كۆپچىلىك بىرلىكتە پۇل تېپىشى كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
3 - باب 6 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: دۇنيادا بېكارلىق تاماق يوق، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تاپىدىغان پۇلىسى بار، پۇل تېپىشتا نېمىشقا ئۆز-ئارا يول قويغۇدەكمىز؟ مەن بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
ۋېنجۇلۇقلار: بىر ئادەم كۆپ پۇل تاپالمايدۇ، پۇلنى كۆپچىلىك بىرلىكتە تېپىش كېرەك، ئۆزىمىز پۇل تاپىدىغان ياخشى پۇرسەتكە ئىرىشكەندە باشقىلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن باشقىلار پۇل تاپىدىغان ياخشى پۇرسەتكە ئىرىشكەندە بىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا كۆپچىلىك بىرلىكتە پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
ئىلگىرى بەزىلەر بىر ۋېنجۇلۇق سودىگەردىن تىجارەت قىلىشىدىكى مەخپىيەتلىكىنى سورىغاندا، بۇ ۋېنجۇلۇق سودىگەر مۇنداق دېگەن: «تىجارەتتە ھەرگىزمۇ ئۆزىنىلا ئويلىماسلىق كېرەك، 10 يۈەن پۇل تاپىدىغان جايدا ئالتە يۈەننى ئۆزىمىز تاپساقمۇ، باشقىلارغا تۆت يۈەن پۇل تاپقىدەك بوشلۇق قويۇپ قويۇش كېرەك. مۇنداق بولغاندا باشقىلار پۇل تاپقاندىمۇ سىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ-دە، سىزنىڭ پۇل تېپىش بوشلۇقىڭىز بارغانسېرى چوڭىيىدۇ.»
ۋېنجۇ شەھىرى لۈچېڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيۇڭ خۇڭچىڭ مۇنداق دېگەن: «مەن ھازىر نەگىلا بارسام ناھايىتى قولايلىق ھېس قىلىمەن، چۈنكى ۋېنجۇ سودىگەرلەر جەمئىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان .ئۇلار ۋېنجۇلۇق مېھمانلارنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ھەمدە پۇل ۋە پۇرسەتتىن كۆپچىلىك بىرلىكتە پايدىلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ». بۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس، ھەرقايسى جايلاردىكى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنداق بىر قائىدىنى يەكۈنلىگەن: «بىر ئادەم يەككە-يېگانە ھالەتتە كۆپ پۇل تاپالمايدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە تاپقان پۇلنىڭلا ھەقىقىي بەرىكىتى بولىدۇ.»
تىجارەتتە كوللىكتىپنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنە ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. باشقا جايلاردىكى سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر سودا پۇرسەتلىرىگە ئۇچرىغاندا دائىم ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە مەنپەئەتلىنىدۇ.
خېفېي شەھەرلىك ۋېنجۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى شاۋ ۋۇيۆنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ بىر مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتى تەسىس قىلغان، مەزكۇر ئاپپاراتقا ئەزا بولغانلار تۆۋىنى نەچچە ئون مىڭ سومدىن يۇقىرىسى مىليون يۈەنگىچە
مەبلەغ تاپشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياققان،مەبلەغ سالسا بولىدۇ دەپ قارىغان تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. كۆپچىلىك بىرلىكتە قايسى تۈرگە مەبلەغ سالسا ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى قارار قىلىپ مەبلەغنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدا يارىتىش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.
شى فۇلى -سىچۈەندىكى ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ تۇنجى بولۇپ سىچۈەنگە كېلىپ ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ۋېنجۇلۇق سودىگەر.
1997-يىلى،شى فۇلى سىچۈەننىڭ گۇاڭيۈەن شەھىرىدە تۇنجى بولۇپ‹ ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسى›نى قۇرغاندا زور داغدۇغا قوزغىغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شى فۇلىنىڭ مەبلىغى ئاللىقاچان لېشەن ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسى، سەنتەي ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسى، يىڭشەن
ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسى، بەيگۇڭ ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسى... قاتارلىقلارغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، قىممىتى 700 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. ئەمما شى فۇلى بانكىدىن بىر فۇڭمۇ قەرز ئېلىپ باقمىغان.
ئۇنداقتا شى فۇلىنىڭ مەبلىغى نەدىن كەلگەن؟
شى فۇلى بەيگۇڭ ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسىگە مەبلەغ سالىدىغان ۋاقىتتا 300 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغان، ئۇ
نىڭ بۇنچە كۆپ پۇلنى ئۆزىگە تايىنىپ ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ پىلانىنى باشقا 60 تىن كۆپرەك ۋېنجۇلۇق سودىگەرگە ئېيىتقان. نەتىجىدە بۇ سودىگەرلەر كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرماستىنلا 300 مىليون يۈەن مەبلەغنى جۇغلاپ بۇ تۈرنى قولغا كەلتۈرگەن.
ۋېنجۇ سودىگەرلىرى تىجارەت قىلغاندا ھەمىشە خېرىدارلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىدۇ.ئۇلار ئاۋال خېرىدارلارنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت تەمىنلەپ ئاندىن ھەق ئالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بىر قولدا پۇلنى بىر قولدا تاۋارنى ئېلىشقا قارىغاندا خېرىدارلارنىڭ تېخىمۇ ياختۇرۇشىغ ئېرىشكەن. چۈنكى مۇنداق بولغاندا خېرىدارلار ئەڭ ئاز پۇل بىلەن كۆپلىگەن سودىنى قىلالايدۇ، ھەمدە ھەربىر سودىدىن يېتەرلىك پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىنى خېرىدارلار ياخشى كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ سودىسى ياخشىلىنىدۇ، خېرىدارلارمۇ ئۇلارغا
باشقا خېرىدارلارنى تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋېنجۇلۇقلارنىڭ تىجارىتى تەبئىيلا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
خاڭجۇ ئەينەك بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىنى لايىھەلەش ئىشخانىسىدىكى چېڭ گاڭ مۇنداق دېگەن:«مەن ۋېنجۇدا بەش مىڭ يۈەن خەجلەپ يۈز مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال سېتىۋالالايمەن، ئەگەر يېرىم ئايدا قەرز قايتۇرۇشقا كېلىشكەن بولسام، ۋېنجۇلۇقلار يېرىم ئاي توشماستا قەرزنى ھەرگىزمۇ سۈيلىمەيدۇ، قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتى توشسىمۇ ئەدەب يۈزىسىدىن سۈيلەپ قويىدۇ، مەنمۇ قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرىمەن. ۋېن
جۇدا ئون يۈەن خەجلەپ 100 يۈەنلىك سودا قىلالايسىز، مۇنداق بولغاندا پايدا بوشلۇقىڭىزمۇ كېڭىيىدۇ.»
ئىلگىرى كىشىلەر ھەمىشە ۋېنجۇلۇقلارنى«قورقۇنچلۇق ۋېنجۇلۇقلار» دەپ ئاتىشاتتى، ئۇلارنىڭ «قورقۇنچلۇق» تەرەپلىرى دەل ئۇلارنىڭ ھەممەيلەن ئورتاق مەنپەئەتلىنەلەيدىغان ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپالايدىغان ئىدىيەسىدە. ئۇلار خېرىدارغىمۇ پايدا بېرىدۇ، ئۆزلىرىمۇ پۇل تاپىدۇ،
كىچىك سودا ئارقىلىق چوڭ پۇللارنى تاپىدۇ،خۇددى «ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ» دېگەندەك، ئۇلار نەچچە يىلدىلا نۇرغۇن پۇلنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ.
جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىچۈەندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى سۇڭ شىگې ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ
ھەمكارلىق روھىغا ئاپىرىن ئوقۇپ مۇنداق دېگەن: «ۋېنجۇلۇقلار تىجارەت قىلغاندا ئەمەلىي ئىش قىلىش، ۋاز كەچمەسلىكتەك روھنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ، ئۆز-ئارا ئىشىنىدۇ، ھەمكارلىشىدۇ، ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ مەبلىغى ۋە كۈچىنى ناھايىتى ياخشى ھالەتتە بىرىكتۈرەلەيدۇ.»
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
مەن ھازىر نەگىلا بارسام ناھايىتى قولايلىق ھېس قىلىمەن، چۈنكى ۋېنجۇ سودىگەرلەر جەمئىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان.ئۇلار ۋېنجۇلۇق مېھمانلارنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ھەمدە پۇل ۋە پۇرسەتتىن كۆپچى
لىك بىرلىكتە پايدىلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى