋاقتىدا كۈتۋالساق ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى