A-A+

باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى-ۋاراتارچى

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 196 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

8-دەرس 9-پارىگىراپ

باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى-ۋاراتارچى

مايۈن مۇنداق دېگەن: «بىز خېرىدارنى ئاتا-ئانىمىزغا ئوخشىتىمىز. ئالى بابانىڭ قۇرۇلما سىخېمىسى تەتۈر ئېسىلغان، يەنى ئەڭ ئۈستىدە خېرىدار، ئۇنىڭ ئاستىدا خىزمەتچى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇدىر، مۇدىرنىڭ ئارقىسىدىن باش لىدىر، ئەڭ ئاخىرىدا مەن-ئالى بابانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تۇرىمەن.» بۇ دەل مايۈننىڭ بىر كارخانا رەھبىرىگە بەرگەن ئېنىقلىمىسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا قويغان. دەل مۇشۇنداق «ئىشىك باقار» لىق ئۆزلۈك ئېڭى ئۇنى جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان.

بىر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا نىسبەتەن، ئەگەر سىز ئۇنىڭدىن كارخانىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم كىم دەپ سورىسىڭىز ھەمىشە نۇرغۇنلىغان جاۋابلارغا ئېرىشىسىز: مەبلەغ سالغۇچى، خىزمەتچى...ئەمما مايۈن بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «خېرىدار بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىزغا ئوخشاشلا مۇھىم.» مايۈن ھەتتا مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزۈمدىن خوجايىنىمنىڭ كىملىكىنى سورىسھام، جاۋابى: مېنىڭ ئالدىمدىكى بىر نەچچە مۇئاۋىن باش لىدىر، مۇئاۋىن باش لىدىرنىڭ خوجايىنى دەل ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى باش نازارەتچى، باش نازارەتچىلەرنىڭ خوجايىنى دەل ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى خىزمەتچىلەر، خىزمەتچىلەرنىڭ خوجايىنى دەل ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى خېرىدارلاردۇر. ناھايىتى ئېنىقكى، مەن بۇ كوللىكتىپنىڭ ۋاراتارچىسى. ئەگەر سىلەر بىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ۋاراتارىنىڭ ئەڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بايقىساڭلا، ئۇنداقتا ئاۋارىچىلىق چوڭ بولغان بولىدۇ، ئۇنىڭ تېخنىكىسى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ بېكار بولىدۇ.» مايۈن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى شىركەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ۋاراتارغا تەققاسلايدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دەرۋازىنى مەھكەم ساقلاپ، يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت.

2000-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق «غەربى كۆل ئۇچرىشىشى» دا، مايۈن ئەينى ۋاقىتتىكى بازار ئەھۋالىنىڭ نورمالسىزلىقىنى بايقىغان، ئەينى ۋاقىتتا بىر ئاي ئىچىدىلا 1000 ئىنتېرنېت كارخانىسى قۇرۇلغان بولۇپ، كۆپچىلىك ھەممىسى پېيىنى بازارغا سېلىپ پۇل تېپىشنى ئويلايىتتى. مايۈن شۇنى چۈشىنەتتىكى، بۇ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ ياراملىق ۋاراتار بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئەڭ قەتئىي ئىرادە ئارقىلىق كۆپچىلىككە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم ئىدى.

ئاۋال، مايۈن «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى» نى باشلاپ، ئىدىيە ۋە نىشاننى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان. 80 يىللىق تارىخقا ئىگە كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى كارخانىنى ياخشىلاش بولۇپ، ھەرگىزمۇ پۇل تېپىش ئەمەس ئىدى.

ئاندىن، مايۈن مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى خىزمەتچى ۋە كادىرلارنىڭ تەربىيەلىنىش خىراجىتىگە سەرپ قىلىشنى باشلىغان، ھەمدە 2002-يىلىنىڭ ئىچىدە «بىر يۈەن پۇل تېپىش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپقان.

گەرچە مايۈن يۇقىرىقى ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىغان، مەسىلەن: قايتۇرما ھەق. ئەينى ۋاقىتتا ئالى بابا باشقىلارغا تور بەت قۇرۇپ بېرىپ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان بولسا، ئۇنداقتا يەنە 5000 مىڭ يۈەن قايتۇرما ھەق ئالاتتى، قايتۇرما ھەقنى زادى ئېلىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىدە كۆپچىلىك بىر قارارغا كېلەلمىگەن ئىدى.

شىركەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىش بولغان، كۆپچىلىك بىر مەيدان مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن قايتۇرما ھەقنى ئالماسلىقنى قارار قىلغان. دەسلەپتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن، كېيىن ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ساتقۇچى خادىمنىڭ قايتۇرما ھەقنى داۋاملىق يىغىۋاتقانلىقى بايقىلىپ، مايۈن ئۇلارنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن. مايۈن تىجارەت قىلمىساقمۇ خېرىدارلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش كېرەك دەپ قارىغان ئىدى.

كېيىن مايۈن تۆۋەندىكىدەك تەجرىبىنى خۇلاسىلەپ چىققان: «توققۇز يىللىق ئىگىلىك تىكلەش تارىخىم شۇنداق بىر نوقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى: ماڭا ئوخشاش تېخنىكىنىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئادەم ئىگىلىك تىكلەپ ئازراق نەتىجە قازىنالىغان يەردە، %80 ئادەم چوقۇم ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ، ئەمما بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ-سىزنىڭ ئاددى ئادەملەرنى بىر يەرگە قانداق يىغىشىڭىزدا ۋە قانداق قىلىپ ياخشى ۋاراتار بولالىشىڭىزدا.»

گەرچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولسىمۇ، بىراق كاللىسىنىڭ ھەر ۋاقىت تېتىك ھالەتتە تۇرۇشى ۋە قانداق قىلىپ خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى ئويلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مايۈن مۇنداق دېگەن: «باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا تۇرىمەن، مەن بارلىق خېرىدارلارغا شۇنداق دەيمەن: ئەگەر بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىز رازى بولمىسا، ھەتتا ماڭا دەرت تۆكسە، بۇ بىزنىڭ ئىشنى تېخى ياخشى قىلالمىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ. مەن نۇرغۇن ۋاقتىمنى بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئويلىنىشقا سەرپ قىلىمەن.»

ئۇنداقتا، ۋاراتارلىق رولىنى ئۆتەۋاتقان باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلار قايسى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزەلەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرى نەدىن كەلگەن؟

بىر قىسىم «قاتتىق مىجەزلىك» باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغان خىزمەتچىلەرگە مۇنداق دېيىشنى ياختۇرىدۇ: تەشكىل مېنى بۇ ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرغان، سەن چوقۇم ماڭا بويسۇنۇشۇڭ كېرەك. بىراق مايۈن بۇنى ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالەتتە ئىپادىلىنىشى دەپ قارايدۇ. چۈنكى جۇڭگولۇقلار دائىم «مۇزەككەر كەتسە، مۇئەننەس بار» (جۇڭگو پەلسەپەسىدىكى مۇھىم قاراش، يەنى يۈزەكى نەرسىلەرگە ئېتىبار بېرىپ، ماھىيىتىگە ئېتىبار بەرمەسلىك) نى ياخشى كۆرگەچكە، باشقىلار چىرايىدا سىزنى ئېتىراپ قىلىپ بويسۇنسىمۇ، ئۇنىڭ قورسىقىدا ئويلاۋاتقىنىنى سىز بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. سىزنىڭ خىزمەتچىلىرىڭىز چوقۇم «مۇزەككەر كەتسە، مۇئەننەس بار» ئۇسۇلىدا سىزگە تاقابىل تۇرىدۇ.

يەنە بىر قىسىم «پۇلى بار توڭ قاپاق» باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى شۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ پۇلۇم بار، خىزمەتچىلەرنى پۇل ئارقىلىق تۇتۇپ تۇرالايمەن. ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدۇ، بىراق رىقابەتكە تولغان بۇ جەمئىيەتتە خىزمەتچىلەرنى مەپتۇن قىلىدىغان تېخىمۇ چوڭ نەرسە ئوتتۇرىغا چىقسا، سىزنىڭ پۇل ئارقىلىق ئېرىشكەن ھوقۇقىڭىز تەبئىيلا يوقايدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر شۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ زورلۇق كۈچى ئىشلىتىدىغان ھوقۇقۇم بار، ماڭا بويسۇنمىغانلارنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىمەن. بىراق ھەر قانداق كارخانا بۇ خىلدىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن، مايۈن يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن ھوقۇقلارنى ئىشلەتكەندە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش لازىم، بىر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: سىز مەلۇم جەھەتتە مۇتەخەسسىس بولسىڭىز، تەبئىيلا باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، سىز ئورۇن ۋە پۇلغا ئىگە بولغان ۋاقىتتا، سىز قاتتىق كۈچكە (ماددى كۈچكە قارىتىلدۇ) ئېرىشكەن بولىسىز-دە، قاتتىق كۈچى بولمىغان كىشىلەردىن كۈچلۈك كۆرۈنىسىز، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت سەھنىڭىز تېخىمۇ كەڭرى بولىدۇ.

كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، مايۈن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ قانداق ھوقۇق ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ناھايىتى سەزگۈر. مايۈن مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ مەلۇم ئادەمگە بويسۇنۇشىدىكى سەۋەب، بۇ ئادەمنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ياكى لىدىر بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ توغرا بولغانلىقىدا. بىر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ قارار قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىستىراتېگىيەسىنىڭ توغرا بولغانلىقىدىن كەلگەن. ھەممە ئادەم سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا، ئۇلار سىزگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ.»

مايۈن ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى بىر پۇتبول كوماندىسىغا ئوخشىتىدۇ. مايۈن مۇنداق دېگەن: «بۇ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ۋاراتارچىسى دەل مەن. كوماندا توپ كىرگۈزسە، ۋاراتارچى ئۇلار ئۈچۈن چاۋاك چالىدۇ؛ قارىشى تەرەپ بىزنىڭ ۋاراتارىمىزغا توپ كىرگۈزسە، ۋاراتارچى بۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.» ئېنىقكى، بىر مۇنەۋۋەر ۋاراتارچى بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بىر مۇنەۋۋەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ ۋاراتارىنى ياخشى قوغدىغاندىن سىرت، يەنە سودا مەيدانلىرىدا ئۆزنىمۇ-ئۆزگىنىمۇ بىلىشى كېرەك. بۇ يەردىكى «ئۆز» خىزمەتچىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر «ئۆزگە» رىقابەتچىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ، بىراق مايۈن «ئۆزگە» خېرىدارنى كۆرسىتىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلاردا بىز رىقابەتچىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن خېرىدارنى ئۇنتۇپ قالىمىز، بۇنىڭ بىلەن مەغلۇبىيەتمۇ بىزگە يېقىنلاپ كېلىدۇ.

مايۈن گەرچە سىزنىڭ ياردەمچىلىرىڭىز سىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلسىمۇ، سىز يەنىلا يالغۇزلۇق ھېس قىلىسىز دېگەن. كارخانىدىن ئىبارەت بۇ كېمە مېڭىشنى باشلىغاندا، كاپىتان چوقۇم مومىغا چىقىپ شامال يۆنىلىشىنى كۈزىتىشى كېرەك. مايۈن شۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئويلايدىغىنىم بىر يىلدىن كېيىنكى ئۈنۈم، مەن چوقۇم تۈزۈم ۋە ئىختىساسلىقلارنى جۇغلاش توغرىسىدا ئويلىنىشىم كېرەك، ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋاقىتتا، مەن يەنە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلارنى ئويلىنىشىم كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، مەن بۇنىڭدىن بەھرە ئالسام بولمايدۇ، بىراق مەغلۇب بولساق چوقۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم لازىم.»

باشقىچە ئېيىتقاندا، كوماندا توپ كىرگۈزسە، بۇ ۋاراتارچىنىڭ تۆھپىسى ئەمەس، بىراق قارىشى تەرەپ بىزنىڭ ۋاراتارغا توپ كىرگۈزۋەتسە، بۇ چوقۇم ۋاراتارچىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇ دەل باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى!

****************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ