A-A+

سودىدا ئەخلاقى پەزىلەتنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك

2015-يىل 1-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 299 قېتىم

جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى

145701pe2u8dlwu6x7uzro

ئون تۆتىنچى باب

تىجارەتنى ئەخلاق – پەزىلەتكە ئۇيغۇن قىلىش، قىلىشقا تېگىشلىك

ئىشنى قىلىش، قىلماسلىققا تېگىشلىكنى زادىلا قىلماسلىق كېرەك

*ئىناۋەتنىڭ ئۈستىدىلا ئالتۇن خەتلىك لەۋھە تۇرىدۇ

   نۇرغۇنلىغان جېجىياڭلىق سودىگەرلەر سىرتلاردا سودا قىلىپ، ئىگىلىك يارىتىپ، ناتونۇش مۇھىتقا ئۇچرىغان ۋاقىتلاردا، ئۇلار بىر – بىرىدىن قالتىس سودا رىۋايەتلىرىنى قالدۇرالايدۇ. جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تەرەققىياتى نېمە سەۋەپتىن شۇنچىلىك  تىز؟ ئۇلار نېمىشقا باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەن؟

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنى تەتقىق قىلدىغانلار كۆپەيدى، كىشىلەرجېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ غەلبە قازىنىشىدىكى ئامىللارنى جاپا تارتىش، ئەركىن شەكىل ۋە ئۈنۈملۈك مەشغۇلاتتىن ئىبارەت بىر نەچچە نوقتىغا يىغنچاقلىدى.

ئەلۋەتتە ،مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا بۇ ئامىللار كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق جېجىياڭ سودىگەرلىرى ۋە باشقا جايلاردىكى سودىگەرلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بايقىغىلى بولىدۇكى، جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ غەلبە قازىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل بولسا ئۆز– ئارا ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش.

   كۆپچىلىكنىڭ قارىشىچە، جېڭ مىڭجۇ جېجىياڭدىن خېيلۇڭجىياڭغا كېلىپ سودا قىلغان ئۈلگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە جېجىياڭلىقلارنىڭ پەخرى!

   جېڭ مىڭجۇ دائىم: «تىجارەتنى چوقۇم ئەخلاققا ئۇيغۇن قىلىش كېرەك، ياخشى ئادەم بولۇش،جەمئىيەت ئۈچۈن مەسئۇل بولۇش ۋە ئىستىمالچىلار ئۈچۈن مەسئۇل بولىدىغان ساغلام روھنى تۇرغۇزۇش كېرەك.» دەيدۇ.

   ئۇلارنىڭ«ۋۇتوڭ» ماركىسىدىكى گۈرۈچلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، ئىشەنچلىك بولغاچقا،ئىشلەپچىقىرىش ئىزچىل ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. ئۇلار ئاللىقاچان پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە – شەھەردە سېتىش نوقتىلىرىنى تەسىس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئوچۇق – ئاشكارە ۋەدە بېرىپ: «مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە، ئورالما مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، خېرىدار رازى بولمىسا قايتۇرۇپ ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز.» دىگەن.ئۇلارنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى دۆلەت سىرتىدىكى بازارلارغىمۇ كىرگەن.

   ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ تېمىدا ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان بىر لوزۇنكا بولۇپ ،ئۇنىڭغا:«ئىناۋەت – ئەڭ ياخشى تونۇشتۇرۇش خېتى» دىگەن خەتلەر  يېزىلغان. جېڭ مىڭجۇ ئىناۋەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى شوئار ئورنىدىلا كۆرۈپ قالماستىن، يەنە بۇ شوئارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەربىر ھالقىسىغا، خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىگە قەدەر ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

   بىر قېتىم،بىر خېرىدار شىركەتكە كېلىپ مال زاكاس قىلىدۇ، شىركەت ئۇنىڭ كونا خېرىدار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى قاچىلاشنى نازارەت قىلغۇزىدۇ. بىراق خېرىدار ئۆيىگە كېلىپ بىر توننا گۈرۈچنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ، ئارقىدىنلا تەيفېڭ شىركىتىگە تېلفۇن قىلىپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تەيفېڭ شىركىتى ئامبارنى تەكشۈرۈش، ھەقىقەتەن بىر توننا گۈرۈچنىڭ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئەسلىدە خېرىدار ئۆزىنىڭ بىخەستەلىكى سەۋەبىدىن، بىر توننا گۈرۈچنى ماشىنىغا قاچىلاشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەن.

تەيفېڭ شىركىتى تېلفۇندا ئۇنىڭ خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ گۈرۈچنى ئېلىپ كېتىشىنى ئېيتىپتۇ.ئەينى ۋاقىتتا خېرىدار ناھايىتى تەسىرلىنىپ: «گۈرۈچ كۆپ بولمىسىمۇ، تەيفېڭ شىركىتىنىڭ سەمىىمىيلىكى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ.» دەپتۇ. خېرىدار ئىشتىن كىيىن بىر پارچە رەھمەت خېتى يېزىپتۇ.

   جېڭ مىڭجۇ باشقۇرۋاتقان كارخانا ئىزچىل ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرگەچكە ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ«توختامغا، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئورۇن» ۋە «ئۆلكە دەرىجىلىك توختامغا،ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئورۇن» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. «ۋۇتوڭ»ماركىسىدىكى گۈرۈچ بازارغا، ئۆلكە ۋە دۆلەت دەرىجىلىك شەرەپلەرگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قېلىشىغا ئېرىشتى.

   جېجىياڭ سودىگەرلىرى تىجارەت جەريانىدا سەمىمىيلىكنى تەكىتلەپ، ئادىللىق بىلەن پايدىنى قولغا كەلتۈرگەچكە، بازاردا ياخشى بولغان ئىناۋەتكە ئېرىشتى. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيىتقاندا، جېجىياڭ سودىگەرلىرى سەمىمىيلىكنى سودا ئەخلاقى قاتارىدا كۆرۈپ، ئادىل سودا قىلىپ، ئىناۋەتنى تەكىتلەپ، قاقتى – سوقتىلىقتىن يىراق تۇرۇپ، ساختا قىلمىشلاردىن ھەزەر ئەيلەش بولسا جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ سودا پىرىنسىپى.

   ھازىرقى نۇرغۇن كارخانىلار سۈتخور كېلىدۇ، ئازراقلا مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرۇشتىن يانمايدۇ. ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يامان غەرەزلىك رىقابەت، قۇرۇلۇشتا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى قىسىۋېلىش ۋە ساختا ماللارنى سېتىش ...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سودىگەرلەر قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشتۇر. سەمىمىيلىك ھەرقانداق جەمئىيەتتىكى سودا قىلىشنىڭ ئاساسى، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بۇ خىل روھى ھەر بىر تىجارەتچىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

   ئوۋكاڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ جېنبىياۋ: «بىر ئادەم مەيلى قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانسۇن، قىلىۋاتقان ئىشىدا غەلبە قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم كىشىلىك مۇناسىۋەتكە،كەڭ مۇناسىۋەت تورىغا ۋە باشقىلاردىن كەلگەن ياردەمگە تايىنىش كېرەك. ھالبۇكى بۇلارنىڭ قولغا كېلىشى يەنىلا ئىشەنچنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ دەل مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى»دىگەن.

   «ئومۇمەن جېجىياڭدىن چىققانلار ھەممىسى سەمىمىيلىكنى تەكىتلەيدۇ، مېنىڭچە بۇ جېجىياڭ روھى.» بۇسۆزلەرنى چىڭ چۈنباۋ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى فېڭ گېنشېڭ دىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە ساختىپەزلىكتىن ھەزەر ئەيلەشنىڭ ئۆزى سەمىمىيلىك. ئۇ: «مەن 57 يىل خىزمەت قىلدىم،30 يىلدىن ئارتۇق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىدا باش لېدىر بولدۇم، ئەزەلدىن سەمىمىليكنى تەكىتلەپ، كىشىلەرنى ئالدىمىدىم. مېنىڭچە بۇ ئەڭ ئاساسلىق جېجىياڭ روھى » دىگەن.

   كارخانا قۇرۇشتا ئىناۋەت بولۇشى كېرەك، ئادەم بولۇشتىمۇ ھەم شۇنداق. جېجىياڭلىق سودىگەرلەرسەمىمىيلىكنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، پەقەت سەمىمىي بولغاندىلا ئاندىن چەكسىز بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

**ۋەدىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىيجاناب سودىگەر بولۇش كېرەك

   جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، سودا مەيدانلىرىدا سىزنىڭ پۇلىڭىز بولمىسا ھېچقىسى يوق، بىراق ئىناۋىتىڭىز بولمىسا بولمايدۇ، سەمىمىيلىكنى يوقىتىپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. پۇلىڭىز بولسا سىزنىڭ سودىنى ياخشى قىلالىشىڭىز ناتايىن، بىراق ئىناۋىتىڭىز بولىدىكەن باشقىلار سىز بىلەن ئۆزلۈكىدىن سودا قىلىشنى خالايدۇ.

   ئەقىللىق جېجىياڭ سودىگەرلىرى سودا مەيدانلىرىدىكى ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر كېلىدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تۇتقىلى، كۆرگىلى بولمايدىغان ئىناۋەت دەل بايلىقنىڭ كېلىش مەنبەسى.

   جېجىياڭ كاڭنەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ شىيۇكاڭ ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى جېنىدىن ئەزىزكۆرىدىغان ئادەم، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ سەمىمىيلىك ئىستىلى ئۇنىڭغا غايەت زورمەنپەئەت يەتكۈزگەن.

   بىرقېتىملىق كۆرگەزمىدە، جېڭ شىيۇكاڭ بىر تۈركۈم يېڭى ماتېرىياللارنى كۆرۈپتۇ. بىراق يېنىدا يىتەرلىك پۇل بولمىغاچقا، سېتىۋېلىش نىيتىدىن ۋاز كېچىپتۇ. بىر سودىگەر جېڭ شىيۇكاڭنىڭ بۇ مالنى سېتىۋېلىش خىيالى بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن دەرھال: «سىزكاڭنەي شىركىتىدىنكەنسىز، مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن. پۇل بولمىسا ھېچقىسى يوق، مەن ئاۋۋال مال بەرسەم بولىدۇ.» دەپتۇ. ۋېنجۇغا قايىتقاندىن كىيىن، جېڭ شىيۇكاڭ قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپتۇ.

   ھازىر جېڭ شىيۇكاڭ ئۆزىنىڭ ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئوبرازىغا تايىنىپ، پەقەت ئىمزا قويسىلا، رەنە قويۇشنىڭ، كېپىل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ھالدا قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ بىرمىليارىد يۈەنلىك ئىناۋەت قەرزىگە ئېرىشەلەيدۇ.

   تىيەنجىڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لېدىرى گاۋ تىيەنيۆ: «ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەندە چوقۇم ئارقىدا قېلىپ زىيان تارتىدۇ. ئىناۋەت ياخشى بولغان ئوبرازنى تىكلەپلا قالماستىن، يەنە شەكىلسىز مەبلەغقە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ دەل كارخاناتەرەققياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە.» دىگەن.

   كارخانا قۇرۇشتا ئىناۋەتنى تەكىتلەش كېرەك، ئادەم بولۇشتىمۇ ھەم شۇنداق، بۇ كارخانا قۇرۇشنىڭ ئاساسى. جېجياڭلىق سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلارسەمىمىيلىكنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە سەمىمىيلىك ئۇلارغاچەكسىز بايلىق يارىتالايدۇ، ئىناۋەت بىر كارخانىنىڭ يەنە بىر كارخانا ئۈچۈن قىلغان ۋەدىسى ۋە مەسئۇليىتىدۇر.

   رىقابەت جەريانىدا، ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان كارخانىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازارنى ئىگەللەش ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە ۋەدىلەرنى بېرىپ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىنلا خېرىدارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

   جېڭتەي گورۇھىنىڭ نۇرغۇنلىغان رىقابەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۇتۇپ چىقىشى ۋە توختىماستىن تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى ساھەسىدە بىرىنچى تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى شەرىپىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئالىيجانابلارچە ئىستىل بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىسىنى يارىتالىغانلىقىدا.

   جېجىياڭ جېڭتەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي: «ئىناۋەتنى قەدىرلەپ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش بولسا كارخانىنىڭ شەكىلسىز مۈلكى، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاساسى. بولۇپمۇ بازارئىقتىسادى يۈكسىلىۋاتقان، خەلقئارا رىقابەت كۈنسىرى كەسكنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىناۋەت ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇھىم.» دىگەن.

   بىر قېتىم،دۆلەت سىرتىدىكى چوڭ خېرىدارلار نۇرغۇنلىغان مەبلەغنى ئېلىپ جېڭتەي گوروھىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەپتۇ. ئۇلار كېلىشىپ قالسىلا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ جېڭتەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي ئۇلارغا شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا باشلاپتۇ.

   كۆپچىلىك پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ تەرجىمانى تۇيۇقسىز گەپنى ئۈزۈپ: «مەن بىرجۇڭگولۇق، جۇڭگو كارخانىسىنىڭ بۇ چوڭ زاكاسقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا سىزكارخانىنىڭ ئەھۋالىنى كۆپتۈرۈپرەك سۆزلەڭ، ئۇلار ئىشىنىدۇ.» دەپتۇ.

   بىراق نەن سۈنخۇي: «بۇنىڭ ھاجىتى يوق، قانچىلىك  بولسا شۇنچىلىك دېيىش كېرەك. سودىنى قىلالمىساق مەيلى، بىراق يۈز كەتسە بولمايدۇ.» دەپتۇ.

   شۇنداق قىلىپ نەن سۇنخۇي قارشى تەرەپكە سەمىمي ھالدا جېڭتەي گوروھىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ئېيتىپ،ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى تەكىتلەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان قىيىنچىلىقلارنى ئېيتىپتۇ.

   بۇ سودا نەن سۈنخۇينىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ئاقكۆڭۈللۈكى نەتىجىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بوپتۇ. چەتئەل سودىگەرلىرى نەن سۈنخۇينى ئىناۋەتنى قەدىرلەپ ۋەدىسىدە تۇرىدىغان سودىگەركەن دەپ ماختاپتۇ.

   جېڭتەي گورۇھىنىڭ « سەمىمىي،دۇرۇس» دەپ ئاتىلىشىنىڭ  سەۋەبى دەل «سەمىمىيلىك، دۇرۇسلۇق» ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر. نەن سۈنخۇي: «تىجارەتتە توغرا يولدا مېڭىش، دۇرۇسلۇقنى تەكىتلەش، ئىشلەپىقىرىشتا توغرىلىقنى، ئىناۋەتنى تەكىتلەش كېرەك.» دىگەن. بۇخىلدىكى «سەمىمىي، دۇرۇسلۇق» ئىدىيىسى ئىزچىل جېڭتەي گوروھىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىركۆرسەتمەكتە.

   نىڭبولۇق سودىگەر باۋ يۈگاڭ:‹‹ ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، سەمىمىي بولۇش كارخانىنىڭ ئۇل تېشى. قەغەزيۈزىدىكى توختامنى يىرتىۋەتكىلى بولىدۇ، ئەمما يۈرەكتىكى توختامنى يىرتىۋەتكىلىبولمايدۇ. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق چوقۇم ئۆز – ئارا ئىشىنىش ئاساسىدا قۇرۇلۇشى كېرەك ››دەپ قارىغان.

   بىركارخانىنىڭ تىجارىتىنىڭ باشلىنىشى ئىناۋەتنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىناۋەت بولغان ئىكەن، تەبئىيلا پۇل تاپىدىغان پۇرسەت بولىدۇ، بۇ چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك سودا ئەخلاقى.  ئادەم   تىجارەت جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا سەمىمىي، دۇرۇس بولۇش كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ھەربىر ئېغىز گېپى، ھەرىكىتىگە نىسبەتەن مەسئۇل بولۇشىمىز، كۆڭلىمىزدە چىڭ ساقلاپ،ئۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىگەندىن كىيىن، بايلىق ۋە ئامەت ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا كېلىدۇ.

لى جىياچېڭ بايلىقى كۆپ ،دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلار تەرىپىدىن ئىناۋەت تىكلەشتە دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم دەپ ئاتالغان.

   جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئىزچىل «سۆزدە ئىشەنچ، ھەرىكەتتە نەتىجە»بولۇشى كېرەك دىگەن ئىدىيە بۇيىچە ئىش قىلىدۇ، ئالىيجانابلارچە ئىش – ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىناۋەت ياراتقان، ھەمدە بانكىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ئىقتىسادىي تۈۋرۈك بەرپا قىلغان.

***ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېپىش، بايلىقنىڭ ۋەسۋەسىسىگە كىرمەسلىك كېرەك

  يازمىلاردا  «ئالىيجانابلار باي بولۇشنى خالايدۇ، بىراق بايلىقنى ئەدەب بىلەن تاپىدۇ » دېيىلگەن. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرلەر توغرا يوللار ئارقىلىق ھالال پۇلنىلا تاپىدۇ. قارا كۆڭۈللۈك بىلەن تاپقان پۇل، قاقتى – سوقتى قىلىشقا تايىنىپ تاپقان پۇل ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ھەرگىز بەرىكىتى بولمايدۇ. بايلىق ئۆزىگە تايىنىشتىن كېلىدۇ، پەقەت پۇل تاپىدىغان يول توغرا بولسىلا، تېپىلغان بايلىق ئاندىن سىزگە تىنچ – ئامانلىق ئېلىپ كىلىدۇ، خەجلىسىمۇ ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ.

   سودىگەرلەرسەمىمىي بولۇشى، ئادەمگەرچىلىك پەزىلىتى بولۇشى لازىم، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا باشقىلارغا ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ، ھەمدە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتالايدۇ. خۇددى جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى «سەمىمىيلىك» نى ئۆزئىچىگە ئالغان، ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەستىن «ئەمەلىيەت» ۋە ئۆزىنى بىلگەن ئاساستىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

   خېۋىن  جېجىياڭنىڭ ۋېنجۇدا تۇغۇلغان، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا – ئانىسىنىڭ تەسىرىگەئۇچرىغاچقا، ناھايىتى كىچىكىدىلا تىجارەتكە نىسبەتەن قىزىقىش ۋە ھەۋەس پەيدا بولغان.

   كۈزىتىش ئارقىلىق ئۇ ئاياغ پارقىرىتىشتا ئىشلىتىدىغان لاتتا چاقنىڭ ناھايىتى بازارلىق ئىكەنلىكىنى، پايدىسىنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ. قىلىمەن دەپ دېگىنىنى قىلىدىغان خېۋېن تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئائىلىسىدە لاتتا چاق ياسايدىغان كىچىك ئۇستىخانا قىپتۇ، ھەمدە ئوزۇن ئۆتمەستىنلا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا باشلاپتۇ.

   خېۋېن مەھسۇلاتنىڭ  بازىرىنى ئېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ ھەرقايسى جايلاردا سېتىشقا باشلاپتۇ.

   ئۇ بىرئاياغ زاۋۇتىغا كېلىپ زاۋۇت مەسئۇلىنى تاپقاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ.

   زاۋۇت مەسئۇلى مەھسۇلاتنى كۆرگەندىن كىيىن سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، ھەمكارلاشسا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. بىراق ئۇ ئويلىنىش ئارقىلىق، بۇنىڭ دەسلەپكى ھەمكارلىق ئىكەنلىكىنى، خېۋېننىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكى ئايدىڭ بولمىغاچقا، سىناپ بېقىش پوزىتسىيىسىدە بىر كىچىك زاكاس توختامى تۈزۈپتۇ.

   شۇنداق قىلىپ كۆپ قېتىملىق ھەمكارلىق ئارقىلىق خېۋېن بۇ زاۋۇتنىڭ باش لېدىرى بىلەن تونۇشۇپتۇ. ھەر قېتىملىق ھەمكارلىقتا، قارىشى تەرەپ خېۋېنغا ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرىدىكەن.

   شۇنداق قىلىپ، خېۋېن ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ساداقىتىگە تايىنىپ بازار ۋە خېرىدارغا ئىگە بوپتۇ. ئۇنىڭ كارخانىسىمۇ تەرەققىي قىلىپ 30 دىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا ئىگە بولۇپ، مەزكۇر جايدا خېلى داڭق چىقىرىپتۇ. ۋېنجۇدىكى خېۋېن تىلغا ئېلىنسىلا،كەسىپداشلار ئارسىدا بىلمەيدىغانلىرى يوق ئىدى.

   بىر قېتىم دۆلەت سىرتىدىكى بىر مەبلەغ سالغۇچى سودىگەر خېۋېننى ئىزدەپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جىددى پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزىدە بىر تۈركۈم ئېسىل خام ئەشيانىڭ بارلىقىنى، خېۋېن بۇ كەسىپتە خېلى نوپۇزى بولغاچقا، تۆۋەن باھادا ئۇنىڭغا سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

   خېۋېن بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن: «ھەمكارلىشىش ناھايىتى ياخشى ئىش، پەقەت بىز كېلىشەلىسەكلا،سىز نەچچە پۇل باھا قويسىڭىز مەن شۇ باھادا سېتىۋالىمەن.» دەپتۇ.

   ئەمماخېۋېننىڭ سۆزىنىڭ تۈگىشىنى ساقلاپ تۇرمايلا قارىشى تەرەپ ئالدىرىغىنىچە: «بىراق مېنىڭ بىر شەرتىم بار، بىز ھەمكارلىشىشتىن بۇرۇن سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزدىن پايدىلىنىپ يەنە بىر جايدىكى بىر تۈركۈم مالنى سېتىشقا ياردەملەشسىڭىز، پايدىنى تەڭدىنب ۆلۈشسەك.» دەپتۇ.

   خېۋېن بۇنى ئويلىنىپ تۇرماستىنلا رەت قىپتۇ! ھەمدە ئەستايىدىللىق بىلەن: «مېنىڭ تىجارەتتە تايىندىغىنىم ئىناۋەت، مەن ھەرگىز بايلىقنىڭ ۋەسۋەسىسىگە كىرمەيمەن!» دەپتۇ. ئاقىۋەتتە قارىشى تەرەپ سالپايغان ھالدا قايتىپتۇ.

   سوداچەمبىرىكىنىڭ ئىچىدە «ئۆز – ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلىمايدىغان» بىر سودىگەرنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس، سودا مەيدانلىرىدا ئازراق نەتىجە يارىتىشىمۇ ناھايىتى تەس. خۇددى جېجىياڭ جېڭتەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي ئېيىتقاندەك، سودا قىلشتا سەمىمىيرەك بولۇش ، ھەم ئادەمگە ھەم پايدىغا تەڭ ئېرىشىش كېرەك. ساختا مال پەقەت بىر قېتىم ئالدىيالايدۇ، بىر ئۆمۈر ئالدىيالمايدۇ.ساختا مالغا تايىنىپ پايدىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغاندا، تۆلەيدىغان بەدەل چوقۇم ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.

   جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ سودا ئەخلاقى: بىرىنچىسى ئىناۋەت، ئىككىنچىسى دۇرۇسلۇق، ئۈچىنچىسى بولسا پايدا. جېجىياڭلىقلارنىڭ ئىناۋىتىنىڭ يۈكسىلىشىدىكى سەۋەب دەل قىسقا ،كۆزئالدىدىكى مەنپەئەتكە ئۆزىنى ئۇرماي، ئۆز ئىناۋىتىگە تايىنىپ ئوزۇن مەزگىللىك خېرىدارلانى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

   مانا بۇ جېجىياڭ سودىگەرلىرى! ئۇلار ھەمىشە ئەستايىدىل، چىنلىق بىلەن ئۆزىنىڭ سودىسىنى قىلىدۇ، ھەرگىز باشقىلارنىڭ قولىدىكى ئۆزىگە تەۋە بولمىغان پايدىنى تارتىۋېلىشقا كۈچىمەيدۇ. ئۇلار پەقەت سەمىمىيلىك ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن سودا قىلغاندىلا ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. كۆرگەنلىكى بىر ئامەتنىڭ ئۇلارنى ھەقىقىي مەنىدىكى غەلبىگە ئېرىشتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

****جېجىياڭلىق سودىگەرلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى – سودا ئەخلاقى

   جېجىياڭ چۈەنخۇا خىمىيە گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى تۇ گۇەنجۈ: «سودىگەرلەردە ئاۋۋال سودائەخلاقى بولۇشى كېرەك، ئەخلاقسىز سودىگەرلەر سودا قىلالمايدۇ. سودا قىلشتىكى تىجارەت پىرىنسىپى بىلەن ئادەم بولۇش پىرىنسىپى ئوخشاش، ئادەم بولۇشتىمۇ ئاۋۋال مۇھىم بولغىنى ئەخلاق ۋە ئادەمگەرچىلىك. تىجارەت جەريانىدا، سودا ئەخلاقى بولسا بىر سودىگەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى قازىنالماسلىقنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل.» دىگەن.

   كارخانىنى قانداق قۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، جېجىياڭ سودىگەرلىرى بىردەك كارخانا قۇرۇشتا سودائەخلاقى بولۇش كېرەك ،دەپ قارايدۇ.

   سودائەخلاقى جېجىياڭ سودىگەرلىرى تەرىپىدىن سودىنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ. جېجىياڭ سودا ئۇيۇشمىلىرىدا، سودا ئەخلاقى بولسا جېجىياڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسىنى يۈكسەلدۈرىدىغان، سەمىمىي كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىدىغان يېڭى شەيئى.

   ئەگەرجېجىياڭ سودا ئۇيۇشمىسىدىكى ھەربىر ئەزانى جېجىياڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسىنى يارىتىدىغان ئامىل دەپ قارىساق، ئۇنداقتا، جېجىياڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسىنى جەۋلان قىلدۇرۇشتا، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا سودا ئۇيۇشمىسىدىكى ھەربىر ئەزانىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پايدا ۋە خالسىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئەخلاق ۋە ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىش» -بولسا بېيجىڭدىكى جېجىياڭ كارخانىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالارنىڭ سودائەخلاقىغا قويىدىغان ئۆلچىمى ۋە تەلىپى.

   سودائۇيۇشمىسىنىڭ نىزامنامىسىدە ئېنىق قىلىپ: ئەزالار چوقۇم ئۇيۇشمىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى ۋە نام – ئابرويىنى قوغدىشى كېرەك. سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ كوللىكتىپ مەنپەئەتى ۋە نام – ئابرويىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزگەنلەرگە قارىتا، لېدىرلارئۇيۇشمىسى كېڭىشىپ ئىسىملىكتىن ئۆچۈرۈش جازاسى بېرىدۇ ،دەپ بەلگىلەنگەن.

   بېيجىڭدىكى جېجىياڭ كارخانىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جوڭتاۋ ھاياجانلانغان ھالدا: « ‹پايدا ۋەخالاىسلىقنى بىرلەشتۈرۈش، سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش›تەك سودا پىرىنسىپى جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى، سودا ئۇيۇشمىسىمۇ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا بىر تۈركۈم كارخانىچىلار ۋەكارخانىلاردا بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدى» دىگەن.

   جېجىياڭلىق سودىگەر ۋاڭ جېنبىياۋ ئىزچىل «ئاياغ تىكىشمۇ ئادەم بولۇشقا ئوخشايدۇ، ئاۋۋال ئادەم بولۇش ئاندىن ئاياغ تىكىش كېرەك» دىگەن ئىدىيەنى كارخانىنىڭ ئۇل تېشى قاتارىدا كۆرگەن. مەيلى تىجارەتتە ياكى ئادەم بولۇشتا بولسۇن، ۋاڭ جېنبىياۋ ئىزچىل ئۆزىنىڭ يۇقارقى سودا پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان.

   بىركارخانىنىڭ تەرەققيىي قىلىشى ئۇنىڭ ئىناۋىتىنىڭ يۈكسىلىشكە باشلىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.ئىناۋەت بولغان ئىكەن، بازار تەبئىيلا بولىدۇ، بۇ چوقۇم ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك سودا ئەخلاقى. تىجارەت جەريانىدا خۇددى ئادەم بولۇشقا ئوخشاش، سەمىمىيلىك، دۇرۇسلۇق بولۇشى، ئۆزىنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزى ۋە ھەرىكىتىگە نىسبەتەن چوقۇم يۈرىكىدىن چىقىرىپ مەسئۇل بولۇشى ۋە ئۇنى قىلالىشى كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى بولغان ئىناۋىتىڭىزنى تىكلىگەندىن كىيىن، مۇۋەپپەقىيەت ۋە پايدا شۇنىڭغا ئەگىشىپلا كېلىدۇ. جېجىياڭلىق سودىگەرلەر پۇل – مال جەھەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەخلاق –پەزىلەتتىكى گگانىتلار دەپ تەرىپلىنىدۇ.

   جېجىياڭلىق  سودىگەر لىسى يېقىندا شىماللىق بىر خېرىدار بىلەن ھەمكارلىشىپ يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى سودىسى قىلىش بىلەن ئالدىراش بولغان. بىر نەچچە يىللىق ھەمكارلىق ئارقىلىق،  لىسىنىڭ ئۆز ئىناۋىتىنى قوغدايدىغان يۈرۈش – تۇرىشى بۇ شىماللىق خېرىدارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان

   ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۇنجى قېتىم مال زاكاس قىلغان ۋاقىتتا، لىسى نۇرغۇن مالنى زاكاس قىلغان. ھەم  پۇلنى بەلگىلەنگەن قەرەلىدە دەل ۋاقتىدا قايتۇرغان .شۇ سەۋەبتىن شىماللىق بۇ خېرىدار لىسىنىڭ ناھايىتى سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ھەمكارلاشماقچى بولغان.

   لىسى تىجارەت جەريانىدا «ئەدەب بىلەن ھەرىكەت قىلىش» نى پۇلدىنمۇ مۇھىم بىلگەن. ھەر قېتىم باشقىلار بىلەن سودا قىلغاندا، لىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن پۇلنى تۆلىگەن،ھەرگىز ئارقىغا سۆرىمىگەن. بۇنىڭدىن  نۇرغۇنلىغان خېرىدارلار لىسىنى ناھايىتى سەمىمىي ھېس قىلدۇرغان. ئەڭ ئاخىرىدا، لىسى مال ئالغاندا ئالدىن زاكالەت تۆلىشىنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، مالنى سېتىپ بولۇپ پۇلنى بەرسىمۇ بولىدىغان بولغان.

   لىسى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى ۋە سەمىمىيلىكىگە تايىنىپ، كەڭرى بازار ۋە كۆپ مىقداردىكى زاكاسقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭچە بولغاندا، تىجارەتتە چوقۇم «ئەدەب بىلەن ھەرىكەت قىلىش» نى تەكىتلەش كېرەك.

   ئۇ: «ياخشى بولغان ‹سودا ئەخلاقى›ئۆزىمىزدىكى ساپا بولۇپلا قالماستىن، يەنە قايتا – قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بايلىق.» دىگەن.

   تىيەنجىڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لېدىرى گاۋ تىيەنيۆ: «ئىناۋىتى يوقلار چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ.» دىگەن.

   بىر ئادەم قانداق ئادەم بولسا، ئۇ شۇنداق كارخانىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. گەرچە ئادەم كارخانىدا بىر قانۇنىي ئىگە، ھەم بىر تەبىئىي ئادەم بولسىمۇ، بىراق تىجارەت جەريانىدا، كارخانا بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ. ئادەم بولۇشقا ماھىر ئادەم كارخانىنىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.ئادەم بولۇشقا ماھىر بولمىغان ئادەم، سودا مەيدانلىرىدا تېخىمۇ چوڭ بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەت بىزگە مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى: «ئادەمنى ياخشىقىلساقلا، ئىشلار ئۈزلۈكىدىن ياخشى بولىدۇ.»

  سودىگەرلەردە ئەخلاق بولۇشى كېرەك. يەنى ئىناۋەتنى، سۈپەتنى، ۋەدىسىنى،مۇلازىمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، سودىنى چىنلىق بىلەن قىلىش، ھالال پۇل تېپىش كېرەك. سودىگەرلەردە ئەخلاق -پەزىلەت بولسىلا مال – دۇنيا ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت سەۋەبلىك ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغان قەدىمىمىزنى توختىتىپ قويساق بولمايدۇ.

*****لەۋزىدە تۇرمايدىغانلاردىن باشقىلارغا نىسبەتەن «ۋەدە ئالتۇندىن قىممەت»

جېجىياڭ ۋەنشىياڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لۇ گۇەنچىيۇ: «ئېتىكا (ئەخلاق) سەمىمىيلىكى بولسا كارخانا سەمىمىيلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەلىپى، يەنە كېلىپ كارخانىنىڭ سەمىمىيلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك يول.» دىگەن. سودىگەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەگەر ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلمىساق، ئاسانلا باشقىلارنىڭ بىزگە نىسبەتەن بولغان سەمىمىيىتىنى يوقىتىپ قويىمىز. سەمىمىيىتى يوق ئادەمنىڭ سودا مەيدانلىرىدا پۇت دەسسەپ تۇرىشى ناھايىتى مۈشكۈل.

   جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى كۆپلىگەن ئامىللار سەمىمىيلىكتىن كەلگەن، گەرچە بەزىدە مەنپەئەت ۋە سەمىمىيلىك ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يۈز بەرسىمۇ،ئۇلار يەنىلا ۋەدىنى ئالتۇندىن قىممەت كۆرىدۇ. ئىشەنچنى ئككى تەرەپ بىرلىكتە ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ، مەيلى خەتەرلىك بولسۇن ياكى قىيىن بولسۇن، ئىشەنچتىن ئىبارەت بۇ كۆۋرۈك بولغاندىن كىيىن ئىككى تەرەپ خاتىرجەم ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.

   دۇنيا كىمە پادىشاھى، نىڭبولۇق سودىگەر باۋ يۈگاڭ ئىشەنچ ۋە سەمىمىيلىكنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. ئۇ: «قەغەز يۈزىدىكى توختامنى يىرتىۋەتكىلى بولىدۇ، ئەمما يۈرەكتىكى توختامنى يىرتىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق چوقۇم ئۆز – ئارا ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك.» دىگەن. باۋ يۈگاڭ تىجارەت جەريانىدائىزچىل «سۆزدە ئىشەنچ، ھەرىكەتتە نەتىجە» بولۇش كېرەكلىكىنى ئۆزىنىڭ پۇل تېپىشتىكى قائىدىسى قىلغان. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، بانكىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، ھەمدە كارخانىنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىسادىي تىرەككە ئىگە بولدى.

   20 –ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرى باۋ يۈگاڭ ئۆي – مۈلۈكچىلىك كەسپىگە كىرىشنى قارار قىلىدۇ.ئۆي – مۈلۈكچىلىكنىڭ پايدىسى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق خەتىرىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىدى.

   1979 –يىلى، باۋ يۈگاڭ پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىليەلىكلەرگە تەۋە بولغان بازار جىيۇلوڭساڭنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا لى جىياچېڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇ لى جىياچېڭنىڭ خۇاڭپۇنى سېتىۋېلىشىغا توسۇنلۇق قىلمايدىغان، لى جىياچېڭ ئۇنىڭ جىيۇلوڭساڭنى سېتىۋېلىشىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزمەيدىغان بولغان. ئۇنىڭدىن كىيىن، باۋ يۈگاڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بازاردا جىيۇلوڭساڭنىڭ كۆپ مىقداردىكى پېيىنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان. ئوزۇن ئۆتمەستىن ئەنگىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ ئويىنى بىلىپ قالغان، ئۇلار جىيۇلوڭساڭنى باشقىلارنىڭ سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سېتىۋېلىشقا قارىشى تەدبىر قوللىنىپ، جىيۇلوڭساڭنىڭ پېيىنى ناھايىتى يۇقىرى باھاغا يەتكۈزگەن. ئاخىرىدا، باۋ يۈگاڭ 30 مىليارىد قىممىتىدىكى پاينى كونترول قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولغان.  جىيۇلوڭساڭنىڭ بىر نەچچە چوڭ پايچېكلىرىنىڭ قارىشىچە، باۋ يۈگاڭدا 30 مىلياردىد پۇل يوق ئىدى، چۈنكى،بۇنچىلىك پۇل ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. ئۇ قىسقا ۋاقىتتا مۇنچىلىك كۆپ پۇلنى جۇغلاپ بولۇشقائامالسىز بولۇپ، جىيۇلوڭساڭنى سېتىۋالىدىغان ئۈمىدمۇ يوققا چىقىدىغاندەك قىلاتتى،باۋ يۈگاڭمۇ قارىماققا سېتىۋېلىشتىن ئۈمىد ئۈزگەندەك قىلاتتى. ئۇ ھازىرقى پاي باھاسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، سېتىۋېلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، راستىنلا ياۋروپاغا ساياھەتكە كەتكەن.ھەممەيلەن باۋ يۈگاڭنى سېتىۋېلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى دەپ قارىغان. ئويلىمىغان يەردىن، ئىككى كۈن ئۆتۈپ باۋ يۈگاڭ 30 مىليارىد پۇلنى كۆتۈرۈپ يەنە شاڭگاڭ  پايچەك بازىرىغا كىرگەن، ھەمدە جىيۇلوڭساڭنى سېتىۋېلىپ، جىيۇلوڭساڭنىڭ بىرىنچى چوڭ پايچېكىگە ئايلىنىپ، سېتىۋېلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئەسلىدە ئۇ پىلانىدىن ۋاز كەچمىگەن بولۇپ، ئىككى كۈن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىر تۈركۈم بانكىرلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىشەنچ مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۇلاردىن 30مىليارىد قەرز ئالغان ئىكەن.

   «ئاتقان ئوق قايتىپ كەلمەس». سودا مەيدانىلىرىدا بۇ خىل ئىشەنچ ئىككى تەرەپ چوقۇم رىئايە قىلىش كېرەك بولغان ئويۇن قائىدىسى. ئىلگىرى بىر داڭلىق كارخانىچى بىر سەمىمىي ياشقا:«گەرچە سىز ناھايىتى نامرات بولسىڭىزمۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سىزنىڭ سەمىمىيتىڭىزگە قاراپلا سىزگە پۇل بېرىپ تۇرۇشنى خالايدۇ، چۈنكى ئۇلارسەمىمىيلىكنىڭ ئەڭ ياخشى مەبلەغ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. سىزگە ئوخشاش  ساپاغا ئىگە بولغان ئادەملەر مىليونلاپ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ سەمىمىيىتى يوق كىشىلەرنى يەڭگەن.» دىگەن. ئەگەر ھەر بىر سودىگەر سەمىمىي بولسا، ئۇنداقتا ھەربىر ئادەمگە پۇل تاپىدىغان پۇرسەت چىقىدۇ.

   ئەلۋەتتە،ئىشەنچ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا ئورنىتىلىدۇ، ئىشەنچلىك بولمىغان سودىگەرلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈرىيىتىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سودا قىلغاندا چوقۇم «ياخشى ئادەم» ۋە «يامان ئادەم» نى ئايرىش كېرەك، ئەگەر كىمگىلا بولسا ئىشەنچ باغلاۋەرگەندە، چوقۇم چوڭ زىيان تارتىدىغان گەپ.

   جېجىياڭلىق بىر سودىگەر ئەمدىلا سودا ساھەسىگە قەدەم قويغاندا، بىر سودا كوچىسىدىكى دۇكان ئالدىنى ئىجارىگە ئېلىپ، مەخسۇس كۈمۈش بىزەكلىرى سودىسى قىپتۇ. ئۇ ئالاقە قىلىشقاماھىر بولغاچقا، كۆپ ئۆتمەستىنلا ئۆزىنىڭ يېنىدىكى بىر نەچچە خوجايىن بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ كېتىپتۇ. ئۈچ ئايدىن كىيىن ئۇنىڭ سودىسى تازا ياخشى بولماي قولىدىكى مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈپ بولالماپتۇ. ئۇ ئامالسىزلىقتىن يېنىدىكى دۇكان خوجايىنىدىن بەش تۈمەن قەرز سورىماقچى بوپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ خوجايىن ناھايىتى كەڭ قورساق ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇش بولغاچقا، گەپمۇ قىلماستىن مال كىرگۈزۈشكە تەييارلاپ قويغان بەش تۈمەننى بېرىپتۇ، ھەمدە ئۈچ ئايدىن كىيىن قايتۇرۇشنى ئېيتىپتۇ.

   ئەمما ئۈچ ئايدىن كىيىن پۇل قەرز ئالغۇچى بىر ئېغىزمۇ تىنماپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى دۇكان خوجايىنىغىمۇ پۇل لازىم بولۇپ، ئامالسىزلىقتىن بېرىپ سۈيلەپتۇ، بىراق بۇ ئادەم ئۇنداق ئىشنىڭ  يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ.ئىسپاتى بولمىغاچقا، دۇكان خوجايىنى ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ قاپتۇ، بىراق ھېچقانداق ئامال قىلالماپتۇ. كىيىن بۇ ئىشنى پۈتكۈل سودا كوچىسىدىكى سودىگەرلەر ئاڭلاپتۇ،ھەمدە پۇل قەرز ئالغان سودىگەرگە باشقىچە كۆزدە قارايدىغان بوپتۇ. ئوزۇن ئۆتمەستىن ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسى ناچارلىشىپ، ئىجارە ھەققىنىمۇ تۆلىيەلمەيدىغان ھالەتكە كەپتۇ. ئاخىرىدا سالپايغىنىچە كېتىپ قاپتۇ. ھېلىقى زىيان تارتقان سودىگەر شۇنىڭدىن كىيىن بىر ساۋاققا ئىگە بولۇپتۇ، يەنى ئىش قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ،تونۇشمايدىغان كىشىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدىغان بوپتۇ.

   جېجىياڭ فاپەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى پېڭشىڭ: «سەمىمي بولمىغاندا، سىز  ئېرىشىشكە تىگىشلىك بولمىغانغا ئېرىشىسىز،يوقىتىشقا تىگىشلىك بولمىغاننى يوقىتىپ قويىسىز.» دىگەن. ئىشەنچ بارلىق ئىشلارنىڭ ئاساسى. بىر سودىگەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىشەنچنى چوقۇم ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاساسى ئورنىدا كۆرۈشىمىز كېرەك. قارىشى تەرەپكە ئىشىنىش – ئىشەنمەسلىكتە، كىم بىلەن سودا قىلىۋاتقانلىقمىزغا، كىم بىلەن بېرىش – كېلىش قىلۋاتقانلىقىمىزغا قاراش كېرەك. سەمىمىي بولمىغان ئاشۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش،ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

******يامان غەرەزلىك رىقابەتتىن ساقلىنىش كېرەك

   مايۈن مۇنداق دەيدۇ:«مېنىڭچە ھەقىقىي رىقابەت ئۆزىمىز بىلەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز رىقابەتچىمىزنى تەتقىق قىلىپ ئولتۇرمايمىز. پەقەت كەلگۈسىنى تەتقىق قىلىش، ئۆزىنى تەتقىق قىلىش ۋەخېرىدارنى تەتقىق قىلىشلا ئاساس، ئالغا ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.رىقابەتچىمىزنى تەتقىق قىلىش ئۆزىمىزنى يارلاندۇرغان بىلەن باراۋەر، چۈنكى سىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئەۋزەللىكىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز».

جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ رىقابەت قارىشى باشقا سودىگەرلەرگە نېمە ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر مۇۋاپىق قىلىشنى،ئەستايىدىل ئويلاپ، يىراقنى كۆرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. سودىگەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتنى كۆزلىسەكلا بولمايدۇ، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى دەپ كەسىپداشلىرىمىز بىلەن يامان غەرەزلىك رىقابەتنى قانات يايدۇرغانداچوقۇم ناھايىتى ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولىمىز.

   بىر كوچىدا،كورىيەچە كىيىم – كىچەك سودىسى قىلىدىغان ئۈچ دۇكان بار ئىكەن. بىر مەزگىل بۇ ئۈچ دۇكاننىڭ سودىسى تازا ياخشى بولماپتۇ. بىرىنچى دۇكان تىجارەت سوممىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىشنى يولغا قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇكاننىڭ سودىسى ناھايىتى قىزىپ كېتىپتۇ. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دۇكانلارمۇ ئامالسىزلىقتىن باھاسىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپتۇ، بۇنڭ بىلەن ئۈچ دۇكاننىڭ سودىسى يەنە بىر –بىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان بوپتۇ.

   بىرىنچى دۇكان سودىنىڭ يەنە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ باھانى يەنە بىر قېتىم چۈشۈرۈپتۇ.ئىككىنچى دۇكانمۇ باھانى چۈشۈرۈپتۇ. ئۈچىنچى دۇكان بۇنداق قىلماي، ئۆزىنىڭ باھانى چۈشۈرگەندىن كىيىنكى زىيانغا چىداپ بولالمايدىغانلىقىنى، دۇكاننى تاقاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى جاكارلاپتۇ.

   شۇنداق قىلىپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇكان ئۆز – ئارا رىقابەتلىشىپ باھانى قايتا – قايتاچۈشۈرۈپتۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ سودىسى ئىلگىرىكىدىن قىزىپ، خېرىدارلارمۇ مالنى توپ– توپ سېتىۋېلىشقا باشلاپتۇ. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ماللىرى پۈتۈنلەي سېتىلىپ تۈگەپتۇ.ھېسابلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پۇل تاپمايلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن زىيان تارتقانلىقى مەلۇم بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئامالسىزلىقتىن بۇ كەسىپتىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلاپتۇ.

   ئوزۇن ئۆتمەستىن، ئۈچىنچى دۇكان يەنە سودىسىنى قايتا باشلاپتۇ. باھا يەنە ئەسلىدىكى ھالەتكە قايتىپلا قالماستىن، بۇ دۇكاننىڭ مال مەنبەسىمۇ بار بولۇپتۇ. بىرىنچى ۋەئىككىنچى دۇكاننىڭ خوجايىنلىرى ئۈچىنچى دۇكانغا كېلىپ كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقى كەپتۇ. ئەسلىدە ئۇلار باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقان ماللارنىڭ ھەممىسى ئۈچىنچى دۇكاننىڭ خوجايىنى تەرىپىدىن سېتىپ ئېلىنغان بولۇپ، خېرىدارلانىڭ ھەممىسىنى بۇ خوجايىن ياللىغان ئىكەن.

   يۇقىرىدىكى ھېكايىدىن بىز كۆرۈۋالالايمىزكى، دۇرۇس بولمىغان رىقابەت ھەر ئىككى تەرەپكە ناچارئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. سودا قىلىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا پايدا تېپىش، شۇڭا نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر زەھەرخەندىلىك بىلەن بازارنى ئۆزى ئىگەللەش رىقابىتى قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، «ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنى دۈشمەن كۆرۈش» تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئوي خاتا، تىجارەت قىلىشتا چوقۇم بىر مۆتىدىل پىسخىك ساپا بولۇشى كېرەك. تىجارەتتە رىقابەتتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، بىراق سىز «ياندا تۇرۇپ ئويۇن كۆرىدىغان» ئۇسۇللار بىلەن رىقابەتچىڭىزنى قىستىماسلىقىڭىز، ئەكسىچە  ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشىڭىز كېرەك، بۇنداقتا ۋەزىيەت سىزنىڭ غەلبىڭىزگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.

   20 –ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدا، لىيۇ خوڭشېڭ ئىش باشلىغان  شاڭخەي سېمونت زاۋۇتى زور غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمدىلا ئىش باشلىغاندا، ئۇ ئۆزى خېبېي تاڭشەندىكى ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سېمونت زاۋۇتى – خۇاشاڭ سېمونت زاۋۇتى، چىشىن سېمونت زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى، كىيىن يەنە ياپونىيەگە بېرىپ شاۋيېتىيەننىڭ سېمونت زاۋۇتىنى زىيارەت قىلىپ ئۆگەنمەكچى بولدى.بىراق، ياپونىيىلىك سودىگەرلەرجۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ چوڭ تىپتىكى سېمونت زاۋۇتى قۇرۇپ ياپونىيە سېمونتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارىغا تەسىر يىتىپ قېلىشتىن قورقۇپ، لىيۇ خوڭشېڭنى رەت قىلدى، لىيۇ خوڭشېڭ جاپا – مۇشەققەتلەرگە قارىماستىن ياۋروپاغا بېرىپ ئۆگىنىشكە بەل باغلىدى.

   1923 –يىلى، لىيۇ خوڭشېڭنىڭ سېمونت زاۋۇتى شاڭخەيدە رەسمىي قۇرۇلدى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى سېمونت بازىرىدىكى رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولۇپ،ياپونيىلىك سودىگەرلەر دالىيەنگە قۇرغان زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان «لوڭپەي»ماركىسىدىكى سېمونتلار بەك سېتىلىپلا قالماستىن، يەنە تاڭشەنگە قۇرۇلغان، دۆلەت ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان جۇڭگو مەبلىغىدىكى چىشىن سېمونت زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان «ماپەي» سېمونتلىرىمۇ خېرىدارلارنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى.ئەمدىلا ئىش باشلىغان ۋاقىتتا، لىيۇ خوڭشېڭ شاڭخەيگە قۇرغان سېمونت شىركىتى بۇكەسىپتىكى باھا جېڭىگە دۇچ كېلىپ، ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. يامان غەرەزلىك رىقابەتنىڭ جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىنى بىردەمدىلا يوقىتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، لىيۇ خوڭشېڭ دەرھال «خۇاشىيالىقلار بىرلىشىش» تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەمدە ئۆزى تىيەنجىنگە بېرىپ چىشىن سېمونت زاۋۇتىنىڭ باش لېدىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ ئاخىرى ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بازار دائىرىسىنى بۆلۈشكەن. شاڭخەي سېمونت زاۋۇتى شاڭخەينى ئاساس قىلىپ شەرقى جوڭگۇ ۋە جەنۇبى جوڭگۇ بازىرىنى ئىگەللەپ، شۇ يىلى زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرغان.

   1928 –يىلى، نەنجىڭگە جايلاشقان جۇڭگو سېمونت زاۋۇتى ۋۇشى ۋە تەيخۇدىكى ئىككى سېمونت زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تىز سۈرئەتتە كېڭەيىتكەن، ھەمدە ئەۋزەللىكىنى تىز سۈرئەتتە جارى قىلدۇرۇپ، سېمونت بازىرىنى يېڭى رىقابەت ۋەزىيىتىگە دۇچارقىلغان. لىيۇ خوڭشېڭ ئىلگىرىكى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۈچ شىركەت بىرلىشىپ ئىشقىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو سېمونت شىركىتى ئۈچ تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا قوشۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.شۇنىڭدىن كىيىن، ئۈچ شىركەت بىرلىكتە ئىش باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سېمونت ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ %85 ىنى ئىگەللىگەن، ھەمدە ياپونىيە سېمونتىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغان.

   سۈنزى:«ئۇرۇش ئەڭ يۇقىرى ئىستىراتىگىيە، ئۇرۇشتا ئاۋۋال دۈشمەننىڭ قەستىنى بەربات قىلىشىمىزكېرەك؛ ئۇنىڭدىن كىيىن دۈشمەننىڭ دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى بەربات قىلىپ، ئۇنى يىتىم قالدۇرۇش، ئىتتىپاقسىز قويۇش كېرەك؛ ئەڭ ئاخىرىدا دۈشمەنگە زەربە بېرىپ،دۈشمەن قوشۇنىنى كونترول قىلىش كېرەك، دۈشمەننىڭ سېپىل - خەندەكلىرىنى قورشاش بولسا دۇنيادىكى ئەڭ پەمسىز ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.» دىگەن. گەرچە بۇ خىلدىكى رىقابەتلىشىپ بىرلىشىش شەكلى قارىشى تەرەپنى ئازراق پايدىغا ئېرىشتۈرسىمۇ، بىراق مۇشۇ خىلدىكى توغرا رىقابەت شەكلىلا بازارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.سودا دېڭىزىدا رىقابەتچىگە يولۇقۇش بولسا ناھايىتى ئادەتتىكى ئىش. ئەقىللىق سودىگەرلەر قارىشى تەرەپ بىلەن ئادىل رىقابەتلىشىپ، كەڭ قورساق بولۇشقا يۈزلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆز – ئارا پايدا يەتكۈزۈپ، ئورتاق غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

************************************

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام

مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان  خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››دىگەن كىتاب

2015-يىلى 4-ئاي

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ