ئادەم ئىشلەتكەندە ئەمەلىي ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
ئون سەككىزىنچى باب
ئادەم ئىشلەتكەندە ئورۇق – تۇغقان، يات دەپ ئايرىماي، ئىقتىدارىغا
قاراپ ئىشقا قويۇش كېرەك
*مۇۋاپىق كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىڭ، مۇۋاپىق بولمىغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشماڭ
«ئەلى بابا»نىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن: «ئادەم ئىشلىتىشتە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئازايتىشقا ئەمەس ،مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، ھەمدە ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇش كېرەك.ئۆزىمىزنىڭ رۇلىنى قانداق جارى قىلدۇرۋاتقانلىقىمىزغا ئەمەس ، مۇھىمى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن قانداق ماسلىشىپ ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك » دىگەن.
بىركارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق بولغان تالانت ئىگىلىرى كۆپ خىل بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر ئادەمنىڭ پەقەت بىر تەرەپتە ياكى بىرنەچچە تەرەپتە ئىقتىدارى گەۋدىلىك بولىدۇ، ھەممە تەرەپتە ناھايىتى ئىقتىدارلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەقىللىق كارخانىچىلار ئادەم ئىشلەتكەندە ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىشقا،كەمچىلىكىدىن ساقلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك، پەقەت مۇۋاپىق ئادەمنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويغان ۋاقىتتىلا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكى جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئۇلار ئادەم ئىشلىتىشكە، كارخانىدىكى تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ تېخىمۇ يۇقىرى قىممەت يارىتىشقا ماھىر، بۇ ئارقىلىق كارخانىمۇ توختىماستىن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن.
چېن ئەيلىيەن جېجىياڭدىكى ئەقىل – پاراسەتلىك، گۈزەل ئايال سودىگەر. ئۇ«شەخسنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك، كوللىكتىپنىڭ كۈچى چەكسىز» دىگەن ئىدىيەگە تايىنىپ،قىسقىغىنە 15 يىلدا ئۆز كەسپى دائىرسىدە 112 – ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانىنى مەزكۇر كەسىپنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى سەردارىغا ۋە خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ ئۆزگەرتكۈچىسىگە ئايلاندۇرغان.
ھەر قېتىم نەتىجىنىڭ گېپى چىقسا، چېن ئەيلىيەن ئۇنى كوللىكتىپنىڭ كۈچىگە باغلاپ، ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ شىركىتىدە ئۆلچەم تۈزگۈچى مۇتەخەسسىس، سۈپەت باشقۇرغۇچى مۇتەخەسسىس ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرگۈچى مۇتەخەسسىس ... قاتارلىقلار بولۇپ،گەرچە ئۇلارنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق ھەربىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ھەممەيلەن ھەمكارلىشىپ ئىش قىلسىلا، ھەمىشە غەلىبە قىلىدۇ.
چېن ئەيلىيەن «ھەرقانداق ئادەم تالانت ئىگىسىگە ئايلىنالايدۇ» دىگەن قاراشقا ئىشىنىدۇ،مۇھىمى ئادەمنى قانداق ئىشلىتىشتە. ئۇ ياش كادىرلارنى يىتىشتۈرۈشكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ قارىمىقىدىكى نۇرغۇن بالا شىركەتلەرنىڭ باش لېدىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى پەقەتلا 30 ياش. ئۇنىڭ قارىشىچە ئادەم ئىشلىتىشتە ئوقۇش تارىخىغا، تېخىمۇ مۇھىمى ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك، يات – يېقىن دەپ ئايرىماي، قوشقان تۆھپىسىگە قاراش كېرەك. بەزى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى ئەمەس، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. چېن ئەيلىيەن مۇۋاپىق كېلىدىغان تالانتلىقلارغا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلارغا قارىتا ھەرگىز كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلمايدۇ.
ئۇ ئېنىق قىلىپ:«شىركەتتە سىز مېنىڭ تۇغقىنىم ئەمەس، بەلكى بىر خىزمەتچى، سىزدە ئالاھىدە ھوقۇق يوق، سىزنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىڭىز خىزمىتىڭىزنى ياخشى ئىشلەش. خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلالمىسىڭىز باشقىلارغا ئوخشاشلا ئورۇننى بوشىتىپ بېرىسىز، ئىقتىدارلىق كىشىلەر بۇ ئورۇنغا كېلىدۇ.» دىگەن.
نىڭبو شىنشى كىيىم – كىچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ شىنشى ئىلگىرى: «ئىگىلىك ياراتقاندا چوقۇم مۇۋاپىق ئادەملەرنى ئىشقا قويۇش، مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلارنى ئىشتىن بوشىتىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، قالايمىقانچىلىق كەپ چىقىدۇ.» دىگەن.
«ئارتۇقچىلىق بار يەردە كەمچىلىكمۇ بولىدۇ» .ھەربىر ئادەمدە ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك بولىدۇ. كارخانا رەھبەرلىرى باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىگە قادىلىۋالسا بولمايدۇ، بەلكى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بولغاندا ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ. پەقەت مۇۋاپىق ئادەمنى مۇۋپىق ئورۇنغا قويغاندىلا ئاندىن ھەركىمنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
بىر قېتىم،جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى بىر كارخانىدا دىرېكتور بىر ۋەزىپىنى شىركەتتىكى بىر نەچچە خىزمەتچىگە تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورۇندىشىنى تەلەپ قىپتۇ. نەتىجىدە ھېچكىم بۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشنى خالىماي، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولغاندا ھەممىسى بالدۇرلا ئىشخانىدىن ئايرىلىپتۇ. كىيىن دىرېكتور بۇ ۋەزىپىنى ئانچە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىگەن بىر خىزمەتچىگە تاپشۇرۇپتۇ، بۇ خىزمەتچى كېچىلەپ ئىشلەپ ۋەزىپىنى پۈتتۈرۈپتۇ.
بۇ ئىشتىن كىيىن، كارخانىنىڭ رھبىرى ئىش ئورۇنلىرىنى قايتا تەڭشەشكە باشلاپتۇ. خىزمەت ئورنىنىڭ خاراكتېرى بۇيىچە ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپتۇ. شىركەتنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق نەچچە مەركەز ۋە ئون نەچچە كىچىك خىزمەت گورۇپپىسىغا بۆلۈنۈپتۇ، نەتىجىدە ھەربىر ئادەم مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن مەسئۇل بولالايدىغان بوپتۇ.
مەزكۇركارخانىدىكى بىر مەسئۇل خادىم «ھەربىر خىزمەتچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، خاسلىقى بولىدۇ. كارخانا باشقۇرۇشتا ئىقتىدارلىقلارنى بايقاشقا ماھىربولۇپلا قالماستىن، يەنە ماسلاشتۇرۇشقا ئۇستا بولۇش كېرەك. مۇۋاپىق خىزمەتچىلەرگە مۇۋاپىق خىزمەت بېرىش، مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلارغا نىسبەتەن ھەر قانچە يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولسىمۇ تەڭشەش كېرەك. مۇشۇ ئاساسىتا، بىر باشقۇرغۇچى ئۆزىنىڭ خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ خېرىدارى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك،ئەستايىدىللىق بىلەن ھەربىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ۋە خاراكتېرىنى ئىگەللەش لازىم»دىگەن.
بىر سودىگەر جېجىياڭلىق سودىگەرلەردەك ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بولماقچى بولىدىكەن، ئاۋۋال«ئادەمنى بايقاش» قا ماھىر بولۇشى، ئاندىن ئۇنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئېھتىياجغا ئاساسەن ۋەزىپە تەڭشەش پىرىنسىپى بۇيىچە، بارلىق ئادەم كۈچىنىڭ ھەر قايسى بۆلۈم ۋە ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق بۆلۈنۈپ ئەلالاشتۇرۇلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى كېرەك. شۇندىلا ئاندىن خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەت ھالىتىنى ساقلىغىلى، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى، ئىجادكارلىقىنى يىتەرلىك قوزغاپ، شۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
**ئائىلە ئەزالىرى – ئەڭ ياخشى ھەمراھ
يەنيۈ كىيىم– كىچەك گورۇھىنىڭ باش دىرېكتورى فەن يەنيۈ ئىلگىرى: «تىجارەت قىلىشتا ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمراھ بولسا ئائىلە ئەزالىرى. ئائىلە ئەزالىرى چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ» دىگەن.
تارىختىن بۇيان، جەمەت مەدەنىيىتى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي بىرلىكى. نۇرغۇنلىغان جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدە ئائىلە ئۇستىخانىسى شەكلىنى قوللانغان.جېجىياڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كېلىشى ئائىلە ئىگىلىكىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ۋەزىيەتنى ياراتقان. بىز ۋېنجۇدىكى ھەرقانداق بىر كارخانىغا كىرسەك جەمەت ئىزنالىرىنى كۆرەلەيمىز.
پارىژ فېيتىيەن شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يۈەنلىياڭ ئەسلەپ: «مەن ئىش باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئىجارىگە ئالغىنىم بولسا ئەڭ ئەرزان بولغان 30 كۋادىرات مېتىرلىق بالكوندەك ئۆي ئىدى، بىر ماشىنا ھەر كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلەتتى، يەنە بىر ئۈستەل بولۇپ، كېچىسى ئۈستىدە ئۇخلىسام، كۈندۈزى ھۈنەر قىلىشتا ئىشلىتەتتىم.ئىشچىلار بولسا يۇرتۇمدىن كەلگەن ئورۇغ – تۇغقانلار ئىدى. پارىژغا كەلگەن ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق، دائىم يۇرتىدىكى ئورۇغ – تۇغقانلارنى ئەپچىقىپ بىرلىكتە قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى كەلگەندە ئۆزى يالغۇز بولسا،يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا بولسا خوتۇن – بالىلىق بولۇپ، ئورۇغ –تۇغقانلىرىمۇ ئون نەچچىگە يېتىدۇ.بىز دەسلەپتە ئىش باشلىغاندا ھەتتا يەھۇدىيلار تاشلىۋەتكەن پارچە رەخت، تېرىلەرنى تىرىۋېلىپ، ئاندىن كىچىك پۇل قاپچۇقى ياساپ ساتاتتۇق. ئوخشاش بىر تېرە قاپچۇقنى باشقىلار 25 يۈەن ساتسا، مەن 20 يۈەنگەساتاتتىم. دەسمىي ۋە باھا تۆۋەنلىگەچكە، بازار ناھايىتى تىزلا روناق تاپتى.»دىگەن.
كارخانىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تەرەققىياتىدا ئائىلە ئەزالىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى چەكلەش كۈچى باشقىلارنىڭكىدىن چوڭ، ئۇلارنىڭ قۇربان بېرىش روھى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇشىغا پايدىلىق.ئوخشاش بىر جەمەتنىڭ باشقۇرۇلۇشىدا يۇقىرى – تۆۋەن بىردەك بولۇپ، قارار بەلگىلەشمۇ ناھايىتى ئاسان. پەقەت ئائىلە باشلىقى ئوتتۇرىغا چىقسىلا مەسىلە تىزلا ھەل بولىدۇ،بۇ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
لىفەن گورۇھىدىكى يى مىڭشەن ئىلگىرى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە،ساداقەت ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم، شۇڭا بىز چوقۇم ئورۇغ – تۇققانلىرىمىزنى ئىشلىتىمىز، بۇ ئۇسۇلدا تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىقتىداردىن يۇقىرى تۇرغاچقا، كارخانىنىڭ مەڭگۈ چوڭايماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىيىن مەن ئاستا –ئاستا ئىقتىدارلىقلار بىلەن ئورۇغ – تۇققانلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالدىم. ئورۇغ – تۇغقانلارنى ئىشلىتىش بولسا ئامانلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن،ئىقتىدارلىقلارنى ئىشلىتىش بولسا تەرەققىيات ئۈچۈن ئىدى. جەمەت خاراكتېرلىك باشقۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى جۇڭگودا ئەللىك يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ››.
20 –ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا قۇرۇلغان ۋېنجۇ يەنيۈ گورۇھى بىر تىپىك جەمەت خاراكتېرلىك كارخانا. 2000 يۈەن بىلەن ئىش باشلىغان بۇ كارخانىنىڭ ھازىر نەچچە مىليارىد مۈلىكى بار.
يەنيۈ گورۇھىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى يەن جەمەتىدىكىلەر ئىگەللىگەن. فەن يەنيۈ باش مۇدىر، ئۇنىڭ ئايالى تۇ ۋېنچىڭ ئىشخانا مۇدىرى، چوڭ قىزى فەن پېيسوڭ باش لېدىر، ئوغلى فەن يېلېي مۇئاۋىن باش لېدىر قوشۇمچە تېخنىك مەسئۇلى، ئىككىنچى قىزى فەن پېيفاڭ مالىيە لېدىرى، ئىككىنچى كۈيئوغلى لىنشاۋ بولسا سېتىش دىرېكتورى.شىركەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرمىگەن چوڭ كۈيئوغۇل بولسا ئۆزىنىڭ ئاتا – بالىلار شىركىتىنىڭ باش لېدىرى. پۈتكۈل ئائىلىنىڭ تىرىشىپ كۆرەس قىلىش نەتىجىسىدە،ئۇلارنىڭ كارخانىسى بارغانسىرى تەرەققىي قىلغان.
فاڭتەي ئاشخانا سايمانلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ماۋلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار جەمەت تۈزۈمىنى قوللانمىسا بولمايدۇ، پۈتۈنلەي جەمەتلەشتۈرۋىتىلسە تېخىمۇ بولمايدۇ، بىزنىڭ ماڭىدىغىنىمىز نورمال بولغان جەمەتلەشتۈرۈش يولى».
ئۇلارنىڭ كارخانا قۇرۇلمىسىدا بەزىلىرى ئەر – ئايال، بەزىلىرى ئاكا – ئۇكا، بەزىلىرى ئاچا –سىڭىل، يەنە بەزىلىرى بولسا يۇرتداش، ئائىلىدىكى كىچىك ئۇستىخانىلارنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ جەمەت كۈچىمۇ بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا، كىچىك ئۇستىخانىلار جەمەت خاراكتېرلىك كارخانىلارغا ئايلانغان.
ۋېنجۇنىڭ شەھەرلىك كومىتىتىنىڭ سابىق رەئىسى دوڭ چاۋلىننىڭ قارىشىچە، ۋېنجۇلۇقلار قىلغىلى بولىدىغان سودىنى كۆرسىلا ئۈسكۈنىلەرنى ئەكىلىپ قىلىشقا باشلايدۇ، ئۈسكۈنىلەرنى ئاۋۋال ئۆيىگە ياكى دوستىنىڭ ئۆيىگە قويۇپ تۇرۇپ، ئاندىن زاۋۇت ئۆيىنى قۇرىدۇ،روناق تاپقاندا ئاندىن باشقۇرغۇچى خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ، باشقا جايلاردا بۇنداق قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز.
جىنخۇدىكى بىر كارخانىچى «ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە ئەڭ ئىشىنىشكە بولىدىغان ھەمراھلار ئائىلە ئەزالىرى، ئىگىلىك يارىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھلاريەنىلا ئائىلە ئەزالىرى. مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بىزنى بىريەرگە ئەكىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كارخانا ئۈچۈن تىرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇنداقتا غەلبە قىلماي قالمايمىز.» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى قوزغىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشىدا نەتىجە قازىنىدۇ. ئائىلە ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى بىرلەشكەندە روناق تاپقىلى بولىدۇ،ئۆزىمىزنىڭ كارخانىسىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
***دىپلومغا ئەمەس، سەۋىيىسىگە قاراش كېرەك
ۋەن شىياڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لۇ گۇەنچىيۇ ئىلگىرى: «دىپلوم بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بىر پارچە قەغەز خالاس، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپ كەتمەيدۇ. مۇھىمى سىزدە ئىقتىدار بولۇشى، قولىڭىزدىن ئىش كېلىشى كېرەك. ئادەم ئىشلىتىشتە ئادەمنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قارىماسلىق، ئۇ ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك،ئۇنىڭ ھەقىقىي سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك.» دىگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە ناھايىتى ئۆزگىچە، ئۇلار دۇنيادىكى باشقا داڭلىق كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەزەلدىن ئوقۇش تارىخىغا ئىشەنمەيدۇ.
جېجىياڭ ئۆلكىسى دوڭياڭ شەھىرى خېڭدىيەن ناھىيىسىدىكى خېڭدىيەن گورۇھى بولسا پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان يېزا – بازار كارخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باش كارخانىسىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى ئوخشاش تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.
خېڭدىيەننىڭ باش مۇدىرى تۇ ۋېنروڭ ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە ئىختىساسلىقلارنى تاللاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. خېڭدىيەن گوروھىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ھەرقايسى ئۆلكە –شەھەرلەردىن مۇتەخەسسىس ۋە مەسلىھەتچىلەرنى، پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلارنى، تېخنىك ۋە باشقۇرغۇچى خادىملارنى ۋە نەزىرىيە ساھەسىدىكى،ئاخبارات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن.
تۇ ۋېنروڭنىڭ قارىشىچە: «ئادەم ئىشلىتىشتە بىر خىل ئۇسلۇب بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق، تالانتلىقلارغا ئوقۇش تارىخى، كەسپى قاتارلىقلارغا قاراپ باھا بەرمەسلىك، مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلماسلىق، ھەتتا ھازىرقى ئىپادىسى ۋە كەسپى نەتىجىسىگە قارىماسلىق، پەقەت ئۇ ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك >>.
خىزمەت سىتاژى بولغان كىشىنىڭ چوقۇم مۇئەييەن ئىقتىدارى بولىدۇ، بىراق خىزمەت سىتاژى پەقەت ئىلگىرىكى خىزمەت ئىپادىسىنىلا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ھەرگىزمۇ كىيىنكى تەرەققىياتقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، خىزمەت سىتاژى ئۇنىڭ خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئوزۇن – قىسقىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.»
تۇ ۋېنروڭ:«نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلار تالانتلىقلارنى ئىزدىگەندە ئاسانلا بىر خاتا چۈشەنچىگە كېلىپ قالىدۇ، يەنى ئوقۇش تارىخى يۇقىرى تالانت ئىگىلىرى بولسا مۇۋاپىق تالانت ئىگىسىدۇر. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرى ھەرگىزمۇ ئاشۇ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى، ئىش قىلىشقا ماھىر كىشىلەر ئەمەس، بەلكى كارخانا مەدەنىيىتىگە ماسلىشالايدىغان، خىزمەت ئورنىغا ماس كېلىدىغان ئادەم.» دىگەن.
بۈگۈنكى كۈندە جېجىياڭدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئاللىقاچان ئوقۇش تارىخى، خىزمەت سىتاژى قاتارلىقلارغا ئېسىلىۋالمايدىغان بولدى، ئەسلىدىكى «قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن؟»،«قانداق كىنىشكىلەرنى ئالغان؟» دىگەن سۇئاللاردىن ئاستا – ئاستا «خىزمەت تەجىرىبىڭىز بارمۇ؟...» دىگەن سۆزلەرگە ئۆتتى. جۇڭگونىڭ «ئۇنۋان نەزىرىيىسى» كارخانىلارنىڭ تالانتلىقلارنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، شەخسىي ئىقتىدارنىڭ ئىپادىلىنىشى چوقۇم بىر قەۋەت ئوقۇش تارىخىدىن تون كىيىدىغان بولدى.بىراق جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئوقۇش تارىخى ئېتىراپ قىلغان ئىقتىدار بىلەن كارخانا ئېتىراپ قىلغان ئىقتىدار ئوخشىمايدۇ. ئۇلار مەلۇم بىر يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بار ئادەمنىڭ مەلۇم ۋاقىت ياكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مەزگىلدىكى مەلۇم بىرجەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
جېجىياڭ ۋاخاخا گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى زوڭ چىڭخۇ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن: «ئۆزىمىز ئۈچۈن ياراملىق ئادەملەرنىڭ ھەرخىل ئىقتىدارىدىن پايدىلىنالىساق، ئۇ ھالدا كارخانا تەرەققىي قىلىدۇ.» دىگەن. ۋاخاخا گورۇھى ئادەم ئىشلىتىشتە دەل بۇ پىرىنسىپتىن پايدىلىنىدۇ. زوڭ چىڭخۇنىڭ ۋاخاخا گورۇھى تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە«ئوقۇش تارىخىغا قارىماي، ئىقتىدارىغا قاراش» تەك ئادەم ئىشلىتىش پىرىنسىپىنى يۈرگۈزگەن. ھەقىقەتەن، «تالانتلا پايدىلىقتۇر» دىگەن قائىدىنىڭ پايدىلىق تەرىپى ناھايىتى ئاسانلا كۆرۈنىدۇ، بىر ئەقىللىق رەھبەر چوقۇم مۇشۇنداق قىلىش كېرەك.
بىر پىشقان سودىگەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلغاندا پەقەت ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخىغا قارىماسلىق،بەلكى ئۇنىڭغا «كەسپى نەتىجىسى بىلەن گەپ قىلىش» پۇرسىتى بېرىشى، ئەمەلىيەتكە قاراش لازىم. بىر ئادەمنى تاللىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماستىن ئۇنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن، ئۇلاردا ھېچقانداق ئوقۇش تارىخى يوق، بەزى كارخانىچىلار ھەتتا ئەزەلدىن مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان. بىراق ئۇلار سودا مەيدانلىرىدا يەنىلا پۇت دەسسەپ تۇرۇپ، شان – شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى ئارقىلىق بىرئادەمنىڭ خىزمەت سەۋىيىسىنىڭ «گەپ قىلالمايدىغان» دىپلومغا قارىغاندا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىدە.
****قولىدىن ئىش كېلىش ئەڭ مۇھىم
جېجىياڭ ۋەنشىياڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لۇگۇەنچىيۇ كۆپ قېتىم خىزمەتچىلەرگە تەكىتلەپ: «قولىدىغان ئىش كېلىدىغان ئادەمنى تاللايمىز، باشقۇرالمايدىغان ئادەمنى تاللىمايمىز، بىزگە سەرخىللار كېرەك، بىراق بىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەيدىغان كىشىلەرگە تېخىمۇ مۇھتاج. بىزنىڭ ئادەم ئىشلىتىش پىرىنسىپىمىز بولسا ياتلارنى چەتكە قاقماسلىق،ئورۇغ – تۇققانلاردىن قاچماسلىق، ئەمەلىي خىزمەت قىلىش ئەڭ مۇھىم.» دىگەن.
كارخانىلار ئادەم ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تالانتلىقلارنىڭ قولىدىن قانچە ئىش كەلسە شۇنچە ياخشى، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى، تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە يۇقىرى كەسپى مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەرلا ئەڭ ياخشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەڭ ياخشى ئىختىساسلىقلار خىزمەت ئورنىغا ماسلاشقان بولۇشى كېرەك،خىزمەت ئورنىغا ماس كەلگەن ئىختىساس ئىگىسىلا ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، پەقەت خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان خىزمەتچىلا ئەڭ ئىختىساسلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جېجىياڭ جىڭتەي گورۇھىدا ۋۇ جىجىيا ئىسمىلىك بىر لېدىر مەسلىھەتچىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىشى جېڭتەينى سېتىش ئىشلىرىدا زور نەتىجىگە ئېرىشتۈرگەن، شۇڭا ئۇ جېڭتەي گورۇھىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «بايلىق ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن.
ئەينى ۋاقىتتا، يۆچىڭ مالىيە باجخانىسىدا 39 يىل جان تىكىپ خىزمەت قىلغان ۋۇجىجىيا پىنسىيەگە چىقىدۇ. نەن سۈنخۇي بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ.
نەن سۈنخۇي ئۇنىڭدىن جېڭتەي گورۇھىغا ياردەملىشىشنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈتۈنۈپ: «جېڭتەي دەل سىزدەك ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج، مەن سىزنىڭ جېڭتەيگە قوشۇلۇشىڭىزنى، جېڭتەينىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.» دەيدۇ.
ۋۇجىجىيا كۈلۈپ: «تالانت ئىگىسى؟ مەن تالانت ئىگىسى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس. ئەمما مەن سىزگە بىر ئادەمنى تونۇشتۇرۇپ قوياي، ئۇ ھەقىقىي تالانت ئىگىسى» دەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ ۋۇجىجىيا نەن سۈنخۇيغا جوۋ جىڭدوڭنى تونۇشتۇرۇپتۇ، نەن سۈنخۇي بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ: «ماڭا جوۋ ئىدارە باشلىقىمۇ، سىزمۇلازىم!» دەيدۇ.
نەنسۈنخۇينىڭ سەمىمىي تەكلىپ قىلىشى ئارقىسىدا، ۋۇجىجىيا ئاخىرى ئۇنىڭ تەكلىپىگە كۆنۈپتۇ. كىيىن جوۋجىڭدوڭ ئىدارە باشلىقىمۇ جىڭتەي گورۇھىغا قوشۇلۇپتۇ.
ۋۇجىجىيا مالىيە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى نامىدا جېڭتەي گورۇھىغا كىرىپ، كىيىن ئۆزىنىڭ سېتىش بۆلۈمىنى تەسىس قىلىشنى، پۈتۈن جۇڭگودا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا تورلاشقان سېتىش نوقتىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىپتۇ.
نەن سۈنخۇي بۇ ئوينىڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ ۋۇجىجىيا سېتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، شىركەت ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشۇپتۇ.
جېجىياڭلىقلارنىڭ تىجارەتتە كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بولسا ئۈنۈم. پۇل تاپسۇن ياكى تاپالمىسۇن، ئۇلار ۋاقىت ئۈنۈمىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەلۇم ئادەمنىڭ مەلۇم كەسىپتىكى سەرخىل ئىختىساس ئىگىسى ئىكەنلىكىگە ناھايىتى ئاز دىققەت قىلىدۇ. جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە،سەرخىللارنىڭ پايدا ئەكىلەلىشى ناتايىن، بىراق قولىدىغان ئىش كېلىدىغان بىر تالانت ئىگىسى چوقۇم پۇل تاپالايدىغان سەرخىل بولىدۇ.
جېجىياڭلىقلارنىڭ قارىشىچە، مۇۋاپىق كەلگەنلىرى تالانت ئىگىسى. بۇ ھازىرقى زامان باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى بىر خىل يېڭى ئىدىيە، قارىغۇلارچە ئوقۇش تارىخىنى قوغلىشىش تالانتلىقلارنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى، تالانتلىقلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراشتەك مەنپىي تەسىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پەقەت ئادەمنى بىر مۇۋاپىق ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرالىساق، قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
جېجىياڭ چۈنچېڭ قۇلپىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى جىياپېڭ بولسا تېخى30 ياشقىمۇ كىرمىگەن ياش. جىياپېڭ شىركەتكە ئەمدىلا كىرىپ خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا، ئىش ھەققى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، سېخلاردىكى ئۇششاق ئىشلارنى قىلدى. بىراق جىياپېڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوش ۋاقتى چىقسىلا باشقا سېخلارغا بېرىپ «ھۈنەر ئوغرىلايدىكەن»، ئوزۇن ئۆتمەستىن ئۇ قۇلپىچىلىق زاۋۇتىنىڭ بارلىق باشقۇرۇش ھالقىلىرىنى بىلىۋاپتۇ.
شىركەت تەرەققىياتى جەريانىدا، مەيلى قانچىلىك كۆپ خەتەرگە دۇچ كەلسۇن، جىياپېڭ باشتىن –ئاخىر شىركەتكە سادىق بولغاچقا، شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋۇشىياۋخەي ئۇنى تەربىيلەپ يىتىلدۈرۈشكە باشلاپتۇ. جىياپېڭمۇ توختىماستىن ھەرقايسى جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىپتۇ. بۈگۈنگە كەلگەندە، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بۇ شىركەت جىياپېڭنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا.
ۋۇشىياۋخەي ئىلگىرى جىياپېڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئەگەر بىر كۈنى سەن تۇيۇقسىز شىركەتتىن ئايرىلساڭ، مەن ئون مىليون خەجلەپ ئەرز قىلىپمۇ بولسا سېنى ماڭغىلى قويمايمەن.»دىگەن.
جېجىياڭدىكى بىر كارخانىچى ئىلگىرى: «كارخانىدا پۇل بولسا پايدىسى يوق، ئادەم بولۇشى كېرەك؛ئۆزى چۈشەنمىسە ھېچقىسى يوق، پەقەت چۈشىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك؛ ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ قابىلىيىتى بولمىسىمۇ، بىراق ئىشلەتكۈچى ئادەمنىڭ ياخشى نامى چىقسىلا،قولىدىن ئىش كېلىدىغانلار ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ. پەقەت قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم بولسىلا، مۇئاشنى يۇقىرى بېرىپ تەكلىپ قىلىش كېرەك. سىز ئۇنىڭغا بىر – ئىككى تۈمەن بەرسىڭىز، ئۇ سىزگە مىليونلاپ پۇل تېپىپ بېرەلەيدۇ، بۇنداقتا يەنە قانداق قاملاشمىغان يىرى بولسۇن؟» دىگەن.
كاڭنەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ شىيۇكاڭ ئىلگىرى: «مېنىڭ ئادەم ئىشلىتىش پىرىنسىپىم ناھايىتى ئېنىق، يەنى سىزنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارىڭىز بولسا، مەن سىزگە شۇنچىلىك چوڭلۇقتىكى ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە تەمىنلەپ بېرىمەن.» دىگەن.
پەقەت خىزمەت ئورنىنىڭ تەلپىگە ماس كەلسىلا، شەرتسىز خىزمەت قىلىشقا بولىدۇ.جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ كارخانىلىرىدا، بۇ خىلدىكى ھەر تەرەپلىمە ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە بۇكارخانىلارنى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
تىجارەتتە ئەمەلىيەتچىل بولۇپلا قالماستىن، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاشتىمۇ ئەستايىدىل،ئەمەلىيەتچىل بولۇش كېرەك. سىرتقى قىياپەتتىكى يۈزەكى قىزىقتۇرۇشلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش، جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئىختىساسلىقلارنى تاللاش كېرەك.ياراملىق بولۇش، قولىدىن ئىش كېلىش تاللاشنىڭ ئۆلچىمى بولۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ سىرتقى قىياپەتتىكى «توختىماستىن نۇر چىقىرىۋاتقان» بىر قەۋەت قاسراق-پەردە تەرىپىدىن ئالدانماسلىق كېرەك.
***************************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي