ھېچكىمنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا رۇخسەت يوق
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
9-دەرس 10-پارىگىراپ
ھېچكىمنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا رۇخسەت يوق
تېلېۋېزىيە تىياتىرى «تۇيۇقسىز ھۇجۇم» دا مۇنداق سۆزلەر بار:> ۋاز كەچمەيمىز، مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمىز>. بۇ شۈ سەندۇنىڭ قىممەتلىك روھى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مايۈننىڭ كوللىكتىپقا باشلامچىلىق قىلىشىدىكى يادرولۇق قىممەت قارىشى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ۋاز كەچمەيمىز، ھېچكىمنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز. ھېچكىم سەپتىن چۈشۈپ قالمىغان كوللىكتىپلا ھەقىقىي مۇنەۋۋەر كوللىكتىپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
ھەقىقىي ئىش قىلالايدىغان قوشۇن ھەرگىزمۇ پەقەتلا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ گېپى گەپ بولىدىغان قوشۇن ئەمەس. بىر مۇنەۋۋەر قوشۇن چوقۇم ھەر خىل كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇشى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن تارتىپ ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگىچە بىرىمۇ كەم بولماسلىقى كېرەك. باشقۇرغۇچىلار ھەرگىزمۇ ھەر خىل مۇھىتتىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن قورقماسلىقى كېرەك، پەقەت ھەر خىل كىشىلەرنى ئىشلىتىشكە ۋە ئۇلارغا تايىنىشقا ماھىر بولغاندىلا ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆز-ئارا تولۇقلىغىلى، بىر ياقىدىن باش بىر ياقىدىن قول چىقارغىلى، كوللىكتىپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
مايۈن ئۆزىنىڭ كوللىكتىپىنى «ھايۋاناتلار باغچىسى» غا ئوخشىتىپ، بۇ جايغا ھەر تۈرلۈك كىشىلەر يىغىلغان دەپ سۈپەتلەيدۇ. بەزىلەر پەقەت ئىش قىلىشنى بىلىپ، ئادەم باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ؛ بەزىلەر كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئۇستا، ئەمما باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ... ئالى بابانىڭ خىزمەتچىلىرى 16 دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، سوغۇققان، كەسكىن گېرمانىيەلىكلەر بار؛ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكا بانكىسىدا سەككىز يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان پىرولۇقلار؛ يەنە كورىيەلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر بەش مىنۇتتا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ، بەزىلەرنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپلا كەتسە توختىمايدۇ.
مايۈن مۇنداق دېگەن: «ئىنتېرنېت يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپ، كىشىلەر خاڭجۇ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىن چىققان بىر ئوقۇتقۇچىغا قارىغاندا دۆلىتىگە قايىتقان بىر دوكتۇرغا تېخىمۇ بەك ئىشىنىدۇ.» ئەمەلىيەتتە «ئېغىزىدا شەھەر ئالىدىغان» بۇ ئوقۇتقۇچى ھەر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا يىغقان، ھەتتا شىركەتنىڭ ئەڭ قىيىن ۋاقىتلىرىدىمۇ بۇ كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق كۆرەش قىلىشنى خالىغان.
ئۇنداقتا مايۈن قانداق سېھرىي كۈچكە تايىنىپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، سىتەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، يالى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالى باباغا ئېلىپ كېلىپ يادرولۇق قوشۇنغا ئايلاندۇرالىغان؟
بۇ نوقتىدا مايۈننىڭ ئىزچىل كۈچىيىپ بارغان ئىگىلىك تىكلەش روھىدىن سىرت، كوللىكتىپ ئۇيۇشۇش كۈچىمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر ئادەمگە تەسىر قىلغان.
رۈەنيىن گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى سۈن جېڭيى، دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ سابىق ئىش بېجىرگۈچىسى سابىلىن، يەنە شۋېتسىيە AB شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى سا چۇڭشىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «تۇتسا سېپى بار>> كىشىلەر ئىدى. سا چۇڭشىندىن كېيىن، ياخۇ ئىزدەش موتورىنىڭ تۆۋەن قاتلام قۇرۇلمىسى پاتنېتىغا ئېرىشكەن ۋۇ تۇڭ، GE گۇرۇھىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى گۇەن مىنشېڭ قاتارلقىلار ئالى باباغا قوشۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا مايۈن بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىگەن «18 نوچى» مۇ بار. بۇ بىر توپ كىشىلەر قارىماققا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئۇلار نېمىشقا مايۈنگە ئەگىشىدۇ؟ مايۈن مۇنداق دېگەن: «شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن ھەممىمىز دوست بولىمىز، ئۇلار تاشقا ئوخشايدۇ، مەن لاي بىلەن ئۇلارنى سۇۋاپ سىلىقلاپ قويىمەن. ئالى بابامۇ لايغا ئوخشايدۇ، ئۇ سايدىكى بىر كىچىك تاشنى سىلىقلاپ چوڭ كارخانا ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ.»
تېلېۋېزىيە تىياتىرى «تۇيۇقسىز زەربە» دە، شى پولك باشلىقى شۈ سەندۇ ۋە باشقا جەڭچىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ بىر يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ «ۋاز كەچمەسلىك، مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك» ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاخىرىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان گېگانت ئەترەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۈ سەندۇمۇ ھەمراھلىرىغا بولغان «ۋاز كەچمەسلىك، مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك» ئىدىيەسى ئارقىلىق، بىر-بىرىدىن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.
شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بىر پىشقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە چوقۇم خاسلاشقان كوللىكتىپ بولىدۇ، بۇ كوللىكتىپنىڭ ئىچىدە يەنە ئارقىدا قالىدىغان كىشىلەرمۇ مۇقەررەر بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ھەمراھلىرىنىڭ خاسلىقىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېنېرگىيەسىنى ئېچىشنى مەخسەت قىلغان ئىرادە بولۇشى، ئازادە، ئىشەنچكە تولغان سىرتقى مۇھىت بەرپا قىلىش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى، كوللىكتىپچانلىق روھىنى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرۇش لازىم، ئاندىن بىر مۇنەۋۋەر كوللىكتىپنى تېخىمۇ ئاسان بارلىققا كەلتۈرگىلى، مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى تېخىمۇ ئاسان بايقىغىلى بولىدۇ.
بۇ خۇددى مايۈن ئېيىتقاندەك: «ھېچكىمنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا رۇخسەت يوق!» بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ بارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئورتاق تونۇش بولۇشى كېرەك، ئۇنداقتا نېمىشقا شۇنداق بولۇشى كېرەك؟
بىرىنچى، ئاسانلا ۋاز كېچىش مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئۈنۈمى يۇقىرى كوللىكتىپ قۇرۇشقا پايدىسىز. چۈنكى بۇنداقتا كوللىكتىپ ئەزالىرى بىر خىل جىددى خىزمەت مۇھىتىدا تۇرىدۇ-دە، پىسخىكىلىق بېسىمى چوڭىيىپ تىنچلىنالمايدۇ، خىزمەتداشلار ئۆز-ئارا كۆيۈنسىمۇ جىددىيلىشىدۇ، كوللىكتىپچانلىق روھ كۈچلۈك بولمايدۇ، بۇ خىل مۇھىت ئاستىدىكى خىزمەتچىلەردە پەقەت بىر خىل پاسسىپلىق ۋە پاسسىپ بۇرچ تۇيغۇسى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىزمەتچىلەردە ناھايىتى ئاسانلا مۇنداق ھېسىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ: سىز بۈگۈن ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئاسانلا ۋاز كەچتىڭىز، مېنىڭ قىممىتىم قالمىغان ۋاقىتتا، سىز چوقۇم مەندىنمۇ ۋاز كېچىسىز.
ئىككىنچى، ئاسان ۋاز كېچىش ئاغرىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاشلىنىپ كەتكەن خىزمەتچى ئېغىزىدا قايىل بولسىمۇ، كۆڭلىدە قايىل بولمايدۇ، ھەتتا ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايلا ئىگىلىك تىكلىگۈچىدىن ئۆچ ئېلىشىمۇ مۇمكىن، بۇ سودا مەيدانلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئەلۋەتتە ئېغىزغا تايىنىپلا كوللىكتىپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ، مايۈنمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت جەريانىدا بۇ نوقتىغا سەل قارىمايدۇ. ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ كوللىكتىپقا يېتىشىپ ماڭالىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر بىر خادىمغا ئۆگىنىش پۇرسىتى بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توختىماستىن قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، توختىماستىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
«تۇيۇقسىز زەربە» فىلىمىدە، شۈ سەندۇ دەسلەپتە يالاڭ تورنىكنىمۇ تارتالمايدۇ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تورنىكتا 333 قېتىم پىرقىراپ، پۈتكۈل ليەننىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. مايۈندە دەل بۇ خىلدىكى «مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك» روھى بولغاچقا بىر كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇپ چىققان.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كولللىكتىپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى قوشۇننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى زۆرۈر شەرت بولۇپلا قالماستىن، كوللىكتىپنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر بىر كوللىكتىپ ئۇيۇشۇش كۈچىنى يوقاتسا، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمايدۇ-دە، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
ئومۇمەن ئېيىتقاندا، سودا مەيدانلىرى جەڭ مەيدانلىرىغا ئوخشايدۇ، ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋە ئىگىلىك تىكلەۋاتقان كىشىلەر يۇقىرى ئۈنۈملۈك كوللىكتىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولسا، چوقۇم ئۆزىدە «مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك» روھىنى يېتىلدۈرۈشى، مايۈننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، بىر ئادەمنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا كوللىكتىپ ئاندىن
كۈچلىنەلەيدۇ، كارخانا ئاندىن تەرەققىي قىلالايدۇ.
************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى