مېتېئورىت تاش
ئالتۇندىنمۇ قىممەت تاش:مېتروئىت تاش
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورىنىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
قۇياش سىستېمىسىدا مارس بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئوربېتىسى ئارىسىدا بىر كىچىك سەييارە بەلبېغى بار، ئۇ دەل مېتېئورىتلارنىڭ ماكانى. بۇ كىچىك سەييارىلەر ئۆزىنىڭ ئوربېتىسىدا ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۈزلۈكسىز سوقۇلۇپ تۇرىدۇ، بەزىدە سوقۇلۇش سەۋەبلىك ئوربېتىسىدىن چىقىپ كېتىپ يەرشارىغا قاراپ ئۇچۇپ، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كەلگەندە سۈركىلىش يۈز بېرىپ، فوتوئىسسىقلىق چىقىرىپ ئاقار يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. ئاقار يۇلتۇز ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەن ۋاقىتتتا شەكىللەنگەن يۇقىرى تېمپراتۇرا، يۇقىرى بېسىم ئىچكى قىسىمدا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىپ، پارتلاش يۈز بېرىدۇ-دە، مېتېئورىت يامغۇرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۆيۈپ بولالمىغانلىرى يەرشارىغا چۈشۈپ مېتېئورىتقا ئايلىنىدۇ.
مېتېئورىت (meteorite) يەرشارىنىڭ سىرتىدىكى ئەسلى ئوربېتىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئالەم بوشلۇقى ئاقار يۇلتۇزى ياكى ئۇششاق پارچىلار تېز سۈرئەتتە يەرشارى ياكى باشقا سەييارىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېتىپ كەلگەن، تولۇق كۆيۈپ بولالمىغان تاش، تۆمۈر ياكى تاش-تۆمۈر ئارىلاش تەركىبلىك ماددىسىنى كۆرسىتىدۇ.
كۆپ قىسىم مېتېئورىت مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىلىقىدىكى كىچىك سەييارىلەر بەلبېغىدىن كېلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئاي شارى ۋە مارستىن كېلىدۇ. مېتېئورىت چوڭ جەھەتتىن تاش تەركىبلىك مېتېئورىت، تۆمۈر تەركىلىك مېتېئورىت، تاش-تۆمۈر ئارىلاش تەركىبلىك مېتېئورىت دەپ ئايرىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر خىل «ئەينەك مېتېئورىت» دەپ ئاتىلىدىغان مېتېئورىتمۇ بار. ئۇ قارا ياكى قارا-يېشىل رەڭدە، تاشقا ئوخشايدۇ، ئەمما تاش ئەمەس؛ ئەينەككە ئوخشايدۇ ئەمما ئالاھىدە كىرىستال قۇرۇلمىسى بولمىغان ئەينەكسىمان ماددا. ئۇنىڭ شەكلى ھەرخىل، ئادەتتە ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئېغىرلىقى نەچچە گىرامدىن نەچچە ئون گىرامغىچە كېلىدۇ. ئەينەك مېتېئورىتنى بېكىتىشتە ئاساسلىقى ئەۋرىشكىنىڭ بايقىلىش ئورنى ۋە ئۇنىڭ خىمىيەلىك ئىزوتوپ ئالاھىدىكى ئاساس قىلىنىپ، خىمىيەلىك ئىزوتوپ ئەڭ ئاخىرقى دەلىل قىلىنىدۇ. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئەينەك مېتېئورىتنىڭ تارقىلىشى كۆرۈنەرلىك رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئەمما رايون ئالاھىدىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ھازىرغا قەدەر تېپىپ چىقىلمىدى.
نۆۋەتتە دۇنيادا ساقلانغان ئەڭ چوڭ مېتېئورىت ئافرىقىنىڭ نامىبىيەدىكى خوبا (Hoba) مېتېئورىتى بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 60 توننا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى گرېنلاندىيەدىكى كەمتۈك بۇلۇڭ 1-نومۇر ناملىق مېتېئورىت بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 33 توننا كېلىدۇ. ئېلىمىزدىكى شىنجاڭ مېتېئورىتىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 28 توننا كېلىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ مېتېئورىت. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاش مېتېئورىت جىلىن مېتېئورىتى بولۇپ، يىغىلغان ئەۋرىشكىسىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 2550 كىلوگىرام، جىلىن 1-نومۇر ناملىق مېتېئورىتنىڭ ئېغىرلىقى 1770 كىلوگىرام كېلىدۇ، ئۇ ئىنسانلار يىغقان ئەڭ چوڭ تاش مېتېئورىت پارچىسى.
مېتېئورىتنى بېكىتىش
مېتېئورىت تاشقى پىلانېتادىن كەلگەن جىسىم بولغاچقا، ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئۈسكۈنە ئارقىلىق بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ، كۆز پەقەت قوشۇمچە رول ئوينايدۇ. بىر پارچە مېتېئورىتنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپلەرنى نەزەگە ئېلىشقا بولىدۇ:
1. سىرتقى يۈزىدىكى لاۋا پوستى: مېتېئورىت يەرشارى يۈزىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتىدۇ، مېتېئورىت يەرشارىغا چۈشۈش جەريانىدا ئاتموسفېرا بىلەن سۈركىلىپ يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا قىزىيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىرتقى يۈزى ئېرىپ بىر قەۋەت نېپىز لاۋا پوستلاق شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرشارىغا يېڭىدىن چۈشكەن مېتېئورىتنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت قارا رەڭلىك لاۋا پوستى بولىدۇ، قېلىنلىقى تەخمىنەن بىر مىللىمېتىر كېلىدۇ.
2. سىرتقى يۈزىدىكى پېزوگراف: ئۇنىڭدىن باشقا مېتېئورىت ئاتموسفېرا بىلەن ئۆزئارا تەسىرلىشىدىغان بولغاچقا، مېتېئورىت سىرتقى يۈزىدە خۇددىي سۇرۇخقا چىلىنىپ بېسىلغان بارماق ئىزىدەك نۇرغۇنلىغان پېزوگراف (气印) قېلىپ قالىدۇ.
3. ئىچكى قىسىمدىكى مېتال: مېتېئورىت بىلەن تاش-تۆمۈر مېتېئورىتنىڭ ئىچكى قىسمى تۆمۈردىن تەشكىل قىلىنغان، بۇ تۆمۈرنىڭ نېكىل مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى (%10~%5). شارسىمان مېتېئورىتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ مېتال دانىچىسى بولىدۇ، يېڭىدىن ئۈزۈلگەن يۈزدە ئۇششاق مېتال دانىچىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
4. ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى: كۆپ قىسىم مېتېئورى تەركىبىدە تۆمۈر بولغاچقا، %95 مېتېئورىت ماگنىت تەرىپىدىن تارتىلىدۇ.
5. شارسىمان دانىچە: كۆپ قىسىم مېتېئورىت شارسىمان دانىچىلىق مېتېئورىت (%90نى ئىگىلەيدۇ)، بۇ مېتېئورىتلاردا زور مىقدار مىللىمېتىر چوڭلۇقىدىكى شارسىمان سىلىكات شارچىلىرى بار بولۇپ، شارسىمان دانىچە دەپ ئاتىلىدۇ. شارسىمان دانىچىلىق مېتېئورىتنىڭ يېڭى ئۈزۈلمە يۈزىدە يۇمىلاق شارسىمان دانىچىلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
6. سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى: مېتېئورىتنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 8 گىرام/cm3 بولۇ، يەرشارىدىكى ئادەتتىكى تاشلارنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىدىن خېلىلا چوڭ. شارسىمان مېتېئورىتنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقداردا ئالتۇن بولغاچقا، ئۇنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى تېخىمۇ ئېغىر.
مېتېئورىتنىڭ قىممىتى
خەلقئارا نىسبەتەن قىممەت بولغان مېتېئورىت يەرشارى ۋە مارستىن كەلگەن مېتېئورىت بولۇپ، تەخمىنەن 6000 دوللار، يەنى ھەر گىرامى 30 مىڭ يۈەن، ئەرزان قۇملۇق مېتېئورىتىنىڭ يىمىرىلىش دەرىجىسى چوڭ بولۇپ، ھەر گىرامىنى بىر يۈەنگە سېتىۋاالغىلى بولىدۇ، ئەگەر چۈشكەن ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەم كۆرگەن بولسا، باھاسى 40-50 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى تۈرلۈك مېتېئورىتلار ئىچىدە قارا گۆھەر دەپ ئاتالغان مېتېئورىتنىڭ باھاسى ئاي شارى ۋە مارس مېتېئورىتىدىن قىممەت، چۈنكى نۆۋەتتە ئىنسانلار ئۇلارنىڭ مەنبەسىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ، بەلكىم ئۇلار 15 مىليارد يورۇقلۇق يىلىنىڭ سىرتىدىكى ئالەم بوشلۇقى چوڭ پارتىلىشىدا شەكىللەنگەن پىلانېتادىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئالەم بوشلۇقىنىڭ پارتىلىشى ۋە شەكىللىنىشىنى تەتقىق قىلىشقا زور ياردىمى بولىدۇ، بۇ خىل مېتېئورىت ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەن ۋاقىتتا يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆز ئوقىدا ئايلانغاندىن كېيىن يەرشارىدىكى قۇملۇققا چۈشكەن، شۇڭا مۇكەممەل ساقلانغان، لاۋا پوستىمۇ مۇكەممەل، سىرتقى يۈزى پارقىراق، قارا-يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ، يۇقىرى دەرىجىدىكى يىغىپ ساقلاش ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
جۇڭگودىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان 2750 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر قارا گۆھەر بېيجىڭدىكى بىر سىرلىق يىغىپ ساقلىغۇچى تەرىپىدىن 40 مىليون يۈەنگە سېتىۋېلىنغان، بۇ مېتېئورىت ئاي شارى ۋە مارستىن كەلگەن مېتېئورىت ئەمەس، كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس، دۇنيادا پەقەت بىرسىلا بار، ھازىرقى مۆلچەر قىممىتى 60 مىليوندىن يۇقىرى، ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، كەلگۈسىدە قىممىتى تېخىمۇ ئۆرلىشى مۇمكىن.
دۆلەت ئىچى بازىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىشەنمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت، نۇرغۇن كىشىلەر خەلقئارالىق يوللار ئارقىلىق سېتىۋالىدۇ. ئىشەنمەسلىكنىڭ سەۋەبى دۆلەت ئىچىدە ساختا مېتېئورىت بەك كۆپ، شۇ سەۋەبلىك مېتېئورىت باھاسىمۇ ئىنتايىن قىممەت، باھاسى تېز ئۆسىدۇ، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن، يېقىنقى ئىككى يىلدا مېتېئورىت باھاسى 10 ھەسسە ئۆرلىدى، ئادەتتىكى مېتېئورىتنىڭ باھاسىمۇ بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئۆرلىدى.