A-A+

تەقدىرىڭىز تەدبىرىڭىزگە باغلىق

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 364 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

8-باپ 2-پارىگىراپ 

تەقدىرىڭىز تەدبىرىڭىزگە باغلىق

رىئال تۇرمۇشتا ھەر بىر ئادەمدە باي بۇلۇش ئىستىكى بولىدۇ. لىكىن باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ بۇلۇشى يەنە نامراتلاردىكى «ئويلاش» بىلەنلا توختاپ قېلىش، كېچىسىمۇ-كۈندۈزىمۇ ئويلاش، ئويلاۋېرىپ قاتتىق چارچاپ كەتسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىماسلىققا باغلىق. ئۇلار ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ ئۆزى ئىكەنلكىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. باشقىلار ئەسكەرتكەندىن كىيىنمۇ، يەنىلا جاھىللىق قىلىپ ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ.

رىئال تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق ئالدىدا سىز تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز، مەسىلىنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدىشىڭىز كېرەك. باشلىنىشتا بىر ئاز جاپالىق بولسىمۇ، چىشىڭىزنى چىشلەپ، بەرداشلىق بەرسىڭىز ئاخىرى غەلبە خوشاللىقىدىن بەھرىمەن بولالايسىز.

تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئازراق قىيىنچىلىققا يۇلۇقسا، يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ ياكى كەينىگە يانىدۇ. ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىزلىقىنى پەردازلايدۇ. لىكىن باشقىلارغا ئۆزىنىڭ غەلبە قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى پۇرسەت ۋە تەلىيى بولمىغانلىقتىن دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۆزى بىكىتكەن ۋەزىپە نىشانىنى تاماملاپ بولالمىغاندا، ھەر خىل پىلانلىرىنى تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. سىز ھۇرۇن بۇلۇشقا باشلىغاندا، ھەم تەڭرىدىن ،باشقىلاردىن ئاغىرىنغاندا بۇ سەۋەبلەرنى ئىشلەتسىڭىز ئەتراپىڭىزدىن كەتمەيدىغان بەزىبىر كىشلەر چۈشەنگەن ۋە ھېسداشلىق قىلغاندىن سىرىت، تېخىمۇ يامان بولغىنى سىزنىڭ قىيىنچلىقتا قايتا باش كۆتۈرەلمەسلىكىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىيىن ئازراقلا ئىشقا يۇلۇقسىڭىز ئىلگىرى كۈنۈپ قالغىنىڭىزغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قۇيۇپ ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچىسىز.

ئىلگىرى بىر پادىشاھ بىر نەچچە سانغۇننى ئېلىپ شىكارغا چىقىپتۇ. يامان بولغىنى ئۇلار ئادەم يەيدىغان قەبىلىگە ئۇچراپ قاپتۇ. قەبىلە باشلىقى ئۇلاردىن بىر سۇئال سوراپتۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت بىرى جاۋاپ بېرەلىسىلا ئۇلارنىڭ پادىشاھىنى قۇيۋېتىدىكەن. سانغۇنلار ئامالسىز ماقۇل بولۇپتۇ.

قەبىلە باشلىقىنىڭ سۇئالىمۇ ئاددى بۇلۇپ، < ئاياللار ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسە نىمە؟> دىگەن سۇئال ئىكەن. سانغۇنلار بەس-بەستە جاۋاب بېرىپتۇ. بەزىللىرى ئاياللار پۇلغا ئېھتىياجلىق دىسە، بەزىللىرى گۇزەل چىرايغا ئېھتىياجلىق دەپتۇ، يەنە بەزىللىرى قېرىماي ياش تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق دەپتۇ.

بۇ جاۋاپلار قارىماققا مۇۋاپىقتەك كۈرۈنسىمۇ، لىكىن قەبىلە باشلىقى ئەكسىچە بېشىنى چايقاپتۇ. سانغۇنلار يەنە ئويلاپتۇ، يەنىلا قەبىلە باشلىقىنى رازى قىلغۇدەك جاۋاپ تاپالماپتۇ.

بىر نەچچە كۈندىن كىيىن قەبىلە باشلىقى سانغۇنلارنىڭ سىرىتقا چىقىپ جاۋاب ئىزدىشىگە يول قۇيۇپتۇ، ئەمما پادىشاھنى تۇتۇپ قاپتۇ. سانغۇنلار نۇرغۇن يەرگە بېرىپ، نۇرغۇن كىشلەردىن سوراپتۇ لىكىن جاۋاب تاپالماپتۇ. ئاخىرى بىرەيلەندىن ئورمانلىقتىكى ئايال پىرىخوننىڭ بۇ سۇئالنىڭ ھەقىقى جاۋابىنى بىلدىغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئورمانلىققا بېرىپ پىرىخوننى ئىزدەپتۇ. پىرىخون جاۋاپنى دەپ بەرسە بولدىغانلىقىنى، لىكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سانغۇننىڭ ئۆزىنى ئەمرىگە ئېلىىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ.

ئايال  پىرىخون بەكمۇ كۈرۈمسىز بولغاچقا،سانغۇنلارنىڭ ئۇنى ئالغۇسى كەلمەپتۇ. ئەمما بۇ ۋاقىتتا بىر سانغۇن سۇئالنىڭ جاۋابىنى دەپ بەرسىلا ئۇنى ئېلىشقا قۇشۇلدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

ئايال پىرىخون ئۇلارغا جاۋابىنى  دەپ بىرىپتۇ. جاۋابى«ئەمىليەتتە ئاياللار ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسە پۇل ئەمەس، چىرايمۇ ئەمەس، ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىشمۇ ئەمەس، ئاياللار ئەڭ ئېھتياجلىق نەرسە ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش»،ئىكەن.

سانغۇنلار قەبىلىگە قايتىپ بېرىپ، سۇئالنىڭ جاۋابىنى دەپ بېرىپ پادىشاھنى قۇتقۇزۋاپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ۋاقىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆز دۆلىتىگە قايتىپتۇ. پادىشاھ جاۋابقا ئېرىشكەن سانغۇننى مۇكاپاتلاپتۇ ھەمدە  ئۇ سانغۇنمۇ گېپىدە تۇرۇپ سەت پىرىخوننى ئەمىرگە ئاپتۇ.

توي بولغان كۈنى كەچتە سانغۇن ئەمەلدارلىرى ۋە دوستىلىرى بىلەن كۈننى كەچ قىلىپ ھوجىرسىغا قايتىپتۇ. ھوجرىسىغا كىرسە ئىنتايىن گۇزەل بىر قىز ئولتۇرغىدەك.

ئۇ قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىكەن، قىز ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سانغۇن ئەمىرىگە ئالغان پىرىخون ئىكەنلىكىنى ،گاھىدا سەتلىشىپ، گاھىدا گۈزەللىشىپ  قالىدىغان غەلىتە كېسەل بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ھەم سانغۇندىن << مېنىڭ كېچىسى چىرايلىق بولۇشۇمنى خالامسىز ياكى كۈندۇزى چىرايلىق بولۇشۇمنى خالامسىز؟>> دەپ سوراپتۇ.<< ئۆزىڭىزنىڭ خالىغىنىچە بولسۇن>>،دەپتۇ سانغۇن جاۋابەن.

-ئۇنداقتا مەن ھەر ۋاقىت چىرايلىق تۇراي،-دەپتۇ پىرىخۇن ئايال.

-كېسىلىڭىز قوزغۇلۇپ قالسىچۇ؟-سوراپتۇ سانغۇن.

-ئەمدى كېسىلىم قوزغۇلۇپ قالمايدۇ،چۈنكى مەن ھازىر ئۆز تەقدىرىمنى ئۆز قولىمدا تۇتالىدىم. قاچان چىرايلىق بۇلۇشنى خالىسام شۇ چاغدا گۇزەل بولسام بولىۋىرىدۇ،-دەپتۇ پىرىخون ئايال جاۋابەن.

قارىماققا بۇ ئاياللارنىڭ ئارزۇ-ئارمانى سوزلەنگەن بىر ھىكايە ،ئەمما ئەمەليىەتتە ئۇنداق ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن قارىسا، بۇ ھىكايە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ مەيدانىنى تېىخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. نامراتلارنىڭ ئېرشىشنى ئويلايدىغىنى بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش. لىكىن بايلار ئاساسى يولىنىش ۋە قاتلاملىرىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بەك ئىگە بۇلۇشنى ئويلايدىغىنى ئۆزىنىڭ تەقدىرى. ئەگەر بىر ئائىلە سۇ، توك، ئۆي ئىجارىسىنىمۇ تاپشۇرالمىسا، يەنە ئۆزگىرىش كېرەكمۇ- ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتمەي، بىر ئۆمۈر بىكار ئۆتۈپ كىيىن پۇشايمان قىلسا، بۇ پۇشايماننىڭ نىمە پايدىسى؟ ئاغىرنىپ ئولتۇرۇش- ئۆزلۈكسىز ئۆزىدىن ھالقىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرلەشكە يەتمەيدۇ. چۈنكى باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ئولتۇرماي توختاۋسىز ئىلگىرلىگەندىلا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، باي بولغىلى بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

بىر ئادەمنىڭ باي بولۇش ياكى بولالماسلىقى، ئۆزنىڭ تەغرىدىگە ئىگە بۇلۇش بولالماسلىقىغا باغلىق. كىشلەر ئۆزىنىڭ تەغرىدىنى ئۆزى باشقۇرۇشى، ئۆزىنىڭ تەغرىدىگە خوجايىن بۇلۇشى كېرەك. شۇندىلا غەلبە قازىنالايدۇ.

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ