نامراتلار ئالاقىنى ياقتۇرمايدۇ ،بايلار ئىجتىمائى سۇرۇنلاردا يۈرۈيدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( ئىككىنچى كىتاپ )
6-باپ 6-پاراگىراپ
نامراتلار كىشلىك ئالاقىنى ياقتۇرمايدۇ ،بايلار ھەر خىل
ئىجتىمائى سۇرۇنلاردا پايپېتەك بۇلۇپ يۈرۈيدۇ
دۇنيا ھەقىقىتەن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن باراۋەر ئەمەسمۇ؟ بۇ سۇئالغا شەك-شۈبھىسىز نۇرغۇن ئادەم «شۇنداق» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن تۇلۇق. بەزىلەر بېلىق قانىتىنى يىسە،بەزىلەر قارلىغاچ چاڭگىسىنى يەيدۇ. بەزلەر تۇزلۇق سەي يەيدۇ. بەزىلەرنىڭ 10يۇرۇش داچىسى بار. بەزىلەرنىڭ پەقەت بىر ئېغىز كېسەك ئۈيى بار. بۇنى قانداقسىگە ئادىل دىگىلى بولسۇن؟ ئەمما بۇ پەقەت ئادەملەرنىڭ ۋاقىتنى ئىشلىتىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئوخشاش بولمىغان نەتىنجە خالاس. بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ نەزىرىدە ۋاقىت ئوخشىمايدۇ. نامراتلار كىشىلىك ئالاقە چەمبىرىكىنىڭ سىرىتىدا ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئسراپ قىلىدۇ. ئەمما بايلار ۋاقىت چىقىرىپ، ئالاقە باغلايدۇ. ھەر خىل ئىجتىمائى سۇرۇنلاردا ئاكتىپ قاترايدۇ.
بىر ياش يىگىت كىتابخانا ئېچىپتۇ. ئۇ كىتابخانىدا ئادەم ئاز بولغاچقا، كىرىممۇ كۆپ ئەمەسكەن. لىكىن بۇ ياش ئۆزىنىڭ ئۆگۇنىشى ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا پايدىلىق بۇلۇشى ئۈچۈن كىتابخانىغا قارايدىغان خىزمەتچى ياللاپتۇ. بىر كۈنى بىر خېرىدا كىتابخانىغا كىرىپ كىتاپلارنى بىرھازا كۆرگەندىن كىيىن، بىر پارچە كىتابنى سېتىۋالماقچى بوپتۇ.
-بۇ كىتاپ قانچە پۇل؟
-بىر دوللار.
-بەك قىممەت ئىكەن، ئەرزانراق بېرىڭ
-بولمايدۇ، بېكىتىلگەن باھاسى بىر دوللار،شۇڭا پەقەت بىر دوللارغىلا ساتىمەن
-خوجايىنىڭىزنى چاقىرتىپ كىلىڭ،كىتاپنىڭ باھاسىنى ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن دىيىشىمەن.
خېرىدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن خىزمەتچى بالا خوجايىننى چاقىرىپ كەپتۇ.خىزمەتچى بىلەن كەلگەن كىشىنى كۆرگەن خېرىدار ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
-سىز خوجايىنمۇ؟
-شۇنداق.
-بۇ كىتىۋىڭىز قانچە پۇل؟
-بىر دوللار يىگىرمە بەش سىنىت.
-نىمە ،ھازىرلا تېخى خىزمەتچىڭىز بىر دوللار دىگەنتىغۇ؟
-شۇنداق. بىراق سىز مېنىڭ ۋاقتىمنى ئېلىپ كەتتىڭىز،شۇڭا ئەڭ ئەزان بولسىمۇ بىر دوللار يىگىرمە بەش سىنىتقا ساتىمەن.
-ئۇنداقتا ھازىرچۇ؟ ،خوجايىننى چاقچاق قىلىۋاتقان چېغى دەپ ئويلىغان خېرىدار ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سۈرۈپ يەنە سوراپتۇ.
-بىر دوللار ئەللىك سىنىت، بۇ ھازىر سىز سېتىۋالالايدىغان باھا.
خوجايىننىڭ قەتئىي ھەم تەمكىن پوزىتسىيەسىنى كۆرگەن خېىردار ئۆزىنى نەس باستى دەپ قاراپ، ئامالسىز بىر دوللار ئەللىك سىنىت پۇل تاپشۇرۇپ كىتاپنى ئېلىپ مېڭىپتۇ.
-توختاڭ، مەن سىزگە بىر ئەسكەرتىش بېرەي،- دەپتۇ خوجايىن ئۇنى چاقىرتىپ.
شۇنىڭ بىلەن خېرىدارنىڭ كىتابى ئۈستىدە « ۋاقىت ھايات، ۋاقىت پۇل» دىگەن بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆز كۆپىيىپ قاپتۇ. ئۇ خوجايىن دەل فىرانكىلىن ئىدى.
نۇرغۇن كىشلەرنىڭ نەزىرىدە بىر كۈن ئوتسە بىر كۈن ھىساب. ئۇلار ۋاقتىنى <بىر كىتابنى بىر دوللارغا سېتىۋالغان ياخشىمۇ ياكى 0.99 دوللارغا سېتىۋالغان ياخىشمۇ >دىگەنى تالىشىشقا ئىشلىتىدۇ. ئۇلار كىتابنىڭ باھاسىنىڭ قانچە تالاشسا شۇنچە چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لىكىن فىرانكىلىن باھا تالاشقاندىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كىتابنىڭ باھاسىنى تېخىمۇ قىممەت قىلىۋېتىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا فىرانكىلىن ئامېركىدىكى مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ رەھبىرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
ۋاقتىنى مۇھىم ئىشلارغا ئىشلىتىش كېرەك. شۇندىلا ئادەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. ۋاقتىنى، زېھنىنى تۇتامى يوق كىچىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىش گەرچە سىز غەلبە قىلغان تەغدىردىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ. نام چىقىرىپ توھپە يارتىدىغان پۇرسەتمۇ بولمىسا قانداق قىلىپ، باي بولغىلى بولىدۇ؟
ئەمىليەتتە كىشلەر ۋاقىتنى بايلىققا ئايلاندۈرشى ،ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، بايلىق يارتىشنى بىلىشى كېرەك. بۇ دۇنيانىڭ يەنە بىر ئادىللىقى ھەر بىر كىشنىڭ ھەر كۈنىدىكى ۋاقتى ئوخشاش. ئوخشىمايدىغىنى بايلارنىڭ نەزىرىدە ۋاقىتنى ئالتۇنغا تىگىشىش ئىنتايىن مۇشكۈل. ئۇلار ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ. ۋاقىتقا نىسبەتەن تېجىيەلىسىلا تېجەش كېرەك دەپ قارايدۇ.ئەمما نامراتلارنىڭ نەزىرىدە ۋاقىت مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار ئازىراق پۇلنى تېجەش ئۈچۈن ۋاقىتقا سەل قارايدۇ. نەتىنجىدە بايلارنىڭ ۋاقتى غايەت زور بايلىققا ئالماشتۇرىلىدۇ. نامراتلارنىڭ تىجەش ئارقىلىق ئېرىشكەن كىچىكىنە بايلىقىلا بولىدۇ. گەرچە نامراتلار بايلاردىن ئاز پۇل خەجلىسىمۇ، لىكىن بايلار نامراتلارغا قارىغاندا كۆپ پۇلغا ئېرىشىدۇ. شۇڭا ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتسىڭىز بايلارغا ،بايلىققا تېخىمۇ يېقىن بولىسىز.
بايلىقنىڭ بايانى:
ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ كېرەكلىك ئاۋازلارنى ئاڭلىتىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن ئۇچىراشتۇرىىشىڭىز ،ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلغۇزالىشىڭىز كېرەك. ئىشتىن چۈشكەن چاغدىكى مېھماندارچىلىق ،ساۋاغداش -دوستلار ئارىسىدىكى بەزىبىر يىغىلىشلار مەنىسىز ئىش ئەمەس. بەلكى باشقىلارنىڭ سىزنى ئىسىدە تۇتىدىغان، تۇنۇيدىغان، چۈشىنىدىغان ،مۇھىم ۋەزىپىگە قويىدىغان ئەڭ ئېسىل پۇرسەت.
*************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى